+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-27 10:45 8786 قېتىم كۆرۈلدى 72 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
7-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە شىياۋمى شىركىتى يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى مەھسۇلاتى MIUI9 نى رەسمىي ئېلان قىلدى. MIUI شىياۋمى شىركىتىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى، تۇنجى قېتىمقىسىدىن ھازىرغىچە بولغان 7 يىلدا شىياۋمى MIUI نى دۇنيا مىقياسىدا ئاكتىپلاپ ئىشلەتكەنلەر 280 مىليونغا يەتتى. 142 دۆلەت ۋە رايوندىكى 55 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.






شىياۋمىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، MIUI9 دىكى ئەپ قوزغىلىش تېزلىكى، ئېكران سىزىمچانلىق ئىنكاسى، ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش جەريانى زور دەرىجىدە ئەلالاشتۇرۇلۇپ، «چاقماقتەك تېزلىك» كە ئىگە قىلىنغان. ئەپلەرنى ئىجرا قىلىش تېزلىكىنى سامسۇڭ S8 ، خۇاۋېي P10 بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇلاردىن تېز بولغان. ئالدى سۇپىدىكى ئەپ، ئويۇنلارنىڭ «قاتماسلىقىغا» كاپالەتلىك قىلىنغان. شىياۋمى ئىگە تەرەپنىڭ قارىشىچە MIUI9 «ئەڭ تېز ئاندرويد سىستېمىسى» بولۇشى مۇمكىن. شىياۋمىدىكىلەر MIUI9 تىن باشلاپ ئاندرويدنىڭ «قېتىش» مەسىلىسى تارىخقا ئايلىنىدۇ دېدى.








MIUI9 قا «تېزلىكتە رەسىم ئىزدەش» ، «ئۇچۇر ياردەمچىسى»، «يەتكۈزۈش ئىشىكى» دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىقتىدار قوشۇلغان.
بۇنىڭدىكى «يەتكۈزۈش ئىشىكى» (传送门) ئىقتىدارىنى گوگۇل 2015-يىلى ئېلان قىلغان. ئېنگىلىزچسى Now on Tap ، ئەمما گوگۇل بۇ ئىقتىدارنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا سىستمىغا تەمىنلەپ بەرمىگەن، شىياۋمى MIUI9 قا تۇنجى قېتىم قوشۇلدى.



«يەتكۈزۈش ئىشىكى» (传送门) قانداق گەپ؟ «مەخلۇقلار دۇنياسى» دېگەن كىنونى كۆرگەنلەر بىلىدۇ، ئىككى دۇنيانى تۇتاشتۇردىغان بىر «ئىشىك» بار، شۇ ئىشىكتىن كىرسىلا يەنە بىر دۇنياغا بارالايدۇ.




MIUI9 تىكى «يەتكۈزۈش ئىشىكى» نىڭ رولىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يانفوندىكى خالىغان خەت ياكى رەسىمنى ئۇزۇنراق بېسىپ تۇرسا شۇنىڭغا ماس تولۇق ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن: ئۈندىداردا پاراڭلىشىۋاتقاندا دوستىڭىز سىزگە بىر مېھمانساراينىڭ ئادېرسنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسا، سىز شۇ ئادېرسنى ئۇزۇنراق بېسىپ تۇرسىڭىز ئېكراننىڭ ئاستىدىن بىر لەيلىمە كۆزنەك ئېتىلىپ چىقىپ، بۇ مېھمان ساراينىڭ رەسىمى ۋە باشقا تولۇق ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ. قارشى تەرەپ سىزگە تاۋباۋدىكى بىر ئادېرسنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسا سىز ئۇنى ئۇزۇنراق بېسىپ تۇرسىڭىز تاۋباۋدىكى شۇ مالنى سېتىلىش بېتى ئاپتۇماتىك ئېچىلىدۇ. ھەم يانفون ئېكرانى ئاپتۇماتىك ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ، بىر تەرەپتىن مال سېتىۋالالايسىز.
«تېزلىكتە رەسىم ئىزدەش» ئىقتىدارىغا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى، رەسىم تونۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. رەسىمدىكى يېزىق، ئورۇن، ۋاقىت، ئادەم... لەرنى تونۇيالايدۇ، تېزلىكتە ئىزدەپ تاپالايدۇ.


MIUI9 نىڭ ئىچكى سىناق نەشرى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىۋىتىلدى، شىياۋمى 6 ۋە خۇڭمى Note 4X تە سىناشقا بولىدۇ. 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىۋىتىلگەن نەشىرى تارقىتىلىدۇ. شىياۋمى 6، شىياۋمى 5X ۋە Note 4X 高通版 گە دە سىناپ ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ. 8-ئاينىڭ 25-كۈنى 小米MIX、小米Note 2、小米5、小米5s/Plus、小米Max/Max 2 قاتارلىق يانفونلارنىڭ MIUI9 سىستېمىسى تارقىتىلىدۇ. 9-ئايدا 小米1/1s、小米2A دىن باشقا بارلىق شىياۋمى يانفونغا ماس كېلىدىغان نەشرى تارقىتىلىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن6 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

72ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
دىليارر ۋاقتى: 2017-7-27 10:57:00
سىناق نۇسقنى نەدىن چۈشۈردغاندىمىز مەن بىر سناققا قانشىپ باقاي دىگەن
گىلەم
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-7-27 11:03:44
تېلېفونلارغا ھېچ ئەسكەرتىش ئۈچۇرى كېلەي دېمەيدىغۇ بۇنىڭ
ئورۇندۇق
bengbash ۋاقتى: 2017-7-27 11:20:37
قارىغاندا شياۋمى بۇ قېتىم سېستىمىغا ھەققىي كۈچەپ قويغاندەك تۇرىدۇ.
5-قەۋەت
(tan:ha:boy)? ۋاقتى: 2017-7-27 11:23:17
پاھ ئالامەت جۇمۇ ماۋۇ شاۋمى
6-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-7-27 11:41:15
بۇ miui9 سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە فونت بامىدۇ يوقمىدۇ !
7-قەۋەت
ghaye ۋاقتى: 2017-7-27 12:12:03
يوق  چۇنكى فونىت قوشۇش توغۇرىسىدا ھىچكىم پىكىر بەرگەندەك ئەمەس   ئەسلىدە تىل بولىقى قوشۇلغاندىكىن بىرتال فونىتمۇ تەڭ قوشۇلىشى كىرەك ئىدى
8-قەۋەت
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-7-27 12:15:10
مەن تېخى شاۋمي6گە  نىمانداق كەلمەيدىغاندۇ دەپتىمەن يېڭلاش ئۇچۇرىنى
9-قەۋەت
jasur37 ۋاقتى: 2017-7-27 12:19:34
ئەجەپ ياخشى بۇپتۇ
10-قەۋەت
nafritim ۋاقتى: 2017-7-27 12:30:16
شاۋمىنىڭ تەرەققىياتى كۈندىن كۈنگە تېز بولۇۋاتىدۇ،دۆلىتىمىز يانفۇنچىلىقىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن
11-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2017-7-27 12:32:02
ghaye يوللىغان ۋاقتى  2017-7-27 12:12
يوق  چۇنكى فونىت قوشۇش توغۇرىسىدا ھىچكىم پىكىر بەرگەند ...

فونت قوشۇش ھەققىدە پىكىر بەرمىگەننى قانداق بىلدىڭلا؟ پىكىر بەرگەنگىلا قوشۇلۇپ قالىدىغان ئىش يوق. فونتنىڭ نەشر ھوقۇقى مەسىلىسى باركەن.
12-قەۋەت
تىلەك ۋاقتى: 2017-7-27 12:48:31
خوڭمى note4x كە ھېچ يېڭىلاش ئۇچۇرى كەلمەيدىغۇ
13-قەۋەت
1473232480 ۋاقتى: 2017-7-27 12:56:34
دوسلا  小米4c  غا قاچان يىڭىلاش ئۇچۇرى  كىلە  miui9  نىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدىغان چاغ قاچانمۇ كىلە  ئالدىراۋاتىمە& hellip;
14-قەۋەت
تەنھا7 ۋاقتى: 2017-7-27 13:03:07
فونىت قوشۇلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى
15-قەۋەت
ghaye ۋاقتى: 2017-7-27 13:58:09
alip يوللىغان ۋاقتى  2017-7-27 12:32
فونت قوشۇش ھەققىدە پىكىر بەرمىگەننى قانداق بىلدىڭلا؟ ...

ئوۋ  كەچۇرۇڭ ئالىپكا  نەشىر ھوقوقى مەسىلىسى بارلىقىنى ئەمدى بىلدىم  بولسا مۇشۇ ھەقتە ئازىراق چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز بىلىۋالساق  فونىت ھەقسىز تۇرسا  ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部