+تېما يوللاش
pinhan يوللانغان ۋاقتى:2015-1-13 14:16 3970 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 21:55  

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلدا ئۇف دەپ يېڭىچە پىلانلارنى تۈزۈۋاتقان بارلىق ئالىپداشلار ، قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ مەيلى قانداق بولمىسۇن رەببىمىزدىن سىلەرگە بارچە ياخشىلىقلارنى ۋە زور مەدەتلەرنى تىلەيمەن .
مەقسەتكە كەلسەك ، يېقىنقى بىر مەزگىل جەريانىدا شىركىتىمىز ‹‹مىلودىيە›› ناملىق ئەپنى ئىشلەش خىزمىتىنى باشلىغان ئىدۇق . ھالا بۈگۈن كۈنگە كەلگەندە بىز بايقىغان يىتەرسىزلىكلىرى تۈزىتىلىپ نورمال ئىشلىتىشكە بولىدىغان نۇسخسىنى كەڭ قېرىنداشلارغا سۇنماقچى بولۇپ تۇرۇپتىمىز ، مەزكۇر ئەپنىڭ تىلى ۋە كۆرۈنمە يۈزى تولۇق ئۇيغۇرچە بولۇپ ، ئاندىروئىدنىڭ تۆۋەن نەشىردىمۇ نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ . مەزكۇر ئەپتە ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى ناخشىلارنى يانفۇن قوڭغۇرىقى تەمىنلەنگەن بولۇپ ، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان قوڭغۇراقنى يانفۇنىڭىزنىڭ قوڭغۇرىقى قىلىپ بېكىتەلەيسىز ، مەشغۇلاتىمۇ ئىنتايىن ئاددى . ئۆزىڭىزنى ياقتۇرغان ناخشىنى تاللاپ ئاستىدا كۆرۈنگەن بەلگىلەش دىگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا يانفۇنىڭزنىڭ قوڭغۇرىقى شۇ ناخشىغا ئالمىشىدۇ .  ئاللاھ خالىسا بۇ قوڭغۇراق مۇزىكىلىرى داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ .
ئۆزەڭلار ياقتۇردىغان ناخشىنىڭ بۇ ئەپكە چىقىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار ml@zilbilig.com قا شۇ ناخشىنى يوللاپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ . مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملارغا ئۇيغۇن بولسىلا ھەر كۈنى كەچلىكى بۇ خەت ساندۇقتىن ناخشىلارنى تاپشۇرۋېلىپ تەھرىرلەپ چىقىرىمىز .
گەرچە بىز سىناپ ، خاتالىقلىرىنى تۈگەتتۇق دەپ ئويلىغان بولساقمۇ  شارائىتنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن بەزى سەھۋەنلىكلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا خاتالىقلارنى بايقىغان قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇ تېمىغا پىكىر تەكلىپلىرىنى يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

                                               - كامالى ئېھتىرام بىلەن : زىلبىلىگ ئېلىكتىرون پەن تېخنىكىسى

چۈشۈرۈش

يانفۇندا بولسىڭىز بۇ بەتنى ئىچىڭ ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ .
بەت ئادىرسى : http://ls.ozooapp.com/product/ring   ياكى   http://ml.zilbilig.com  



ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر قانچە كەسمە رەسىم :



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +111 يىغىش سەۋەبى
kilimat + 5
uyghurdetal + 6 مەن قوللايمەن
alip + 100 ئىجادىي ئەسەر

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش9 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

16ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
09032555 ۋاقتى: 2015-1-13 16:52:45
سىلەرنىڭ ئ‍ۇيغۇرچە ئ‍ەپلەرنى تەۋسىيە قىلغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ، بىزلەرمۇ مۇشىنىڭغا ئ‍وخشاش ئ‍ۇيغۇرچە ئ‍ەپلەرگە مۇھتاج ، بۇنداق ياخشى تەۋسىيە ئ‍ەپلەر ئ‍ۈزۈلمىسۇن
گىلەم
alihan3 ۋاقتى: 2015-1-13 14:30:30
يارايسىلە  تېخمۇ تىرشىڭلا بىر چۈشۈرەيچۈ
ئورۇندۇق
uyguhrlove ۋاقتى: 2015-1-13 14:37:13
قۇلڭىزغا  دەت بەرمىسۇن  بەك ياخشى ئىكەن:
5-قەۋەت
BIZLAKIM ۋاقتى: 2015-1-13 18:59:23
كۆپ رەھمەت
6-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2015-1-13 19:02:20
قوللاپ بەرگەن بارلىق دوستلارغا رەھمەت . سىلەرنىڭ ھەر بىر پىكىر تەكلىپىڭلارغا بىز چوقۇم سەل قارىمايمىز . دوستلارنىڭ ئوچۇق يورۇق پىكىر قاتناشتۇرۇپ پىكىر تەكلىپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز . ئۆزى ياقتۇرغان ناخشىلار بولسا شۇ ناخشىنىڭ خەت ساندۇقىمىزغا ئەۋەتىپ بەرسە تىز پۇرسەتتە چىقىرىشقا تىرىشىمىز .
خەت ساندۇقىمىز ML@zilbilig.com  
7-قەۋەت
alihan3 ۋاقتى: 2015-1-13 23:34:40
ئىمكان بولسا مۇشۇ ئەپنىڭ ئۈزىدە ناخشنى ئەۋەتكىلى بولسا تېخمۇ مۇكەممەل بۇلاتىكەنتۇق  ئىلخەت ساندۇقىغا ئەۋەتكەندىن كۈرە
8-قەۋەت
alim047 ۋاقتى: 2015-1-14 01:01:32
سىلەرگە ناخشىنى يوللاپ بەرسەك يوللاپ بەرگۈچىنىڭ توردىكى ياكى ئۆزىنىڭ ئىسمنى قوشۇپ قويامسىلە
9-قەۋەت
13309954400 ۋاقتى: 2015-1-14 05:28:01
ۋۇفاجېتۇڭ دىگەن ئاۋازنى قۇڭغىراق ئاۋازىقىلاي دىگەن بامىدۇ
10-قەۋەت
بۇغرا ۋاقتى: 2015-1-14 10:53:54
بۇ ئەپ پەقەت تېلېفون سايرىغاندىكى مۇزىكا ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئەپ ئىكەن بولسا ناخشىلارنى توللۇق ئاڭلىغىلى بولسا ھەم چۈشۈرۋالغىلى بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاركەن
ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز
دىگەندەك
11-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2015-1-14 11:25:53
alihan3 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 23:34
ئىمكان بولسا مۇشۇ ئەپنىڭ ئۈزىدە ناخشنى ئەۋەتكىلى بولس ...

سىز دېگەن بۇ تەكلىپنى بىزمۇ ئويلاشقان ئىدۇق . شۇنداق بولغاندا تېخىمۇ كۆپ قوڭغۇراقلارنى يىغىۋالغىلى بولاتتى ھەم تورداشلار ئۆزى ياقتۇرغان قوڭغۇراقلارنى چىقىرىپ باشقىلارغا تەۋسىيە قىلالايتتى . بىراق ، سىزمۇ بىلىسىز ھازىرقى ۋاقىتتا ئۈن سىن بۇيۇملىرىغا بولغان چەكلىمنىڭ قاتتىق بولۇشى ۋە قانۇن نىزاملارنىڭ ئىنىچكە بولۇشى سەۋپلىك كىيىنكى خەۋپ خەتەرنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئىقتىدارنى ئويلاشماسلىق ھەققىدە قارار چىقارغان ئىدۇق . قارارىمىزنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
12-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2015-1-14 11:27:46
alim047 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 01:01
سىلەرگە ناخشىنى يوللاپ بەرسەك يوللاپ بەرگۈچىنىڭ توردى ...

ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۆزىڭىزمۇ كۆرگەنسىز . ناخشا ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىسمىنى پاتقۇزغۇدەك ئورۇن يوق . ھېلىمۇ خەتلەر چوڭ بولغاچقا كىچىك ئېكرانلىق تېلفۇنلاردا خەت پاتماسلىق مەسىللىرى كىلىپ چىقپ ئۇنى ھەل قىلدۇق . شۇ ناخشىنى ئۆزىڭىز ئېيتقان بولسىڭىز ياكى شۇ ناخشىنىڭ ئىجادىيەت ھوقوقى سىزدە بولسا ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئىسمىڭىز چىقىدۇ .
13-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2015-1-14 11:28:17
13309954400 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 05:28
ۋۇفاجېتۇڭ دىگەن ئاۋازنى قۇڭغىراق ئاۋازىقىلاي دىگەن با ...

بولىدۇ ، مەن بۇ ئاۋازنى تېپىپ چىقىرىپ قوياي
14-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2015-1-14 11:29:34
بۇغرا يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 10:53
بۇ ئەپ پەقەت تېلېفون سايرىغاندىكى مۇزىكا ئۈچۈن لايىھە ...

بۇنى بىز دەسلەپتىلا ئويلاشقان ئىدۇق ھەم كىيىنكى باسقۇچتا بۇ ئىقتىدارنى قۇشۇشنىمۇ ئويلاشتۇق . ئاللاھ خالىسا بۇ تەكلىپىڭىزنىمۇ ئۇزاق قالماي ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز .
15-قەۋەت
otyurak3225 ۋاقتى: 2015-1-14 12:40:38
ئۇنداقتا بۇ دىتال ھېلىقى imusicدىگەن دىتالغا ئوخشايدىكەن ھە مۇزىكىلىق قوڭغىراق قىلىپ بىكىتكىلى بولسا بەك ياخشىكەن
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部