+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-6-14 11:37 2477 قېتىم كۆرۈلدى 14 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
لې شى ۋە نۇبىيا (努比亚، 乐视) بۇلۇت ساقلاش مۇلازىمىتىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇشۇ ئىككى خىل يانفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇلۇت سۇپىسىدا ساقلىغان مۇھىم ماتېرىياللىرىڭلار بولسا باشقا يەرگە زاپاسلىۋېلىڭلار.
6-ئاينىڭ 10-كۈنى نۇبىيا شىركىتى نۇبىيا بۇلۇت مۇلازىمىتىنىڭ بەزى ئىقتىدارنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
‏nubia بۇلۇت مۇلازىمىتىدە يانفوندىكى رەسىم ۋە باشقا شەخسىي ھۆججەتلەر زاپاس ساقلىندىغان بولۇپ، نۇبىيا شىركىتى بىلەن بەيدۇ تور دېسكىسى بىرلىكتە ھەقسىز تەمىنلىگەن مۇلازىمەت ئىدى. ئەمدى تاقالماقچى. شۇڭا نۇبىيا يانفون ئىشلەتكۈچىلىرى يانفون ئارقىلىق بۇلۇت سۇپىسىغا زاپاسلاپ قويغان مۇھىم رەسىم ۋە باشقا ھۆججەتلىرىڭلارنى yun.nubia.com گە كىرىپ دەرھال زاپاسلىۋېلىڭلار.


6-ئاينىڭ 14-كۈنى 乐视 شىركىتى  LeCloud يانفون بۇلۇت ساقلاش مۇلازىمىتىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىشلەتكۈچىلەر 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن cloud.le.com گە كىرىپ، مۇھىم ھۆججەتلىرىڭلارنى باشقا يەرگە زاسلىۋېلىڭلار.


تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا لېشى شىركىتى يانفون كەسپىدىن %50 دىن كۆپ ئادەم قىسقارتقان. بەلكىم ئەمدى يېڭى يانفون تەتقىق قىلماسلىقى مۇمكىن.

يانفونلارنىڭ بۇلۇت ساقلاش مۇلازىمىتى ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفون زۆرۈر ئىقتىدارنىڭ بىرسى. ئايفون، سامسۇڭ، شىياۋمى، خۇاۋېي... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسنىڭ بۇلۇت ساقلاش مۇلازىمىتى بار. يانفوندىكى رەسىم، تېلېفون دەپتىرى، سۆزلىشىش خاتىرىسى... ۋە باشقا مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار ئىشلەتكۈچى ھېساباتى ئارقىلىق بۇلۇت ساقلىغۇچقا ماس قەدەملىنىپ زاپاسلىنىپ تۇرىدۇ. يانفون يۈتۈپ كەتسە ياكى باشقا يانفون ئالماشتۇرساق ھېساباتىمىز ئارقىلىق بۇلۇت مۇلازىمىتىرىغا كىرىپ، بۇرۇنقى زاپاسلانغان ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.


يۇقارقى ئىككى شىركەتنىڭ يانفون بۇلۇت مۇلازىمىتىنى تاقىشى ئىناۋىتىگە ئىنتايىن زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر مۇشۇ سەۋەبتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

14ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
juxkun55 ۋاقتى: 2017-6-14 11:51:42
مەن مۇ نوبىيا ، تېلېفوننى ئىشلىتەتتىم  تېزراق يۆتكىۋالاي ئەمىسە.
گىلەم
تەۋەككۇل ۋاقتى: 2017-6-14 12:04:23
مىنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم   بۇلۇت مۇلازىمىتىنى تاقىسا بۇرۇنقى ھېسابات نۇمۇرى تېلېفوندىن چىقىپ كىتىدىغانمىدۇ؟(لېشى تېلېفون ئالغانتىم ئىچىدە IDنۇمۇر باركەن ئاشۇنى دىمەكچى )
ئورۇندۇق
978832 ۋاقتى: 2017-6-14 12:13:10
نېمداق قىلدۇ،  بۇ  خەق  يا  چىقارمىسا  ئۇنداق  بىر نەسىنى  
5-قەۋەت
uyqanbiz ۋاقتى: 2017-6-14 12:20:48
تىلفۇننىڭ ئىچىدە vivo  بىلەن 小米 ياخشى جۇما باللا
6-قەۋەت
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-6-14 12:43:54
مەنمۇ دەرھال زاپاسلىۋالسام بولغىدەك ،مەنمۇ لېشى يانفۇن ئىشلىتەتتىم ،تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .
7-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-6-14 12:56:21
uyqanbiz يوللىغان ۋاقتى  2017-6-14 12:20
تىلفۇننىڭ ئىچىدە vivo  بىلەن 小米 ياخشى جۇما باللا

توغرا دەيسىز   مەن شاۋمىنى ئىشلىتىپ باقمىدىم   لىكىن ۋىيۋونى  ئشلىتىپ باققان بوپ قويىدۇ   شاۋمىغا كەلسەك پۇلىسى ئەرزان  سەپلىمىسى يۇقىرى چىقىدىكەن
8-قەۋەت
15628186465 ۋاقتى: 2017-6-14 15:09:19
تېلفۇن شىركەتلىرىنىڭ رىقابىتى كەسكىن بولغاندىكىن  ئەمدى بىر باشتىن شاللانغىلى تۇرۇپتۇدە
9-قەۋەت
يالغۇز@ ۋاقتى: 2017-6-14 19:54:02
نۇر تورىدىما  شۇنداق دەپ تۇرىدۇ ،نۇبىيا ئوڭشىشى مۇمكىن .يەنە بەيدۇغا بايرام بولغىدەك.
10-قەۋەت
atiwa52O ۋاقتى: 2017-6-14 20:39:25
نۇبىيا تېلفۇنمۇ بەك ياخشى ، بۇلۇپمۇ ئاپىراتى بەك سۈزۈك  .
11-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-6-15 00:59:52
    ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆزى مەنتەڭ قىلىپ بۇ خەخ، كىچىك بالا دىگەن باشتا ئولتۇرۇشنى، كىيىن ئۆمىلەشنى، ئۇنىڭدىن كىيىن مېڭىشنى ۋە يۈگرەشنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ، ئەمدىلا ئۆمىلەشنى بىلىۋىلىپ بىراقلا يۈگرەيمەن دىسە ئاشۇنداق يىقىلىپ چۈشىدىغان، چات يېرىلىپ كىتىدىغان ئىش چىقىدۇ....
12-قەۋەت
رويال ۋاقتى: 2017-6-15 10:29:53
uyghurum131 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-15 00:59
ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆزى مەنتەڭ قىلىپ بۇ خەخ، كىچىك ب ...

ناھايتى ئۇرۇنلۇق ئىنكاس بولدى
13-قەۋەت
atax520 ۋاقتى: 2017-6-16 01:57:07
تۆت  كۈنلۈك  بوپتىمۇ  دەيمە  بۇ   شىركەتلەر,ئەينى ۋاقتىدا پوچىلىق قىپ ئالمىدىن ئىشىپ چۈشىمىز دەپ قار  سالغان   مانا   قالغان  كۈنى
14-قەۋەت
※5※2※0※ ۋاقتى: 2017-6-17 01:51:53
ئىنكاس يازغانلارمۇ، تېما يوللىغانلارمۇ توغرا تەرجىمە قىلىڭلار بۇنى    نۇبىيا پايدىلىنىپ كىلىۋاتقان تور دىسكىسى بەيدۇنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن بەيدۇ شەخىسلەرنىڭ ماتىرىيال يوللاش ئىقتىدارى توختاتتى شۇ سەۋەپتىن نۇبىيانىڭ تور دىسكىسى مەزمۇن چىقىرىشتىن توختايدۇ لىكىن مەگڭۈلۈك ئەمەس ئۆز ئالدىغا باشقىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ خالاس ......
15-قەۋەت
؟؟؟؟ ۋاقتى: 2017-6-18 01:33:37
ئاۋال تىلفۇن ساھەسىدىن ئاندىروئىد لارنىڭ بوۋسى HTC يوقالدى ،ئاندىن بىر مەزگىل بازارنى ئاستىن -ئۈستىن قىلۋەتكەن 海信يوقالدى ،
ئەمدى يوقىلىش گىردابىغا بىرىپ قالغانلىردىن 联想,酷派,Nokia,乐视
中兴,格力

لار قالدى .
ئەمدى قايسسىغا كىلە نۇبىيا تۈگشەمۇ ،قارا بۆلجۈرگەنمۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部