+تېما يوللاش
sebir2 يوللانغان ۋاقتى:2016-10-21 22:09 3681 قېتىم كۆرۈلدى 25 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

IT ئائىلىسى تورى، 21-كۈنى خەۋىرى، بۇنىڭدىن  ئىلگىرى خەۋەر قىلىنغاندەك، سامسۇڭ شىركىتى جۇڭگوغا ئالاھىدە تەمىنلەنگەن يېڭى نۇسخىدىكى Galaxy C9 Pro يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلىدى. بۇ يانفون ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجە قىلىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب Note7 يانفونى ۋەقەسىدىن كېيىنكى جۇڭگو بازىرىنى ئىگىلەش ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ يانفون جىڭدۇڭدا ئالدىن سېتىلىشقا باشلىدى.

تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە، سامسۇڭ C9 Pro يانفونىغا نېپىز مېتال گەۋدىلىك ئاددىي لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، كەينى تەرىپىدىكى ئانتېننا ئۈچ دانە ناھايىتى ئىنچىكە ئانتېننا گۇرۇپپىسىدىن تەركىب تاپقان. OPPO R9S يانفونىغا ئوخشاشلا مىكرو يېرىق ئانتېننا لايىھەسى قوللىنىلغان.  بۇ يانفوننىڭ قېلىنلىقى 6.9MM ئېغىرلىقى189gبولۇپ،ئالدى تەرىپىگە D2.5 ئەينەك سەپلەنگەن  ئاستى قىسمىغا يۇمىلاق Home كۇنۇپكىسى سەپلەنگەن.

سەپلىمە جەھەتتە، سامسۇڭ C9 Pro يانفونىغا MSM8976 Pro بىر تەرەپ قىلغۇچ، يەنى كۇۋالكۇم سىناپدىراگون 653 بىر تەرەپ قىلغۇچ، سەپلەنگەن،  6GBلىق ساقلىغۇچ، 64GBلىق ساقلاش بوشلۇقى، ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P بولغان 6 ديۇملۇق SuperAMOLED كۆرسىتىش ئېكرانى سەپلەنگەن. MicroSD كارتىسى ئارقىلىق بوشلۇقنى ئەڭ چوڭ بولغاندا 256لىققا كېڭەيتكىلى بولىدۇ.
يەنە بۇ يانفونغا 16 مىليون پىكسېللىق ئاساسىي ۋە ئالدى كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، فازا فوكۇسلاشنى قوللايدۇ، سۈرەتنى سۈزۈكلەشتۈرۈش ئىقىدارى  بار. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ يانفونغا يەنە 4000mAhباتارېيە سەپلەنگەن، NFCنى قوللايدۇ، قوش كارتىنى قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە  ئۈچ خىل  تورىنى قوللايدۇ، Android 6.0 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، سامسۇڭ C9 Pro يانفونى يەنە Hi-Fi ئاۋاز ئۈنۈمىنى قوللايدىغان بولۇپ، بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ،  Samsung Pay ئەقلىي چىقىمدان ئىقتىدارىنى قوللايدۇ. نۆۋەتتە، بۇ يانفون جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىدە ئالدىن سېتىلىشقا باشلانغان بولۇپ،  باھاسى 3199 يۈەن بۇلدىكەن.



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن6 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

25ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
Bahadir9 ۋاقتى: 2016-10-22 00:07:52
مىنىڭ مېيزۇ تېلفۇنۇمغا ئوخشاشكەن
گىلەم
13779192844 ۋاقتى: 2016-10-22 00:15:04
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى.ھە بۇ تېمىدا.66، دىيوم.يېزىلىپ.قاپتۇ.
ئورۇندۇق
زاھېر ۋاقتى: 2016-10-22 00:33:17
ياشاپكەت سامسۇڭ
5-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2016-10-22 00:47:28
13779192844 يوللىغان ۋاقتى  2016-10-22 00:15
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى.ھە بۇ تېمىدا.66، دىيوم.ي ...

شۇ نىمدا چوڭ ئېكرانكىن دەپتىمەن تېخى
6-قەۋەت
13779192844 ۋاقتى: 2016-10-22 00:50:24
6.6دەپ يازماقچى ئوخشايدۇ.لېكىن  ئېكران سەل چوڭ ئوخشايدۇ.
7-قەۋەت
tokyoghoul ۋاقتى: 2016-10-22 01:31:52
بەك چىرايلىق سىپتا ئىكەن .
8-قەۋەت
KONA ۋاقتى: 2016-10-22 09:17:13
ماندا بىر2000 كوي ئەتراپىدا بولسا بولاركەن باھاسى ،سەل ئۆرە بوپ قاپتۇ
9-قەۋەت
♡帅哥♡ ۋاقتى: 2016-10-22 10:15:28
KONA يوللىغان ۋاقتى  2016-10-22 09:17
ماندا بىر2000 كوي ئەتراپىدا بولسا بولاركەن باھاسى ،سەل ئ ...

samsung   دېگەن  ماركىنىمۇ   پۇلغا   ساتىدۇ  بۇلا  
10-قەۋەت
atiwa007 ۋاقتى: 2016-10-22 10:39:13
فازا   فۇكۇسلاشنى  قولايدۇ دەپتۇ بۇ قاندا ئ‍ىقتىدار
11-قەۋەت
زاھېر ۋاقتى: 2016-10-22 16:22:46
♡帅哥♡ يوللىغان ۋاقتى  2016-10-22 10:15
samsung   دېگەن  ماركىنىمۇ   پۇلغا   ساتىدۇ  بۇلا

بەزىلەر قۇرۇق سان-سىپىرنىمۇ پولغا ساتىدۇ
12-قەۋەت
ataman1 ۋاقتى: 2016-10-22 16:31:39
سەنشىڭj3proغا پەقەت ئۇيغۇرچەتۇنىتالمىدىم،ئۈندىداردىكى خەتلەر پەقەت باغلاشمىدى،تور بەتتىكى خەت نورماللاشتى،ياردەم قىلساڭلار،
13-قەۋەت
yahxidost ۋاقتى: 2016-10-22 18:25:55
مىنىڭدە سەنشىڭنىڭ خەت نۇسخىسى با مەن سىزگە ئەۋىتىپ بىرەي مىنى ئىزدەڭ،،ئۈندىدار ،qq478898883بىردەك ،سەبشىڭدا ئۇيغۇرچە خەت گىزىت خىتىدەك چىقىدۇ
14-قەۋەت
amrikin ۋاقتى: 2016-10-22 21:15:43
Galaxy S6 مەندە بۇ تېلېفون، بار ئىدى ئۇيغۇرچىنى نورمال ئوقۇيالمايۋاتىدۇ قانداق قىلسام ئۇيغۇرچىنى نورمال ئوقۇيدىغان بولىدۇ.شۇڭا.ئۇستازلار بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار.
15-قەۋەت
13150415488 ۋاقتى: 2016-10-22 23:45:50
سەپلىمىسى يامان ئەمەس ىكەن.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部