+تېما يوللاش
520nabijan يوللانغان ۋاقتى:2017-4-12 13:50 8829 قېتىم كۆرۈلدى 132 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۈنۈگۈن كەچتە شياۋمى شىركىتى ئورگان تورىدا ئەڭ يېڭى مۇلازىمىتى شياۋمى قەرز ئەپ دىتالىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. شياۋمى شىركىتى ئورگان تورىنىڭ دېيىشىچە, شياۋمى قەرز ئەپ دىتالى بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي مۇستەقىل ئەپ سۈپىتىدە ئېلان قىلىندىغان بولۇپ بارلىق ئاندروئىد يان تېلېفونى ئابونىتلىرىنى ئاز سوممىدىكى ئىناۋەتلىك قەرز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شياۋمى قەرز مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىش تولىمۇ ئاسان بولۇپ, ئابونىتلارنىڭ شياۋمى قەرز ئەپ دىتالىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن كۆزنەكتىن «گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش-ئىلتىماس قىلىش-قەرز چۈشۈرۈش» قاتارلىق ئۈچ قەدەم ئارقىلىق ئىككى مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا بېجىرىپ بولىدىكەن. قەرز ئۆسۈمى كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە بولۇپ, ھەر قانداق كىشىگە بېسىم ئېلىپ كەلمەيدىكەن.

نۆۋەتتە شياۋمى قەرز ئەپ دىتالى ھەر قايسى ئاندروئىد ئەپ بازارلىرىغا ماكانلاشقان بولۇپ، ئالما نۇسخىسىنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى توغرىلىق ھازىرچە ئۇچۇر يوق ئىكەن. شياۋمى قەرز مۇلازىمىتى بولسا شياۋمى پۇل-مۇئامىلىسى ئوتتۇرىغا قويغان بىر تۈرلۈك ھەقىقىي ئىناۋەتلىك قەرز مۇلازىمىتى , شياۋمى قەرز ئەپ دىتالى ئوخشاش بولمىغان قەرز سوممىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. قەرز سوممىسى يۈز يۈەندىن بىر مىليون يۈەنگىچە بولۇپ, ھەر بىر كىشىنىڭ ئىناۋىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبلىك ئىلتىماس قىلغان قەرز سوممىسىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش15 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن31 قوللىمايمەنقوللىمايمەن1

132ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-4-13 11:34:31
قىزىققانلىق قىلماڭلار باللا ، ھەر قانداق ئىشنى باشلىماق ئاسان ئاخىرلاشتۇرماق تەس
تەۋسىيىلەش
ayziba ۋاقتى: 2017-4-17 09:04:07
elijan2 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-14 23:26
ھە دوسلار ياخشىمۇ سىلەر. بۇ قەرىزنى مەنمۇ ئىشلىتىۋاتقى ...

قەرزنى قانداق قايتۇرمىز،پۇل ئالغان كارتىغا سىلىۋەتسەك بولامدۇيا
تەۋسىيىلەش
alipbag ۋاقتى: 2017-4-12 19:59:58
ھەي دوستلارقەرىزدىمەك شۇنىڭ ئۇچۇن ئىشلەيسەن دىمەك ئۆزۇڭلارنى خارقىلغۇچەكۇچۇڭلارنى خارقىلىڭلار،مىنىڭ تەۋسىيەرىم شۇ
5-قەۋەت
يالغۇز@ ۋاقتى: 2017-4-12 14:24:47
ئۆسۈم نىسبىتى قانچە  چىقار
6-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-4-12 14:33:15
تور قەرىزىنىڭ ئۆسۈمى يامان ، قەرز ئالماقچى بولغانلار ئالدى كەينىنى ئويلىشىپ قارار چىقىراسىلەر،
ئالماستا ۋاي تۆلەپ بولىمەن دىگەن بىلەن ئىلىپ
بولغاندا ھەي ئىسىت دەپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ،
ئالساڭلارمۇ مۇددىتىنى سەل قىسقا قىلىپ ئىلىڭلار
7-قەۋەت
mamatezizjan ۋاقتى: 2017-4-12 15:22:28
بۇرۇن 小米金融دا بار ئىقتىدارىنى ئايرىپ ياساپتۇ ، مەن ئايدا 360 يۈەن قەرز تۆلەۋاتىمەن.
8-قەۋەت
爱情心 ۋاقتى: 2017-4-12 15:29:24
مەن چۈشۈرۈپ باقتىم.شىياۋمى جاڭخاۋ سىلىڭ دەپ تۇرۋالدى.بۇ قانداق گەپ .
9-قەۋەت
BORAN ۋاقتى: 2017-4-12 15:36:40
爱情心 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-12 15:29
مەن چۈشۈرۈپ باقتىم.شىياۋمى جاڭخاۋ سىلىڭ دەپ تۇرۋالدى.ب ...

شۇ ئەيدى تىزىملاپ ئېلىڭ دەپتۇ.
10-قەۋەت
kapsiz121 ۋاقتى: 2017-4-12 15:44:29
يالغۇز@ يوللىغان ۋاقتى  2017-4-12 14:24
ئۆسۈم نىسبىتى قانچە  چىقار

كۈنلۈك ئۈسۈمى شۇ پۇلنىڭ 0.05%ى  بۇلدىكەن
11-قەۋەت
qaribag13 ۋاقتى: 2017-4-12 16:00:14
爱情心 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-12 15:29
مەن چۈشۈرۈپ باقتىم.شىياۋمى جاڭخاۋ سىلىڭ دەپ تۇرۋالدى.ب ...

ئەپنى نەدىن چۈشۈردىڭىز؟  مەن تاپالمىدىمغۇ؟ بولسا قەرىز ئېلىش توغرۇلۇق مىسال كۆرسىتىپ قويۇڭلار بىلدىغانلار، جاڭخاۋ سېلىڭ دىگەن بولسا تىزىملىتتىڭ،
12-قەۋەت
palqi ۋاقتى: 2017-4-12 16:27:54
يۇز مىڭنى ئالسام بولىتى بىر يىللىقا قانچىپۇل ئۇسىمى چىقا
13-قەۋەت
Muzat-ogli ۋاقتى: 2017-4-12 16:48:40
ئۆسمى ھەققەتەن تۆۋەنكەن ،ماڭا 3000كوي چىقىپتۇ 12ئايغا بۆلسەم 286ئۆسمى چىقىپتۇ
14-قەۋەت
nawayi ۋاقتى: 2017-4-12 16:53:40
قانداق ئېلىشنى ئۈگۈتۈپ قويساڭلار بوپتىكەن
15-قەۋەت
sehraliq ۋاقتى: 2017-4-12 17:17:24
مەنمۇ ئالاي دېگەن ، قانداق ئالىدۇ؟ئەپنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى يوققۇ.
16-قەۋەت
ABA ۋاقتى: 2017-4-12 17:20:36
بۇ ئەپنى شاۋمى ئەپ بازىرىدىن  تاپالمىدىمغۇ باللا،
17-قەۋەت
umutwar520 ۋاقتى: 2017-4-12 17:31:11
Muzat-ogli يوللىغان ۋاقتى  2017-4-12 16:48
ئۆسمى ھەققەتەن تۆۋەنكەن ،ماڭا 3000كوي چىقىپتۇ 12ئايغا بۆ ...

بۇنى قانداق ئالىدىكەنمىز؟
18-قەۋەت
ئابدۇللا ۋاقتى: 2017-4-12 17:31:55
ھەر قايسى ئەپ بازارلىرىغا 小米贷款دەپ ئىزدىسەڭلار چىقىدىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部