[]
[]
ئەينى ۋاقىتلاردا ئۈندىدارنى يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىشلىتىشكە باشلىغاندا كۆپ ئويلاپ ئولتۇرماستىن ۋە ياكى كىيىن ئۆزگەرتىۋالىمەنغۇ دەپلا ئۈندىدار نومۇرى (微信号) دەيدىغان جايغا خالىغانچە نۇمۇر، تۇغۇلغان كۈن ۋە ياكى باشقىلار ...... دىگەندەك سان- سىپىر، يېزىق، بەلگىلەرنى بىكىتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. شۇ تەرىقىدە ئىشلىتىپ دوست بۇرادەر، خىزمەتداش، ساۋاقدش ئۇرۇق- تۇققان دىگەندەكلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىپ ھازىرغا كەلگەندە شۇ مۇنداقلا بىكىتىپ قويغان ئۈندىدار نومۇرىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈشى ۋە ياكى باشقىلارغا ئۈندىدار نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان چاغدا( ئەلۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا تىلفۇن نومۇرىنى باغلىغان ھەم تىلفۇن نومۇرى ئارقىلىق ئىزدىگىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشىگەن،چ چ مۇ بار رست، لىكىن يەنە بەزى كىشىلەر گەرچە ئۈندىدارىغا تىلفۇن نومۇرىنى باغلىغان بولسىمۇ تىلفۇن نومۇرى ئارقىلىق ئىزدىگىلى بولىدىغان تەڭشەكنى ئېتىۋىتىدۇ) ئاسان ئېيتالماسلىق دىگەندەك بىر قاتار ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۈندىدارىدىن كۆزى قىيمىغان ھالدا ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولماقتا. باشقا يېڭىدىن تىزىملاتقان ئۈندىدارىغا شۇ دوست (ئۈندىدارداش) لىرىنى قايتىدىن قوشۇش تولىمۇ ئاۋارىچىلىق بولماقتا . ھەر بىر دوستىغا ئۆزىنىڭ يېڭى ئۈندىدارىنى قوشۇۋېلىش توغرىسىدا ئۇچۇر يوللاش...... دىگەندەك بىر قاتار مەسىللەر.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك تېڭشۈن تەرەپ بەلكىم مۇشۇ ئىشلارنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان قىلىپتۇ. لىكىن ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھازىرچە پەقەت بىرلا قېتىم ئۆزگەرتىش ھوقۇق بېرىلگەن، بۇندىن كىيىن يەنە يىلدا بىر قېتىم ۋە ياكى ئايدا بىر قېتىم ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشەمدۇ يوق ئۇ تېڭشۈن تەرەپنىڭ ئىلكىدىكى ئىش.
ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى ISO نوسخىدىكى ئۈندىدار 6.6.0v نەشىرىگە قېتىلغان ، ئاندرويد نۇسخىسىغا كەلسەك ئىچكى سىناق ئەڭ يېڭى نەشىرىنىڭ v6.5.2.4 گە قېتىلغان. ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتىش ھازىرچە سىناق ھالەتتە بولغاچقا تېخى ھەممە ئابونتلارغا تولۇق ئېچىۋەتمىگەن، بەلكىم كىيىنكى يېڭى نەشىرلىرىدە ھەممە ئابونتلارغا تولۇق ئېچىۋىتىشى مۇمكىن.سىناپ باققۇچىلار ۋە ياكى ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاپ يۈرگەنلەر تازا بىر ياخشى ئىسىمنى ئويلىشىۋېلىپ ئۆزگەرتىپ باقساڭلار بولىدۇ. يەنى ئۈندىدارنىڭ مەن(我) نى بېسىپ، ئاندىن ئۈستىدىكى ئۈندىدار باش سۈرەت، ئىسىم بار جاينى بېسىپ ئۆزگەرتىپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئالما تىلفۇن ئىشلىتىدىغانلار ئەپ بازىرىدىن ئەڭ يېڭى نۇسخىسىغا يېڭىلىساڭلار بولىدۇ. ئەڭ يېڭى نەشرىنىڭ ئادىرسى: https://itunes.apple.com/cn/app/wei/id414478124
ئاندرويد ئابونتلىرى ئەڭ يېڭى ئىچكى سىناق نەشرىگە قاتنىشىپ ئۆزگەرتىۋالساڭلار بولىدۇ.
http://support.weixin.qq.com/cgi-bin/mmsupport-bin/readtemplate?t=page/android_exp__index
ئەسكەرتىش ئۈستىدىكى ئادرىسنى چوقۇم ئۈندىداردا ئېچىشىڭىز كېرەك ۋە ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانتىرلىسىڭىزمۇ(扫一扫) بولىدۇ.
ئاخىرىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزگەرتىشىنى خىيال قىلىپ ئۆزگەرتەلمىگەنلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
مەنبە: قەدىمكى ئورمان سالونى
تەھرىر: ئابدىريىم ئابدىۋىلى
2017-يىلى 12-ئاينىڭ 14- كۈنى (نەنجىڭ)
|