+تېما يوللاش
611 يوللانغان ۋاقتى:2017-7-23 16:45 3032 قېتىم كۆرۈلدى 25 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى ، نۇر تورى تەرجىمىسى :
يېقىندىلا خۇاۋېي روڭياۋ 9نىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ مىليون دانىدىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلىندى، شۇنى بىلىپ قېلىش كېرەككى، شۇنچە زور مىقداردا سېتىشقا پەقەت 28 كۈن كەتكەن. بۇ يانفون ئوتتۇرھال سەپلىمىلىك يانفون بولسىمۇ، بىراق شياۋمى 6 بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولساق مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش، دەرىجە جەھەتتىن بولسۇن، ئىككىسى بەكلا ئوخشىشىپ كېتىدىغان يانفونلاردۇر. كىشىلەردىن  بۇ ئىككى يانفوننىڭ قايسىنى تاللايسىز؟  دەپ سورىساق، جەزمەنكى كۆپ قىسىملار بېشىنى قاشلايدۇ. ئالدى يۈزىدىكى بارماق تونۇغۇچ، ئەگمە ئېكران، ئىككى مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى باھا قاتارلىقلار بۇ ئىككى يانفوننىڭ ئوخشاشلىقىدۇر.

روڭياۋ 9 ئالدىنقى بىر ئەۋلاد روڭياۋ 8نىڭ ئەگمە ئېكران لايىھەسىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئەمما بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئارقا تەرەپتىكى بارماق تونۇغۇچ ئالدى تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ، شۇنداقلا ئارقا تەرەپنىڭ لايىھەسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ يانفوننى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، شياۋمى 6نىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى شياۋمى شىركىتى شياۋمى S5تەك كۆرۈمسىز يانفوننىڭ تەجرىبىسىنى يەكۈنلىگەندىن كېيىن، شياۋمى 6نىڭ لايىھەلىنىشىگە ئوبدانلا باش قاتۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يانفوننىڭ شەكلىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.

روڭياۋ 8 يانفونى روڭياۋ يۈرۈشلۈكىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد بايراقدار يانفونى، ئېلان قىلغىلىمۇ بىر يىل بولاي دەپ قالدى. بۇنى شياۋمى 6 بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولساق، ئىككىلىسىنىڭ ئالدىغا 8 مىليون پىكسېللىق كامېرا، ئارقىسىغا 12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا سەپلەنگەن. سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمىگە كەلسەك، ھەر كىمنىڭ قارىشى ئوخشىمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە، سىزنىڭ قايسى يانفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش ئۇسلۇبىنى ياخشى كۆرۈشىڭىزدە.

ھالبۇكى، روڭياۋ 9 روڭياۋ 8نىڭ سىرتقى لايىھەسىنى ئاساس قىلىپ لايىھەلەنگەن، شۇڭا بىر قاراپلا بۇنىڭ روڭياۋ 8نىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن روڭياۋ 9 ئىستېمالچىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن يانفونلارنىڭ بىرسى. ئەمما، شياۋمى 6گە كەلسەك، بۇمۇ ئوخشاشلا شياۋمى 5نىڭ سىرتقى شەكلىگە ۋارىسلىق قىلغان، پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ نەپىس قىلغان خالاس! بۇنى شياۋمىنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە ئەۋلادتىكى لايىھەسىز بولۇش ئەڭ ياخشى لايىھەدۇر  دېگەن مەھسۇلاتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغان ئوبدانلا ياخشى دېيىشكە بولىدۇ.

شياۋمى 6گە كۇۋالكوم 835 بىر تەرەپ قىلغۇچى ئىشلىتىلگەن، ئىقتىدار سىناشتىمۇ 180 مىڭ نومۇرغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يانفونغا ئالما7 نىڭكىدەك ئۇزۇن فوكۇسلۇق، كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا سەپلەنگەن، ئىككىلا كامېراسى 12  مىليون پىكسېل. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يانفون يەنە تۆت ئوقلۇق ئوپتىكىلىق تەۋرىنىشتىن ساقلاشنى ۋە ئىككى ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدۇ. سەپلىمىسى ۋە باھاسىغا كەلسەك، GB + 64GB6 نۇسخىسىنىڭ باھاسى 2499 يۈەن، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا بۇ باھانى ئانچە يۇقىرى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. روڭياۋ 9غا كىرىن 960 بىر تەرەپ قىلغۇچ، بەش دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن، ئىچكى ساقلىغۇچى GB4دىن باشلىنىدۇ، باھاسى 2299 يۈەن، GB6لىقىنىڭ باھاسى 2699 يۈەن.

روڭياۋ 9غا قارايدىغان بولساق، ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىپادىسىمۇ بىردەك، كىشىنى ئۇنداق ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ. يانفون بازىرىدا مۇئەييەن ئورنى بار يانفون بولۇشى سۈپىتى بىلەن، مۇشۇ باھاسىغا تايىنىپ شياۋمى 6 بىلەن رىقابەتكە چۈشۈشىدە گەپ يوق. بىراق، شياۋمى 6 ئېلىمىز يانفون بازىرىدا داڭلىق ماركىلارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋمى 6نىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ قالتىس، بۇنىڭغا كۇۋالكوم 835نىڭ سەپلىنىشى قوشۇلۇپ  يولۋاسقا قانات چىققاندەك  بولغان.

روڭياۋ 9غا 3D قۇتۇپ نۇرلۇق ئەينەك+ئالتۇن رەڭ+كۈلرەڭ ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشى تېخىمۇ كۆزىنى چاقنىتىدۇ. قوغداش قېپى سېلىشنىڭ ئورنى يوق، تېلېفون سۆزلەشكەندىكى قايتىش قېتىم سانى ناھايىتى يۇقىرى، چۈنكى بۇنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن قالتىس. ئەمما، شياۋمى 6 بەكلا سىلىق. شۇڭا، سىرتقى شەكلىنى ئاساس قىلساق كۆپلىگەن ياشلار روڭياۋ 9نى تاللىشى مۇمكىن.

روڭياۋ 9نىڭ كامېراسىغا 20 مىليون پىكسېللىق رەڭسىز كامېرا+12 مىليون پىكسېللىق رەڭلىك كامېرا سەپلەنگەن، PDAF فازىلىق فوكۇس توغرىلاش، لازېر نۇر، قېنىقلىق، ئەكسى پەرقتە فوكۇس توغرىلاش، ئىككى ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدۇ. شياۋمى 6نىڭ كامېراسىغا كەلسەك، ئۇنىڭ 12 مىليون+12 مىليون رەڭلىك قوش كامېرا سەپلەنگەن، بۇمۇ ئوخشاشلا ئىككى ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىش، تۆت ئوقلۇق ئوپتىكىلىق تەۋرىنىشتىن ساقلاش، قوش فوكۇس، PDAF فازىلىق فوكۇس توغرىلاشنى قوللايدۇ.

شياۋمى 6نىڭ تۆت ئەگرى يۈزلۈك ئەينەك گەۋدە ۋە تۆت ئەگرى يۈزلۈك فارفۇر گەۋدىدىن ئىككى نۇسخىسى بار، بۇنىڭغا يەنە داتلاشماس پولاتلىق رامكا ئىشلىتىلگەن، شۇڭا يانفون گەۋدىسى ناھايىتى چىرايىلىق ھەم سىلىق. بۇنى كىشىلەر  شياۋمىنىڭ يەتتە يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ غايىۋى ئەسىرى  دېگەن. ئىككى نۇسخىدىكى يانفون گەۋدىسىگە قارىسىڭىز نۇر چېچىۋاتقاندەك تەسىر بېرىدۇ، بۇ خىل كۆرۈش سەزگۈچى تۇيغۇسى بەكلا كۈچلۈك. ئەمما، شياۋمى 6نىڭ قارا گىرۋىكى بىلەن روڭياۋ 9نىڭ كۆك گىرۋىكى ئاساسەن بىردەك. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئىككىلىسىنى تاشقى كۆرۈنۈش ۋە ئىنچىكە ھالقىلاردا جايىغا يەتكۈزگەن دېيىشكە بولىدۇ.

خۇلاسە:
مۇبادا، ئويۇن ھەۋەسكارى بولسىڭىز كۇۋالكوم 835 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن شياۋمى 6 سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىزدۇر. ئەگەردە، سۈرەتكە تارتىش ھەۋەسكارى بولسىڭىز روڭياۋ 9 سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىزدۇر. ھالبۇكى، miui مەستانىسى بولۇپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا شياۋمى 6 سىزگە تېخىمۇ باب كېلىدۇ، چۈنكى شياۋمى 6نىڭ miui سىستېمىسىدا كۆپ يىللىق تەجرىبىلەر يەكۈنلەنگەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
پەن-تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتكۈسى .

25ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
anjurfon ۋاقتى: 2017-7-23 19:09:42
مەن مۇشۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاپ بۇلالماي ئاخىرى شياۋمى 6 گە توختىغان ، لېكىن پەقەت ئالالمايۋاتىمەن .
گىلەم
Blu_Wolf ۋاقتى: 2017-7-23 19:51:23
مەن V9 غا تۇرىمەن
ئورۇندۇق
647928665 ۋاقتى: 2017-7-23 20:09:14
بۇ ئىككى تېلىفۇن توغۇرسىدا ياخشى چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇق  ماۋۇ تېلىفۇن توغۇرسىدا بىر چۇشەنچە بىرۋەتسەڭلار ياكى ئىشلەتكەنلار تەسىراتنى سۆزلىسەڭلەر رەھمەت يىجىيا 5 OnePlus رەسمىي ئېلان قىلىندى   
/forum.ph ... 8A%D8%A7&page=1
5-قەۋەت
150015 ۋاقتى: 2017-7-23 21:43:58
مەنمۇ ئۇزۇن يىللىق شاۋمى ھەۋەسكارى ، مەن شاۋمى 2sc  تىن باشلاپ، ئىشلىتىپ كىلىۋاتمەن .ھازىر شاۋمى مەكىسنىڭ يوقىرى سەپلىمىلىك نۇسقىسىنى ئىشلىتىۋاتمەن . شاۋمى شىركىتى يانفۇننىڭ سەپلىمىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ،          يەنىلام شاۋمى 6 يەتمەيدۇ . ( شەخسىي كۆز قارىشىم ) .
6-قەۋەت
15199755016 ۋاقتى: 2017-7-23 21:58:30
پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە تىلفۇنلارمۇ  بىربىرىدىن ئىسىل ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان  يوقتە
7-قەۋەت
tog_rak ۋاقتى: 2017-7-23 23:45:08
شاۋمى 6 نىڭ كەينى قوش كامىراسىنىڭ بىرسى ئىشلىمەمدۇ؟   بىرنى ئىتىۋالسام تەسىرى يوقتەك بىلىنىۋاتىدۇ،   يەنە بىرنى ئىتىپ باشتا ئىتىۋالغاننى ئېچىۋاتسام ھىچنىمىنى كۆرگىلى بولمىدى.
8-قەۋەت
elijan2 ۋاقتى: 2017-7-23 23:47:07
مەنمۇ شىياۋمى 6نى تاللايمەن نەچچە قىتىم بولدى ئاق شىياۋمى 6نى ئالالمايۋاتىمەن
9-قەۋەت
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-7-23 23:49:58
يەنىلام ئۆزۈمنىڭ شاۋمي 6سىنى ئىشىلتىۋىرەي دوراپلا تۇردۇ بۇ خەخ
10-قەۋەت
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-7-23 23:53:44
7-ئاينىڭ 25-كۈنى شاۋمىنىڭ miui9سېستىمىسىغا يېڭىلايدۇ قانداقلىقىنى شۇ ۋاقىتتا كۆرىمىزغۇ تېخى  تاللاش كەلسە شاۋمى6ئېىلىڭ تەۋسىيەرىم مەنمۇ شۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن
11-قەۋەت
akbulut ۋاقتى: 2017-7-24 00:24:47
مەن ،شياۋمى6 دىن بىرنى سېتىۋالغان. تۇنجى بولۇپ يارىمىغان يېرى ئېكران كىچىكلەپ كېتىپتۇ. يەنە بىرسىگە تور سىگنالى تولىمۇ ناچار، دائىم توردىن ئۈزىلىپ كېتىدۇ. سىگنل ناچارلىقىدىنمىكىن دىسەم، ئوخشاش ئورۇندا باشقا ئۇنىڭدىن ئەرزان پۇللۇق يانفۇنلارنىڭ سىگنال قوبۇللىشى ئىنتايىن مۇقىم. يارىغان تەرىپىنى دىگەندە بارماق تۇنىشى ئىشەنچلىك ھەم تېز ئىكەن، يەنە  بىرگە سېستىمىسىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدىكەن. ئاپاراتانىڭمۇ ۋاي دىگۈچىلىكى يوق
12-قەۋەت
گۈللە ۋاقتى: 2017-7-24 14:11:27
مەن خۇاۋېينى تاللايمەن  ئەڭ دەسلەپتە ئاندىروئىت تىلفۇنلا يىڭى چىققان خۇاۋېي تىلفۇنلا مودا بولغان چاغدا 1000 سومغا خۇاۋېي 8825 دىگەن تىلفۇننى سېتىۋالغان 2 يىل ئىشلىتىپتىمەن تىلفۇن قېتىپ ئېغىرلاپ ئىچكى ساقلىغۇچ توشۇپ كەتتى دەپ چىقىپلا تۇردىغان بوپ قالدى. شۇنىڭدىن كىيىن خۇاۋېي تىلفۇنلارغا قاراپمۇ باقمىدىم . شاۋمىيغا كەلسەك شاۋمىينىڭمۇ خېلى كۆپ تىلفۇنلېرىنى ئىشلىتىپ تىمەن  ئىشقىلىپ مەن كۈنەلمىدىممۇ ماڭا پەقەت ياخمىدى ،يىڭى ئالدىم دىمەي سېتۋەتكەن يەرلېرىممۇ با ، ئارلىقتا باشقا ماركىدىكىلەرنىمۇ تۇتۇپ باقتىم يەنە بولماي خۇاۋېي تۇتۇپ باقتىم  ، گەپنى سازلىسام بۇلدىكەن بۇ خۇۋېي تۇلفۇنلارمۇ  ماختىغانغا  چۈشلۇق كەن ، بۇرۇنقىغا قارغاندا  ئىلگىرلەش زور دىيىشكە  بۇلدۇ .
13-قەۋەت
tayir117 ۋاقتى: 2017-7-24 18:55:21
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
14-قەۋەت
جاھاندار ۋاقتى: 2017-7-24 19:27:58
ئىسىل
15-قەۋەت
ئەكبەر0997 ۋاقتى: 2017-7-24 21:28:10
akbulut يوللىغان ۋاقتى  2017-7-24 00:24
مەن ،شياۋمى6 دىن بىرنى سېتىۋالغان. تۇنجى بولۇپ يارىمىغ ...

سىگنالى ھەقىقەتەن مۇقۇم ئەمەس، سىز دىگەندەك تور سىگنالى تۇرۇپلا ئۈزلۈپ كىتىدۇ. سېستىما يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ئوڭشۇلۇپ كىتە دىگەن ئۈمۈددە تۇرۋاتىمەن. بۇ  بىر ئىككى تال يانفۇندىكى مەسىلە ئەمەس ، نۇرغۇن شاۋمى 6دىكى مەسىلىكەن. توردىن ئىنكاسلارنى كۈرۈپ باقتىم.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部