+تېما يوللاش
e-chewendaz يوللانغان ۋاقتى:2016-11-11 20:41 2437 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-11-11 20:52  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكترون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا  "ئىدراك ئەترىتى"دىكى ئېلېكتر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
ھەمىمىزگە مەلۇم بارماق تىلى مىيىپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىشتا ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق تىل-ئالاقە ۋاستىسى بولۇپ،نۇرغۇن تىلى ئاجىز،قۇلىقى ئاجىز قېرىنداشلىرىمىز بارماق تىلى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ،تۇرمۇشتىكى ھاجىتىدىن چىقىدۇ.بىراق بارماق تىلىنى بىلدىغانلار كۆپ بولمىغاچقا،بارماق تىلىنى بىلدىغانلار بىلەن بۇ تىلنى چۈشەنمەيدىغانلار ئارىسىدا ئالاقە توسالغۇسى بولۇپ قالغان،بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامىرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە،جۈملىدىن بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىمۇ بۇ جەھەتتە تەتقىقاتلار ئىلىپ بىرىلىپ،ئوخشاش بولمىغان قۇرۇلمىلار ياساپ چىقىلغان،جۈملىدىن ئامىرىكا ۋاشىنگىتون ئۇنۋىرستىتىدىكى ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر خىل «خاسىيەتلىك پەلەي(بارماق تىلىنى يېزىققا ھەمدە ئاۋازغا ئايلاندۇرۇپ بىرەلەيدىغان)» نى ياساپ چىقىپ،بۇ خىل تىل توسالغۇسىغا قۇلايلىق ياراتقانلىقى توغرىسىدا تور بەتلەردە خەۋەرلەر ئىلان قىلىنغان،ئەسلى «ئىدراك ئەتىرىتى» ئەزالىرىمۇ مۇشۇنداق قۇرۇلمىدىن بىرنى تەتقىق قىلىپ،ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىكى مېيىپ قېرىنداشلىرىمىزغا قۇلايلىق يارىتىشنى ئويلىغان،بۇ جاپاسى كۆپ،تۆلەيدىغان بەدەل كۆپ تۈر بولسىمۇ،مىيىپ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بىر كاتتا ئىش ئىدى،بىراق بىز ئىختىساد،تېخنىكا ۋە ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ھەرقايسى جايلاردا  بولۇپ،بىر يەردە تەتقىقات ئىلىپ بارالماسلىقتەك شارائىت چەكلىمىلىكى تۈپەيلى بۇ خالىس ئىشنى داۋاملاشتۇرالماي قالدۇق،بۈگۈن مەن مۇشۇ «خاسىيەتلىك پەلەي» توغرىسىدىكى كۆز-قاراش،ئويلىغانلىرىمىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.بۇ بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ ئىجادىيىتگە ئىلھام بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
تۆۋەندە ھەرقايسى تەتقىقاتچىلار،ئىجادىيەتچىلەر ياساپ چىققان پەلەينىڭ رەسىملىرى:




بۇ توغرىسىدىكى مۇناسېۋەتلىك فىلىم:

بۇ پەلەينىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسىدا ئىشلىتىلگەن دىتاللار: ئاردىينۇ تاختىسى،ئالتە ئوقلۇق ھالەت مودىلى( MPU6050)،ئەۋرىشىملىكىنى سەزگۈچ سىنزورى،ئۇلاش سىمى ۋە كۆكچىش مودىلى،پەلەي قاتارلىقلار.

خىزمەت پرىنىسپى: ئاردىينۇ تاختىسى ئارقىلىق ئالتە ئوقلۇق ھالەت مودىلى ھاسىل قىلغان قولنىڭ بوشلۇقتىكى ئورنى ۋە ئەۋرىشىملىك سەزگۈچى ھاسىل قىلغان بارماقلارنىڭ ئىگىلىش سانلىق مەلۇماتىنى توپلاپ،كۆكچېش مودىلى ئارقىلىق يانفۇنغا ياكى باشقا سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش ئىتقىدراى يۇقىرراق بولغان ئۈسكىنىگە يوللاپ بىرىلىدۇ،ئاندىن ئالدىن تەجىرىبە قىلىپ تەييار قىلىۋالغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن سىلىشتۇرۇپ،ھەرىپنى ياكى سۆزنى شەكىللەندۈرىدۇ،بۇنى شەكىللەندۈرۋالغاندىن كىيىن،ئۇنى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇش ئاللىبۇرۇن ئەمەلگە ئىشىپ بولغان تېخنىكا.مانا بۇ مىنىڭ ھېس قىلغىنىم.كۆپچىلىكىنىڭ تولۇقلايدىغان ياكى قوشۇمچە قىلىدىغىنى بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللىسا بولىدۇ.
تۆۋەندە بەزى تورداشلار بۇ خىل قۇرۇلمىنى ياساپ چىقىپ كومپىيۇتېرغا خەنزۇچە T9 كونۇپكا تاختىسى شەكىلىدە بوشلۇقتا خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان قىززىقۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكى ئەسلى تېمىنى ئېچىپ كۆرۈپ بىشقىشنى تەۋىسيە قىلىمەن.(تېمىدا توك يول تۈزلۈشى،پروگرامما ئەسلى كودىمۇ تەمىنلەنگەن)
ئاددىي ھالەتتىكى خاسىيەتلىك پەلەي ياساش
سەمىمىي ئەسكەرتىش:بۇندىن كىيىن "ئىدراك ئەترىتى" ئالىپ تورىدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئاردىينۇ توغىرلىق تېما ئىلان قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز،تېما بىردەك ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى ئىلان قىلىنىدۇ،مۇناسېۋەتلىك مۇلاھىزىلەر "ئىدراك ئەتىرىتى ئاردىينو يۈرۈشلۈكى سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت چ چ توپى" دا ئىلىپ بىرىلىدۇ،مۇناسېۋەتلىك دىتاللار مەخسۇس مۇشۇ توپ بوشلۇقىدا تەمىنلىنىدۇ.
كامالى ئىھىتىرام بىلەن:
ئىدراك ئەترىتى
Idrak team
易达科团队
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

8ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
abduxkuraaaaaaa ۋاقتى: 2016-11-11 22:38:25
يامان قىزىقىپ قالدىميا ما پەلەيگە
گىلەم
bulbulla ۋاقتى: 2016-11-11 22:48:19
مەن ئاردۈينودا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئەسكەرتمە چىقىرىدىغان ئىشقا  بەكلا قىززىققان ،مۇشۇتوغراىسىدا بىرە ئىلگىرلەش  بولسا ياخشى  بولاتتى
ئورۇندۇق
aslima@ ۋاقتى: 2016-11-12 01:10:32
بەك ياخشى ئىشلار بۇپتۇ . مەنمۇ بىر ئىدراك ئەتىرتىنىڭ ئەزاسى  ،سىلەرگە كوپ رەھمەت ،مەنمۇ مۇشۇئىدراك ئەزاسىدا بىرە نەتىجە قازنىشنى ئويلارمە ،ھازىرچە سەۋيەم توۋەنرەك
شۇسەۋەپتىن مىنىڭ تىما لىرىممۇ  يوق .كەچۇرگەيسىلەر ،بىلىمسىز &&تەرەققىياتسىز قالمايلىم، يىڭلىقلارنى بىرلىكتە يارتايلى ئالغا.
int main ()
{ unsigned char misal1;
misal1='tirxqanlik';
/*
tirixmaslikمىسال بىرنى  
دەپ يىزىپ قالماڭ بولمىسا ئىشەك مىجەر چىقسىز
*/
switch (misal1)
{ case 'tirxixqanlik':
printf ("باشقىلارغا ۋە ئۇزگە پايدا يەتكۇزدىغان كىشى\n");
break;
case 'tirixmaslik':
printf("ئىشەك مىزەزكىشى\n" );}}
تىرشچان كىشى
5-قەۋەت
aslima@ ۋاقتى: 2016-11-12 01:13:38
مەنمۇ ئوزۇمدىن باشلاي  . tirxqanlik
6-قەۋەت
18142642307 ۋاقتى: 2016-11-12 06:07:44
micro pro 40نەچچە سوم،ئالتە ئوقلۇق سېنزورمۇ قىممەت ئەمەس، مۇھىمى شۇ ھەركەت ۋە  تىلنى ئايلاندۇرىدىغان ئالگىرىزىمنى لاھىلەش، نېرۋا تورى ئارقىلىق توغرىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،يېزىقنى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇش sdkلىرى كۆپلەپ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ،ئىشىنىمەن تىرىشسىڭىز چوقۇم قىلالايسىز ،غەيرەت قىلىڭ
7-قەۋەت
2529743700 ۋاقتى: 2016-11-12 12:27:36
تىرىشچان ئۇزار تىرىشمىغان تۇزرار
غەيرەت قىلىڭلا قېرىنداشلار
8-قەۋەت
شىرىزات ۋاقتى: 2016-11-12 15:38:51
نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز كىچىكىدە مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن قۇلىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ شۇڭا ئوتكەندە مەن بىر قۇلى يوق بىر قىزنى ئۇچۇرتۇپ كوڭلۇم بەك يېرىم بولغان ، دىمەكچى مەنكى يەنە سۇننى بىلەك ياساش ئادەمنىڭ مۇرە ياكى ئۇستى بىلەك مۇسكىلىنىڭ چىڭقىلىش كۇپۇش ياكى شەكىلى ئوزگەرتىشىنى سىزىدىغان سىنزۇر بولسا شۇ ئارقىلىق سۇننى بىلەك ھەركەتلەنسە يەنە سۇننى بارمقلار ئىگىلىپ بىر نەرسە تۇتۇپ دىمەكچى ئېغىر بىرنەسە تۇتالمىسىمۇ ئۇزى سۇننى ئالقىنىنىڭ ياردىمىدە تاماق يىيەلىسە ھىچ بولمىسا ئوز ھاجىتىدىن چىقالىسا دىگەن ئۇمۇتتىمەن  ،
9-قەۋەت
yalkun00998 ۋاقتى: 2016-11-12 17:08:33
شىرىزات يوللىغان ۋاقتى  2016-11-12 15:38
نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز كىچىكىدە مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ...

ناھايتى ياخشى ئويلاپسىز قېرىندىشىم ،غەيرىتڭىزگە ئـــــــاپــــــىــــــرىـــــــــــن،
كىينكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ………
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部