+تېما يوللاش
18799478844 يوللانغان ۋاقتى:2017-4-10 17:24 2473 قېتىم كۆرۈلدى 26 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىندىن بۇيان  ئادەمنىڭ يۈركىنى بىئارام قىلدىغان ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىشكە ئائىت خەۋەرنى خېلى كۆپ تاپشۇرۇپ ئالدىم…ھەممەيلەننىڭ ئەھۋالى ئوخشاش دېگۈدەك، قارغاندا بەزى كىشىلىرمىز ئىناۋاتلىك كارتا بېجىرىشنى بەك ئاسان دەپ ئويلايدىغان ئوخشايدۇ، يەنە كېلىپ قانۇنسىز يول بىلەن بىجىرشكە قوشۇلدىكەن…پاھ نېمدىگەن لىياڭشەن ئەزمەتلىرچە يۈرەكتۇ بۇ ھە… قانۇنسىز يول ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە شۇ ئەھلىيالارغا پۇل بېردىكەن…نەق گەپكە كەلسەك، نۇرغۇن كىشلىرىمىز مۇشۇ 20مىڭلىق، 50 مىڭلىق، ۋە 100مىڭلىق ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرەلەيدىغان ئەۋلىيالارنىڭ ئەپسۇنلىرىغا مەسخۇش بوپ يۇرۈپتۇ… مەن بىر قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، شۇڭا مېنىڭ بۇ ئىشلارغا ئەمدى قاراپ تۇرۇۋەرگۈم كەلمىدى…مېنىڭ دەيدىغىنىم… سىزنىڭ مۇقىم خىزمىتىڭىز يوق، يۇقىرى كىرمىڭىز يوق ئەھۋالدا بۇ دۇنيادىكى ھېچقانداق ئەخمەق بانكا سىزگە ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بەرمەيدۇ…سىزگە مېنىڭ ھامما ئاچام بېيجىڭدىكى خەلىق بانكىسىدا ئىشلەيدۇ دېگەن ئەۋلىيالارنىڭ،ھەممىسى ئالدامچى…ئىناۋەتلىك كارتا دېگەننى بانكىدىن ئۆزىڭىز بېجىرسىڭىز ئىشەنچىلىك بولىدۇ، بۇنى ئۆزىڭىزگە ئەڭ يېقىن بولغان بانكىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرسىڭىز سىزنىڭ سالاھىتىڭىزنىڭ توشىدىغان توشمايدىغانلىقنى دەپ بېرىدۇ… ئەمدى ئاشۇ قانۇنسىز يول ئىكەنلىكى بىلىپ تۈرۈپ بېجىرگەنلەرگە ئامال يوق، سىزگە قانۇنسىز يول بىلەن بېجىرىپ بېرمەن دېگەنلەر يەنە ئوخشاش قانۇنسىز ئۇسۇل بىلەن پۇلىڭىزنى سوقىدۇ…ئەمدى مېنى كىم دېسىڭىز پىقىر شىنجاڭ سۈبھى ئادۇكاتلىق ئورنىدىن مەخمۇتجان ئابدۇخېلىل بولىمەن، ئۇندىدارىم  18095966364،

يەنە چۈشەنمىگەن ئىشلار بولسا ئۈندارنى قوشۇپ خەت يېزىڭ، مۇشۇ باشقىلارغا ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بېرمەن دەپ بانكا كارتىسىغا پۇل يىغۋاتقانلار، ئەمدى سىلەرنىڭ سوداڭلارغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويدىغان بولدۇم، لېكىن مەندىمۇ ئامال يوق، قىلدىغان ئىشمىز قانۇن بولغاچقا سىلەر بىلەن قېرىشىپلا يۈردىكەنمىز…بولسا سىلەر بالدۇراق كەسىپ ئالماشتۈرۈپ ، بىرەر دۇرۇس ئىشنىڭ بېشىنى تۈتۈۋېلىڭلار، كونىلار دېگەن ئەمەسمۇ ، ياغاچ قازاندا ئوماچ قايناۋەمەيدۇ دەپ…
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن21 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

26ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
yirak ۋاقتى: 2017-4-10 17:46:49
قانۇنسىز يول بىلەن كارتا بىجىرىپ بىرىدىغانلارنىڭ تازا ئوغىسى قاينىغۇدەك ئەمدى
گىلەم
misken ۋاقتى: 2017-4-10 18:18:26
بولىپمۇ ئۇندىداردا بەك كۆپ بۇ ئىشلار ،ئۇ كارتىنى بىجىرىش ئۇچۇن ماشىنىسى ياكى ئۆيى بولمىسا بىجىرمەيدىغىنى بىلىپ تۇرۇپ يانا ئاشۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلەرمۇ ئاز ئەمەستۇ بەلكىم .....
ئورۇندۇق
14799682185 ۋاقتى: 2017-4-10 18:20:37
يارايسىز ،تازا بەلەن تىما بوپتۇ،
5-قەۋەت
assalam0503 ۋاقتى: 2017-4-10 18:41:51
بەك  ياخشى تىما  بوپتۇ ،  مەنمۇ  500 يۈەن قۇيۇلۇپ  كىتىپ ،  ھازىر ئۈزۈم  بانكىغا كىرىپ بىجىرگەن  ،  بىجىرىپ  قۇلۇمغا  ئېلىپ بولدۇم  ،  ئامال  بار  ئۆزەڭلا ئىشلەتكەن بانكا  كارتاڭلارنىڭ  ئىشلەتكەن تارىخى  پۇل سوممىسىغا ئاساسەن  بىجىرىپ بىردىكەن  ،  ھازىر بىر پۇڭ  كەتمەي  بىجەدىم  يەنە بىر كارتىغا  تېلېفوندىلا ئۆزۆم ئىلتىماس قىلغان  بۇنىڭغىمۇ  بىرنى بىجىرىپ شاڭخەيدىن سەپ  بەردى  ئىككى ئۈچ كۈنگىچە قۇلۇمغا  تىگىدۇ ،  بولسا  دوسلۇرۇم تور ئالدامچىلىرىغا  ئالدانماي ئۈزۈڭلا بانكا بىلەن ئالاقىلىشىڭلار !!!
6-قەۋەت
subat786 ۋاقتى: 2017-4-10 18:58:40
بۇنداق ئالدامچىلىقلار ساماندەك تۇلا.
قەرىز بىجىرىمىز دەپ قويمىچىلىق قىلىۋاتقانلار.
پاي بىرىمىز دەۋاتقانلار
ئاتالمىش lcf  قويمىچىلىرى ھەممىسى ئۈندىداردا ئەۋىج.ئالدى
7-قەۋەت
قايناق ۋاقتى: 2017-4-10 19:00:01
بۇ تىمىنى ئاخشام ئالىپاي دوستلۇق چەمبىركىدە كۆرگەنىدىم،شۇنداقتىمۇ رەھمەت
8-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-4-10 19:40:15
رەھمەت  سىزگە مەخمۇتجان  ئەپەندى
9-قەۋەت
nuralijan88 ۋاقتى: 2017-4-10 21:58:33
ھەقىقەتەن راس ئىيتىسىز، مەنمۇ 1ئايدەك بولدى، بىر دوستۇم كىچىك چارچى مال ئدۇككىنى بار تۇرۇپ، برسى ئالتۇن كارتا بىجىرىپ بىرىمەن دەپ 10كۈن ساقلىتىپ جىلە قىلىپ ئاخىرى 15000يۈەنگە بىر ئالتۇن كارتا بىجرىپ بىرىپتۇ،  مەنمۇ تازا ئىشەنمىگەن، ئۇمۇ سىز دىگەنكىدەك باشقىلار ۋاكالىتەن بىجىرىپ بىرىپتۇ، ھازىر قانداقكى بىلمىدىم، شۇڭا  ئۇنداق ساختا ئىشلارغا، ھەم ئۆزىمىز ئۆز قولىمىز بىلەن بىر ئىش قىلمىغان نەتىجە ئاخىرى ئالدامچىلىق قانۇنسىز يوللارغا كىتىپ قالىدغان ئىش چىقىپ قالىدۇ، مەنمۇ ئەمدى بەك دىققەت قىلسام بولغۇدەك، باشقىلارمۇ ھەم بۇنداق ۋاكالەتچى دىگەنگە ھەر گىز ئىشەنمەڭلا،  رەھمەت سىزگە تىما ئىگىسى، ھارمىغايسىز، بولسا يەنە قانۇن يېڭى يولغا قويۇلۋاتقان ھەم جەمئىيتىمىزدە كۆپ ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنى كۆرۈلۋاتقان ئىشلارنى بىزلەرگە ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۇمىت قىلىمز. . . .
10-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2017-4-10 22:59:05
assalam0503 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-10 18:41
بەك  ياخشى تىما  بوپتۇ ،  مەنمۇ  500 يۈەن قۇيۇلۇپ  كىتىپ ،   ...

بىجىرشكە چوقۇم ئۆي ياكى ماشىنا دىگەندەك نەرسىلەر كىتەمدىكەن ياكى كەتمەمدىكەن ،مەن بانكىغا كىرسەم ئۆي ياكى ماشىناڭ بولمىسا بولمايدۇ دىگەن ئىدى ،قانداق بىجىرگىنىڭلارنى دەپ بەرگەن بولساڭلار؟
11-قەۋەت
chilek175 ۋاقتى: 2017-4-11 00:40:14
بەلەن تېما،ماڭىمۇ تولا تېلېفۇن كىلىدۇ قەرىز ئالامسىز دەپ ؟
12-قەۋەت
degiz ۋاقتى: 2017-4-11 01:39:51
رەھمەت  ياخشى تىما بوپتۇ                             

ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىشنىڭ تەرتىپىنى بىلىدىغانلا بىزلەرنى  ئازتۇلا خەۋەردار قىلساڭلا
13-قەۋەت
anwar26 ۋاقتى: 2017-4-11 03:17:39
مەنمۇ يىقندا ئالغن ماشىنامنى ئۆز نامىمغا يۆتكىگەن،شۇ چاغدا قاتناش باشقۇرۇش ئورنىدىكى خادىم ،ئىناۋەتلىك كارتا بىجۋالامىسىز دىگەن بولدۇ دەپ ،تىزىملىتىپ قويغان ،بۈگەن پوچتىدىن ئۆيەمگە ئۆزلىرى ئەكىلىپ قولۇمغا تەككۈزدى، نەچچە مىڭلىق چىققىنىنى تىخى بىلمەيمەن ،بىر ئىككى كۈن ئىچىدە قۇرلۇش بانكىسىغا بىرىپ ئاچقۇزۋىلىڭ دەيدۇ
14-قەۋەت
sirlikaqkuq ۋاقتى: 2017-4-11 08:50:18
ئالامەت تىما بۇلۇپتۇ   كۆپ رەھمەت !
15-قەۋەت
assalam0503 ۋاقتى: 2017-4-11 10:04:26
misken يوللىغان ۋاقتى  2017-4-10 22:59
بىجىرشكە چوقۇم ئۆي ياكى ماشىنا دىگەندەك نەرسىلەر كىت ...

ئىشلەتكەن بانكا كارتىڭىز ئالتە ئايدىن ئاشقان بولسا  يۆتكەپ ، ئېلىپ سالغان پۇلنىڭ سوممىسى قانچە يۇقرى  بولسا ، ئەڭ مۇھىمى  سىزگە بىرەر شىركەت كارخانىنىڭ كىپىللىك ئىسپات بولسا ئاسانلا بىجىرەلەيسىز  ، تىجارەت كېنىشكىسى بولسىمۇ  بولىدۇ  . ئەمما بىجىرگەن ئىناۋەتلىك كارتا ئىشچى خىزمەتچى خادىم بولسىڭىز 15 مىڭدىن 30 مىڭغىچە تەستىقلاپ بىردىكەن شەخىس  بولسىڭىز 1000 دىن 5000 غىچە چىقىدىكەن  ، تىجارەت كېنىشكىسى بولسا  ئونمىڭ  چىقىدۇ  دەيدۇ  .
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部