+تېما يوللاش
almas2 يوللانغان ۋاقتى:2017-9-1 20:24 1290 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يۈرەك ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا.شۇنداقلا بەدەننى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ماتور،ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى بېسىم بىلەن قان ۋە ئوكسىگېننى بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا توشۇش.يۈرەك، كۆكرەك بوشلۇقى ئوتتۇرا قىسمىنىڭ سول تەرەپ ئاستىغا جايلاشقان.ئېغىرلىقى 250g ئەتراپىدا،.ئادەتتە مۇشتۇمچلىك بولىدۇ،
ئاياللارنىڭ يۈرىكى.ئەرلەرنىڭكىدىن ئىگىلەيدىغان ھەجمى كىچىك ھەم يىنىك (شۇڭا ئايالىڭىز نى قىزلىرىڭىز نى قوغداڭ ئاسراڭ ،).يۈرەكنىڭ ئىككى قانىتى بولۇپ،يۈرەك مۇسكۇللىرىدىن تۈزۈلگەن سول دالانچە،يۈرەك سول قېرىنچىسى،يۈرەك ئوڭ دالانچىسى.يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسىدن ئىبارەت تۆت بوشلۇقتىن تۈزۈلگەن.يۈرەكنىڭ رولى،قان سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،يىتەرلىك قان مىقدارى بىلەن تەمىنلەپ،ئوكسېگىن ۋە ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار نى تەقسىملەپ، ماددا ئالمىشىش.(كاربون تۆت ئوكسىد،ئورىيا،.ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسى) قاتارلىق(چۈشەندىڭلىغۇ دەيمەن[坏笑] )ھۈجەيرىنىڭ نورمال مېتابولىزىمى ۋە  ئىقتىدارىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش.



يۈرەك سانجىقى

يۈرەك سانجىقى تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولماي يۈرەك مۇسكۇلىدا قان ۋە ئوكسىگېن ۋاقىتلىق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كلىنىكىلىق يىغىندا ئالامەتتۇر.
كېسەللىك سەۋەبى.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى يۈرەك سانجىقى تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشتىن پەيدا بولىدۇ .
ئاز ساندىكىلىرى بۇ كېسەللىككە يات سەۋەبلەردىن ، مەسىلەن:ئائورتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تارىيىۋېلىشى ۋە تولۇق يېتىلمەسلىكى قېلىنلاش تىپلىق يۈرەك مۇسكۇل كېسەللىكى ، تۇغما خاراكتېرلىك تاج ئارتېرىيەنىڭ غەيرىي شەكىللىنىشى سىفىلىس مەنبەلىك تاجىسىمان ئارتېرىيە ياللۇغى قاتارلىقلاردىمۇ يۈرەك سانجىقى پەيدا بولىدۇ.
كېلىنكىلىق ئالامەتلىرى.
كېسەللىك ئالامىتى كېسەلنىڭ كۆكرىكى ئاغرىش يۈرەك سانجىقىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتىدۇر.
ئاغرىش ئورنى تىپىك بولغان يۈرەك سانجىقىنىڭ ئورنى تۆش سۆڭەكنىڭ ئارقا قىسمىنىڭ يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا بولىدۇ ، ئاغرىق يۈرەك ئالدى رايونى ۋە مەيدە قىسمىدا بولىدۇ ، ئاغرىق كۆپىنچە سول مۈرە ، سول بىلەكنىڭ ئىچكى تەرىپىدىن تاكى نامسىز بارماق ۋە كىچىك بارماق ، ئۈچى ياكى بويۇن ، يوتقۇنچاق ياكى تۆۋەنكى ئىڭەك قىسمىغىچە.تارقىلىشى مۇمكىن.
ئاغرىقنىڭ دائىرىسى قولنىڭ ئالقىنى چوڭلۇقىدا بولىدۇ ، بەزىدە ئالدى كۆكرەكتىن كېسىپ ئۆتىدۇ.
ئاغرىقنىڭ خاراكتېرى كۆكرەك ئاغرىقى كۆپ ھاللاردا باسقاندەك ، سىقىۋالغاندەك ياكى بوغۇلغاندەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، قاتتىق ئاغرىغاندا ، كېسەلنىڭ پۈتۈن ئەزايى تەرلەپ كېتىدۇ ، ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ ، قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ قىلىۋاتقان گەپ ، سۆز ۋە ھەرىكەتتىن ھەتتا.يەۋاتقان تاماقتىن توختاشقا مەجبۇر بولدۇم ، لېكىن كېلىنكىدا كۆكرەك ئاغرىيدىغانلار داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ ، بىراق ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلاردا كۆكرەك قىسمى چىم-چىم ئاغرىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ، يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىيدىغان ، بارماق ئۈچىدە كىچىك دائىرىدە ئاغرىيدىغان ، توك تەپكەندەك ئاغرىيدىغان ۋە دائىم سىم- سىم ئاغرىپ قۇيىدىغانلار يۈرەك سانجىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ،
كېلىنكىدا دىئاگنوز قويۇشتا بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك . يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ، يېنىكلىك بىلەن يۈرەك سانجىقى دەپ دىئاگنوز قويۇشقا بولمايدۇ.زۆرۈر تېپىلغاندا تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك. يۈرەك كىسەللىكلىرىنىڭ تۈرلىرى سەۋەبى ھەققىدە ئايرىم توختىلىمەن سورايدىغان سۇئاللار ۋە مەسلىھەت بولسا ئايرىم سورىسىڭز بولىدۇ 13150328534 ئۈندىدار ·
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

6ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
دەستۇر ۋاقتى: 2017-9-2 11:26:04
بۇمۇ ياخشى باشلىنىش  بولدى  دەپ ئويلىدىم،بولسا قايسى ساھە بولسۇن ئىلمىلىكى يۇقۇرى بولغان تىملار تېخمۇ كۆپ يېزىپ يوللۇنۇپ تۇرسا دەپ ئويلايتىم.
گىلەم
تەۋەككۇل ۋاقتى: 2017-9-2 21:25:23
تېما يازغۇچى قېرىندىشىم سىزنىڭ كەسپىڭىز دۇختۇرمۇ ياكى…………
ئورۇندۇق
nakix ۋاقتى: 2017-9-2 22:50:53
بۇ كىسەلنىڭ ئۇنىملىك داۋالاش ئۇسۇلى بارمۇ?
5-قەۋەت
almas2 ۋاقتى: 2017-9-3 02:12:19
دوختۇر
6-قەۋەت
زومىگەر ۋاقتى: 2017-9-3 07:23:26
قوللايمەن بولسا ئالىپ مۇنبىرىگىمۇ مۇشۇنداق تىمىلا يوللىنىپ تۇرسا يانفۇننىلا چۈشەنمەي ئۈزىمىزنىڭ بەدىنىنىمۇ چۈشەنسەك قالتىس ياخشى ئىش بولاتتى
7-قەۋەت
appchi ۋاقتى: 2017-9-3 08:46:21
ياخشى تېما بوپتۇ ، تېما ئېگىسى ھارمىغايسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部