+تېما يوللاش
B_Dream يوللانغان ۋاقتى:2017-6-24 12:50 5367 قېتىم كۆرۈلدى 20 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
        بۈگۈن سىلەرگە بىر يۇمشاق دېتال تۇنۇشتۇرماقچى، بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا قاتتىق دىسكا ۋە بارماق دىسكىدىكى ئىلگىرى ئۆچۈرۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ قالدۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ پاكىز ئۆچۈرۈپ تازىلاش.
يۇمشاق دېتال ئىسمى: 360磁盘痕迹消除器
        بۇ بولسا 360 بىخەتەرلىك مەركىزى ياساپ چىققان قاتتىق دىسكىدىكى ئىزلارنى ئۆچۈرۈش قورالى، ياساپ چىقىشتىكى مەقسىتى بولسا ئەخلەت ساندۇقىدىكى ۋە ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنىڭ يۇيۇلماي ساقلىنىپ قالغان ئىزلارنى ئۆچۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق مەخپى ئۇچۇرلارنىڭ ئوغۇرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

ئىقتىدارى:
1.قاتتىق دېسكىدا ساقلىنىپ قالغان ئىزلارنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆچۈرۈش.
2.ئىشلەتكۈچىگە ياردەملىشىپ بەلگىلەنگەن مەلۇم بىرھۆججەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆچۈرۈش

خىزمەت پرىنسىپى:
        قاتتىق دىسكىغا سانلىق مەلۇماتلارنى قايتا-قايتا يېزىپ، قاتتىق دىسكىدىكى ئىلگىرى يۇيۋەتكەن ئەمما ساقلىنىپ قالغان ئىزلارنى ئۈزۈل-كېسىل يۇيۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ  ئالدىنى ئېلىش. چۈنكى ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەتكۈچى ماتىرىياللارنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاپ ۋە ياكى ئەخلەت ساندۇقىدىكى نەرسىلەرنى تازلىۋىتىپلا كارى بولمايدۇ، لىكىن يۇيۋىتىلگەن ئۇچۇرلارنى توردىن خالىغان بىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق 70% دىن يۇقۇرى بولغان ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرەگىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ مەخپى ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ھەرۋاقىت ئاشكارلىنىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.
1.بۇ يۇمشاق دېتال بولسا ئابونتنىڭ ھېچقانداق ھۆججەتلىرىنى يۇمايدۇ، پەقەتلا ئىلگىرى يۇيۋەتكەن ئۇچۇرلارنى قايتا بىر قېتىم تازىلايدۇ، شۇڭا بۇنى ئىشلەتكەندە ئۆزىڭىزنىڭ باشقا ماتىرىياللىرىنىڭ يۇقاپ كىتىشىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
2.يۇمشاق دېتال خىزمەت قىلىش جەريانىدا قاتتىق دىسكىنىڭ ئېشىپ قالغان بوشلىقىغا توختىماستىن يۇقىرى سۈرئەتتە ۋاقىتلىق ھۆججەت يازىدۇ، شۇڭا قاتتىق دىسكىنىڭ بوشلىقى توختىماستىن كىچىكلەيدۇ ۋە ئاخىرىدا قايتىدىن بارىلىق بوشلۇقنى ئەسلىگە قايتۇرىدۇ، شۇڭا يۇمشاق دېتال مەشغۇلات ئېلىپ بىرىۋاتقاندا ئامال بار باشقا مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ بارماڭ.
3.بەزى ئىشلەتكۈچىلەر بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ قاتتىق دىسكىغا زىيىنى بارمۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن،بۇ يۇمشاق دېتال قاتتىق دىسكىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1.ئالدى بىلەن بۇ يۇمشاق دېتالنى كومپىيوتىرغا چۈشۈرىسىز، بەيدۇ تورىغا چىقىپ (www.baidu.com) بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزلا چىقىدۇ.



2.يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى(消除磁盘剩余空间) دىگەن يەرنى چىكىمىز،ئاندىن تازلىماقچى بولغان قاتتىق دىسكىنى تاللايمىز ۋە 开始消除 دىگەن يەرنى چىكىمىز، 开始消除 نى باسقانىدىن كىيىن بىر كىچىك كۆزنەك ئېچىلىدۇ ۋە 确定 نى بىسىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.



مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن android سىستىمىسىدىكى تېلىفونلارنىڭ ۋە ئالما تېلىفونلىرىنىڭ قاتتىق دىسكىسىنى يۇيۇپ تازلىغىلى بولىدۇ.

(تۇنجى قېتىم تېما يوللىشىم بولغاچقا خەت ئىشلىتىش جەھەتتە نۇرغۇن خاتالىقلاردىن ساقلىنالمىدىم، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن)
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش62 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن13 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

20ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-6-24 13:56:02
راسلا  ياخشى تىما بوپتۇ ،   ھەممىمىز ئېھتىياجلىق دىتالكەن،  رەھمەت سىزگە
گىلەم
umutwar520 ۋاقتى: 2017-6-24 14:18:10
كومپيۇتېرغا قايسى يۇمشاق دېتالدىن سىستېما چۈشۈرۈپ قاچىلىغىلى بولىدۇ؟

باھا سۆز

http://jingyan.baidu.com/article/cdddd41c56540953cb00e1c2.html بۇ ئۇلىنىشنى ئېچىپ كۆرۈڭ.  ۋاقتى: 2017-6-24 14:48
ئورۇندۇق
umutwar520 ۋاقتى: 2017-6-24 14:19:17
توردىن سىستېمىنى كۆرسىتىپ بەرسە ، قاچىلايدىغان دېتال بارمۇ ؟ كومپيۇتېرنىڭ
5-قەۋەت
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-6-24 16:47:49
رەھمەت سىزگە تېما ئىگىسى ،مەنمۇ موھتاج بۇلۇپ تۇرغان مۇشۇنداق دىتالغا.
6-قەۋەت
fffffffffffffff ۋاقتى: 2017-6-24 17:12:58
umutwar520 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-24 14:19
توردىن سىستېمىنى كۆرسىتىپ بەرسە ، قاچىلايدىغان دېتال  ...

ئۇنداق سېستىما يوق، ئۈزىڭىز تاللىغان توردىكى شۇ سېستىمىنى چۈشۈرۈپ بۇلۇپ يۇپەندىن سېستىما يېزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قاچىلسىڭىز بۇلىدۇ، يەنە باشقا ئۇسۇللىرىنى ئۇستازلار بىر نىمە دىسۇن
7-قەۋەت
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-6-24 18:58:24
umutwar520 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-24 14:19
توردىن سىستېمىنى كۆرسىتىپ بەرسە ، قاچىلايدىغان دېتال  ...

بار،پەقەت كومپيۇتېرىڭىزدا تور بولسىلا.
8-قەۋەت
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-6-24 19:04:44
umutwar520 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-24 14:19
توردىن سىستېمىنى كۆرسىتىپ بەرسە ، قاچىلايدىغان دېتال  ...

كومپىيۇتىرغا مۇنۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلسىڭىز بولىدۇ قاچىلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي دىتال ئىسمى云骑士系统重装大师
9-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-6-25 01:47:27
بۇدىتال ئىشەنچىلىكمىدۇ؟تېما ئېگىسى سىز مۇشۇ دىتالدا ئۆچۈرۈپ بۇلۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىتاللىرىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سىناپ باقتىڭىزمۇ؟
10-قەۋەت
barchuq1 ۋاقتى: 2017-6-25 02:21:20
يۇمشاق دىتالنى ئىجرا قىلغاندا يۇقىرى سۈرئەتتە يېزىش،ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بىرلىدىغان بولغاچقا،قاتتىق دىسىكىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمىرىگە تەسىر يىتىدۇ،زۈرۈر بولمىسا بۇ دىتالنى ئىجرا قىلمىغان تۈزۈك،دىتالنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق ئەسكەرتىش چىقىدىكەن
11-قەۋەت
rohlan520 ۋاقتى: 2017-6-25 12:36:56
تازلاپ بولغاندىن كىيىنكى نەتىجە                           

QQ图片20170625122554.png (80.05 KB, چۈشۈرۈش سانى: 16)

QQ图片20170625122554.png
12-قەۋەت
uysalam ۋاقتى: 2017-6-25 16:57:31
مەن سىناپ باقتىم، ئەپسۇس 20% ماتىرياللار يەنە ئەسلىگە كېلىش مۇمكىن ئىكەن.
13-قەۋەت
B_Dream ۋاقتى: 2017-6-25 17:58:24
barchuq1 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-25 02:21
يۇمشاق دىتالنى ئىجرا قىلغاندا يۇقىرى سۈرئەتتە يېزىش،ئ ...

بۇيەردە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا بار: بۇ يۇمشاق دېتال قاتتىق دېسكىنىڭ ئېشىپ قالغان بوشلۇقىغا قايتا-قايتا يېزىش ئېلىپ بارىدۇ، لېكىن قاتتىق دېسكىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بولسا تىز سۈرئەتتە ئوقۇش ۋە يېزىش، شۇڭا بۇ يۇمشاق دىتالنى ئىشلەتكەندە ئۇنچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن. پەقەتلا بۇ دىتالنى ئارقىمۇئارقا ئىشلىتىشتىن ساقلانسا باشقا مەسىلە كۆرۈنمەيدۇ.
14-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-6-25 22:26:31
بۇدىتال بەزى ئۆچۈرۋەتكەن نەرسىلەر ئەسلىگە كىلىپ قېلىشنى خالىماي چېقىلىپ كىتىش ئىھتىمالى بار قاتتىق دېسكىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقۇدەك
15-قەۋەت
چوغ ۋاقتى: 2017-6-26 12:06:48
تېلفۇننى قانداق تازلايمىز ياكى باشقا ئەپ بارمۇ ؟
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部