+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-11 13:43 3075 قېتىم كۆرۈلدى 23 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، شوپۇرسىز ماشىنا دەپ ئاڭلىغان؛ ئەمدى ئادەمسىز تاللا بازىرى بارلىققا كەلدى.
7-ئاينىڭ 9-كۈنى خاڭجۇدا مايۈننىڭ تۇنجى ئادەمسىز تاللا بازىرى تىجارەت باشلىدى. بۇ تاللا بازىرىدا ھېچقانداق مال ساتقۇچى ياكى پۇل ئالغۇچى يوق. يانفوندىكى تاۋباۋ ئەپ دېتالى ياكى ئەلى چىقىمدانى (手机淘宝 ،支付宝) ئارقىلىق سايىلەپ تاللا بازىرىغا كىرىپ، ياقتۇرغان مالنى ئېلىپلا چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. مالنىڭ پۇلىنى ئاپتوماتىك تۇتىۋالىدۇ.



بۇ تاللا بازىرىغا كىرىدىغانلار ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەن.



بىرمۇ مال ساتقۇچى يوق. ماللار تۈرى تولۇق.



مالنى سومكىغا ياكى قوينىڭىزغا سېلىۋالسىڭىزمۇ ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇلىدۇ. ئەنئەنىۋى تاللا بازارلىرىدىكىدەك ئوغىرلىق قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مال پۇلىنى تۆلەشتە سايىلەشمۇ لازىم ئەمەس. چىقىش ئىشىكىدە مالنى ئاپتۇماتىك تونۇپ، پۇلىنىمۇ ئاپتوماتىك تۇتىۋالىدۇ.



بۇ خىل تاللا بازىرىدا مال ساتقۇچى، پۇل ئالغۇچى بولمىغاندىكىن ئۇلارغا بېرىدىغان ئىش ھەققى تىجىلىپ قالىدۇ. بىر ئادەم ئەتىگىنى مال تولۇقلاپ قويسىلا بولىدۇ.

يېقىندا مايۈن بىلەن ۋاخاخا گورۇھىنىڭ لىدېرى زوڭ چىڭ بىرلىشىپ كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا پۈتۈن مەملىكەتتە 100 مىڭ ئادەمسىز تاللا بازىرى ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
جىڭدوڭنىڭ CEO سى لىيۇ چىياڭ دوڭمۇ پۈتۈن مەملىكەتتە 500 مىڭ جىڭدوڭ قولايلىق دۇكىنى ۋە جىڭدوڭ ئادەمسىز تاللا بازىرى ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەلى چىقىمدانى قوللىندىغان مايۈننىڭ ئەلى بابا گورۇھى بولسۇن ياكى ئۈندىدار چىقىمدانىنى ئىشلىتىدىغان لىيۇ چىياڭدوڭنىڭ جىڭ دوڭ گورۇھى بولسۇ بولسۇن ھەممىسى غايەت زور مالىيە كۈچى، كاپىتال، تېخنىكا ۋە داڭداشسىز سىمسىز پۇل تۆلەش تېخنىكىسىغا ئىگە. بۇلارنىڭ بۇنداق تور بىلەن ئەمەلىي دۇكان بىرلەشكەن تىجارەت ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى دۇكان، تاللا بازارلىرىغا كۈچلۈك زەربە بېرىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن6 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

23ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
于于于于于 ۋاقتى: 2017-7-11 13:53:09
تەرەققىيات قالتىس تېز جۇمۇ.بۇنىڭدىن كېيىن ئادەمنىڭ كېرىكى قالمايدىغان ئوخشايدۇ.
گىلەم
@بەخىت ۋاقتى: 2017-7-11 14:28:42
ماۋۇ راسمىي يېڭىلىق بوپتۇ،2017يىلدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىك يېڭىلىق بوپتۇ،مايۈنگە قايىل بولدۇم.ئۇ ھەقىقەتەن ئالدىن كۆرەركەن،ھەقىچان ئىشىكتىن كىرگەندە ھىلقى چىراي تونۇيدىغان بىر نىمىسى بار  ئالپايغا چىراي تونۇتقانلار شۇنىڭغا قاراپلا  قويسا بولدى پۇلنى ئۆزى ئىلىۋالىدۇ .
ئورۇندۇق
bengbash ۋاقتى: 2017-7-11 14:39:41
پەن-تېخنىكىنىڭ  كۈچىنى تۇرمۇشمىزنىڭ ھەممە يېرىدە كۆرىمىز مانا.
5-قەۋەت
palqi ۋاقتى: 2017-7-11 15:13:39
بىزنىڭ  بو يەرگىمۇ تاللا بازىرى ئاچسا   ئالىپايغا تىزىملاتمىغانلا بولساق  باشقىدىن تىزىملىتىز  ئادەممۇ ئاينىيدۇ
6-قەۋەت
20031206 ۋاقتى: 2017-7-11 15:22:21
ئالغان ماللارنىڭ سىزىقلىق كودىنى يىرتىۋەتسىمۇ پۇل تۇتالامدىغاندۇ
7-قەۋەت
ئوغلان132 ۋاقتى: 2017-7-11 16:21:52
بۇنداق بولغاندا كۆپلىگەن ئادەمنىڭ ئىشسىز لىق مەسلىسى كېلىپ  چىقىشى مۇمكىن
8-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2017-7-11 16:46:00
ئىشسىزلىقنى تۈگىتىپ بولالمايۋاتسا ما ئادەم نىمىش قىلىپ يۈرىدىغاندۇ ئەمدى
9-قەۋەت
15199755016 ۋاقتى: 2017-7-11 18:06:30
97 يىللىرى مەن باشلانغۇچتا  ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مۇئەللىم پەن تىخنىكا توغۇرلۇق سۆزلەپ كەلگۇسىدە مۇشۇنداق تاللا بازارلىرى بارلىققا كىلىدۇ دىسە ما خوتۇن   ساراڭ بوپ قاپتۇ دەپ مازاق قىلىپ كۈلۈشۈپتىكەنمىز   مانا كۆزنى يۇمۇپ  ئاچقۇچىلا  بۇ  تىخنىكىمۇ  بارلىققا  كەپ  بوپتۇ كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىەىنىڭ كۆرمىگەننى كۆرسەن ئۆلمگىنىڭ دىگىنى  راس با گەپكەن
10-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-7-11 18:30:15
ئادەمسىز تاللا بازىرى دىمەي مۇلازىمەتچىسىز دەڭلا ،يەنە مۇشۇ ئەلى بابا مۇ ياكى ئالى بابامۇ ھىچ ئۇقالمىدىم
11-قەۋەت
1027417972 ۋاقتى: 2017-7-11 18:39:35
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز  بۇلۇپ قالدى  كەچۈرۈڭلار  دوسىتلار  مېيزۇ  تېلپۇندا  ئۈندىداردا بارماق ئىزى ئارقىلىق چىقىم قىلغىلى  بولمامدۇ ؟
12-قەۋەت
بوغرا615 ۋاقتى: 2017-7-11 18:45:00
ھەممە ئىشنى ئۇنداق ئاسان ئويلىۋالمايلار، ئادەمنىڭ خىرمەت ئورنى ئالمىشىىدۇ،تاللا بازىرىدا ئادەم ئىشلىمىگەن بىلەن كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئادەم ئولتۇرىدۇ، تۇرمۇش سۈپىتى يوقىرى كۆتۈرلىدۇ، ۋاقىت تېجىلىدۇ ، كونالىقنىڭ ئورنىنى يېڭىلىق ئالىدۇ.
13-قەۋەت
kartos ۋاقتى: 2017-7-11 19:54:26
ئورنى مۇقىممىكەن؟  ئۇقۇم ماتېرىيالىدا ھەركەتچان دەپتىكەن
14-قەۋەت
nafritim ۋاقتى: 2017-7-11 20:07:36
مۇشۇنداق ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ دۆلىتىمىزدە قوللىنىلغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم
15-قەۋەت
adljan5524 ۋاقتى: 2017-7-11 20:36:30
بۇ بولدىغان ئىش ئىكەن
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部