+تېما يوللاش
25yax يوللانغان ۋاقتى:2016-11-29 10:53 8606 قېتىم كۆرۈلدى 67 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !
بۈگۈن مۇشۇ تىمىنى يوللاشنى قارار قىلىپ قالدىم ! سەۋەبى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز تاۋباۋدىن مال سېتىۋالسا ئەرز قىلىش ئۇسۇلىنى بىلمەي قېلىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغدىيالماي قالىدۇ ! ھەتتا مالنى سېتىۋېلىپ پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كىيىمۇ ئەرز قىلىش ھۇقۇقى بولىدۇ .
شەخسەن مەنمۇ بىر دۇكاندا كۈنلۈك تاۋباۋدىكى دۇكاننىڭ پايدىسى 200 يۈەن  ئايلىقى 5000-6000 يۈەن ئەتىراپىدا ئايلىنىۋاتىدۇ، ئالدىنقى قېتىم قوش 11  پائالىيىتىدە مەنمۇ 3000 كوي زىيان تارتىۋېلىپ 14 نۇمۇر تۇتۇلدى، خېرىدارغا 300 يۈەن جەرىمانە تۆلەپ 15 كۈن ماللارنىڭ سېتىلىشى تەسىرگە ئۇچىراپ ئىمتىھان بىرىپ ئاران دۇكاننى ئەسلىگە ئەكىلىۋالدىم .
سەۋەبى مەن كىرگۈزگەن ماللار نىڭ باھاسى 145 يۈەن كىراسى يوق، پەقەت كىرادىلا پايدا ئالاتتىم، ئەمما قوش 11 دە كىرا ھەقسىز ۋە ئىتىبارلىق سىياتلەر بىر كېچىدىلا ھەر بىر مالدىن 30 يۈەندىن زىيان چىقتى، كىراسى ھەقسىزلىشىپ كەتتى .  (شۇنىڭ بىلەن مال سالمىسام ئۈستۈمدىن ئەرز قىلىپ جەرىمانە تۆلەتكۈزدى )
ئەمدى دۇكاندالارنىڭ ئەدىپىنى قانداق بىرىشنى ئۆگىتىپ قوياي !
ئەگەر سىز دۇكاندارلارنىڭ قوش 11 پائالىيىتى ياكى قوش 12 پائالىيىتىدە باھانى ئۆستۈرۋېلىپ مال ئەۋەتمەسلىك، ساختا مال ئەۋەتىش قاتارلىق ئىشلارنى بايقىسىڭىز قولىڭىزدا ئىسپاتلا بولسا دۇكاندار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ تۆلەم تۆلىتىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ . ئەۋەتتە بىر سىنىت خەجلىمەي تۇرۇپ پۇللۇق بۇلىۋالىسىز، ئەمما ئىسپات يوق قارا چاپلاپ ئەرز قىلسىڭىز زىياننىڭ چوڭىنى ئۆزىڭىز تارتىۋالسىز !
ئەرز قىلىش تەرتىۋى مۇنداق :





چۇقۇم سەۋەبىنى ئېنىق ئۇچۇق قىلىش بىلەن بىرگە دەلىل ئىسپاتلىق رەسىملەرنى بىرگە يوللاپ بېرىسىڭىز .

مالنىڭ پۇلىسى تۆلىنىپ قارشى تەرەپكە كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۈستىدىن ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ .


مالنىڭ ۋاقتىنى كىلىش ۋاقتى كىچىكىپ كەتسە ياكى سىز سىناپ ئىشلىتىشنى ئۇزارتماقچى بولسىڭىز مال قايتۇرۇشتىن بۇرۇن ماۋۇ مەشخۇلاتنى قىلىڭ ! ۋاقىتنى ئۇزارتىپ بېرىدۇ  .





مال قولىڭىزغا تىگىپ پۇلىسى ئۇرۇلۇپ بۇلۇپ مەسىلە كۆرۈلسە ئەرىز قىلىش ئۇسۇلى !
ئاۋال دۇكاندار بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەل قىلىسىز ئەگەر ھەل قىلىپ بەرمىسە تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز بولىدۇ !




چۇقۇم قولىڭىزدا دەلىل ئىسپات بۇلۇشى شەرت، ئىسپات ئاساسلىق دۇكاندار بىلەن پاراڭلىشىش خاتىرىسى ۋە ماللارنىڭ باھا ئۆزگىرىش سۆرەتلىرى بۇلۇشى شەرىت . قالايمىقان ئەرز قىلىسىڭىز زىياننى ئۆزىڭىز تارتىسىز .
كۇنۇپكا تاختىسىدىن ctrl+shift+A مۇشۇ ئۈچ كۇنۇپكىنى بىرلا باسسىڭىز رەسىم تارتىش ھالىتىگە كېلىدۇ ، شۇنى ساقلىۋېلىپ ئەرىز سۇنسىڭىز بولىدۇ .



تاۋباۋدىن كومپىيۇتېر ئۈسكۈنلىرىگە ئېھتىياجلىق بولساڭلار ماللارنى ئىشەنچىلىك ئەكەلتۈرۈپ بېرىمەن، ئەلۋەتتە ھەر بىر مالدىن 5 يۈەندىن پايدىسى قالسىلا بولىدۇ، باھانى بەك ئۆرە قويمايمەن . چۈشەنمىگەن جايلىرىڭىز بولا ئىنكاس قالدۇرۇپ قۇيۇڭلار ياكى دۇكىنىمغا كىرىپ مەسلىھەت سورىساڭلار بولىدۇ .

ئاخىرىدا تور دۇكىنىمنى قوللاپ قوياسىلەر !
يارىشىم تاۋباۋ تور دۇكىنى
https://yarixim.taobao.com/



تولۇقلىما مەزمۇن (2016-11-29 23:00):
ئۈندىدار ۋە چ چ نۇمۇرۇم : 278219225 ، قاچىلاپ ھەقسىز مەسىلھەت سورىسىڭىز بولىدۇ ،

تولۇقلىما مەزمۇن (2016-11-30 20:46):
چ چ تۇپىمىزنى قۇشۇڭ مەسىلىھەت سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ . چ چ توپ نۇمۇرى 186400981

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
secret + 30 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش62 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن23 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

67ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
بۆرەwolf ۋاقتى: 2016-11-29 11:15:11
ھە رەھمەت ھەقىقەتەن بىر بىلۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەكە
گىلەم
2529743700 ۋاقتى: 2016-11-29 11:32:30
ئىسىل تىما بوپتۇ
ئورۇندۇق
Bahadir9 ۋاقتى: 2016-11-29 11:36:57
ماۋۇ تېما ياخشى بوپتۇ…  
5-قەۋەت
سەنسىز. ۋاقتى: 2016-11-29 11:51:08
تاۋباۋدىن ئالغان مال يولدا كەلگۇچە بۇزۇلۇپ كەتسە كىم ئىگە بولىدۇ ؟ ؟
مەن 9.31 كۇنى بىر دۇكاندىن ئىككى تال كۆك چىشلىق ياڭراتقۇ ئالغانتىم ،مال ساق سالامەت قولۇمغا تەگدى ، ئون كۇن ئىشلەتكەندىن كىيىن بىرسىنىڭ كۆك چىشتا مەسىلە چىقىپ ساتقۇچىغا دىسەم ئەۋەتىپ بەر كۆرۇپ باقىلى دىدى ، ئەۋەتىپ بەسەم ماڭا يېڭىسىدىن بىرنى سەپ بەرگەنتى لىكىن بۇ ئالماشتۇرۇپ بەرگەن مال يولدا كەلگۇچە چىقىلىپ سۇنۇپ ئاجراپ كىتىپتۇ ،
مال يۇندا تىز يوللانمىسىدىن كەلگەنتى ،مال كەلگەندە ئانچە دىققەت قىلمايلا قول قوياپ بىرىپتىمەن ،مالنىڭ يىشىقى سەل يىرتىلىپ كىتىپتىكەن يىرتىلىپ كەتكەن تەرەپنى دۇم قىپ قوياسا دىققەت قىلمايلا قول قوياپ بىرىپتىمەن ، ئەكىتەي دەپ قولۇمغا ئىلىپ قارىسام يىشىكى چاتاق ،تىز يوللانمىدىكى ئۇيغۇر بالا خاتىرجەم بولۇپ ئەكەتسە  ئىچىدىن چاتاق چىقسا بىز تۆلەيمىز دىدى ،ئەكەتمەيمەن ئۆزىڭىز يىشىكنى ئىچىپ مالنى كۆرەپ بىقىڭ ساق بولسا ئەكىتەي دىسەم يىشىكنى ئاچتى مال سۇنۇق چىقتى ، يۇندا شىركەتكە ئاپارسىلا مالنى تۆلەپ بىردۇ دىسە يۇندا شىركىتىگە بىرىپتىمەن ، بارسام ئۇ يەردىلى خەنزۇلار ئىگە بولمىدى ساتقانغا دە دەپ تۇرۋالدى ،ساتقۇچىغا دىسەم مەن ساق مال بەرگەن سەن قول قوياپ بىرىپسەن دەپ تۇرۋالدى ،يۇندا تىز يوللانمىدىكىلەر بىر بىرسىگە ئارتىپ مەسئۇلىيەتتىن قاچتى ،
مىنى ئەسلى ھىلىقى مال ئەكەلگەن ئۇيغۇر بالا قويۋىتىپتۇ ،مالنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بۇلۇپ تۇرۇپ چاتاق چىقسا تۆلەيمىز دەپ قول قويدۇرۇپ مالنى نەخ مەيداندىن ئەكەتكۇزۇپ مەسئۇلىيەتتىن قاچتى ،
مۇشۇ ئىشقا بىر يول كۆرسەتساڭلار بولىتى ،مەن بۇ ئىشلارنى ھەل قىلالامدىمەن  ،
( تەپسىلى چۇشەندۇرمەن دەپ سەل كۆپ سۆزلەپ قويدۇم )

باھا سۆز

رەسىمگە تارتىۋالماپسىز، ئىككىنچىدىن ئالاقىلىشىش خاتىرىسىنى ئاساس قلىپ  ۋاقتى: 2016-11-29 13:53
6-قەۋەت
BALCK ۋاقتى: 2016-11-29 12:01:49
دۇكىنىڭىزدىكى ماللارنىڭ ھەممىسى يېنىڭىزدا بارمۇ
7-قەۋەت
ئابدۇللا ۋاقتى: 2016-11-29 12:39:36
تىما ئىگىسى ماڭا ياردەم قىلسىڭىز ، تاۋباۋدىن خوڭمى 4aدىن بىرنى ئالغان 499 كويغا باشتا دۇكاندار ئۇ باھادا بىرەلمەيمەن يەنە 50 كوي قوشىسەن دەپ مال سېلىپ بەرمىدى، ئەرىز قىلىمەن ( ئەمىليەتتە مەن قانداق ئەرىز قىلىشنى بىلمەيمەن )دەپ چىڭ تۇرغاندىن كىيىن ئاخىرى مالنى سېلىپ بەردى ، مال كەلگەندە قارىسام مال سالغان يەشىك بەك يەڭگىل بىلىندى ، شۇنىڭ بىلەن يانفۇندا سىنغا ئالغان ھالەتتە يەشىكنى ئاچتىم ، ئىچىدە بىرتال قۇرۇق يانفۇن قىپى چىقتى ، تىز يوللانمىدىكىلەرگە كۆرسەتسەم دۇكاندار بىلەن ئالاقىلاشتى ھەم مالنى قايتۇرساڭ پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىدىغان بولدى دىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق قۇرۇق قاپنى 20 يۈەن كىرا تۆلەپ قايتۇرۋەتتىم ، ئەمدىكى مەسلە ئەرىز قىلىپ مىنىڭ زىينىمنى قايتۇرغىلى بولامدۇ ، ئەگەر بولسا ماڭا ياردەم قىلسىڭىز سىزنى مۇۋاپىق رازى قىلسام
چ چ ، ئۈندىدار 3358440010

باھا سۆز

ئۈندىدارنى قۇشۇڭ ! 278219225 ، مۇشۇنىڭدا ئالاقىلىشپ دەپ بېرەي  ۋاقتى: 2016-11-29 13:54
رەسىمگە تارتىپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىڭ يولداشلار بۇنىڭغا ئۇستا  ۋاقتى: 2016-11-29 13:01
8-قەۋەت
hakkir8860 ۋاقتى: 2016-11-29 12:59:09
رەھمەت بىلۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن
9-قەۋەت
25yax ۋاقتى: 2016-11-29 12:59:20
قېرىنداشلار مۇمكىن بولسا ئۆزەڭلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىڭلار ، يۇقارقىسى ئەرز قىلىش ئۇسۇلىنى بىلىۋالساڭلار بولىدۇ ، مۇھىمى ئىسپاتلىق رەسىم بۇلۇشى شەرىت ، ئەرىز قىلىش تەرتىۋى ئانچە تەسمۇ ئەمەس ، ئەگەر مالنى سالغاندىن كىيىن ساختىلىق بايقالسا رەسىمگە تارتىپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى باسساڭلار بولىدۇ ، مەسئۇلىيەتتىن قاچمايدۇ ، يەنە بىر ئىش ئىمزا قۇيۇشتىن بۇرۇن مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تەكشۈرۈپ مەسىلە چىقمىغاندىن كىيىن ئاندىن ئىمزا قۇيۇڭلار .
10-قەۋەت
shemsher ۋاقتى: 2016-11-29 12:59:43
مەن تاۋباۋ نىڭ ئىككىنچى قول مال ساتىدىغان يەنى 闲鱼 دە بىردانە تىلكامىرا ساتقان مال ئالغۇچى تەرەپ 申请退款قىلىپتۇ سەۋەبىنى سورىسام ئاپراتىنىدا زەخمە يىگگەن يەر باركەن دەپ رەسىمىنى يوللاپ قۇيۇپتۇ . شۇ قودا باسقان كۇنۇپكىنىڭ ئۇپرىغان ھالىتىكەن سىنچىلاپ قارىمىسا بىلگەئىلى بولمايدىكەن . مەن مۇ ئۇقۇشماي ئاپراتساتىدىغان سودىگەر گە سېتىپپتىمەن ھىچ ھەيىپ تاپالماي شۇ نى بانا قىلىپ مال قايتۇرۇپتۇ .مەن مۇ مال قايتۇرۇشقا قۇشۇلدۇم . ئەمدى سىلەردىن سورايدىغىنىم شۇ كىرا ھەققىنى قايتۇرۋايغىلى بۇلامدۇ . يەنە مال قايتۇرۇش نى رەت قىلىش ھۇقۇقۇممۇ باركەن
11-قەۋەت
hakkir8860 ۋاقتى: 2016-11-29 13:00:22
رەھمەت تىما ئىگسى
12-قەۋەت
25yax ۋاقتى: 2016-11-29 13:06:01
ئابدۇللا  -
قېرىندىشىم مالنىڭ پۇلىسىنى قايتۇرۋالغىلى بولىدۇ، سىز بېكارغا 20 يۈەن ئارتۇق پۇل خەجلىۋاپسىز، مالنى 拒收货   دەپ قايتۇرغان بولغاندىن كىيىن مالنىڭ تىز يەتكۈزۈش خاتىرىسىگە دىققەت بىلەن قاراڭ، مال زاۋۇتقا بېرىپ بولغان بولسا ئىمزا قۇيۇپ تاپشۇرۋالغان بولىدۇ ، شۇنى ئاساس قىلىپ پۇلنى قايتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ ھەمدە شۇنى ئاساس قىلىپ ئەرز سۇنسىڭىز بولىدۇ .  چۇقۇم 申请退款   بېسىپ قۇيۇشىڭىز شەرت .
ئەگەر مالنى تاپشۇرۋېلىپ مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن مەسلە چىقسا دۇكاندار بىلەن ئالاقىلىشپ ئالماشتۇرۇش ياكى قايتۇرۇشىنى دىيىسىڭىز بولىدۇ ، ئالماشتۇرۇش تەرتىۋى ئۈستىدە بار، مالنىڭ تالون نۇمۇرى ۋە قايسى تىز يوللانمىدىن سالغانلىقىغا دىققەت قىلسىڭىزلا بولىدۇ .   ئاساس شۇ  
13-قەۋەت
25yax ۋاقتى: 2016-11-29 13:08:47
كىرانى ئادەتتە سىلە مالنى تاپشۇرۋالغاندا ئىمزا قويمىغان بولساڭلار 拒收 قىلىپ قويساڭلار بولىدۇ ، كىرا تۆلەش ھاجەتسىز، ئەگەر مالنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن قايتۇرۇش توغرا كەلسە دۇكاندار بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەل قىلىسىز ، مەنچە كىرانى ئۆزىڭىز تۆلەيسىزغۇ دەيمەن ..   ئەمما مالنىڭ پۇلىسى قايتىپ كېلىدۇ . مۇھىمى ئىسپاتلىق ماتىرىيال تۇلۇق بولمىسا تاۋباۋدا ئەرز قىلساڭلار بېكار
14-قەۋەت
tatligim1288 ۋاقتى: 2016-11-29 13:10:03
قىرىنداشلار مۇشۇ تاۋباۋدىن يانفۇندا مال سىتىۋالسام سىتىۋالىدىغان ۋاقىتتا مەندىن مەخپىي نومۇر تەلەپ قىلمايلا كارتا نۇمۇرى چىقىدۇ مۇقۇملاشتۇرساملا پۇل تۇتىدۇ ھىچقانداق مەخپىي نۇمۇر سالمايمان  قانداق قىلسام ھەق تاپشۇرىدىغان ۋاقىتتا مەخپى نۇمۇر تەلەپ قىلىدىغان قىلغىلى بۇلىدۇ مەن بىلەلمىدىم بىلىدىغانلار تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار
15-قەۋەت
25yax ۋاقتى: 2016-11-29 13:11:53
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   25yax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-11-29 13:33  

مەندىن مەسلىھەت سورايدىغان، تور دۇكان ئېچىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىدا يۇلۇققا مەسىلە بولسا  ئۈندىدارىمدىن سوراڭ !
ئادەم بەك كۆپ بولغاچقا ۋاقتىدا جاۋاپ يېزىپ بولالمىدىم ، ئەمما يۇلۇققا مەسىلە بولسا مىنى قۇشۇۋېلىپ سورىساڭلار بولىدۇ .
ئەگەر ئىشەنسەڭلار تور دۇكىنىمدىن سېتىۋالساڭلار، مەسىلە كۆرۈلسە ياكى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا قۇلۇمدىن كىلىشچە ياردەمدە بولىمەن .
مىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرۇم   27821225
( ئەسكەرتىش : ئۈندىدار سودىگەرلىرى مىنى قوشمىساڭلار  رەھمەت )


مەن 24 سائەت توردا ئەمەس ، شوڭا مەسلىھەت ئىشلىرى بولسا ئۈندىدارىمغا سۆز قالدۇرۇپ قۇيۇڭ !

تولۇقلىما مەزمۇن (2016-11-29 22:57):
278219225
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部