+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-24 11:22 2874 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئىلگىرى دۇنيا مىقياسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان يانفونلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ئىدۇق. ئەمدى كاشىلا كۆرۈلۈش نىسبىتى جەھەتتە ئالدىدا تۇردىغان يانفونلارنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
Blancco Technology شىركىتى 2016-يىللىق يانفون تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. (بۇ شىركەت خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېتراپنامىسىگە ئېرىشكەن تەكشۈرۈش ئورگىنى)

ئاندرويد سىستېمىلىق يانفونلارنىڭ كاشىلا كۆرۈلۈش رەت تەرىپىدە يانفون ماركىسى بويچە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەنلىرى:



بۇنىڭ ئىچىدە %11 لىك يۇقىرى نومۇر بىلەن سامسۇڭ ئەڭ ئالدىغا تىزىلغان. بۇ بەلكىم پارتىلاشتا نام چىقارغان Note7 نىڭ سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنجى ئۇرۇندىكى شىياۋمىنىڭ كاشلا كۆرۈلۈش نىسبىتى %4 ، بىرىنجى ئورۇندىكى بىلەن پەرق خېلى چوڭ.


ئاندرويد سىستېمىلىق يانفونلارنىڭ كاشىلا كۆرۈلۈش رەت تەرىپىدە يانفون تىپى بويچە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەنلىرى:



بۇنىڭدا لېشى 2 %13 لىك نىسبەت بويچە بىرىنجى بولغان. بۇ يانفوندا ئېكران چېقىلىش مەسىلىسى كۆپ يۈز بەرگەن. ئىككىنجى ۋە ئۈچۈنجى ئورۇندىكىسى خۇڭمى 3S ۋە خۇڭمى note3 ؛ بۇ يانفوندا ۋايفاي مۇقىم بولماسلىق مەسىلىسى كۆپ يۈز بەرگەن.

ئالما iOS سىستېمىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ كاشىلا كۆرۈلۈش رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەنلىرى:



بۇنىڭدا iPhone6 نىڭ كاشىلا كۆرۈلۈش نىسبىتى %13 لىك نەتىجە بىلەن بىرىنجى ئورۇنغا تىزىلغان.
iOS سىستېمىسنىڭ كاشىلا كۆرۈلۈش نىسبىتى:
1. ئەپتە كاشىلا كۆرۈلۈش نىسبىتى %65
2. ۋايفاي (Wi-Fi) كاشىلىسى %11
3. تىڭشىغۇچ كاشىلىسى، كۆچمە تور مەسىلىسى ئايرىم ھالدا %4
4. مىكروفون كاشىلىسى %2

ئاندرويد سىستېمىسىنىڭ كاشلا كۆرلۈش نىسبىتى:
1. كامېرا ۋە باتارىيە كاشىلىسى %10
2. سىزىمچان ئېكران كاشىلىسى %7
3. مىكروفون ، تىڭشىغۇچ كاشىلىسى %5
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

16ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-7-24 12:37:38
بۇ تىزىملىكتىكى يانفون ماركىلىرنىڭ ھەممىسى خەلقارالىق ماركىلاركەن. شۇڭا ئەمدىلەتىن باش كۆتۈرۈۋاتقان ئوپپو  ۋىۋو
قاتارلىق يانفوندا كىرەلمىگەن ئوخشايدۇ.
3 يىلنىڭ ئالدىدا سامسۇڭ ئالغانلار نوچى كۆرۈنەتتى. ھەممىمىز سامسۇڭنى ۋاي دەيتتۇق. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەمدىلا باش كۆتۈرۈۋاتقان ۋىۋو ، ئوپپو قاتارلىق يانفونلار باھا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ سامسۇڭنى باستى.
ھازىر بازارغا ئىككىنچى قول سامسۇڭ يانفونلىرىنى ساتقىلى ئەكىرسەك بىرەسى قاراپمۇ قويمايدىكەن. سورىغان تەقدىردىمۇ ، باھاسىنى ناھايىتى بەك تۆۋەن سورايدىكەن.  ئەمما OPPO ۋېيۋولار بولسا باشقىچە سورايدىكەن. ئەمما ، سامسۇڭ باھا جەھەتتە سەل مۇرەسسەلەشكەن بولسا  بۇ ئىككى يانفون ماركىسى ھازىرغىچە باش كۆتۈرەلمىگەن بولاتتى.
تەۋسىيىلەش
bengbash ۋاقتى: 2017-7-24 11:46:54
Sebiybeg يوللىغان ۋاقتى  2017-7-24 11:37
بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. سامس ...

كاشىلا كۆرۈلۈش نىسبىتى دېگەن كاشىلا كۆرۈلگەن تېلېفۇن سانىنى شۇ تىپتىكى تېلفون ئومۇمىي سانغا بۆلۈپ چىقىرىدۇ. جىق ساتقاننىڭ جىق، ئاز ساتقاننىڭ ئاز بولىدۇ دېگەن گەپ خاتا.
ئورۇندۇق
Sebiybeg ۋاقتى: 2017-7-24 11:37:38
بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. سامسۇڭ يانفونلىرىنى ئىشلىتىدىغانلار باشقا ماركىدىكى يانفونلارغا قارىغاندا كۆپ ئىكەن . ئىشلەتكۈچى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن كاشىلا كۆرشلىشى ھەم  كۆپ بولىدۇ .
5-قەۋەت
تەۋەككۇل ۋاقتى: 2017-7-24 12:04:20
خۇاۋېي تېلېفونلىرى يوقكىنا ؟ ياكى بۇزۇلمامدۇغاندۇ ئۇ تېلفۇنلار؟
6-قەۋەت
taxna0908 ۋاقتى: 2017-7-24 12:06:16
سامسۇڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن ياخشى چىقدۇ مەنمۇ ئىزچىل سامسۇڭ يانفونى ئىشلىتىمەن
7-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2017-7-24 12:28:58
بۇ  ئوپپو  بىلەن  ۋىۋودا   مەسلە  كۆرۈلمەيدىكەن دە  بۇلار  يوقكەن  تىزىملىكتە  بەك جىڭ  ئوخشايدۇ  شۇنىڭغا قارغاندا
8-قەۋەت
nafritim ۋاقتى: 2017-7-24 15:11:44
مېنىڭ 乐pro 3نىڭ مەسىلىسب بەك ئېغىر،ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلىيالمىدىم
9-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-7-24 15:12:37
ۋىۋو،ئوپپولار باھا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ سامساڭنى باستى دىگەن گەپكە بۇ ئۆمرۈمدە ئىشىنىپ بولماسمەن
10-قەۋەت
power ۋاقتى: 2017-7-24 17:23:17
سامسۇڭنىڭ ئەرزان باھالىق يانفۇنلىرى زادى ناچار
11-قەۋەت
tayir117 ۋاقتى: 2017-7-24 18:16:17
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
12-قەۋەت
umid7606 ۋاقتى: 2017-7-24 23:45:06
مەندە شاۋمىنىڭ خۇڭمى 3ئەس با ئىشلەتكىلى 9 ئاي بولدى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەسىلە يوق  4سى گە قارىغاندا ھەممە سىگىنال سەل تۈۋەن شۇ يېرىم شىڭخو شۇ ۋايپاي مۇ ئىچىدە شۇ
13-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2017-7-25 06:50:46
مەندىمۇ 红米3s بار ، ئالغان يېرىم يىلدىن بۇيان بۇ ماركىغا بولغان قىزغىنلىقىمنى نۆلگە چۈشۈرۋەتتى.سىگنال ناچار بولۇپمۇ بەك ناچار.تور،wifi ئىككىلىسى ئوخشاش.ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ئالماي باشقا يەردىن ئالغان بولسام تېلفوندىن گۇمان قىلغان بولاتتىم.شۇڭا مايەردە رەتكە تېزىلىشىمۇ توغرا بوپتۇ.تېىخى سىگنال ساپلا يوقاپ 无服务 بولۇشلىرى بار.
14-قەۋەت
梁飞 ۋاقتى: 2017-7-25 09:52:10
elbilge يوللىغان ۋاقتى  2017-7-24 15:12
ۋىۋو،ئوپپولار ب& ...

ئىلانغا تايىنىپ باستى
15-قەۋەت
kadrla ۋاقتى: 2017-7-26 02:11:41
梁飞 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-25 09:52
ئىلانغا تايىنىپ باستى

دېگىنىڭىز توغرا.   oppo  vivo  بۇ تېلېفونلارنىڭكىتاشقى قىياپەت.ھە ، ئالدى كامېراسى  تايىنىپ باش كۆتۈرگەن.  لېكىن مېنىڭچە يەنىلا سەنشىڭ ياخشى دەپ ئويلايمەن.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部