+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-1 13:03 3396 قېتىم كۆرۈلدى 28 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
WiFi (ۋايفاي) كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس. بەزىلەر سىمسىز تور دەپ ئاتايدۇ. ئادەتتە سىملىق تورنى ۋايفاي تارقىتالايدىغان روتېر ئارقىلىق سىمسىز تورغا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىپ، ۋايفاي قوبۇل قىلالايدىغان ئۈسكۈنە ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىمىز. ھەممە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوندا ئاساسەن دېگۈدەك كۆچمە تورنى ھەمبەھرلەپ ۋايفاي ھالەتتە تارقىتىش (分享热点) ئىقتىدارى بار. قوبۇل قىلغان كۆچمە تور سانلىق مەلۇمات تورنى ھەمبەھرلەپ تارقىتىپ باشقا يانفوندا ياكى خاتىرە كومپىيۇتېردا ۋايفاي ھالەتتە قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.



شىياۋمى 6 دە كۆچمە توردىن باشقا يەنە ۋايفاينى ھەمبەھرلەپ تارقىتىش ئىقتىدارى بار. شىياۋمى 6 گە قوش WiFi روتېرى سەپلەنگەن. بىرسى قوبۇل قىلسا يەنە بىرسى تارقىتالايدۇ. بۇ كۇۋالكوم 835 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ كۈچلۈك ئىقتىدارنىڭ بىرسى. شىياۋمى 6 گە سەپلەنگەن قوش سىمسىز تور كارتىسى تور قوبۇل قىلىش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىشتىن باشقا يەنە WiFi نى ھەمبەھرلەپ تارقىتالايدۇ .



يانفوندا بۇنداق ئىقتىدارنىڭ بولغاننىڭ قانداق پايدىسى بار؟ بەزى ۋايفاي تورى ھەقلىق بولىدۇ. ياكى مەلۇم سەۋەبلەردىن پەقەت سىزنىڭ يانفونىڭىز ئۇلىنىپ، دوستىلىرىڭىزنىڭ ئۇلانمايدۇ. شۇنداق چاغدا ۋايفاينى ھەمبەھرلەش ئىقتىدارى بار شىياۋمى 6 دەك يانفون بولسا بىر ئادەم شۇ تورنى ھەمبەھرلەپ، ئەتراپتىكى باشقىلارمۇ ئىشلىتەلەيدۇ.
باشقا يانفوندا ۋايفاي ئۇلاقلىق ھالەتتە تورنى ھەمبەھرلەش ئىقتىدارىنى ئاچسىڭىز (分享热点) توردىن ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ.
يەنە بەزى زۆرۈر ئەھۋالدا ۋايفاي سىگنالى يېتەلمەيدىغان يەرگە ۋايفاينى ھەمبەھرلەپ، تور كۆۋرۈكى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ۋايفاينىڭ سىگنالى 30 مىتېرغا بارالىسا شۇ 30 مىتېر يەرگە شىياۋمى 6 نى قويۇپ ۋايفاينى ھەمبەھرلەپ 50 مىتېر يىراقلىقتىن سىمسىز تورنى قوبۇل قىلالايسىز دېگەن گەپ.



بۇ خىل ۋايفاينى ھەمبەھرلەش ئىقتىدارى سامسۇڭ S8، S7 لەردە ئىشلىتىلگەن. سامسۇڭدىن باشقا شىياۋمى 6 دە مۇشۇنداق ئىقتىدارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى. كۇۋالكوم 835 سەپلەنگەن باشقا يانفونلاردىمۇ ۋايفاي ھەمبەھرلەش ئىقتىدارى بار-يوقلۇقى تېخى ئېنىق ئەمەس.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

28ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-7-1 13:22:49
مەن سىناپباقتىم ، ۋايفايغا ئۇلاپ  تورنى ھەمبەھىرلىمەكچى بولساق ۋايفاي ئۈزۈلۈپ كىتىدىكەن ،  رەھمەت تىما ئىگىسى بۇمۇ خۇشخەۋەركەن
گىلەم
muhammadjan9 ۋاقتى: 2017-7-1 13:29:11
مۇشۇ سىملىق تورنى ياكى تېلىفۇن كارتىسىنىڭ تورىنى WIFI قىلىپ تارقاتسا شۇ سىملىق تور ياكى تېلىفۇن كارتىسىدىن ھەق تۇتۇلامدۇ؟
ئورۇندۇق
@بەخىت ۋاقتى: 2017-7-1 13:41:27
ياخشى !كۈندىن كۈنگە ياخشىلنىپ كىتىپبارىدۇ ئىقتىدارلار.
بەش يىل بۇرۇن كونۇپكىلىق تىلفون ئىشلىتىپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا بۇ تەرەقىىياتلار ئادەمنىڭ خىيالىغمۇ كىرمىگەن.بەلكىم يەنە بەش يىلدىن كىيىن يانفۇنلار تەرەققى قىلىپ نىمە بوپ كىتەر.ھازىرمۇ يانفون ئارقىلىق نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز مۇشۇ جۇڭگۇ كارخانلىرنىڭ رىقابەتتە بەسلىشىش روھىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ مەھسۇلى.جۇڭگۇلۇقلار  قىلالمىغان بىر ئىش قالدى (ئۆز ئالدىغا بىر مەشغۇلات سىستېمىسى ياساش)
5-قەۋەت
adeljan0103 ۋاقتى: 2017-7-1 13:50:08
ۋاھ!! بۇمۇ بىر يېڭىلىق بوپتۇ.نېمىدېگەن قولايلىق
6-قەۋەت
adeljan0103 ۋاقتى: 2017-7-1 13:52:16
سىملىق توردىن پۇل تۇتمايدۇ.لېكىن ، كارتىڭىزدىن wifi تارقاتسىڭىز كارتىڭىزنىڭ ئېقىم مىقدارىدىن تۇتىدۇ
7-قەۋەت
kasi ۋاقتى: 2017-7-1 14:18:10
بۇ گۈرۈچ بايغا زادى ئىشتىياقىم بار ، مېنىڭ.
8-قەۋەت
xax187 ۋاقتى: 2017-7-1 14:55:43
شىياۋمى يانفۇنلىرى تېخىمۇ ئىلغارلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ جۇمۇ
9-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-7-1 15:21:09
مەن ئىلگىرى ئككى تال روتېر ۋە بىرتال قۇبۇللىغۇچ ئىشلىتىپ 600 مېتىر يىراقلىققا بەھىرلەپ كومپىيوتىر قويمىغان ئاساستا يەنە سىمسىز تارقىتىپ ئىشلىتىپ باققان ،چۈشۈرۈش سۈرئىتى 4مىگاغا يىتەتتى مانا ھازىر بۇ ئىشلارنى يانفۇندىلا قىلغىلى بولىدىغان بوپكىتىپتۇ.
10-قەۋەت
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-7-1 16:26:05
مەن ئۈچۈنلا يېزىپسىز بۇ تىمىنى تىلفۇنۇم شاۋمي 6ئىدى  كۆپ رەھمەت سىزگە

11-قەۋەت
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-7-1 16:38:12
ئاجايىپ ياخشى ئىقتىداركەن ماۋۇ بەك خوش بولدۇم  

12-قەۋەت
ئالبىنى ۋاقتى: 2017-7-1 17:51:40
ئادەتتىكى تېلفۇنلاردىمۇ سىمسىز تورنى كۆك چىش ئارقىلىق ھەمبەھىرلىگىلى بۇلىدۇ،لىكىن ماۋۇ ھەقىقەتەن قولايلىقكەن
13-قەۋەت
taxna0908 ۋاقتى: 2017-7-1 19:18:52
بۇمۇ بوپتۇ بەزى ۋاقىتتا بەك ئەس قاتدۇ بۇ ئىقتىدار
14-قەۋەت
sawer巴 ۋاقتى: 2017-7-1 19:28:01
ئالبىنى يوللىغان ۋاقتى  2017-7-1 17:51
ئادەتتىكى تېلفۇنلاردىمۇ سىمسىز تورنى كۆك چىش ئارقىلىق ...

قانداق ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ ؟ ئۆگىتىپ قويغان بولسىڭىز.
15-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-7-1 19:42:11
يانفونۇم 红米 Note 4x . تىزىملىككە قاراپ باقسام WLAN بەلگىسىدىن ئىككىسى باركەن، بۇ
تىلفۇندىمۇ تېمىدا دىيلگەن ئىقتىدار بامىدۇ ؟





Screenshot_2017-07-01-19-31-28-025_com.android.settings.png (92.2 KB, چۈشۈرۈش سانى: 9)

Screenshot_2017-07-01-19-31-28-025_com.android.settings.png
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部