+تېما يوللاش
ibrahim010 يوللانغان ۋاقتى:2016-5-16 15:06 15046 قېتىم كۆرۈلدى 31 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەن ئۇزۇندىن بىرى خىلمۇخىل خەت نۇسخىللىرىنى تىلفۇنغا چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم. گەرچە خەت نۇسخىللىرى بىر-بىرىدىن كۆركەم بولسىمۇ ھە دىسىلا سىسىتىمىنىڭ خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە خەت نۇسخىللىرى غەيرى بولۇۋىلىپ كۆڭلۈمنى غەش قىلغان، بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بۇ مەسىلنىڭ ئۇيغۇرچە فونت ھۈججىتىدىكى مەسىلە ئەمەسلىكىنى، ئاساسلىق مەسىلنىڭ فونت قاچىلاش شەكلىنىڭ خاتا بولغانلىقىدىن كىلىپ چىققىنىنى بايقىدىم. تۆۋەندە ئاندوئىد 4.4 نۇسخىسدىكى تەجىربەمنى تونۇشتۇرىمەن، باشقا تىلفۇنلارغا ماس كىلەمدۇ كەلمەمدۇ بىرنىمە دىيەلمەيمەن.
  ئادەتتە مودا بولۇۋاتقان قۇتيار فونت قاچىلىغۇچ قاتارلىقلار تىلفۇندىكى مۇنۇ ئۈچ بەش خىل خەت نۇسخىسىنى بىرلار ۋاقىتتا مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۋىتىدۇ.
1.  Roboto-Regular.ttf
2. DroidNaskh-Regular.ttf
3.DroidNaskhUI-Regular.ttf
4.GS45_Arab_AndroidOS.ttf
5.DroidNaskhUI-Regular-SysytemUI.ttf
ھالبۇكى بۇ خەت نۇسخىللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالماشتۇرۋىتىش تولىمۇ مەسئۇلىيەتىسىزلىك. بۇ يەردىكى 1. خەت نۇسخىسى بولسا سىسىتىما يۈزىنىڭ خەت نۇسخىسى، ئۇنى ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرساق، تىلفۇندىكى بارلىق ئورۇننىڭ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ئالمىشىدۇ، لىكىن سىستىمىنىڭ باشقا تىللىرىنىڭ خەت شەكلى بۇزۇلىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىشى ئۇنىڭغا چىقىلماسلىق كىرەك.  بۇ يەردە، ئەگەر بىز سىستىمىنىڭ ئۇيغۇرچە فونتىنى ئالماشتۇرماقچى بولساق بۇ يەردىكى 3-فونتنى مۇناسىپ ئۇيغۇرچە فونتقا ئالماشتۇرساقلا بولدى، بۇ چاغدا تور كۆرگۈچنىڭ خەت شەكلى يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ، بىز يەنە 2- خەت شەكلىنى مۇناسىپ ئۇيغۇرچە فونتقا ئالماشتۇرساق بولىدۇ، ئەگەر سىستىما يۈزى بىلەن تور كۆرگۈچتە ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرچە خەت شەكلى ئىشلەتمەكچى بولساق 2،3، فونتلارنى ئوخشىمىغان ئۇيغۇرچە فونت بىلەن ئالماشتۇرۋەتسەكلا بولدى.
  كونكىرىت قانداق فونتنى ئىشلەتكۈڭلەر بولسا ئۇنى توردىن چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ، لىكىن ئەڭ ياخشىسى تەييار فونت قاچىلغۇچ ئىشلەتمەي ئادەتتىكى فونت قاچىلغۇچ بىلەن مەن يۇقاردا كۆرسەتكەندەك ئىلمى توغرار ئورۇنغا قاچىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، فونت قاچىلاشتا ئادەتتىكى فونت قاچىلغۇچ ئارقىلىق فونتنى قايسى ئورۇنغا قاچىلاشنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ، مەن Fontfix دەيدىغان دىتالنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ دىتالنىڭ يۈزى ئىنگىلىزچە، سىز تاللىغان فونتنى قايسى فونتقا ئالماشتۇرۇشنى ئىنىق بەلگىلەپ قاچىلغىلى بولىدۇ، تاللىمىسىڭىز يۇقارقى 1- فونتقا قاچىلىۋىتىدۇ.
بۇ يەردە قۇتيار قاتارلىق فونت ئالماشتۇرغۇچ بىلەن تەمىنلىگەن كارخانىلىرىمىزغا ۋە قىرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئىيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا فونت ئالماشتۇرۇش جەھەتتە تىخنىكىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈپ كۈندىن كۈنگە ئىشىۋاتقان ئانا تىل ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ جەھەتتە ئىزدىنىش جەريانىدا بىزنىڭ  ئۇچۇر كارخانىلىرىمىزنىڭ تىخنىكىسىنىڭ دىگەندەك يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بايقىدىم.   يەنە فونت ياسىغۇچىلارغا فونتنى بەك توم قىلىۋەتمىساڭلار، ئۇيغۇرچە فونتنىڭ توملۇقى بىلەن لاتىنچە فونتنىڭ توملۇقى ئوخشاش بولسا ئاندىن بەك چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن.
  ئاخىردا قىرىنداشلارغائەلكاتىپ فونتىنىڭ ئۆزۈم ئەلالاشتۇرغان نۇسخسىنى قوشۇمچە ھۈججەت سۈپتىدە قالدۇراي. ئەسلى نۇسخىسى تولىمۇ كۆركەم ئىنچىكە تىلفۇنغا شۇنداق ھۆسۈن قوشىدۇ، لىكىن بۇ نۇسخىنى يۇقارقى 3-خەت نۇسخىسىغا قاچىلىغاندا ئاياغ ئە يالغۇز ئە بولۇۋىلىپ بىشىمنى قاتۇردى، ئاخىرى بۇنىڭ خەتنىڭ باش ئاخىرىنى ئۇلايدىغان كۇدىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ بۇ كۇدنى قايتا يىزىپ چىقتىم، مەسىلە ئوڭشالدى.


تولۇقلىما مەزمۇن (2016-5-16 20:13):
فونت ساھەسىدىكىلەرنىڭ فونت قاچىلىغۇچ دىتاللىرىنى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىل....

ALKATIP-I.zip

55.63 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3023

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش19 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن24 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

31ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
suzukkalib ۋاقتى: 2016-5-16 17:14:07
رەھمەت..  بەك ياخشى مەزمۇندىن بىرنى يوللاپسىز   كۆپ مۇھىم بولغان بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم رەھمەت.
گىلەم
ansar630 ۋاقتى: 2016-5-16 17:18:48
ھەجەپ ئېسىل تىما  بوپتۇ  .  مۇشۇ ھەقتە  ئويلانغانلارغا ئوبدانلا بىر  بىلىم  بوپتۇ.   قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.  ياخشى  تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن  .
ئورۇندۇق
★OgLaN★ ۋاقتى: 2016-5-16 18:13:41
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ★OgLaN★ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-16 18:15  

تىما ئىگىسى كەچۈرۈڭ تىمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يىزىپ قويدۇم. مەن تۆنۆگۈن ياردەم سوراش تىمىسى يازغان نىم سەۋەپتىن تەستىقلانمىدىكىن بىلمىدىم شۇڭا ئىنكاس شەكلىدە يوللىماقچى.
مەن كومپىيوتېرىغا سېستىما قاچىيالمىدىم ( مەن ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن)  باشقىلاردىن سورىسام رايۇنۈغا بۈلىۋەتسەڭ ئوڭشۇلۇدۇ دەيدۇ ، رايۇنغا بۆلمەيمۇ ئوڭشىغىلى بۇلامدۇ شۇنى سورىماقچى ئىدىم .
  ئېكراندا مۇشۇ خەت چىقىۋالىدۇ ،


بىلدىغانلار ياردەم قىلغان بولساڭلار رەھمەت.
5-قەۋەت
پەخرى0903 ۋاقتى: 2016-5-16 18:34:17
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەخرى0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-16 18:35  
★OgLaN★ يوللىغان ۋاقتى  2016-5-16 18:13
تىما ئىگىسى كەچۈرۈڭ تىمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يىز ...


مەسىلىڭىز ھەل بولمىغان بولسا ،مىنى ئىزدەڭ .. ياكى  ماۋۇ مۇنبەردىن ياردەم سوراڭ ...
6-قەۋەت
زاھېر ۋاقتى: 2016-5-16 19:50:00
ھەقىقەتەن ئىسىل تىما بوپتۇ   تىرىشچانلىقىزغا ئاپىرىن
7-قەۋەت
Qiwer ۋاقتى: 2016-5-16 20:23:03
مۇنۇvivo x6d غا روت ئالغىلى بولمايدىكەن،يا مەن ئېلىشنى بىلمىدىممۇ، روتلىماي خىتىنى چىرايلىق قىلغىلى بولماسمۇ؟
8-قەۋەت
xukur218 ۋاقتى: 2016-5-16 20:23:06
مەن  يەنىلا قۇتيار فونت  قاچىلىغۇچنىڭ  تۈز توم  خەت  نۇسخىسىنى  ياقتۇرىمەن ،بەك ئىنچىكە  خەت نۇسخىسىمۇ  ئادەمنىڭ  كۆزىنى  چارچىتىۋاتىدۇ
9-قەۋەت
بىلىمچى ۋاقتى: 2016-5-16 21:14:20
ibrahim010 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-16 15:06
مەن ئۇزۇندىن بىرى خىلمۇخىل خەت نۇسخىللىرىنى تىلفۇنغا  ...

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم   lg  g4  يانفۇنغىمۇ ئىشلەمدۇ بۇ  
10-قەۋەت
كىيىك ۋاقتى: 2016-5-16 23:08:40
Qiwer يوللىغان ۋاقتى  2016-5-16 20:23
مۇنۇvivo x6d غا روت ئالغىلى بولمايدىكەن،يا مەن ئېلىشنى بى ...

روت ئالماي فونىت قاچلىسڭىز بولدۇ،مەنمۇ سەنشىڭ s6يانفۇنۇمغا روتسىز ئۇيغۇرچىنى تۇنتىۋالدىم،خالسىڭىز مىنى جالاڭ دىتالنى ئەۋەتىپ بىرەي،چچ نۇمۇرڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ
11-قەۋەت
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2016-5-16 23:17:28
مەنمۇ ئ‍اشۇنداق چىقىراي دىگەن 5.0 گە ماس كىلەمۇ .
12-قەۋەت
kaymas ۋاقتى: 2016-5-17 02:28:19
تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر، خىلى جىق ماركىدىكى  تېلېفۇنلارغا روت ھوقۇقى ئالماي تۇرۇپ فونىت قاچىلاش ھەققىدە تىمىلار يىزىلدى.  مۇشۇ خۇاۋېي تېلفۇنلارغا روت ھوقۇقى ئالماي تۇرۇپ ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلاش ھەققىدىمۇ بىر تىما يازساڭلار. يا بۇرۇن بۇ ھەقتە تىما يىزىلىپ مەن كۆرمەي قالدىممۇ ، ئەگەر بولسا ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار. رەھمەت..
13-قەۋەت
muzat1970 ۋاقتى: 2016-5-17 11:30:57
كىيىك يوللىغان ۋاقتى  2016-5-16 23:08
روت ئالماي فونىت قاچلىسڭىز بولدۇ،مەنمۇ سەنشىڭ s6يانفۇ ...

بولسا ماڭىمۇ يوللاپ بەرسىڭىز ،يانفۇن سەنشىڭ A9100 ئىدى ئەمما كاساپەتنىڭ سېستىمىسى 6.01 ئىكەن شۇڭا فونت قاچىلاشتا قىينىلىپ قالدىم،چچ  601321515
14-قەۋەت
تاتلىق426 ۋاقتى: 2016-5-17 14:09:29
يۇقارقى بەش خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بار. قارىسىغا ئالماشتۇرىۋەتكىنى يوق.
تېلفۇنىڭىزغا توختى پوكان دىگەن ئەپنى قاچىلاپ كۆرۈپ بېقىڭ، سىز دىگەن ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تونۇتسىڭىز بۇ ئەپتىكى بەزى ئورۇنلارنىڭ خەت نۇسخىسى ئالماشمايدۇ. يەنە ئۈندىدارغىمۇ قاراپ بېقىڭ. توپ ئىسمى، سالۇن تىزىملىكى، سالۇن ئىچىدىكى تىما تىزىملىكى ۋە تىمىنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇننىڭ خەت شەكلى قاتارلىق.
15-قەۋەت
qawandaz0998 ۋاقتى: 2016-5-17 18:13:36
مەنمۇ شىياۋمى 4 يانفۇنىغا روتلىماي ئۇيغۇرچە فوت قاچىلاي دىسەم قاچىلانمىدى،
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部