+تېما يوللاش
قايناق يوللانغان ۋاقتى:2016-10-3 18:21 7452 قېتىم كۆرۈلدى 33 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىنقى نەچچە كۈندىن بويان تورلاردا نۇرغۇنلىغان ئۈندىدارلارنىڭ مەجبۇرى تاقالغانلىقى  توغرىسىدا كۆپلەپ خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى،تىڭشۈن ئورگان تەرەپ تاقالغان بۇ ئۈندىدارلار ھەققىدە قوشۇمچە ،ئۈچىنجى تەرەپ ئىقتىدارلاردىن  پايدىلانغانلىقى  ،شۇڭا بىخەتەرلىك ۋە شەخسى ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى قوغدىغان ئاساستا تاقىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئۈندىدار دىتاللىرى شەخىسلەر تەرپىدىن ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا ،ھەر ۋاقىت سىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرڭىز باشقىلار تەرپىدىن كۇپىيلىنىش  ۋە نۇسقىلنىش خەۋپى بار دىگەن گەپ ، بىزدىن تەۋسىيە ئورگان تەرەپ ئۈندىدارىنى ئىشلىتىڭ.
شۇنىڭغا ئوخشىغان ئۈچىنجى تەرەپ ئۈندىدار دىتاللىرنى ئىشلىتىۋاتقان،سودا ئىشلىرى ئۈچۈن بانكا كارتىللىرنى باغلاپ ئىشىلتىۋاتقان تورداشلارنىڭ دىققەت قىلىشنى سورايمىز.

يىقىندا ئۇندىدار باش مۇلازىمەت مەركىزى بىر قىسىم ئۇندىدار قوشۇمچە دىتاللىرىنىڭ كۆپلەپ ئۇندىدارغا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ،بۇ خىل دىتاللار بىر قىسىم تور سودىسى قىلىۋاتقانلارغا قۇلايلىق ئىلىپ كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا كۆپلىگەن ئۇندىدار ئابونتىلىرىغا قۇلايسىزلىق ئىلىپ كەلگەن.
تىڭشۇن ئۇندىدار مۇلازىمەت مەركىزى مۇناسىۋەتلىك كىلشىم ۋە بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن بۇ خىلدىكى قوشۇمچە ئۇندىدار دىتالى ئىشلىتىۋاتقان ئۇندىدار ئابونتلىرىنىڭ ئۇندىدارىنى مەڭگۇلىك تاقاشنى قارار قىلغان
ھەمدە ھازىرغىچە 10 مىڭ ئۇندىدارنى مەجبۇرىي تاقىغان
تىڭشۇن ئۇندىدار مەركىزى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن دىتاللار ، يەنى بىر تىلفۇندا كۆپ ئۇندىدار ئىچىش دىتالى ، بىر كۇناپكا بىلەن تارقىتىش ۋە قىسقا چەمبىرەك يوللاش دىتالى ، رەڭلىك ئۇندىدار ئىشلىتىش دىتالى ،قىزىل بولاقنى ئۆزلۇكىدىن بۇلاش دىتالدىن ئىبارەت 4 چوڭ قوشۇمچە ئۇندىدار دىتالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەنە ئىزچىل بۇ خىل دىتاللارنى ئىشلىتىپ كىلۋاتقان ئۇندىدار ئابونتلىرى بايقالسا ئۇندىدارى مەجبۇرىي تاقىلدۇ .
部分处置名单示例

سالوننىڭ ئاستىدىكى خەنزۇچە ئېلاننى چېكىپ قويۇڭ مەسىلىسىگە قارىتا تۈنۈگۈندىن باشلاپ تېڭشۈن شىركىتى تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى، شۇنداقلا قەستەن ئېلان چەكتۈردى دەپ قارىلىپ ئېلاننى توختىتىپ سالون ئىگىلىرىنىڭ پۈتۈن ھېساۋاتى توڭلىتىلدى. دېمەك ئېلانى توختىتىلغان سالونلارنىڭ ھېساۋاتىمۇ قوشۇلۇپ توڭلىتىلدى دىگەن گەپ.
ئەگەر بىر-بىرىمىزنى ئۆزلىكىمىزدىن قوللىيالىغان بولساق ئاشۇنداق خەتلىك ئەسكەرتمىلەرنى چىقارماس بولغۇيتۇق، دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە.
شۇڭا ئاساسلىق نىشان گەپكە كەلسەك سىزمۇ تېمىنى ئوقۇۋاتقان بولغاندىكىن ئۆزلىكىڭىزدىن ئاستىدىكى ئېلاننى چېكىپ قويۇشقا ئادەتلىنىڭ، چۈنكى سىزنى ياخشى تېما تەييارلايمەن دەپ سالون ئىگىلىرى نەچچە سائەت كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ بەلكىم بەزى سالون ئىگىلىرى ئەنە ئاشۇ ئازغىنە ئېلان كىرىمى بىلەن ئائىلىسىنى قامداۋاتقان، بەزىلىرى ئوقۇش پۇلىنى قامداۋاتقان بولىشى، بەزىلىرى باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى نىشان قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ بىكار، مەقسەتسىزلا سالون ئاچمىغان بولىشى مۇمكىن ، يەنە بىر ئويلىساق ھازىرچە بۇمۇ بىرخىل كەسىپ بولۇپ قالدى.

mmexport1475489663610.jpg (107.61 KB, چۈشۈرۈش سانى: 143)

mmexport1475489663610.jpg

mmexport1475489661696.jpg (112.32 KB, چۈشۈرۈش سانى: 57)

mmexport1475489661696.jpg

mmexport1475489659384.jpg (93.25 KB, چۈشۈرۈش سانى: 57)

mmexport1475489659384.jpg
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

33ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئەكبەر0997 ۋاقتى: 2016-10-3 19:33:39
مەن ئۇزاق بولدى ئورگان تەرەپ ئۈندىدارنى ئىشلىتىۋاتقىلى،   90كويغا ئىقتىدارلىق ئۈندىدار ئالسام ئازراق ئىشلەتكەندىن كىيىن  تور نورمال ئەمەس ، مەن خەت يازسام ماڭىدۇ قارشى تەرەپنىڭ كەلمەي جىلە بوپ قېلىپ شۇ پېتى ئىشلىتىپ باقمىدىم.
گىلەم
begmurad ۋاقتى: 2016-10-3 19:36:30
تاراشقا تىگىشلىكىنى تاقاش كېرەك
ئورۇندۇق
xukur218 ۋاقتى: 2016-10-3 20:02:08
مەن يېڭىدىن كارتا بىجىرگەن ئ‍ىدىم بۇ كارتىنى بۇرۇن ئ‍ىشلەتكەن ئ‍ادەم مۇشۇ  كارتىدىن چ چ ئ‍ىلىپ ئىشلەتكەن  ئ‍ىكەن ، مەن بۇ ئ‍ادەمنىمۇ تونۇمايمەن ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ  بۇ كارتىدىن بۇرۇن باشقىلار ئ‍ىلىپ ئىشلەتكەن  چ چ باركەن بولسا مۇشۇنى يوق قىلىپ  بەرگەن بولساڭلار  دىسەك بىز قىلالمايمىز ،تىڭشۈن شىركىتى بىلەن ئ‍الاقىلىشىڭ دەيدۇ ،ئۇلارغا خەت يازساق كومپيۇتېر قايتۇرىدىكەن ، ئ‍ادەم مۇلازىمىتى يوقكەن  پەقەتلا  ئ‍امال قىلالمىدىم بۇلسا دوستلار  ياردەم قىلساڭلار
5-قەۋەت
chilek175 ۋاقتى: 2016-10-3 20:08:44
راس بەزى ياخشى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ بولۇپ ئېلاننى ئۆزلىكمىزدىن بىسىپ قويايلى  ناچار سالۇننى ئۆچۈرەيلى
6-قەۋەت
atiwa007 ۋاقتى: 2016-10-3 20:11:59
ئ‍ورگان  ئ‍ۈندىدار  دېگنىڭىز   قايسى  خىل  ئ‍ۈندىدار  ئ‍ۇ  ،مەنغۇ بەيدۇدىن  微信دەپ ئ‍ىزدىتىپ قاچلاپ  ئ‍ىشلىتمە مەن ئ‍ىشلەتكىنىم ئ‍ورگان   ئ‍ۈندىدارىمۇ ياكى 官方微信دەپ  ئ‍ىزدىتىپ  توردىن  چۈشرۈپ  قاچلامدىم چۈشەنچە  بەرسەڭلار
7-قەۋەت
49520 ۋاقتى: 2016-10-3 20:49:09
atiwa007 يوللىغان ۋاقتى  2016-10-3 20:11
ئ‍ورگان  ئ‍ۈندىدار  دېگنىڭىز   قايسى  خىل  ئ‍ۈندىدار  ئ‍ ...

سىزنىڭ چۈشۈرگېنىڭزمۇ ئورگان ئۈندىدارى ،نۇپۇزلۇق ئەپ بازارلىدىن چۈشۈرسىڭز بۇلىدۇ
8-قەۋەت
tetir ۋاقتى: 2016-10-3 21:00:40
ئەمسە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىرىچۇ،ئۇنىمۇ تاقامدۇيا
9-قەۋەت
masmadar ۋاقتى: 2016-10-3 21:34:26
راس بەزى سالۇنلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلشىدۇ جۇمۇ باللا
10-قەۋەت
sansiz1555 ۋاقتى: 2016-10-3 21:48:16
تۈزۈك مەزمۇن يوللىسا بېسىپ قويىمەن ئىلاننى لىكىن تولا سالونلارنىڭ تايىنى يوق
11-قەۋەت
غازى ۋاقتى: 2016-10-3 22:27:25
مەن پەقەتلا باسمايمەن ئىلانىنى  بۇ سالونچىلار ئەڭ دەسلىپىدە  سالون  ئاچقاندا  مۇشۇ ئىلاننى دەپ ئاچمىغان ھەم ئۇ چاغلاردا ئىلان يوقتى  ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئۈندىدارلاردىكى  پۇل بىخەتەرلىكى   مۇشۇ ئىلان بىلەن مۇناسۋەتلىك دەپ ئاڭلىغان  ئىلاننى توختىتىۋەتسىمۇ  سالونچىلار سالوننى تاقىمايدۇ  مەنچە ئىلاننى خالىسا باسسا باسمىسا خاپا بولۇپ مىننەت  قىلىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ  ئەگەر بەك ئاغرىنسا  ئاچمىسمۇ بولىدۇ  ئەخلەت سالونلارمۇ بەك كۆپىيىپ كەتتى  
12-قەۋەت
KONA ۋاقتى: 2016-10-3 22:52:41
راس ئەخلەت ئالدامچى سالونلار ساماندەك ھازىر،،تايىنى يوق
13-قەۋەت
ئ‍ۆگەن ۋاقتى: 2016-10-3 23:39:50
مەنمۇ مەزمۇنلار يارىسا بېسىپ قويىمەن .
14-قەۋەت
kirakax ۋاقتى: 2016-10-11 18:30:28
xukur218 يوللىغان ۋاقتى  2016-10-3 20:02
مەن يېڭىدىن كارتا بىجىرگەن ئ‍ىدىم بۇ كارتىنى بۇرۇن ئ‍ى ...

qqنى باغلىغان تلىفۇن نۇمۇرنى يشىۋەتسىڭىزلا بلۇدۇ ئەمەسمۇ ؟
15-قەۋەت
xukur218 ۋاقتى: 2016-10-11 20:20:58
مەن  چ چ ئ‍ىشلەتمەيىتتىم ،شۇڭىمۇ بۇنداق ئ‍ىقتىدارلارنى بىلمەيدىكەنمەن  شۇ بولدا ياردەم قىلسىڭىز  بوپتىكەن
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部