+تېما يوللاش
uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى:2015-12-6 09:52 3375 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندا تور بەتلەردە «3D كىيىم لايىھەلەش دېتالى دەرسلىكى» دەپ بىر تېما يوللىنىپتىكەن. قارىسام ئوبدانلا دەرسلىك ئىكەن. لازىمتى دېگەن بىر قانچەيلەنگە يوللاپ بەرگەن، لېكىن ئۇ تېمىدا ئىشلەتكەن دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى يوقكەنتۇق. شۇڭا مەن بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ، سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاددىي بىر دەسلىك ئىشلەپ دېتال بىلەن بىللە يوللاپ قويدۇم. لازىملىق تورداشلار پايدىلىنارسىلەر.
دېتال ئىسمى: MarvelousDesigner كىيىم لايىھەلەش دېتالى.
چۈشەندۈرۈش: MarvelousDesigner بولسا كورېيەدە ئىشلەنگەن بىر ئۈچ ئۆلچەملىك كىيىم لايىھەلەش دېتالى. بۇ دېتال كىيىم-كېچەك كېسىم، تىكىش ئەمەلىيەت مەشغۇلاتىغا يۇقىرى دەرىجىدە تەتبىقلانغان كىيىم لايىھەلەش دېتالى. بۇ دېتال ئارقىلىق رەختلەرنى كېسىش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاپ كېسىپ، ئانىدىن ئۇنى مودېل بەدىنىگە توغرىلاپ، تىكىش سىزىقچىلىرىنى بېكىتىپ، تەقلىدلەش بۇيرۇقى بەرگەندە كىيىمنى رەسمىي ئۈچ ئۆلچەملىك مودېل ئۈستىگە كىيدۈرۈپ، بىز لايىھەلىگەن كىيىمنى خۇددى ئەمەلى، ھەقىقىي كىيىم ئۈنۈمىگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.
بۇ دېتالنى ھازىرقى كىيىم ئەندىزە ئېلىش دېتالى دېتاللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ سەرخىل بولىدۇ، بىۋاسىتە maya دە ئېلىنغان ئەندىز ھۆججەتلىرىنى ئەكىرىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا 3d max قاتارلىق دېتاللار ئارقىلىق ھەرخىل مودېللارنى ياساپ، بۇ دېتالغا ئەكىرىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى دېتاللارنىڭ ياردىمى بىلەن ئادەمسىز ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ كىيىم كېچەك كۆرگەزمە فىلىمىڭىزنى ئىشلىيەلەيسىز.
بۇ دېتال كىيىم لايىھەلەش ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى دېتاللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مىسال ئالايلى، ئويۇن ياسىغۇچى شىركەتلەر ئۆزلىرى ياسىغان ئويۇن پىرسۇناژ ئوبرازلارنىڭ مودېللىرىغا تۈرلۈك كىيىم لايىھەلىرىنى ئىشلەپ ئاندىن ئۇنى 3d max ۋە ياكى maya دېتاللىرىغا ئەكىرىپ ئۆز دېتالىدىكى ئوبرازلارغا تېخىمۇ سەرخىل تۈسلەرنى بېرىۋاتىدۇ. بۇ دېتال ئارقىلىق يەنە پەردە لايىھە، كارىۋات قاتارلىق ئائىلە بۇيۇملىرىنىڭ تاشقى بولاق لاھىيىلەرنى چىقىرىشقا بولىدۇ.
تىلى: كۆپ تىللىق
نەشرى: 1.1.7.0 (كونا نەشرى، يېشىۋىتىلگەن)
ئىجرا مۇھىتى: WinXP, Win2003, Win7, Win8,Win10
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت
ئىقتىدارى: چۈشەندۈرۈشتە تەپسىلىي دېيىلگەن.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.marvelousdesigner.com/
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ئون قىسىم ھەقسىز سىن دەرستە سۆزلەنگەن. ئادرېسى:
http://alpbeg.cn/?p=1408
بۇ تېمىدىكىسى دېتالنى قاچىلاش ۋە خەنزۇچىغا تەڭشەش دەرسى.
كەسمە يۈزى:


سىغىمى: 32 بىت ۋە 64 بىتلىقىغا قاچىلاش ۋە تەڭشەش دەرسلىكى قوشۇلۇپ 332 مىگابايت
قوشۇمچە: مەن ئىشلىگەن قاچىلاش دەرسلىكى ئاۋازسىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://yun.baidu.com/pcloud/album/info?query_uk=157127447&album_id=8167678659235049415
زاپاس ئادرېس:
http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZRG5_O

ئەسكەرتىش: مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش13 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

12ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
198515 ۋاقتى: 2015-12-6 10:23:29
كاتتا ئشتىن بىرنى قىپسز سىزگە كۆپ رەھمەت، يارايسىز...

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
گىلەم
subat786 ۋاقتى: 2015-12-6 11:45:19
uyghurdetal يوللىغان ۋاقتى  2015-12-6 09:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندا تور بەتلەردە «3D ...

Dreamweaver_CS6_绿色版
بوشلۇقىڭىزدىكى ماۋۇ قاندا نەرسە؟
ئورۇندۇق
uyghurdetal ۋاقتى: 2015-12-6 12:40:37
subat786 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-6 11:45
Dreamweaver_CS6_绿色版
بوشلۇقىڭىزدىكى ماۋۇ قاندا نەرسە؟

تور بەت يازىدىغان ، خەلقئارادا ئات - ئېشەكتەك يۈزى بار دېتال.
photoshop بىلەن تۇغقان، بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى.
5-قەۋەت
sadam520 ۋاقتى: 2015-12-6 20:55:34
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم  سىز 3dmax  نى بىلەمسىز مەن قاچىلاپ  ئاكتيپلاشتىن ئوتەلمەيۋاتىمەن بىلسىڭىز ياردەم قىلىڭە
6-قەۋەت
uyghurdetal ۋاقتى: 2015-12-6 21:15:20
sadam520 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-6 20:55
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم  سىز 3dmax  نى بىلەمسىز مەن قاچىلاپ  ئا ...

كەچۈرۈڭ، بىلمەيمەن.
7-قەۋەت
ashik978 ۋاقتى: 2015-12-7 00:00:08
سىزگە كۆپ رەھمەت بۇ دىتال مەندەك تىككۈچى ئۇستاملارغا  تازا ئەسقاتقۇدەك ، سىزدە يەنە كىيىم تىكىشكە دائىر مۇشۇنداق دىتاللار بۇلسا يۇللاپ بەرسىڭىز ، ياكى باشقا قىرنداشلاردا بۇلسىمۇ يۇللاپ بەرسەڭلار ، چچ 1659741296
8-قەۋەت
مەكتۇب ۋاقتى: 2015-12-7 17:38:21
sadam520 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-6 20:55
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم  سىز 3dmax  نى بىلەمسىز مەن قاچىلاپ  ئا ...

مەن ياردەم قىلاي،چچ:2802859928
9-قەۋەت
merdan ۋاقتى: 2015-12-7 18:23:22
ashik978 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-7 00:00
سىزگە كۆپ رەھمەت بۇ دىتال مەندەك تىككۈچى ئۇستاملارغا   ...

مەن سىزنى تېخى ئالەم ئۇچقۇچىسى مىكىن دەپتىمەن ....
10-قەۋەت
ashik978 ۋاقتى: 2015-12-7 21:31:14
merdan يوللىغان ۋاقتى  2015-12-7 18:23
مەن سىزنى تېخى ئالەم ئۇچقۇچىسى مىكىن دەپتىمەن ....

خۇدايىم بۇيرىسا ئالەم ئۇچىقۇچىسىمۇ  بۇلامەن بىر كۈن ،  
11-قەۋەت
ashik978 ۋاقتى: 2015-12-7 21:32:27
مەكتۇب يوللىغان ۋاقتى  2015-12-7 17:38
مەن ياردەم قىلاي،چچ:2802859928

مىنى چچ غا قۇشۋىلىڭ
12-قەۋەت
zero01 ۋاقتى: 2015-12-8 00:00:52
قايسىڭلادا  autocadنىڭ  ئۇيغۇرچە  دەرسلىكى  با؟   بولسا  ياردەم  قىلساڭلا ، توردىن  ئىزدىسەم  ھەممىسى  خەنزۇچە دەرسلىككەن.  مەندەك  0سەۋىيەدىكىلەگە  تازا  ماس  كەلمەيدىكەن.
13-قەۋەت
@alimjan ۋاقتى: 2016-5-23 10:58:27
بەك ياخشىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部