+تېما يوللاش
oyghanbeg.com يوللانغان ۋاقتى:5 كۈن بۇرۇن 1060 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئارىمىزدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇپ باقمىغان ياكى ئالىي مەكتەپتە كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇمىغان بولسىمۇ لىكىن پىروگراممىنى ژىتىۋىتىدىغان تالانىتلىقلار ئاز ئەمەس . ئۆزەمنى ئىلىپ ئىيتساممۇ ھەم شۇنداق . مۇنتىزىم كومپىيوتېر ئىلمىدە ئوقۇپ باقمىغان ، پىروگرامما دۇنياسىدا ئۆزەمنىڭ قىززىقىشى ۋە ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە ئاز تولا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم . مۇنداقلا ئىيسام مەن بىراقلام ئەمەلىي كود يېزىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ كەتكەن پىروگراممېر ھىسابلىنىمەن .كومپىيوتېر ئىلمى توغۇرلۇق نەزىرىۋىي بىلىمىم ئىنتايىن چەكلىك .

پىروگراممېرلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا كود بېسىشنىلا بىلىش بەكمۇ يىتەرسىز ئىش بولۇپ ، مۇۋاپپىق ھالدا كەسپىي نەزىرىۋىي بىلىملەرنى پۇختىلاش ۋە تولۇقلاش تولىمۇ زۆرۈردۇر . مۇشۇ نۇقتىلارنى ھىس قىلغاندىن باشلاپ تەجىربىلىك بۇرادەرلىرىم ۋە تونۇشلۇرۇمنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە ئۆز ئىھتىياجىمنىڭ تەقەززاسىدا مۇناسىۋەتلىك كومپىيوتېر ئىلمى توغۇرىسىدىكى نەزىرىۋىي بىلىملەرنى تولۇقلاۋاتىمەن . ھەمدە مۇشۇ تېمىمىزنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولغان  "پىروگراممېرلار ئۈچۈن بىلىم قۇرۇلمىسىنى پۇختىلاشقا تەۋسىيە كىتابلار " غا ئالاقىدار بىر قانچە ماتىريال كىتابلارنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى . ئەلۋەتتە بۇ كىتابلارنىڭ بەزىسى مەن پايدىلىنىۋاتقان كىتابلار، يەنە بەزىلىرى تېخى مەن ئوقۇشقا ئۈلگۈرمىگەن كىتابلار . بۇ كىتابلار كومپىيوتېر ئىلمى توغۇرسىدىكى تەۋسىيىلىك ۋە چوقۇم ئىگەللەش تەلەپ قىلىنغان كىتابلاردۇر. مەن بىلەن ئوخشاش ئويدا بولىۋاتقانلار ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتىريالى ياكى ئاز بولسىمۇ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بوپ قىلىشى مومكىن .

算法导论

بۇ كىتاب بىرىنجى تەۋسىيە بولۇپ ، پىروگرامما تىلى كىتابلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە تەۋسىيە قىلىغان قورال كىتابدۇر. دىمىسىمۇ مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە 算法 بىلىش پىروگراممېرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تەلىپىدۇر .


计网络算机

بۇ كىتاب كۆپىنچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كومپىيوتېر كەسپىنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى سۈپىتىدە ئۆتىلىدىغان دەرسلىك كىتابدۇر . دىمەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان ياكى كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇمىغان پىروگراممىرلار ئۈچۈن بۇ كىتاب تولىمۇ ماس كىلىدۇ . بۇ كىتاب ئارقىلىق ئالىي مەكتەپتە ئۆتىلىدىغان كومپىيوتېر تور دەرسلىكنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىنى ئىگەللەشكە بولىدۇ . شەخسەن بۇ كىتابنى مەن ھازىر كۆرىۋاتىمەن .


深入理解计算机系统

بۇ كىتابمۇ چوقۇم ئىگەللەشكە تېگىشلىك بولغان زۆرۈر بىلىم نۇقتىلىرى سۆزلەنگەن كىتاب بولۇپ ، كومپىيوتېر مەشخۇلات سىستېمىسى ھەققىدىكى كىتابلارنىڭ سەركىسى ۋە تەۋسىيە كىتابدۇر .


计算机组成原理

بۇ كىتابمۇ ئالىي مەكتەپتە ئۆتىلىدىغان كومپىيوتېر ئىلمى دەرسلىك كىتابلرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كومپىيوتېرنىڭ تۈزۈلىشى ۋە خىزمەت پىرىنسىپىنى چۈشىنىش پىروگراممېرلارغا نىسبەتەن چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرت ھىسابلىنىدۇ .


图解TCP/IP

بۇ كىتاب ئاساسلىقى TCP/IP ۋە http لار ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان كىتاب ، نۆۋەتتە مەنمۇ بۇ كىتابنى كۆرۈپ پايدىلىنىۋاتىمەن . مەزمۇنى چۈشىنىشلىك ھەمدە TCP/IP لارنى چۈشىنىش زۆرۈې بولغاچ بۇ كىتابنىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن


编码:隐匿在计算机软硬件背后的语言

بۇ كىتان جىڭدوو تورىدىكى تەۋسىيە كىتابلارنىڭ بىرسىكەن . ئىنكاسلىرىغا قارىسام ياخشى كىتاب چىراي .شۇڭا تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى .

程序员的数学

بۇ كىتابنى 知乎 تورىدا بىر تورداش تەۋسىيە قىپتىكەن . قارىسام خىلى ياخشى ئىنكاسلىق كىتابكەن ، ماتىماتىكىسى ئاجىز ياكى تازا ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوقلار ئۈچۈن قورال كىتاب بولالىغۇدەك . بۇ كىتابنى تېخى كۆرمىدىم . ( ماتىماتكىدا 100 نومۇرلۇق سۇئالدا 99 ياكى 98 ئالاتتىمچۇ شۇڭا )


تولۇقلىما : يۇقارقى كىتابلارنى جىڭدوڭ تورىدىن سېتىۋىلىشقا بولىدۇ . ( ئادەتتە جىڭدوڭدىنلام مال سېتىۋالىمەنچۇ . )

يۇقارقى مەزمۇنلار ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە توردىكى مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ رەتلەنگەن بولغاچ ، خاتالىق ۋە يىتەرسىزلىكلەرنىڭ بولىشى تۇرغانلا گەپ . ئۈمۈدۈم كومپىيوتېر ساھاسىدىكى ئۇستازلارنىڭ ۋە ئالىي مەكتەپتە كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇغان ئۇستازلارنىڭ تەنقىدىي-تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىشىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىمەن . ھەم تورداشلارنىڭمۇ ئۆزى كۆرىۋاتقان ياكى ئۆگىنىپ پايدىلىنىپ باققان ياخشى كىتابلارنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

بۇ مەنزىلدە ئۆزۈم پايدىلىنىپ كىلىۋاتقان ھەمدە قىممىتى بار دەپ قارىغان بىرنەچچە كىتابلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرىمەن .
تېما مەنبەسى : https://learnfans.com/post/98


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش9 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

16ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
تەشنا4433 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
كۆپ رەھمەت
گىلەم
2635210282 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
كومپىيوتېر كەسپىدە ئۇقۇۋاتقان مەندەك  ئۇقۇغۇچىلارغا بەك ماس كىلدىغان تېما  يېزىپسىز ،بەزى يۇلۇققان مەسىلىلەرنى  كىمدىن سوراس جەھەتتە بەك قىينىلىپ يۈرگەنتىم ،ئەمدى مۇشۇ كىتاپلارنى سېتۋېلىپ  تىرىشىپ  باقاي .
ئورۇندۇق
oylan111 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
كۆپ رەھمەت ،يولىمىز ئوخشىمىسىمۇ نىشانىمىز ئوخشاشكەن
5-قەۋەت
丨★丶__Dar ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي بۇ تېمىنى. لازىم بولغاندا تاللاپ سېتىۋالمىسام. رەھمەت سىزگە.
6-قەۋەت
andmier ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
ئاۋۇ ئككنچى ۋە تۆتىنچى كىتاب مىنڭ دەرسلىك كىتابىمكەن
7-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-10 19:56  

رەھمەت تېما ئىگىسى،
نەق مەن ئۈچۈنلا يىزىپسىز بۇ تېمىنى
كۆپ رەھمەت سىزگە،

مەن نۇرغۇن يىل ئارزۇ ئۈچۈن تىرىشىپتىمەن، پروگراممىر بولۇپ خىزمەت قىلغىلى 1 يىلمۇ بولۇپ قاپتۇ،
ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا مىنىڭمۇ ئۆزۈمنىڭ ھىس قىلغانلىرىم بار،

مىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ھىس قىلغىنىم:
بىر پروگراممىرغا نىسبەتەن كەسپىي بىلىم ئىنتايىن زۆرۈر ھىساپلىنىدۇ، ئۇ پروگراممىرنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل،
شۇڭا پروگراممىر بولغان ھەر قانداق بىر كىشى چوقۇمدا چوقۇم ئۆزىدە يۇقىرى بولغان كەسپىي بىلىم، ئەمەلىي ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولىشى شەرىت،  ئەلۋەتتە بۇ قىل سىغمايدىغان ئەقەللىي قائىدە،
گەرچە مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ياكى مۇنتىزىم كومپىيۇتېر كەسپىدە ئوقۇپ باقمىغان بولساممۇ نۇرغۇن ۋاقىت غايەم ئۈچۈن تىرىشتىم،
مەن ھازىر پروگرامما تەرەپتە خالىسام نىمىلا قىلاي دىسەم ھىچنىمىدىن قىينالمايمەن،
خالىسام Android يازساممۇ بولىدۇ، خالىسام ئۈستەل يۈزى يازساممۇ بولىدۇ، خالىسام تور بەت يازساممۇ بولىدۇ، خالىسام قاتتىق دېتال پروگراممىرلىقى قىلساممۇ بولىدۇ، ياكى مۇلازىمىتىر پروگراممىسى يازساممۇ بولىدۇ،
ئويلاپ باقسام قولۇمنى مۇشۇ كەسىپنىڭ نەرىگە سۇنسام شۇ يىرىگە بىمالال يەتكۈدەك بوپتىمەن، قىيىنچىلىقىم قالماپتۇ،
مەن پەقەت كۆپ ئىقتىدارلىق بىر قۇرال ياكى پايدىلىنىش ۋاستىسى ئىكەنمەن خالاس،
پەقەت ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق كومپىيۇتېرنى ئوينىتالايدىكەنمەن، ئۆز سەنىمىمگە دەسسىتەلەيدىكەنمەن،
ئەمما لىكىن ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى بىز پروگراممىرلارنى باشقىلار ئوينىتىپ ئارزۇسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ.

مۇنداقلا دىسەم بىز پروگراممىرلار پەقەت پايدىلىنىش ۋاستىسى ياكى ئۆتكۈر قۇرال بولىدىكەنمىز خالاس،
باشقىلار بىزگە ھەق بىرىدۇ، بىز خىزمەت قىلىمىز، ئۇلار بىزدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ،
مۇشۇنداق،

باشقىلار مىنى پايدىلىنىش ۋاستسى قىلسا مەيلى، مىنى قۇرال قىلسا مەيلى، ماڭا زىيان كەلتۈرمەي مەندىن پايدىلانسا مەن رازى، چۈنكى بۇ دۇنيادا بىز ئىنسانلار بىر بىرىمىزگە تايىنىپ ياشايمىز،
سىز مەندىن پايدىلىنىسىز، مەن سىزدىن پايدىلىنىمەن، ئاشخانىغا كىرسەك بىز ئاشپەزدىن پايدىلىنىمىز، ئۇلار بىزدىن پايدىلىنىدۇ، بىزدىن ھەق ئالىدۇ، بۇ بىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ قانۇنىيىتى،
ئەمما مىنىڭ مەن مەخسۇس باشقىلار پايدىلىنىدىغان ماشىنا بولغۇم يوق، مەن باشقىلارنىڭ مەندىن پايدىلىنىشى ئۈچۈنلا يارالمىغان، مىنىڭمۇ ئۆزۈمنىڭ مەنزىلىم بولىشى كىرەك.

بىزنىڭ بۇ تەرەپتە چوڭ ئەۋزەللىكىمىز بار، قولىمىزدا يىتەرلىك تېخنىكىمىز بار،
بىزدە كەم نەرسە نىمە؟
كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى، رىئال دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەر بىزدە كەم، بىز بەك كۆپ ۋاقتىمىزنى كەسپىي بىلىم ئۈچۈنلا سەرىپ قىلىۋەتتۇق، ئەلۋەتتە شۇنىڭ بەدىلىگە مۇشۇ كۈنگە ئۇلىشالىدۇق،
ئەمدى بىز قايتىدىن رىئال دۇنياغا يۈزلىنىپ رىئال دۇنيانى بىر چۈشىنىپ بىقىشىمىز كىرەك،
مىنىڭ بۇ تەرەپتە سودىگەرلەرگە خاس ئىقتىدارنى يىتىلدۈرگۈم بار،
بۇ كەسپتە ئەڭ مۇھىم ھەم يادرولۇق نەرسە: ئىستىراتىگىيە،
بىزنىڭ تېخنىكىمىز ئىشىپ تىشىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ لىكىن ئىستىراتىگىيەرىمىز بولمىسا، نىشانىمىز بولمىسا نىمە پايدىسى؟ ياخشى ئىستىراتىگىيە ئاندىن تېخنىكىنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرىدۇ،

ئاۋال چوقۇم تېما ئىگىسى دىگەندەك بىر پروگراممىردا كەسپىي بىلىملەر بولىشى چوقۇم زۆرۈر، بۇ بىرىنچى قەدەم،
ئەگەر بۇ تەرەپتە سىز مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆزىڭىز ئويلىغان يەرگە كىلىپ بولدۇم دەپ قارىسىڭىز ئاندىن مىنىڭمۇ تەۋسىيە قىلىدىغان بىر كىتاۋىم بار،
ئەمما بۇ كىتاب پروگاممىرلىققا ئائىت كىتاب ئەمەس،
ئامرىكىلىق دۇنيادىكى داڭلىق باي يەھۇدىي ۋە سىتاندارىت نىفىت ئىمپىرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى روكىفىللىر ئەپەندىنىڭ كىتاۋى،
"باي ئاكامنىڭ خۇرجۇنىدىكى 68 گۆھەر"
بۇ كىتاب سىزنىڭ ئەڭ چۈشكۈنلەشكەن، زەئىپلەشكەن، نىشانىڭىزنى يوقىتىپ قويغان، نىمە قىلىشىڭىزنى بىلىلمىگەن، لەڭتاسما بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا سىزگە قانداق قىلىشىڭىز كىرەكلىكىنى دەپ بىرىدۇ،
ماڭا شۇ كىتابنى سوۋغا قىلغان دوستۇمغا رەھمەت
مىنىڭ قارىشىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن كىتاب دىيىشكە بولىدۇ.

ئاندىن ھەممىمىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى، "مەن نىمە ئۈچۈن پروگرامما يازىمەن؟ مەن پروگرامما يېزىش ئارقىلىق ئاخىرىدا نىمىگە ئىرىشمەكچى؟"
8-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
Oracle نىڭ قۇرغۇچىسى لاررىي ئىللىسون مۇ ئەيلى ۋاقىتتا كود ئىشچىسى ئىكەنتۇق،
كود يازاتتىكەنتۇق،
ئەمما ئاخىرىدا ئۇ دۇنيادىكى مەخسۇس كارخانىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پەن-تېخنىكا شىركىتى Oracle نى قۇرۇپ چىقتى،
تىخى ھەتتا جامىس گوسلىڭ ئۆزىنىڭ قان تەرىنى سىڭدۈرۈپ قۇرۇپ چىققان شىركەت Sun MicroSystems بىلەن Java نى سىتىۋالدى،
لاررىي ئىللىسون ئەپەندى قانداق قىلىپ بىر ئادەتتىكى پروگراممىردىن Oracle نىڭ قۇرغۇچىسىغا ئايلاندى؟
بۇ مەسىلىلەرنى مىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشقا سالاھىيىتىم توشمايدۇ،
ئەمما شۇنى ئويلاپ باقساق بولىدۇ،
ئەگەر ئىللىسون ئەپەندى پەقەت پروگرامما يېزىشنىلا بىلگەن بولسا، ئىستىراتىگىيە، رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە نۇرمال ئادەملەردە، سودىگەر، كارخانىچىلاردا بولىدىغان روھ بولمىغان بولسا Oracle نى قۇرۇپ چىقالار بولغىيمىتى؟

مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بىز باشقىلاردا ئىشلىمەي ئۆزىمىز مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىشىمىز كىرەك دىمەكچى ئەمەسمەن، ئەلۋەتتە مەنمۇ خىزمەت قىلىۋاتىمەن، ھەم ئايرىلىپ چىقىش ئويۇممۇ يوق، ھەم ناتايىن،
دىمەكچى بولغىنىم بىر پروگراممىردا كەسپىي تېخنىكا بولغاندىن سىرىت چوقۇم بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىدە ياكى بىر سودىگەەردەا بولۇشقا تىگىشلىك روھ بولىشى كىرەككەن
9-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
ئەمما رەھمەت تېما ئىگىسى،
بىز ئەڭ ئىھتىياجلىق ھەم يادرولۇق نەرسىنى بىزگە يەتكۈزۈپسىز،
بىزنىڭ ئەمەلىي تېخنىكىمىز بولمىسا مەن يۇقارقىدا دىگەندەك «ئۇلۇغۋار» ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس
خالىسىڭىز qq نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، ئورتاقلىقىمىز باركەن.
10-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2018-1-10 12:58
ئەمما رەھمەت تېما ئىگىسى،
بىز ئەڭ ئىھتىياجلىق ھەم يادر ...

ماقۇل بولىدۇ . كىيۇ كىيۇ ۋە ئۈندىدار نومۇرۇم 742163033
11-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2018-1-10 12:45
رەھمەت تېما ئىگىسى،
نەق مەن ئۈچۈنلا يىزىپسىز بۇ تېمىنى ...

مۇشۇندا ئېسىل ئىنكاسلار بىزگە تېخىمۇ ياخشى يول باشلايدۇدە مانا . ئۇستازلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە رەھمەت .
12-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
oyghanbeg.com يوللىغان ۋاقتى  2018-1-10 13:50
مۇشۇندا ئېسىل ئىنكاسلار بىزگە تېخىمۇ ياخشى يول باشلا ...

ئۇستاز دىسڭىز ئىنكاس يازمايمەن جۇمۇ تېمىڭىزغا بۇنىڭدىن كىيىن
ھەممىمىز مەڭگۈ ئۈگەنگۈچى، ئالغا ئىلگىرلىگۈچى،
نۇرغۇن تەرەپلەردە مىنىڭ بىلىدىغىنىم سىزگە يەتمەيدۇ تىخى
13-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2018-1-10 20:10
ئۇستاز دىسڭىز ئىنكاس يازمايمەن جۇمۇ تېمىڭىزغا بۇنىڭد ...

ئۆز ئارا ئۈگىنەيلى
14-قەۋەت
فەخرىي ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2018-1-10 12:58
ئەمما رەھمەت تېما ئىگىسى،
بىز ئەڭ ئىھتىياجلىق ھەم يادر ...

ھە مانا ، رېئال دۇنيا بىلەن مەۋھۇم دۇنيانىڭ پەرقىنى چۈشىنىپسىزدە ؟
15-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: تۈنۈگۈن 18:12
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-13 18:16  
فەخرىي يوللىغان ۋاقتى  2018-1-11 21:20
ھە مانا ، رېئال د ...


            
دەۋالدىڭىزدە...
ھە بوپتۇ،
سىز ياخشىمۇ؟ ئىزدەپ تاپالمىدىمغۇ سىزنى  qqدىن؟
مىنى يۇيۋىتىپسىزدە؟
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部