+تېما يوللاش
uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى:2016-5-3 22:30 2106 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۇ تېمىنى JAVA ئۆگەنمەكچى بولغان ۋە يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان تورداشلارغا پايدىسى بولار دېگەن مەقسەتتە يازدىم. ئانچە-مۇنچە تور دۇنياسىدىن خەۋىرى بار، پىروگرامما تىلىنى جىجىپ باققانلارغا ئايان بولغىنىدەك بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە كىتابلار يوقنىڭ ئورنىدا. ئۆزۈم بىلىدىغاندىن ئىلگىرى JAVA ئۆگەنگەن چاغدا پايدىلانغان، ھازىرمۇ تەكرار قىلغاندا پايدىلىنىدىغان، چۈشىنىشلىك، تەپسىلىي يېزىلغان ئىدرىس ئىسرائىل ئاپتورلۇقىدىكى " JAVA پىروگرامما تىلىدىن ئاساس" دېگەن كىتابنى تەۋسىيە قىلىپ كەلدىم.
بۇ كىتاب نەشردىن چىققىلى خېلى بولغان بولسىمۇ لېكىن بىلمەيدىغانلار خېلى بار ئىكەن، ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە ئەس قېتىپ قالار. بۇ كىتابنى پىششىق ئۆگىنىۋالسىڭىز باشقا پىروگرامما تىللىرىنى ئۆگىنىشىڭىزگىمۇ ( C++/C#/VB.NETۋە باشقا تىللار) زور پايدىسى تېگىدۇ.
كىتاب ھەققىدە چۈشەنچە:
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكىJAVA  پىروگرامما تىلىغا ئائىت تۇنجى كىتاب. كىتابتىكى ئاتالغۇ ۋە پروگرامما قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش ئاپتورنىڭ تەجرىبىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تولۇق ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ياخشى تاللىشى ۋە ياردەمچىسى بولالايدۇ.
كىتاب ئۇچۇرلىرى:

(كىتاب ئۇچۇرلىرى كىتابخانا تورىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى)
كىتابتىن بىر قانچە پارچە رەسىم:






(كىتاب رەسىملىرى كىتابخانا تورىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى)
كىتابنىڭ ئەسلىي باھاسى 45 يۈەن (قىرىق بەش يۈەن)، كىتابخانىلاردا شۇ بويىچە ساتىدۇ، تۆۋەندىكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئۇسۇللاردا بۇنىڭدىن ئەرزان باھادا سېتىۋالالايسىز.
كىتابنى ئۆزىڭىزگە ئەڭ قولايلىق ئۇسۇلدا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى:
1. ھەر قايسى جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى ۋە باشقا شەخسىيلەر ئاچقان كىتابخانىلار. ئارتۇقچىلىقى، ئۆزىڭىز بېرىپ ئاسانلا تاپىسىز، توردىن سېتىۋالغاندىكى يەتكۈزۈش ھەققى تېجىلىپ قالىدۇ.
2. كىتابخانا تورىدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئادرېسى: http://www.kitabhana.com/goods.php?id=10359
ئارتۇقچىلىقى، ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز زاكاز قىلىپ بولۇپ، كىتابخانا تورىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىڭىزگە قولاي ئۇسۇلدا تاپشۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ. باشقا جايدىكىلەر تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزغا ئاساسەن يەتكۈزۈش ھەققىنى تۆلەپ تاپشۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ تور بەتتىكى سېتىلىش باھاسى كىتابخانىلاردىكىدىن ئەرزانراق بولۇپ 40.5 يۈەن. يەتكۈزۈش ھەققى سىز تۇرۇشلۇق ئورۇنغا ئاساسەن ئوخشىمايدۇ.
3. مەندىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلەپ (ئىسمىڭىز، تەپسىلىي ئادرېسىڭىز، ئالاقە ئۇسۇلىڭىز) بەرگەندىن كېيىن كىتابنى سېلىپ بېرىمەن. باھاسى 40 يۈەن، يەتكۈزۈش ھەققىنى ئۆزىڭىز تۆلەيسىز. ئالىپاي، ئۈندىدار، ئۈندىدار قىزىل بولىقى ۋە بانكا كارتىسى قاتارلىقلاردىن ئۆزىڭىزگە قولاي بولغىنىدا پۇل تۆلىسىڭىز بولىدۇ.
مەندىن سېتىۋالغانلارغا بېرىلىدىغان سوۋغات: بىلىگ تورىدا ھەقسىز تارقىتىلغان، ئۇيغۇرچە سۆزلەنگەن JAVA" ئاساسىي بىلىملىرى" سىن دەرسى ۋە ئەسلىي كودىنى يوللاپ بېرىمەن.
ناۋادا خالىسىڭىز ئاپتورنىڭ ئىمزاسىنى قويغۇزۇپ ئەۋەتىپ بېرىمەن.

ئالاقە: چ چ ۋە ئۈندىدار 1692242149 (كىتاب سېتىۋېلىشتىن باشقا ئىشقا ئاۋارە قىلىدىغانلار قوشماڭ)
چ چ ۋە ئۈندىدار ئىشلەتمەيدىغانلار ياكى رايون چەكلىمىسى تۈپەيلى ئىشلىتىشكە ئامالسىزلار مۇنبەر ئۇچۇرى ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ماتېرىيال ياخشى بولسىمۇ ئۆگىنىش ئۆزىمىزگە باغلىق، ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئۆگەنمەكچى بولغانلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

6ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
uyghurdetal ۋاقتى: 2016-5-3 23:20:42
ماۋۇ بىر پارچە رەسىم چۈشۈپ قاپتۇ.
گىلەم
bulbulla ۋاقتى: 2016-5-4 01:03:16
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bulbulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-4 01:04  

ۋەئەلەيكۇم ئ‍ەسسالام ياخشى تەۋسىيە  بوپتۇ ەنمۇ  بۇنداق  ئ‍ۇيغۇرچى  كىتاپنىڭ  بارلىقىنى  بىلمەيدىكەنمەن،سىز دە باشقا ئ‍ېلېكتىرون تېخنىكىسىغا دائىر ئ‍ۇيغۇرچە  كىتاپلارمۇ  بارمۇ …
ئورۇندۇق
Gvllinayli ۋاقتى: 2016-5-5 01:54:07
رەھمەت،ھارمىغايسىز.
5-قەۋەت
qeka ۋاقتى: 2016-7-7 17:33:13
ئەسسىلام-ئەلەيكۇم،ئۇيغۇر دىتال ئەپەندىم يازمىڭىزنى تولىمۇ كېچىىكىپ ئۇقۇغانلىغىم ئۇچۇن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن.بىراق ھېلھەم بولسىمۇ سوراپ باقسام ؟،مەلۇم بىر دىسكىنى مەسلەن ماليە بوغالتىرلىققا ئائېىت نۇردسكا سېتۋالغاندا 2007-يىللىق يېڭى بوغالتىرلىق نىزامىنى يەنە بىر ھوججەت ئېچىگە چاپلايسىز دەيدىكەن.(بۇئىش باشقا يەردىمۇ كوپ ئۇچرايدۇ،ئەلۋەتتە.)جاۋا نى ئوگەنسەم مۇشۇنداق كىچىككىنە مەسلىنى ئوزەم ھەل قىلالايمەنمۇ؟ياكى بۇ باشقا كىتاپتا سۇزلىنەمدۇ؟ئەگەر باشقا كىتاپتا سوزلەنسە -ئۇ قايسى كىتاپ،سىزدە بارمۇ؟
6-قەۋەت
karligaq ۋاقتى: 2016-9-19 11:46:36
مەن بۇ كىتابنى سېتىۋالاي دېسەم كىتابخانا تورىدا تۈگەپ قاپتۇ شۇڭا بۇ كىتابنى كىتابخانىلاردىن تاپقىلى بولارمۇ؟
7-قەۋەت
uyghurdetal ۋاقتى: 2016-9-22 09:38:43
karligaq يوللىغان ۋاقتى  2016-9-19 11:46
مەن بۇ كىتابنى سېتىۋالاي دېسەم كىتابخانا تورىدا تۈگەپ  ...

مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部