+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-2 17:56 5474 قېتىم كۆرۈلدى 41 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-8-2 17:56  

تۆۋەندە كۆپچىلىككە باھاسى ئەرزان، ئېقىم مىقدارى كۆپ بىر نەچچە خىل يانفون كارتىسىنى تونۇشتۇرىمىز.

1. 工行 e 卡
梦想 e 卡 بىرلەشمە خەۋەرلىشىش بىلەن سودا-سانائەت بانكىسى بىرلىكتە چىقارغان كارتا. ئايلىق مۇلازىمەت ھەققى 19 يۈەن/2Gb ئېقىم . ئالدىنقى ئالتە ئايدا ھەر ئايدا 100 مىنۇت سۆزلىشىش ۋاقتى سوۋغا قىلىدۇ. ئايلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنىڭ سىرتىدا 10 يۈەنگە 1Gb دۆلەت ئىچى ئېقىم سېتىۋالغىلى بولىدۇ. كەزمە ھەققى يوق، دۆلەت ئىچىدە ئۇزۇن يوللۇق، قىسقا يوللۇق تېلېفون قىلسا مىنۇتى 0.1 يۈەن.
يەنە بىر خىل ئايلىقى 89 يۈەن/6Gb ئېقىم بېرىدىغان 大e卡 دەپ يەنە بىرسى بار، ئايدا 600 مىنۇت سۆزلىشىش ھەققى بېرىدۇ.



بۇ كارتىنى سودا-سانائەت بانكىسى يانفون تېرمىنالىدىكى ئېلاننى بېسىپ ياكى ئۈندىداردا e卡助手 دېگەن سالونغا كىرىپ ھەقسىز بىجىرۋالسا بولىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ، نومۇر تاللاپ جەزملەشتۈرسىڭىز پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. كارتىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن e卡助手  سالونىدىكى 开通激活 دېگەن يەرنى بېسىپ ئاكتىپلىۋالسىڭىز بولىدىكەن. تۇنجى قېتىم 50 يۈەن تاپشۇرسىڭىز يەنە 50 يۈەن قوشۇپ بېرىدىكەن. ئاكتىپلىغان تۇنجى ئېيىدا ھەقسىز ئىشلىتىدىكەنسىز.

2. 地铁随心卡
بۇمۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسى. كارتىنىڭ ئايلىق ئىجارىسى 16 يۈەن، مېترودا مەخسۇس ئىشلىتىدىغانغا 10Gb ئېقىم بېرىدۇ، يۈرۈشلۈك ئېقىمنىڭ سىرتىدا 1 يۈەنگە 500mb ئېقىم سېتىۋالغىلى بولىدۇ. كۈندە سېتىۋالدىغان 1 يۈەنلىك ئېقىمنى ئىشلەتمىسە پۇل تۇتمايدۇ. ئېشىپ قالغىنى ئەتىسى ئىشلىمەيدۇ. دۆلەت ئىچى تېلېفون ئۇرسا مىنۇتى 0.18 يۈەن.


3. شىياۋمى 米粉卡日租卡
بۇ تېلگىرافنىڭ كارتىسى. بۇ كارتىنىڭ ئايلىق ئىجارىسى 5 يۈەن. كۈنلۈكى 1 يۈەنگە 500mb ئېقىم ۋە كۈنلۈكى 3 يۈەنگە چەكسىز ئېقىم بېرىدىغان ئىككى خىل.



تېلېفون ئۇرسا ۋە قىسقا ئۇچۇر يوللىسا مىنۇتى 0.1 يۈەن؛ كەلگەن تېلېفوننى كۆرسىتىش ۋە دۆلەت ئىچىدە تېلېفون قۇبۇل قىلىش ھەقسىز.
يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتىن سىرىت 15 يۈەنگە 1Gb دۆلەت ئىچى ئېقىم سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
شۇ ئايدا تورغا چىققان ئېقىم مىقدارى 40GBغا يەتكەندىن كېيىن، تورغا چىقىش سۈرئىتى 3.1Mbpsدىن ئاستىلايدۇ، جەمئىي ئىشلەتكەن ئېقىم مىقدارى 100GBدىن ئاشقاندىن كېيىن سۈرئىتى 128Kbpsدىن تۆۋەنلەيدۇ، كېيىنكى ئايدا ئەسلىگە كېلىدۇ.
كۈنلۈكى 1 يۈەن ۋە 3 يۈەن دېگەن ئېقىم مۇلازىمىتى بىر قېتىم ئاچسىڭىز بىر ئايغىچە ئېچىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا كۈنلۈكى بىر يۈەنلىك دېگىنىگە ئايدا 35 يۈەن، كۈنىگە ئۈچ يۈەنلىك چەكسىز ئېقىم دېگىنىگە ئايدا 95 يۈەن خەجلەيسىز.
بۇ كارتىنى بىجىرىش ئادېرسى: https://www.mi.com/micard/

ئەسكەرتىش: يۇقارقى كارتىلارنى بىجىرىپ، بۇرۇن ئىشلىتىۋاتقان كارتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتمەكچى بولسىڭىز مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىشىش شىركىتىگە بېرىپ، كارتا نومۇرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش رەسىمىيىتىنى بىجىرىپ، توختىتىۋېتىڭ. بۇرۇنقىدەك توختىتىش رەسمىيىتى بىجىرمەي، كارتىنى تېلېفوندىن چىقىرىپلا تاشلىۋەتسىڭىز نۇرغۇن ئاۋارچىلىققا ئۇچىرايسىز.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش18 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن1

41ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
چوغ ۋاقتى: 2017-8-2 18:44:07
بەك ياخشى تىما بوپتۇ. بۇرۇن ئىشلەتكەن كارتىنى خەۋەرلىشىش شىركىتىگە بارماي تۇرۇپ توختىتىۋەتكىلى ياكى ۋاقىتلىق توختاتقىلى بولىدىغان مەسىلەن بىر ئاي ياكى ئۈچ ئاي دېگەندەك ئۇسۇللار بولسا تېما قىلىپ يوللىغان بولساڭلار.
گىلەم
aLMaS31 ۋاقتى: 2017-8-2 19:14:19
رەھمەت تېما ئىگىسى بىر سوئالىم بەر ئىدى سورۋالاي   مىنىڭچچ رىمدا بىر بالا بار بۇ بالا مەخسۇس كارتا ساتىدىكەن بىر كۈنى توپتا ئايلىقى 17 يۈەن 2000 مىنۇت سۆزلىشىش 16گ تور با دەپ توپقا ئۇچۇر يوللاپتۇ بىجىرىش ھەققى 300يۈەن ئۆزگەرتىش ھەققى150يۈەنكىن  سۇراپ باقسام ر بۇنداق ئادەملەر ئىشەنچىلىكمۇ
ئورۇندۇق
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-8-2 19:35:19
   جىيەنىم ئىشلىتىۋاتقان كۆچمىنىڭ كارتىسىغا پۇل توشىتالماي تىجارەت زالىغا كارتىنى توختىتىۋىتەي دەپ بارسا ئۇلار « بىز كارتا توختاتمايمىز، ئىشلەتكۈڭىز بولمىسا تاشلىۋىتىڭ، ئۈچ ئايدىن كىيىن كوڭخاۋ بولۇپ كىتىدۇ» دەپ كارى بولماپتۇ، ئەمما مەھەللەمدىكى بىرەيلەن تۆت يىلنىڭ ئالدىدا تاشلىۋەتكەن تىلگىرافنىڭ كارتىسىغا 7000 يۈەنگە يىقىن پۇل تۆلەپ كىتىپتۇ، تىجارەت زالىغا بارسا ئۇلارنىڭ گىپى بايىقىدەك، مەنمۇ مۇشۇ يىل بىشىدا تىلگىرافنىڭ ئايلىقى 19 يۈەنلىك كارتىسىنى بىجىرىپ بىر ھەپتىمۇ ئىشلىتەلمەي توختاپ قالدى، پوچتىخانىغا كىرسەم ئۇلارنىڭ ئۇنداق كارتىغا ئامالى يوقمىش، مەنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پاتاڭغا بىرمۇنچە قەرز ئارتىۋالىدىغان بولدۇم،تازىمۇ بىر باش قىتىنچىلىقى بولدىدە ...
5-قەۋەت
15199755016 ۋاقتى: 2017-8-2 19:56:39
كارتىڭىزنى قالايمىقان تاشلىماڭ    دىگەن تىما يادىڭلادا   بامۇ مەن  يوللىغان مەنمۇ 134 يۇەن قەرىز تۆلەپ قۇتۇلدۇم   شۇڭا  كارتىنى بىجىرىشتىن بۇرۇن  ياخشى ئويلىنىڭلا
6-قەۋەت
15199755016 ۋاقتى: 2017-8-2 19:58:13
/forum.php?mod=viewthread&tid=49824 ماۋۇ تىما شۇ
7-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-8-2 20:38:32
ماۋۇ كۆچمىنىڭ كارتىسى تاشلىۋەتكەندىن كىيىن 3ئايدىن كىيىن ھەقىيقەتەن  كوڭخاۋ بولۇپ كىتىدۇ ئەمما بىرلەشمە بىلەن تېلگېرافنىڭ قەرىزگە ماڭىدىكەن،مەن يېقىندا ئاكامنىڭ تېلگىرافنىڭ كەڭ بەلۋاغلىق تورغا باغلاپ بىجىرگە 3تال كارتىسىنى توربىلەن قۇشۇپ توختىتىۋېتەي بارغان ئىدىم.ئىشلەتمەي قەرىز بولۇپ قالغان تورغا ياكى تور تېلېۋىزىيەسىگە باغلاپ بىجىرگەن كارتىلارنىڭ قەرىز سوممىسى 500يۈئەندىن ئېشىپ كەتكەن بولسا تەڭ يېرىمىنى كۆتۈرۈپ بىرىمىز دەپ بىرسىنىڭ قەرزىنى يېرىمىنى كۆتۈرۈپ بەردى،بىزنىڭمۇ 360يۈئەن قەرىز بولۇپقاپتىكەن،500يۈئەنگە يەتمەپتۇ بولمىسا يېرىمىنى كۆتۈرۈپ بىرەتتۇق،ھازىر جىق كۆتۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىكەن دەپ 10نەچچە يۈئەن كۆتۈرۈپ بەردى.باشقا كارتىلارنى قانداق قىلىدىكىن بىلمىدىم.
8-قەۋەت
chilek175 ۋاقتى: 2017-8-2 21:00:07
سودا سانائەت بانكا بىلەن بىرلەشكەن كارتا بىجىرىش ئادىرسى، بۇ كارتا ياخشىكەن مەن بۇرۇن بىرنى بىجىرگەن
https://m.10010.com/queen/icbc/e-card.html
9-قەۋەت
2635210282 ۋاقتى: 2017-8-2 21:22:33
腾讯大网卡 نى ئىشلەتكەنلەر بولسا گەپ قىلىڭلا ،بۇ كارتىغا پەقەت پۇل توشىماي كەتتى ،كارتىنى توختىتىۋېتەي دەپ بارسام ئالتە ئايدىن كىيىن توختىتىۋېتەلەيسىز دەيدۇ ،قانداق قىلىشىم كېرەك.
10-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-8-2 21:26:54
يەنە بىرلەشمىنىڭ 50 يۈەنگە 100G ئىقىم بىرىدىغان تور كارتىسى. تور باھاسى بۇنىڭدىن ئەرزان بولماس. ئەمما يېتەرسىزلىكى سۆزلەشكە بولمايدۇ ، پەقەت ۋە پەقەت تورغا چىقىشقىلا بولىدۇ ،  يەنە بىر ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى  بۇ خىلدىكى كارتىنى ھازىر سېتىشتىن توختىتىپتۇ ، مۇشۇنداق كارتا ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ قولىدىكى بۇ كارتا گۆھەر بولۇپ قالدى. تۆت جى سىگنالى بار چاغدا تۆت جى چىقاتتى ، سۈرئىتى ، ھازىر 3G چىقىدۇ ، يەنىلا شۇنداق تېز.
باشقا 2 خەۋەرلىشىش شىركىتى  بۇ جەھەتتە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن كۆپرەك  ئۆگەنسە بولاتتى.
11-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-8-2 21:28:48
aLMaS31 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-2 19:14
رەھمەت تېما ئىگىسى بىر سوئالىم بەر ئىدى سورۋالاي   مىنى ...

چىقىپلا تۇرمامدۇ ، ئەلۋەتتە ئىشەنچ ، سىز نەدە مۇشۇنداق لوق گۆش بار؟ بار دېيىلسە ئۇ سىزنىڭ ئۇلارغا خەجلەپ بىرىدىغان پۇلىڭىز خالاس.
12-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2017-8-2 21:36:33
uyghurum131 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-2 19:35
جىيەنىم ئىشلىتىۋاتقان كۆچمىنىڭ كارتىسىغا پۇل توشىتا ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نىمە ئۈچۈن 7000 يۈەن تۈلەپ كەتكەندۇ دوستىڭىز ، سوت مەھكىمىسىگە شىركەت ئۈستىدىن ئەرىز قىلىسۇن
ئەسلى پۇلنى تۈلىمەي تۇرۇپ ماۋۇ نۇمۇرغا ئارقىمۇ ئارقا توختىماي ئەرىز قىلسا بەلكىم بۇرۇنقى كونا قەرزىنى تۆلىمەستى
96180 مەخسۇس تېلگىرافنىڭ ئەرىز شىكايەت نۇمۇرى
ئەرىز قىلغاندا قىلغان ،دەيدىغان گەپنى مەزمۇنلۇق دەپ چىڭ تۇرۇڭلا بولمىسا ئۇلارمۇ پوش دەپ يولغا سالىدۇ
13-قەۋەت
978832 ۋاقتى: 2017-8-2 21:48:09
ھەي ، مەنمۇ قايسى كۈنى 200 يۈئەن تۆلىدىم دېسە!تېلېگراف كارتىسىغا
14-قەۋەت
1589728092 ۋاقتى: 2017-8-2 22:17:32
مۇشۇ كارتىلار بىر بىرىدىن ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئۆز تەۋەلىكىدىن باشقا جايدا،يۈتۈپ كەتكەن ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەن كارتىنى تولۇقلاپ بىجىرگىلى ھەم كەسىپلىرىنى بىجىرگىلى بولمايدىغان ئىشى قەتئىي بولمايدۇ ،مۇشۇ ئىشلار ھەل بولۇپ كەتسە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا بەك قولايلىق بوپ كىتەتتى ،مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەل بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
15-قەۋەت
1357104490 ۋاقتى: 2017-8-2 22:58:15
مەنمۇ ئۆتكەن ھەپتە  بېرىپ  تەكشۈرتسەم  كۆچمىدە تۆت كارتا  چىقتى  ئالدىغان  7 يىل  بولغان   قەرزى يوقكە  پۇل  تۆلىمىسىڭىزمۇ  بۇلدۇ  دىدى  يېنىپ  چىقىپ  تېلگىرافقا  كىرسەم  تاشۋەتكىلى  بىر يېرىم يىل بولغان كارتام 381 سوم  قەرز  بوپ  قاپتىكە  شۇنى  تۆلەپ  چىقتىم   ،  بىر كۈن ئۆچىرەت  ساقلەپ ئاران  تۈگەتتىم ئىشىمنى
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部