+تېما يوللاش
فەخرىي يوللانغان ۋاقتى:2017-7-1 17:34 2338 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فەخرىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-7-1 18:00  

سالام ئالپداشلار ، ئارتۇق گەپنى قويۇپ نەق گەپكە كېلەي . يېقىندىن بۇيان بەيدۇ تور دېسكىسىنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى يېشىۋېتىلگەن كومپيۇتېر تېرمىنالى نورمال ئىشلىمەس بولۇپ قالدى ، يەنى بەيدۇ ھېساباتىمىز بىلەن يېشىۋېتىلگەن تېرمىنالغا كىرگىلى بولماس بولۇپ قالدى . مېنىڭلا شۇنداقمىكىن دەپ بەيدۇلاپ باقسام باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق ئىكەن . بەلكىم سىلەرنىڭمۇ شۇنداقتۇ . شۇنىڭ بىلەن تەقدىرگە تەن بېرىپ ئولتۇرغان ، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاق بۈركۈت تەرجىمە فىلىم تورىدىكى بۇ يازمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم  ... شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر تېمىدىكى دېتالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم ، دەرۋەقە سىناقتىن ئۆتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېتالنىڭ سىغىمى كىچىك ، ئېلانسىز ، قاچىلاش ھاجەتسىز بولۇپ ، بەيدۇ تور دېسكىڭىزدىكى ھەر قانداق ماتىرىياللىرىڭىزنى تور سۈرئەت چەكلىمىسز چۈشۈرەلەيسىز .. ياخشى نەرسە مەخپىي قالمىسۇن دەپ ئاق بۈركۈت تورىدىكى ئاپتوردىن رۇخسەتسىزلا بۇ دېتالنى ئېلىپ كەلدىم ( ئەسلى ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالماقچى بولۇپ ئىنكاس يازغان ئىدىم ، لىكىن ئاق بۈركۈتتە ئىنكاسمۇ تەستىقلىنىدىغان بولغاچ نەچچە كۈنگىچە ھېچ جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم ) ، شۇڭا سەۋىر قىلىپ بولالماي ئالپقا ئېلىپ كەلدىم ...

دېتالدىن بىرقانچە رەسىملەر
1.دېتالنى قوزغىتىپ كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا بەيدۇ ھېساباتىڭىزنى كىرگۈزۈڭ




2. چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ 下载 نى بېسىپ چۈشىرىدىغان ئورۇننى تاللاپ چۈشۈرۈڭ.


مانا ماۋۇ چەكلىمىسىز چۈشىۋاتقان كۆرۈنۈش .( رەسىممۇ ئاق بۈركۈتتىكى تېمىدىن ئېلىندى ، ئۆزۈم رەسىم تارتىپ چىقىراي دېسەم ۋاقتىمنىڭ قىسلىقى سەۋەبلىك چىقىرالماي قالدىم ، ئەمما سۈرئەت ھەقىقەتەن مۇشۇنداق تېز جۇمۇ  )


ئەسكەرتىش : 1. بۇ دېتالنى ئىشلىتىپ كېلىپ چىققان ھەر قانداق ئاقىۋەتكە مەن ياكى ئالپ تورى ۋە ياكى ئاق بۈركۈت تورىدىكى ئاپتور ئىگە ئەمەس.( ھازىرچىغۇ ھېچ ئىش بولمىدى )
                   2. بۇ دېتال كومپيۇتېرنىڭ ، تېلىفۇنۇمغا چۈشۈرسەم قاچىلانمىدى دەپ ئىنكاس يېزىپ يۈرمەڭ.


چۈشۈرۈش ئادىرىسى : ئاق بۈركۈتتە تەمىنلەنگەن چۈشۈرۈش ئادرىسى
                              مېنىڭ تېڭشۈن تور دېسكامدىن  ھەمبەھىر


ئاخىرىدا ئاق بۈركۈت تورىدىكى سەردار. ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +2 يىغىش سەۋەبى
alpha2018 + 2 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش12 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

8ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ahmak612 ۋاقتى: 2017-7-1 19:20:50
راستىتىلا  نورمال ئىشلەيدىكەن  .رەھمەت سىزگە!
گىلەم
495407116 ۋاقتى: 2017-7-1 21:11:02
بۇ يۇمشاق دىتلنىڭ تىلفۇن نۇسخىسى بولغان بۇلسا يەنمۇ بەك قۇلايلىق بۇلاتتىكەن ئەسلى
ئورۇندۇق
alpha2018 ۋاقتى: 2017-7-2 00:09:35
ئەڭ يۇقۇرى سۈرئەتتە چۈشىدىكەن،مىنىڭ 12MB/s  سۈرئەتتە چۈشتى ،بۇرۇن 200ك دىن ئاشمايتى .
5-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-7-2 10:07:56
پەيزى دېتالكەنغۇ،نەلەردە قالغان بولغىيتى بۇرۇن
6-قەۋەت
►J_AS_S_U_R◄ ۋاقتى: 2017-7-3 01:40:07
بەيدۇ تور دىسكىسىدىن مەن پەقەتلا دىتال چۈشۈرەلمەيمەن ، ئادرسى ئۆچۈپ كەتكەنلا دەپ چىقىدۇ
7-قەۋەت
kutluk2 ۋاقتى: 2017-7-3 16:46:46
بەك  ياخشىكەنغۇ بۇدىتال   رەھمەت
8-قەۋەت
ABDAA ۋاقتى: 2017-7-12 09:48:57
پەچەت دىتالكەن جۇمۇ باللا  مىنىڭ 15M چۈشىۋاتىدۇ.............
9-قەۋەت
FOLIEE ۋاقتى: 2017-8-9 13:20:54
مەنبە يوقاپ كېتىپتۇ،ئېغىر كۆرمەي قايتا يوللاپ قويغان بولساڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部