+تېما يوللاش
tormahiri يوللانغان ۋاقتى:2017-7-29 11:00 1309 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

يىقىندا kotlin پىروگىرامما تىلى ھەققىدە گوگىل شىركىتنىڭ كۆپلىگەن android ئەپ ئىچىش مۇتەخەسسلىرى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ،بۇ ماقالىنى يازغۇچى ،مۇتەخەسسىلەردىن كەلگەن جاۋابلاردىن 17 نى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاش،ۋە مۇشۇ يىتەرلىك دەپ قارىغان،ئەملىيەتتە زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان مۇتەخەسسىلەر كۆپ ئىكەن.

مەقسەتكە كەلسە بىزبۇ قاراشلارنى تەرجىمە قىلدۇق، بۆگۈندىن باشلاپ بىزgoogle دىكى مۇتەخەسسىلەرنىڭ كوتلىن پىروگىرامما تىلى ھەققىدىكى باھالىرى ۋە قاراشلىرىنى  سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز،بۇنىڭدا ھىچقانداق بىرشەخسىنىڭ ئۆزى قوشۇپ قويغان گەپ سۆزلىرى يوق.



بۇ 17 نىڭ ئىچدىكى 2-سى ،بۇ ماقالە داۋاملىق تەرتىپ بويىچە ئىلان قىلىنىدۇ.

2. Sebastiano Poggi



مەن بۇ تىلنى راستىنلا،راستىنلا بەك ياخشى كۆرىمەن. مىنىڭ شەخسىي قارىشىمچە ئۇ كۆپىنچە ئەھۋالدا، كود يىزىشنى ناھايىتى بىر كۆڭۈللۈك ئىشقا ئايلاندۇرالايدۇ.بۇنىڭغا نىسبەتەن،ئىلگىرى ئوخشاش ئەھۋالدا Java تىلىدا پروگرامما تۈزگەندە ئازاپ ۋە مۇرەككەپلىك ھېس قىلاتتىم. مەن ھەرگىزمۇ Kotlin مۇتەخەسسىسى ئەمەس،چۈنكى مەن تېخى كۈندىلىك خىزمىتىمدە ئۇنى ئىشلەتمىدىم، بىراق ھەر قېتىم كىچىك تۈر ئاچقاندا ئۇنى ئىشلىتىمەن. سىز رىۋايەتلەردىكى ئون ھەسسە ئىش ئۈنۈمىدىكى پروگراممىرنى بىلەمسىز؟ Kotlin ماڭا بەزىدە ئۆزەمنى خۇددى ئون ھەسسە ئىش ئۈنۈمى يارىتالايدىغان پروگراممىردەك ھېس قىلدۇرىدۇ.(مەن ئەزەلدىن مەلۇم بىر شەخىس ئون ھەسسە ئىش ئۈنۈمىدىكى پروگراممىر دەپ ئاتىلالايدۇ دەپ قارىمايمەن، شۇڭا بۇ ماڭانىسبەتەن بىر ياخشى باشلىنىش.) ئاددىي گىرامماتىكا بولسا بۇ تىلنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى، ئۇنىڭدىن باشقا، مەن ئۇ تەمىنلىگەن بارلىق قوشۇمچە API ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئوراپ تۇرغان ئىكولوگىيلىك سېستىمىدىن ھىقىقەتەن مىننەتدار. مەسىلەن:ئۆزگەرمەس توپلام بولسا مەن دائىم مۇھتاج بولىدىغان نەرسە. بىراق، ئەگەر ئەپكە (بىر قىسىم) Guava فۇنكىسىيە ئامبىرىنى كىرگۈزمىسەك، Java تىلىدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بىراق Kotlin ئۆزگەرمەس توپلام ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەمىنلىگەن ، ئۇندىن باشقا بىر دۆۋە باشقا ئالاھىدىلىكلەر بار . ھە راست، Kotlin نىڭ ئېلان قىلىنغان نەشىرىدە LLVM نى قوللاشنى بىر نىشان قىلغانلىقىنى كۆرگىنىمدە قانچىلىك ھاياجانلانغىنىمنى سىزگە ئېيىتتىممۇ؟ ھالبۇكى، بايا ئېيىتقىنىمدەك، مەن كۈندىلىك خىزمىتىمدە Kotlin نى ئىشلەتمىدىم. گەرچە ئۇنىڭ كىرگۈزۈلىشى تۈرگە ناھايىتى كۆپ پايدا ئېلىپ كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە باھانەم بار بولسىمۇ بىراق، بۇ تۈرگە Kotlin نى كىرگۈزۈش ناھايىتى قىيىن.چۈنكى بۇ تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ دائىرىسى بەك چوڭ. مەن پەرىشان ھالدا، Kotlin دا مەۋجۈت ئاساسلىق مەسىلىنىڭ :تىنچ ھالەتتىكى كود يىشىش قورالىنىڭ كەملىكى ۋە پىشىپ يىتىلگەن لاھىيە مودىلىنىڭ كەملىكى ، ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئەگەر سىزنىڭ تۈرىڭىز چوڭ ھەم مۇرەككەپ بولمىسا، ئۇنداقتا كىيىنكىسى ئانچە مۇھىم مەسىلە ئەمەس. بىراق، ئەگەر سىزنىڭ يولۇققىنىڭىز ئون پروگراممىر 10 يىلغا يىقىن تارىخقا ئىگە بىر گىگانىت كود ئامبىرىدا ماسلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ھەم ياخشى بولغان لاھىيە مودىلىغا ئىگە بولغان بولسا ، بۇ سىزنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى لاھىيە مودىللىرى مەخسۇس Java نى چۆرىدەپ لاھىيەلەنگەن، مەلۇم چەكلىمىلىككە ئىگە. بۇ بىر ئۇزۇن مۇنازىرە، مەن بۇ يەردە ئۇنى توختاتماقچى ,بولمىسا پۈتۈن ماقالە مۇشۇ مۇنازىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالدىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بىرىنچى مەسىلە ئەڭ مۇھىم ھالقا ھەم مىنىڭ تۈرلەردە Kotlin نى قوللىنىش قوللانماسلىقىمنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچ. سىز تۈر ئەمەلىيتىدە PMD,Checkstyle,Findbugs ۋە باشقا تىنچ ھالەتتىكى تەكشۈرۈش قوراللىرىنى (Errorprone نى تېخى ئىشلىتىپ باقمىدىم)ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز ئەمەلىيەت بولۇپ، سىزنىڭ تۈرىڭىزنى ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالغا ئەكىلىپ قويىدۇ. ئالدى بىلەن، ئەگەر تۈردە 3-4 تىن ئارتۇق پروگراممىر بار بولسا، سىز كود ئۇسلوبىدا قاتتىق نازارەت بولۇشتىن ئۈمىد كۈتەلمەيسىز، ئەڭ مۇھىمى: سىزدە يۇقاردا بايان قىلىنغان قوراللاردىن ئېرىشىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىچكىرلەپ كىرىدىغان bug تەكشۈرۈش قوراللىرى كەمچىل بولىدۇ. ئەگەر سىز ئەزەلدىن تىنچ ھالەتتىكى كود تەكشۈرۈش قورالىنى ئىشلىتىپ باقمىغان بولسىڭىز ( توغرا ھالدا )، ئۇنداقتا قولىڭىزنى كۆتۈرۈڭ ! مەن ئەلۋەتتە سىزگە ئىشەنمەيمەن. مەن IDE نىڭ ھازىر تەكشۈرۈش قورالى بارلىقىنى بىلىمەن. بىراق، ئۇ ئىختىدارلار تېخى يىتەرلىك كۈچلۈك ئەمەس. يەنە بىر نەچچە تۈر Kotlin ئۈچۈن تىنچ ھالەتتىكى ئانالىز قىلىش ئىختىدارىنى ئېلىپ كەلدى. بىراق بىزنىڭ تايىنىۋېلىشىمىزغا ئەرزىمەيدۇ. مەن ئۇلارنىڭ يىتەرلىك پىشىپ يىتىلگىنىنى ، بىزنىڭ ئۇلارنى خاتىرجەم ھالدا ئىشلەتكىنىمىزنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن!!!


قوشۇمچە:
بۇ تىلنى ئۈگىنىش ئارزۇسى بارلار،مۇۋاپىق ماتىيريال ۋە ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى بىلمىگەنلەر،شۇنداقلا بۇتىلنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسى كىرەك بولغانلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.


wechat:860590125
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

4ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ansar2008 ۋاقتى: 2017-7-29 14:43:16
رەھمەت  ياخشى مەزمۇنلارنى بېزگە سۇنۋاتسىز ياخشى تېملا ئۈزلۈپ قالمسۇن·
گىلەم
Muzat电子商贸城 ۋاقتى: 2017-7-29 16:02:40
رەھمەت
ئورۇندۇق
tanha52014 ۋاقتى: 2017-7-30 12:28:38
ياخشى بوپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部