+تېما يوللاش
xirali537 يوللانغان ۋاقتى:2017-7-23 01:20 1743 قېتىم كۆرۈلدى 18 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن!
شۇنچە يىل تىلفۇن بىلەن ھەپىلىشىپ  ئۇچىراپ باقمىغان بىر مەسىلىگە يۇلۇقتۇم، ئىشلىتىۋاتقان  تىلفۇنۇم  IPhone6s  ئىدى  تىلفۇننى ئىشلىتىۋاتقىلى بىر يىلچە بوپ قالدى،تىلفۇن ياپ ياش تۇرۇپ باتارىيەسى قېرىپ قالدىمۇ باتارىيەسى تېزلا تۈگەيدىغان بوپ قالدى .شۇنىڭ بىلەن باتارىيەنى ئالماشتۇردۇم. باتارىيەنىڭ يىتىش ئەھۋالى كۈرىنەرلىك ياخشى بولدى،ئەمما 50%دىن ئازلىغاندىن كىيىن
باشقا جەھەتتە ئەمەس  پەقەت ئۇيۇن ئوينىغاندا  بىرخىل سۈننى   ئاستىلاپ قالىدىغان بوپ قالدى.
دەسلەپتە  بۇنى سېستىمىنىڭ ئىشىمىكىن دەپ ئۇيۇننى ئارقا سۇپىدىن ئۈچۈرىۋېتىپ قايتا ئېچىپ باقتىم يەنە ئوخشاش،تىلفۇننى قايتا قوزغىتىپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش،باتارىيەنىڭ ئىشىمىدۇ
دەپ ئويلىدىم لىكىن بۇ قارىشىمغا  ئىشەنگىم كەلمىدى. ئىشلىتىۋەردىم   نەچچە كۈن بولغاندا زەرەتلەۋېتىپ  يادىمدا  با يوق ئۇيۇننى ئېچىپ ساپتىمەن شۇنداق نورمال، 14%توكى بارئىدى   ۋوي بۇ قانداق ئىش دەپ توكتىن ئاجراتتىم دەرھال  ئاستا ھەركەتلىك فىلىمدەكلا سۈننى  يەنە چاتتىم دەرھال ئوڭشالدى، شۇنىڭدىن كىيىن  ئاندىن بۇنىڭ باتارىيەنى ئىشىكەن دەپ بىلدىم.
ئالماشتۇرغان باتارىيەمۇ  (品胜 pisen)ماركىلىق باتارىيە ئىدى،بۇ ماركىلىق زەرەتلىگۈچ،كۆچمە توكدان.....دىگەندەك مەھسۇلاتلار ھەقىقەتەن ياخشى چىقاتتى.
بۇ  زادى قانداق ئىش ،بۇ ئىشنى باتارىيەنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكى ئېنىق بۇنىڭغا  بىلىدىغان قېرىنداشلار  بىر چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.
مۇشۇنداق ئىشلىتىۋەرسەم تىلفۇننىڭ قاتتىق دىتاللىرىغا تەسىرى يىتەمدۇ؟  
ئالماشتۇراي دىسەم يەنە شۇ ماركىدىكى باتارىيەگە ئالماشتۇرۇپ بەرگۈدەك،باشقا  خىلىنى ئالاي دىسەم قىممەت ئەگەر قاتتىق دىتالغا  تەسىرى بولمىسا   بىرمەزگىل   ئىشلىتىۋەرسەم  زادى قانداق قىلىشىم كېرەك!
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

18ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
BADBOY0998 ۋاقتى: 2017-7-23 12:00:21
بۇ بەلكىم باتارىيە بىلەن ئەمەس بەلكى تىلفوننىڭ توك تىجەش ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن، تىلفونىڭىزنىڭ باتارىيىسى ئاز قالغاندا تىلفون ئاپتۇماتىك توك تىجەش ھالىتىگە ئۆتۈپ  4 CPUدىن ئىككىسى ئۇخلاش ھالىتىگە كىرىپ توك تىجىگەن بولسا قالغان ئىككى CPUسى ئويۇنغا  كۈچەپ بولالماي  سىستىمىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن ، توككا ئۇلىغاندا توك تىجەش ھالىتىدىن چىقىپ كىتىپ سىستىما راۋانلاشقان بولىشى مۇمكىن ، مىنىڭچە باتارىيە سىستىمىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ ، بۇنىڭ ھەممىسى مىنىڭ شەخسى كۆز قارشىم …
گىلەم
گۈللە ۋاقتى: 2017-7-23 10:48:30
مەن بۇرۇن مېيزۇ نوت3 يىڭى چىققان ۋاقىتلاردا بېرنى سېتۋېلىپ ئىشلەتكەن باشتا بۇنداق ئەخۋاللارغا يولۇقمىغان بېر قېتىم 王者荣耀   دىگەن ئۇيۇننى ئويناۋاتقان ئىدىم تىلفۇننىڭ توكى 20 % قالغانلىق سىگىنالى كەلگەن ھامان سۈرئىتى ئاستىلاپ قېتىپ تۇرۋالدى بۇ نىمىشتۇ دەپ تورنىڭ ئاستىلىقىدىن شۇنداق بولغان چېغى دەپ ئويلاپتىمەن تىلفۇننى توكقا چاتقان ھامان ئوڭشۇلۇپ قالدى چىقىرۋەتسەم يەنە شۇنداق  . ئىچىنىمۇ ئېچىپ باقمىغان يىڭى تىلفۇنتى  بولمىسا .
ئورۇندۇق
xirali537 ۋاقتى: 2017-7-23 11:58:29
مەن ئوينىغان ئۇيۇنمۇ   6ئېس   سۆرىيەلمىگىدەكمۇ ئۇيۇنمۇ ئەمەس
5-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-7-23 12:00:44
بۇ ئەھۋال ئاساسەن ھەممە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردا با توك بېسىمى تۈۋەنلەپ كەتكەندە سىستىما ئاپتىماتىك ھالدا بەزى قاتتىق دىتاللارنى يا توك تىجەش ھالىتىگە تەڭشەيدۇ يا توكتىن ئۈزۈپ تاشلايدۇ مەيلى ئالما يا ئاندىرويىد بولسۇن ھازىرقى يېڭى سىستىمىدا مۇشۇ ئەھۋال با شۇڭا بۇنىڭدىن خالىي بۇلاي دىسەك باتارىيەتەڭشىكىنى پۈتۈنلەي ئىتۋەتسەك ھەل بولىدىكەن مىنىڭمۇ ئوڭشالدى شاۋمى max
6-قەۋەت
永远爱情)╲_╲_ ۋاقتى: 2017-7-23 12:12:15
مىنىڭچىمۇ بۇ باتارىيەنىڭ ئىشىكەن ، قانداق قىلىش كىرەك بىلدىغانلا  بامۇدۇ بۇنى ھەل قىلىشنى
7-قەۋەت
dana2013 ۋاقتى: 2017-7-23 12:37:34
سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت ئورنىدا ھەقىقى سۈپەتلىك باتارىيىلەربار ئىدى،بولسا شۇ يەر بىلەن ئالاقىلشىپ بېقىڭ!ھەقىقى زاۋۇت باتاريىسى قىممەت بولغاچقا ئادەتتىكى دۇكانلارغا ئەكىرمەيدۇ
8-قەۋەت
nafritim ۋاقتى: 2017-7-23 14:35:50
باتاريەنىڭ تېز خورىشى قاتتىق دېتال بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ياكى تىلفۇنغا قاچىلانغان سېستىما بىلەن مۇناسىۋەتلىك،بەك بولمىسا ئۇستىدىكى تورداشلار دېگەندەك زاۋۇت باتاريىسىنى سېلىپ سىناپ بېقىڭ،پالان پۇلغا تىلفۇن ئېلىپ توكى يەتمىدى دەپ تاشلاشقا تېخى بولمىغان
9-قەۋەت
Rain0307 ۋاقتى: 2017-7-23 16:44:31
تېلفۇن توك ئاجىزلاش ئاەھۋالىنى بىلدۈرگەندىن قلكېيىن ئېنىرگىيە تېجەش ھالىتىگە ئۆتۈپ CPU نىڭ ئارتۇق ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىىپ توكنى تېخىمۇ خورىتىش ئەھۋالىنى توسۇپ قويغان شۇڭلاشقا باتارىيەنىڭ توكى ئازلىغاندا تېلفۇننىڭ قېتىىشى نورمال ئەھۋال دەپ قارايمەن   خۇددى ئاچ قۇرساق ئادەمگە بىر خالتا ئۇننى كۆتۈرۈپ ئالتىچى قەۋەتكە چىق دىگەندەك ئىش
10-قەۋەت
elyar1025 ۋاقتى: 2017-7-23 19:39:20
مېنىڭ تېلىفۇنۇممۇ 20% دىن ئاز قالغاندا ئويۇن قېتىۋالىدۇ   مەنمۇ توك تېجەش ھالىتىنىڭ ئىشىمىكىن دەپ ئېتىۋېتىپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش  نېمە سەۋەب بىلەلمىدىم
11-قەۋەت
xirali537 ۋاقتى: 2017-7-23 21:42:30
گىرىنىڭ چىقىمى ئىككى  دىگەندەكلا ئىش بولدى، 110يۈەنگە  ئالماشتۇرۇپتىمەن ، ئەرزان گۆشنىڭ  شورپىسى يوق دىگەندەك شۇنداق چىقىۋالدى چىداپلا 425 يۈەنگە  ھەقىقى زاۋۇت  باتارىيەسىگە ئالماشتۇرۋەتتىم ئەمدى ئوڭشالدى  ھەممىڭلارغا  رەھمەت
12-قەۋەت
ھەسەلچى ۋاقتى: 2017-7-23 23:31:17
ئايفوننىڭ باتاريەسىمۇ بىر ئاندىروئىدنىڭ پۇلسىغا كىلىدىكەنغۇ ؟ تېما ئېگىسى خېلى چىقىم تارتىپسىز ھە بۇ تېلفۇندا .
13-قەۋەت
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-7-23 23:43:33
ما گەپ تازا كەپتۇ
14-قەۋەت
windows ۋاقتى: 2017-7-24 08:30:47
مىنىڭ   ئىشلىتىۋاتقىنىم  شاۋمى  4c ئىدى  ،، بىر  نەچچە  ئاي  بولدى  توكى  دەھشەت تىز  خورايدۇ  ، بۇنىڭ  توك  تىجەش  ياكى  باتارىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىدۇ  بىلەلمىدىم  !
15-قەۋەت
bidari ۋاقتى: 2017-7-24 08:33:45
مىنىڭ قارىشىمچە باتارىيەنىڭ ئىشى ئەمەس،كۆپلىگەن تىلفۇنلار ئۇيۇن ئۇيناش جەريانىدا سىپىيۇ سى قىرىيدۇ،سىپىيۇ قىرىىسا تىلفۇن باتارىيەدىكى توكنى تۇراقلىق قۇبۇل قىلامايدۇ،مەنمۇ ئاشۇنداق ئىشقا ئۇچىرغان ،باتارىيەنى ئالماشتۇرساممۇ ئانچە بەك تەسىرى بولمىغان،مىنىڭچە بۇ سىپىيۇنىڭ ئىشى
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部