+تېما يوللاش
kadimkiorman يوللانغان ۋاقتى:2017-12-31 02:37 3347 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

يىقىندىن بۇيان ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن(جۇڭگو تىلگىرافى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى) توختىماي يىڭى خەۋەرلەر كېلىپ تۇردى، بولۇپمۇ تور ئېقىم مىقدارى جەھەتتە بەس- بەس بىلەن باھانى تۆۋەنلىتىپ، تور سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتكى خۇشاللىنارلىق خەۋەرلەر ئۈزۈلۈپ قالماي، ھەر قايسىسى تېلېفۇن ئىشلەتكۈچى ئابونتلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.
مانا ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى بىلەن، تېلېفۇندىن ئىبارەت بۇ ئۈسكىنىدىن ئايرىلالمايدىغان ھالغا يېتىپ كەلدۇق. ئىلگىرى بىر- بىرىمىزگە تېلېفۇن قىلىپ ۋە ياكى بىر بىرىمىزگە ئۇچۇر يېزىش ئارقىلىق ئالاقە ئېھتىياجىمىزنى ھەل قىلغان ئىدۇق. ھازىر يىڭى دەۋىرگە ماسلىشىپ ئالاقە ئىشلىرىمىز ئىنتىرنىتقا قاراپ يۈزلەندى.  QQ ، ئۈندىدار، سىنا مىكروبىلوگى، ئېلخەت ...... دىگەنگە ئوخشاش ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرى بىزنىڭ ئالاقە ئېھتىياجىمىزنى ھەل قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى تېلېفۇن ئۇرۇش ۋە ياكى ئۇچۇر يوللاش ئېھتىياجىمىز بارا- بارا تۆۋەنلىدى. بولۇپمۇ تېلېفۇندا ئۇچۇر يوللاش ئېھتىياجىمىز زور دەرىجىدە ئازايدى.
ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەك، ئۇچۇر يوللاش ئېھتىياجىمىز زور دەرىجىدە ئازايغان بولسىمۇ، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا ئۇچۇر يوللاشتىن ئايرىلالمايمىز، بولۇپمۇ تور ئېقىم مىقدارىمىز تۈگىگەندە، قارشى تەرەپ تور ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرىنى ئىشلەتمىسە، يەنىلا ئۇچۇر يوللاشقا ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ. ئۇچۇر يوللىساق ئادەتتە بىر تال ئۇچۇرغا 1 موچەندىن (一毛/一条) ھەق ھېساپلايدۇ. لىكىن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى كەڭ ئىستىمالچى ئابونتلارغا بىر ئايدا ھەقسىز 300 تال سوۋغا قىلىدىغان كەسىپنى چىقارغان. لىكىن بۇ كەسىپ ھەر بىر كارتىنىڭ ئېچىغلىق بولماستىن بەلكى ئۆزىڭىز ھەقسىز ئېچىش مەشخۇلاتىنى قىلىشىڭىز كېرەك. ھەر ئايدا ھەقسىز 300 تال ئۇچۇرغا ئېرىشىش كەسپىنى ئېچىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1. ئالدى بىلەن جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ تور تىجارەتخانىسى تور بېتىنى ئاچىمىز ، تور ئادىرسى:
http://www.10010.com
يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

2. ئاندىن ئۈستى تەرەپ ئوتتۇسىدىكى 我的联通 دىگەن خەتنى باسىمىز، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

3. تېلېفۇن نومرىمىز ھەم مەخپى نومرىمىزنى كىرگۈزۈپ 获取短信验证码 نى باسىمىز، ئاندىن تېلېفۇنىمىزغا كەلگەن دەلىلەش كودىنى كىرگۈزۈپ 登录 نى باسىمىز. مەخپى نومۇر بولسا سىزنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تېلېفۇن كارتىڭىزنىڭ 6 خانىلىق مەخپى نومۇرى شۇ. ئەگەردە ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز 忘记密码 نى بېسىپ يىڭىدىن مەخپى نومۇر ئورناتسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

4. جەزىملەپ كىرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك يىڭى بەت ئېچىلىدۇ:

5. بۇ بەتتىن ئۈستى تەرەپتىكى (自助服务) دىگەن خەتنى باسىمىز، رەسىمدىكىدەك:

6. ئاندىن سول تەرەپتىكى (办理) دىگەن خەتنى باسىمىز، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

7. ئېچىلغان بەتتىن (基础业务办理) دىگەن كەسىپ ئىچىدىكى دىگەن خەتنى باسىمىز. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

8. كەسىپنى ئېچىش (办理升级业务) دىگەن خەتنى باسساقلا ئىش تامام.

بۇ ئايدا ئىلتىماس قىلسىڭىز يىڭى ئايدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. كارتىنى ئىشلەتكىلى 6 ئاي بولغان ياكى 6 ئايدىن يۇقىرى بولغان بولسا ئايدا 300 تال ئۇچۇر ھەقسىز. ئىشلەتكىلى بىر ئاي بولغان بولسا 50 تال ئۇچۇر ھەقسىز.

بۇ كەسىپ ئالىبابانىڭ چۈمۈلە كارتىسىغىمۇ(蚂蚁大宝卡) ئېچىلىدىكەن. تېڭشۈننىڭ داۋاڭ(腾讯大王卡) كارتىللىرىغا ئېچىلامدۇ يوق سىناپ باقمىدىم، لىكىن ئېچىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئادەتتكى كارتىلارغا گەپ يوق ئېچىلىدىكەن.
ئاندىن بۇ كەسىپ شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىللىرىغا ئېچىلىدىكەن، باشقا ئۆلكە كارتىللىرىنىڭ ئوخشامدۇ يوق بىلمىدىم، لىكىن مېنىڭ جىياڭسۇنىڭ(江苏) كارتىسىدا 300 تال ئۇچۇر سوۋغا قىلماي، نەچچە يۈز مىگا ئېقىم سوۋغا قىلىدىكەن. دىمەك ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئوخشاش ئەمەسكەن.
مەنبە: قەدىمكى ئورمان سالونى

ئاپتۇر: ئابدىريىم ئابدىۋىلى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
叶城老大 ۋاقتى: 2017-12-31 16:01:25
لكىن  3گ   2گ ئابونتلرنىڭ كارتىسغا ئچلمايدۇ بۇ كەسپ
گىلەم
aLMaS31 ۋاقتى: 2017-12-31 19:01:59
تېلىگراف كارتىسىغا يوقمىدۇ بۇنداق ئىشلار ئۇچۇردىن بەك قىسىلىپ قالدىم ياكى تور ئالغاندەك پۇلغا ئۇچۇر ئالغىلى بولماسمۇ
ئورۇندۇق
qeqnus ۋاقتى: 2017-12-31 19:23:41
جۇلا كارتىسىغىمۇ بولىدىكەن ، ئېچىۋالدىم ، رەھمەت سىزگە .
5-قەۋەت
3muxunqilik ۋاقتى: 2017-12-31 21:12:28
ئاي ئاخىردا ھىچقانداق كەسىپ بىجىرىلمەيدۇ
6-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2018-1-1 00:14:38
قارىغاندا مىنىڭ ئوچۇق ئوخشىمامدۇ،  ئايدا 300تا ل ھەقسىز ئۇچۇرۇم باتتى
7-قەۋەت
外力江 ۋاقتى: 2018-1-1 15:37:32
لىيەنتۇڭنىڭ يانفون تىجارەت زالى ئارقىلىقمۇ ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىكەن.    مەنمۇ كۆزنەك جۇلا كارتىسى ئىشلىتىۋاتقانتىم ، مۇشۇ كارتىغىمۇ ئېچىۋالدىم.
8-قەۋەت
abdureim ۋاقتى: 2018-1-1 17:08:53
珠拉王卡كارتىسىغىمۇ ئالغىلى بولىدىكەن 300تال ئۇچۇرنى مەن ئېلىۋالدىم رەھمەت ھە سىزگە،
9-قەۋەت
yasman ۋاقتى: 2018-1-1 18:05:52
大王卡 بولامدۇ ياقمۇ ؟
10-قەۋەت
sarkarda12 ۋاقتى: 2018-1-1 21:51:13
بىرلەشمىنىڭ ئەپ تىرمىنالى ئارقىلىق ئىچۋاساڭلىمۇ بولدىكەن مەن بۇيرۇق بىرىپ قويدۇم،   لىكىن ئۇچۇر كەممەيدىغۇ
11-قەۋەت
SaYiiiaziii ۋاقتى: 2018-1-2 17:57:30
مىنىڭمۇ بولدى
12-قەۋەت
PUTBUL1 ۋاقتى: 2018-1-4 16:02:28
abdureim يوللىغان ۋاقتى  2018-1-1 17:08
珠拉王卡كارتىسىغىمۇ ئالغىلى بولىدىكەن 300تال ئۇچۇرنى مەن ئ ...

ئاداش،جۇلا كارتىسى بىلەن تىڭشۈن ۋاڭكا ئوخشاشمىكەن.
13-قەۋەت
abdureim ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
PUTBUL1 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-4 14:02
ئاداش،جۇلا كارت ...

ياق ئاداش ئوخشىمايدىكەن لىكىن ئۇنىڭغىمۇ ئالغىلى بولىدىكەن
14-قەۋەت
战狼 ۋاقتى: تۈنۈگۈن 10:14
بۇ كەسىپنى خېلى كۆپ كارى لارغا ئاچقىلى. بولىدۇ ،، 腾讯大王卡 غىمۇ ئاچقىلى. بولىدۇ ،، مىنىڭچە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نىڭ ھەرقانداق  كارتىسى غا ئاچقىلى. بولىدىغان ئوخشايدۇ ،،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部