+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2016-10-11 17:38 2619 قېتىم كۆرۈلدى 22 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈچ ئۆلچەملىك كىنو، 3D ئويۇن، 3D كارتون دېگەنلەر ھازىر خېلى ئومۇملىشىپ قالدى. بۇ يەردىكى ئۈچ ئۆلچەملىك (3D) دېگەن گەپنى بەزى كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ. فانتازىيەگە قىزىقىدىغانلار ئامېرىكىنىڭ زاماندىن ھالقىپ كەلگۈسىگە ياكى ئۆتمۈشكە بارىدىغان كىنولىرىنى كۆپ كۆرگەن. بەزى كىنولارنى ئالىي مەكتەپ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئادەم بولمىسا چۈشەنمەيدۇ. بولۇپمۇ ئالدىنقى يىلى چىققان پىلانېتلار ئارا (Interstellar) دېگەن فانتازىيەلىك كىنو خېلى كۆپ ئادەمنىڭ كاللىسنى ئۇماچ قىلىۋەتتى. بۈگۈن سىلەرنىڭ كاللاڭلارنىمۇ ئۇماچ قىلغاچ 10 ئۆلچەملىك بوشلۇققىچە چۈشەندۈرىمىز. بۇ يازمىنى سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشىنىپ ئوقۇسىڭىز يۇقارقىلارنىمۇ چۈشىنەلەيسىز.
بۇلار نەزەرىيە فىزىكىسىدىكى بىلىملەر بولۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ چۈشەندۈرۈلدى.
نۆل ئۆلچەملىك بوشلۇق
گەپنى ئاۋال بىر تال چېكىتتىن باشلايلى. بىر چېكىت ، ئۇنىڭ چوڭلۇقى يوق، بوشلۇقى يوق. پەقەت بىر ئورۇننى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ ھېچنىمىسى يوق؛ بوشلۇق، ۋاقىت ئۇنىڭدا مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ دەل نۆل ئۆلچەملىك بوشلۇق.


بىر ئۆلچەملىك بوشلۇق
نۆل ئۆلچەملىك بوشلۇقنى چۈشەنگەندىن كېيىن بىر ئۆلچەملىك بوشلۇققا كېلىمىز. بىر چېكىت بولسا بىز يەنە بىر چىكىت قويۇپ، ئىككى چېكىتنى تۈز سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرساق بىر ئۆلچەملىك بوشلۇق بارلىققا كېلىدۇ. بىر ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ پەقەت ئوزۇنلۇقى بار. كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى يوق.


ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇق.
بىز بىر سىزىققا ئىگە بولساق بىر ئۆلچەملىك بوشلۇققا ئىگە بولدۇق دېگەن گەپ. ئۇنداقتا ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇق دېگەن نېمە؟ بەك ئاددىي. بىر تۈز سىزىق سىزىپ، ئاندىن شۇ سىزىقتىن ئۆتىدىغان يەنە بىر سىزىق سىزساق ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇق دېگەن شۇ. ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى جىسىمنىڭ كەڭلىكى ۋە ئوزۇنلۇقى بار. چوڭقۇرلۇقى (ئېگىزلىكى) يوق. قەغەزگە بىر تىك تۆتبۇلۇڭ سىزساق بۇ تىك تۆتبۇلۇڭ دەل ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇق. (بۇرۇنقى مىم، خېيمەن دېگەن كارتون فىلىملەر ئىككى ئۆلچەملىك كارتون)


ئىككى ئۆز-ئارا كېسىشكەن سىزىق ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقنى ئىپادىلەيدۇ.

تېخىمۇ يوقىرى ئۆلچەمدىكى بوشلۇققا كىرىشتىن ئاۋال ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشىنىۋالايلى. ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى (قېلىنلىقى ياكى ئېگىزلىكى) يوق. پەقەت ئوزۇنلۇق ۋە كەڭلىكىلا بار. ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقتا بىر جانلىق بار دەپ پەرەز قىلساق، بوشلۇق چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، بۇ جانلىق 2 ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى بارلىق جىسىمنىڭ پەقەت ئىككى ئۆلچەملىك ھالىتىنىلا كۆرەلەيدۇ. ئۇ بىر شارنى كۆرسە شارنىڭ كەسمىسى بولغان بىر چەمبەرنىلا كۆرەلەيدۇ. شار ئۇنىڭغا چەمبەر بولۇپ كۆرۈندۇ.


3 ئۆلچەملىك بوشلۇق
ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق كۆپچىلىككە خېلى تونۇشلۇق، يۇقاردىمۇ تىلغا ئالدۇق. بىز ھەر زامان ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا ياشايمىز. ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ ئوزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى (چوڭقۇرلۇقى) بار. يۇقارقى مىسالدىكى تىك تۆتبۇلۇڭ ئىككى ئۆلچەملىك بولسا، كۇب ئۈچ ئۆلچەملىك.

بىر پارچە قەغەزدە بىر چۈمۈلە بار. چۈمۈلە ئىككى ئۆلچەملىك قەغەز يۈزىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ قەغەزنىڭ بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە بارماقچى بولسا، قەغەزنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن تولۇق ئۆملەپ ئۆتۈشى كېرەك. ئەمما بىز قەغەزنى يۆگىسەكچۇ؟ بىر سىلىندېر ھاسىل بولىدۇ. يەنى بىر ئۈچ ئۆلچەملىك جىسىم ھاسىل بولىدۇ. بۇنداقتا چۈمۈلە پەقەت ئۇلانغان يەردىن ئۆتسىلا نىشانغا بارالايدۇ. (رىۋايەتلەردىكى قۇرۇت ئۆڭكۈرى) مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇق ئىگىلسە ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق ھاسىل بولىدۇ.



يۇقارقى رەسىمدە چۈمۈلە ئا نۇقتىدىن غايىپ بولۇپ، ب نۇقتىدا كۆرۈندى. ئىگىلىش بىر يېڭى بوشلۇقنى ھاسىل قىلدى.
ئىلگىرى ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقنى ئاددىي ھالدا ئوزۇنلۇق، كەڭلىك، ئېگىزلىك دەپ چۈشىنىپ كەلگەن ئىدۇق. ئۇنداقتا تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنى قانداق چۈشىنىمىز؟


تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق
تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتا ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىن بىر بوشلۇق ئارتۇق. ئۇ نېمە؟ ئۇ دەل ۋاقىت
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى سول تەرەپتىكىسى بىر مىنۇت ئىلگىرىكى مەن، ئوڭ تەرەپتىكىسى ھازىرقى مەن. «ئىككى مەن» نىڭ ئىككى نۇقتىسىنى بىر سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرساق ئۇ دەل تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ سىزىقى بولىدۇ. قالتىس، تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق ھاسىل بولدى.


ئۇنداقتا بىز تارىختىكى ياكى كەلگۈسىدىكى ئۆزىمىزنى كۆرەلەيمىزمۇ؟ ياق. چۈنكى بىز ئۈچ ئۆلچەملىك جانلىق. ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا ياشايمىز. خۇددى يۇقارقى مىسالدىكى چۈمۈلە ئىككى ئۆلچەملىك جانلىق بولغاچ، ئۈچ ئۆلچەملىك جىسىمنىڭ پەقەت كەسمىسنى كۆرەلىگەنگە ئوخشاش. بىز ئۈچ ئۆلچەملىك جانلىق، شۇڭا تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ شۇ پەيتتىكى كەسمە يۈزىنىلا كۆرەلەيمىز. يەنى كۆرگىنىمىز دۇنيانىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتى.



بەش ئۆلچەملىك بوشلۇق
ئاۋال بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالايلى. تۆۋەن بوشلۇقتىكى جانلىق يۇقىرى بوشلۇقتا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. بىز تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئۆزىمىزنىڭ بىر بوشلۇقتا تۇرۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز. بىز ۋاقىت سىزىقىنى بويلاپ ئالدىغا ماڭىمىز. بۇ ۋاقىت سىزىقى دەل تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى ھېلىقى سىزىق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى بىز تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى ۋاقىت سىزىقىنى بويلاپ ئالدىغا ماڭىمىز.

ئەگەر بىز تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى جانلىق بولساق، ئۇنداقتا بىز تارىختىكى، ھازىرقى، كەلگۈسىدىكى ئۆزىمىزنى كۆرەلەيمىز. ئەمما، ۋاقىت سىزىقى پەقەت بىر تال. يۇقىردا بىر ئۆلچەملىك بوشلۇقتىن، ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇققا كۆتۈرۈشتە ئىككى سىزىقنى كېسىشتۈرگەن. ئۇنداقتا ھازىر تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى بۇ ۋاقىت سىزىقى ئاساسىدا يەنە بىر ۋاقىت سىزىقى قوشۇپ بۇ ئىككى ۋاقىت سىزىقىنى كېسىشتۈرسەك بەش ئۆلچەملىك بوشلۇق ھاسىل بولىدۇ.

سەل چۈشىنىكسىز بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟ ھېچقىسى يوق، مىسال بىلەن چۈشەندۈرەي. سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بەش يىل خىزمەت قىلىپ ھازىر بىر دېرىكتور بولدىڭىز. تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى سىز پەقەت ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئاق ياقىلىق بولغان بۇ ۋاقىت سىزىقىدىكى سىزنى كۆرەلەيسىز. ئەگەر سىز تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا داۋاملىق ئوقۇماي، ئاشپەزگە شاگىرت كىرىپ، ھازىر ئاشپەز بولدىڭىز. ئۇنداق بۇ يەنە بىر ۋاقىت سىزىقىدىكى سىز.
بەش ئۆلچەملىك بوشلۇقتا دېرىكتور بولغان ئۆزىڭىزنى كۆرەلەيسىز، شۇنداقلا ئاشپەز بولغان ئۆزىڭىزنى كۆرەلەيسىز. خۇلاسىلىغاندا، بەش ئۆلچەملىك بوشلۇقتا سىز كەلگۈسىدىكى ئوخشىمىغان تەقدىرىڭىزنى كۆرەلەيسىز.


ئالتە ئۆلچەملىك بوشلۇق
ئەگەر سىز ئۆتمۈشتىكى ئۆزىڭىزنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ بىز تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى خالىغان بىر ۋاقىت سىزىقىنى ئەگسەك ئۆتمۈشكە قايتالايمىز. بەش ئۆلچەملىك بوشلۇقتا سىز بىر ۋاقىت سىزىقىدىكى ئۆتمۈشكە قايتالايسىز.
يۇقارقى «ئاشپەز، دېرىكتور» مىسالىنى يەنە داۋاملاشتۇرساق، ئاشپەز بولغان سىز ئاشپەزلىكنى جاپالىق ھېس قىلدىڭىز، دېرىكتور بولماقچى، قانداق قىلىسىز؟ بەش ئۆلچەملىك بوشلۇقتا سىز تولۇقسىزنى پۈتتۈردىغان ۋاقىتقا قايتىپ بېرىپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزىڭىزگە تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆت، بولمىسا كەلگۈسىدە ئاشپەز بولۇپ جاپادا قالىسەن دەپ قويالايسىز. ئەلۋەتتە، تولۇقسىزنى پۈتكۈزدىغان سىزنىڭ باشقا نۇرغۇن تاللاشلىرى بار. ناۋاي بولىشىمۇ، شوپۇر بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەر بىر تاللاش بىر ۋاقىت سىزىقىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئوخشىمىغان كەلگۈسىنى يارىتىدۇ.
يۇقىردا بىر بوشلۇقنى ئەگسە يەنە بىر بوشلۇق ھاسىل بولىدىغانلىقىنى سۆزلىدۇق. توغرا، بەش ئۆلچەملىك بوشلۇقنى ئەگسە ئالتە ئۆلچەملىك بوشلۇق ھاسىل بولىدۇ. بۇنداقتا «دېرىكتور بولغان سىز» بۇ ۋاقىت سىزىقىدا ئاشپەز بولغان يەنە بىر ئۆزىڭىزنى كۆرەلەيسىز.


يەتتە ئۆلچەملىك بوشلۇق
يۇقىردا دېرىكتور ۋە ئاشپەزدىن ئىبارەت ئىككى ۋاقىت سىزىقىنى سۆزلىدۇق. سىز تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەلۋەتتە بۇ ئىككىلا تاللاش يوق. چەكسىز تاللاش بار. ھەر بىر تاللاش كەلگۈسىدە سىزنى ئوخشىمىغان ئاقىۋەتكە ئىگە قىلىدۇ. تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلسا باشلىنىش نۇقتىسىدىن سىرتقا چەكسىز كۆپ ۋاقىت سىزىقى تارقىلىدۇ. يەتتە ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى بىر نۇقتا «تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەن سىز» دىن باشلاپ چەكسىز ئىمكانىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئۇنداقتا يەتتە ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى بىر سىزىقنى قانداق سىزىمىز؟ بىز يەنە بىر نۇقتىغا ئېھتىياجلىق، ئەمما بۇ نۇقتا چەكسىزلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە بىر نۇقتىنى قانداق تاپىمىز؟ ئۇ دەل يەنە بىر خىل باشلىنىش.
يۇقارقى مىسالدىكى «تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن سىز» دىن باشلاپ يەتتە ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ چەكسىز نۇقتىسى ھاسىل بولىدۇ. سىزنىڭ باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئوخشمىغان تاللاشلىرىڭىزمۇ كەلگۈسىدىكى ئوخشىمىغان سىزنى يارىتىدۇ. «باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن سىز» دىن باشلاپ چەكسىز ۋاقىت سىزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە بىر نۇقتا ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئىككى نۇقتىنى تۇتاشتۇردىغان سىزىق دەل يەتتە ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ سىزىقى.


سەككىز ئۆلچەملىك بوشلۇق
يۇقىردا بىر ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ ئىككى سىزىقىنى كېسىشتۈرسەك ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇققا ئايلىندىغانلىقىنى سۆزلىدۇق. ئوخشاش قائىدە بويچە يەتتە ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ دەرىجىسىنى كۆتىرىمىز.
بىز يەنە ئىككى نۇقتا تاپايلى. بىرسى «ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىز»نى باشلىنىش قىلىپ ياسالغان يەتتە ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ چەكسىز نۇقتىسى. يەنە بىرسى «50 ياشلىق سىز» نى باشلىنىش قىلىپ ياسالغان چەكسىز نۇقتا. بۇ ئىككى نۇقتىنى يۇقارقى مىسالدىكى «تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن سىز» چەكسىز نۇقتىسى ۋە «باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن سىز» چەكسىز نۇقتىسى بىلەن ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرساق سەككىز ئۆلچەملىك بوشلۇققا ئېرىشىمىز.


توققۇز ئۆلچەملىك بوشلۇق
توققۇز ئۆلچەملىك بوشلۇق قانداق بولىدۇ؟ سەككىز ئۆلچەملىك بوشلۇقنى بىر قەغەز دەپ چۈشەندۈرسەك يۇقارقى چۈمۈلىنى يەنە مىسالغا ئالايلى. چۈمۈلە ھازىر سەككىز ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى جانلىققا تەرەققى قىلدى. ئۇنىڭ ۋەزىپى يەنە قەغەزنىڭ بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە بېرىش. قانداق قىلىمىز؟ قەغەزنى يەنە يۆگەيمىز. قۇرۇت ئۆڭكۈرى ھاسىل بولىدۇ. چۈمۈلە قۇرۇت ئۆڭكۈرىدىن ئاسانلا ئۆتۈپ نىشانغا بارالايدۇ. (قۇرۇت ئۆڭكۈرى 虫洞(Wormhole) ئالەم فىزىكىسىدىكى بىر ئاتالغۇ، قىزىقىدىغانلار ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ) دېمەك، سەككىز ئۆلچەملىك بوشلۇقنى ئەگسە توققۇز ئۆلچەم بوشلۇق بولىدۇ.

بۇ رەسىمدىكىسى قۇرۇت ئۆڭكۈرىنىڭ تەقلىدىي رەسىمى



10 ئۆلچەملىك بوشلۇق
نۆل ئۆلچەملىكتىن تۆت ئۆلچەملىككىچە چېكىت، سىزىق يۈز، ھەجىمنىڭ تەرەققى قىلىشنى چۈشەندۇق. تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنى بىر نۇقتا دەپ قارىساق ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى بارلىق مۇمكىنچىلىكىنى تۇتاشتۇرغان سىزىق بىلەن تولغان. بۇ سىزىق دەل ۋاقىت.
سەككىز ئۆلچەملىكنىڭ نۇقتىسى يەتتە ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى بارلىق مۇمكىنچىلىكىنىڭ تۇتاشتۇرۇش سىزىقى بىلەن تولغان.
سەككىز ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرسەك، سىز سەككىز ئۆلچەملىك بوشلۇق نۇقتىسىنىڭ باشلىنىشىدا، ھەر بىر خىل مۇمكىنچىلىكنى سەككىز ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ بۇ نۇقتىسى بىلەن تۇتاشتۇرساق 10 ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ بىر نۇقتىسىغا ئېرىشىمىز. يەنى، 10 ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ نۇقتىسى توققۇز ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى بارلىق مۇمكىنچىلىكنى تۇتاشتۇرغان سىزىق بىلەن تولغان بولىدۇ.
يەنە دەرىجىسىنى كۆتۈرۈشكە بولامدۇ؟ ياق. 10 ئۆلچەملىك بوشلۇقتا ھەر قانداق بىر بوشلۇقنى ئايرىپ چىقىدىغان نۇقتا تاپالمايمىز. چۈنكى 10 ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ ئۆزى بىر نۇقتا. ئۇ پۈتكۈل ئالەمنى، بارلىق ئىمكانىيەتنى، بارلىق ۋاقىت سىزىقىنى، ھەممە... ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش10 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

22ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
uyghurdetal ۋاقتى: 2016-10-11 17:57:09
5D دىن كېيىن ئادەمنى ساراڭ قىلىدىكەن.
فانتازىيە كورمەيدىغانلار قىينىلىپ قالغۇدەك.
گىلەم
alipalim ۋاقتى: 2016-10-11 19:27:07
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alipalim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-11 19:30  

قانچە كۈندىن بىرى ئالىپ تورى ئېچىلماي،
مەنمۇ تاس قالدىم تىت تىت بۇلۇپ 3d لىق يىغلىغىلى ،
كۆنگەن يامانمۇ ، كۆيگەن يامانمۇ دىسە
كۆنگەن يامان دەپتىكەن ،
تور بەتنى تۇيۇقسىز تاقىماڭلار،
ئورۇندۇق
ئىزلەپ ۋاقتى: 2016-10-11 20:57:25
چۈشىنىشلىك
5-قەۋەت
شىرىزات ۋاقتى: 2016-10-11 21:49:34
دىمەك بىز ئۇچ ئولچەملىك بوشلۇقتا ياشايمىز قالغىنىنى پەرەز قىلىلالايمىز دىگەن گەپكەندە چۇشەندىم  بۇرۇن بۇشلۇقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتىم رەھمەت،
6-قەۋەت
1314520 ۋاقتى: 2016-10-11 22:15:24
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار.بۇ ئالىپ تورى ئېچىلمىغىلى ھەپتە بوپ كەتتىغۇ ،قاچان ئوڭشىلار دەپ كۆزۈم 4 بولغان ئىدى.بۈگۈن ئوڭشىلىپتۇ ھە ئەجەب خوش بولۇپ كەتتىم.....
7-قەۋەت
abdilwaris ۋاقتى: 2016-10-12 00:19:56
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم . ئالپتىكى دوسلار بۈگۈن ئالپ تورى ئېچىلىپ بەك خوش بولدۇم . نەچچە كۈندىن بىرى كىرەلمەي ئىچىم بەك پۇشقانتى .
8-قەۋەت
rahmanjan5200 ۋاقتى: 2016-10-12 00:25:39
ھەپتە بوپتىكەن ئىچىلماي كۇندە نەچچە ۋاخ ئىچىپ باقىمەن ئىچىلماي
9-قەۋەت
akil01 ۋاقتى: 2016-10-12 09:13:19
rahmat yahxi bilimlarkan  
10-قەۋەت
atiwa23 ۋاقتى: 2016-10-12 09:26:25
ئۇف…ئاخىرى ئېچىلىپتۇ ھە,نەچچە كۈندىن نىمە بولغان بولغىيتى?
11-قەۋەت
غېرپ ۋاقتى: 2016-10-12 10:06:47
ئاخىرى ئېچىلىپتۇ ئادەم ئالپقا كىرەلمىسە چىۋىن يەپ سالغاندەك بوپ قالىدىكەن
12-قەۋەت
2068535052 ۋاقتى: 2016-10-12 10:41:04
ئاخىرې ئىچىلدىدە بۇئالىپ تورې
13-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2016-10-12 11:57:18
alip يوللىغان ۋاقتى  2016-10-11 17:38
ئۈچ ئۆلچەملىك كىنو، 3D ئويۇن، 3D كارتون دېگەنلەر ھازىر خ ...

راس  ئاران ئېچىلدى   مەن بىر نەرسەمنى يۈتتۈرۋالغاندەك  نەچچە كۈن  ژىلان يەۋالغاندەك  يۈردۈم
14-قەۋەت
KARTURUK ۋاقتى: 2016-10-12 12:37:56
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالپتىكى ئەزىزلە ھەممىڭلانىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن،ئالپكا بۇندا تۇيۇقسز يوقاپكەتمەڭلا كاللام ئۇماچ بولاپكەتتى زادى ھەپتىدىن برى تىپىپبولالماي
15-قەۋەت
13040494496 ۋاقتى: 2016-10-12 15:22:06
بەك تەستە ئېچىلدى  ئۇف
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部