+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-31 20:43 3159 قېتىم كۆرۈلدى 23 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى كۈنى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇزۇن يوللۇق كەزمە ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇردىغانلىقى ھەققىدە تېما يوللىغان ئىدۇق. دۆلىتىمىزنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە بانكىلارمۇ «ئۇزۇن يوللۇق پۇل ئېلىش ھەققى» نى ئەمەلدىن قالدۇردىغان بولدى.
دۆلەت ئىسلاھات تەرەققىيات كومىتېتى، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شەخىسنىڭ باشقا يەردىن پوكەيدىن پۇل ئالغاندىكى رەسمىيەت ھەققى، پۇل پېرېۋوت قىلىش رەسمىيەت ھەققى، خېرىدار ھېساباتىنىڭ باشقۇرۇش ھەققى ۋە يىللىق ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر ئەمىللەشكەندىن كېيىن شەخىسلەرنىڭ ھەر يىلى بانكىغا تۆلەيدىغان 6 مىليارد 105 مىليون يۈەن يۈكى ئازلايدۇ.



ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شەخىسنىڭ باشقا يەردىن پۇكەيدىن پۇل ئېلىش رەسمىيەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدۇ. ھەر قايسى سودا بانكىلىرى ئارقىلىق شەخىسلەر باشقا يەردىكى شۇ بانكىنىڭ پۇكەيدىن (ATM نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پۇل ئېلىش كەسپى ھەقسىز بولىدۇ. (ئىناۋەتلىك كارتىدىن پۇل ئېلىش بۇ دائىرىدە ئەمەس)
شۇنداقلا پۇل پېرېۋوت قىلىش رەسمىيەت ھەققى، يۇقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش ھەققى، تەنئەرق ھەققى... قاتارلىق 6 تۈرلۈك ھەق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدۇ. ئىناۋەتلىك كارتا، VIP كارتا قاتارلىقلاردىن باشقا كارتىلارنىڭ يىللىق ھەققى ۋە ھېسابات باشقۇرۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ.

مەنبەسى: 央视财经 دىن تەرجىمە قىلىندى.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن1

23ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
abdulla002 ۋاقتى: 2017-7-31 21:06:22
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ
گىلەم
oyqan1 ۋاقتى: 2017-7-31 21:10:25
دېمەك بىز سودا سانائەتنىڭ كارتىسىنى پوچتا بانكىسىنىڭ ATM سىغا سېلىپ پۇل ئالساق رەسمىيەت ھەققىگە تۇتۋالدىغان 2 يۈەن رەسمىيەت ھەققىنى تۇتمايدىكەندە.
ئورۇندۇق
17609051970 ۋاقتى: 2017-7-31 21:17:34
ۋاھ بۇ بەكلا ياخشى تىما بوپتۇغۇ
5-قەۋەت
uyghur ۋاقتى: 2017-7-31 21:27:14
oyqan1 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-31 21:10
دېمەك بىز سودا سا ...

ئۇنداق ئەمەس، ئاقسۇدا بىجىرگەن سودا-سانائەت بانكىسنىڭ كارتىسىنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ سودا سانائەت بانكىسنىڭ ATM غا سېلىپ پۇل ئالسىڭىز رەسىمىيەت ھەققى ئالمايدۇ دېگەن گەپ. بۇرۇن رەسمىيەت ھەققى ئالاتتى.
سودا سانائەت بانكىسنىڭ كارتىسىنى پوچتا بانكىسىنىڭ ATM غا سېلىپ پۇل ئالسىڭىز رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ.
6-قەۋەت
دىليارر ۋاقتى: 2017-7-31 21:39:19
منىڭ كارتامدا مەيلى نەدىكى قانداقلا پۇل ئالغۇدىن پۇل ئالسام بىر پۇڭ تۇتمايدۇ ئىشلەتكنىم كوئىنلۇن بانكنىڭ كارتسى
7-قەۋەت
seyyahi ۋاقتى: 2017-7-31 21:42:38
پوچتا بانكىسى بىلەن ئامانەت قەرىز بانىكىسىنىڭ كارتىسىدىن رايون ئاتلاپ پۇل ئالسا بۇرۇنمۇ مۇلازىمەت ھەققى تۇتمايتتى،
ئەمما باشقا بانكىلاردا ئالاتتى.
8-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-7-31 22:15:08
seyyahi يوللىغان ۋاقتى  2017-7-31 21:42
پوچتا بانكىسى بىلەن ئامانەت قەرىز بانىكىسىنىڭ كارتىسى ...

مىنىڭكىدىن تۇتقان ، 3مو ،
9-قەۋەت
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-7-31 22:22:53
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ .
10-قەۋەت
ئەنسارىm ۋاقتى: 2017-7-31 22:41:26
دىليارر يوللىغان ۋاقتى  2017-7-31 21:39
منىڭ كارتامدا مەيلى نەدىكى قانداقلا پۇل ئالغۇدىن پۇل ئ ...

سىزنىڭ ئۇقۇغۇچىلاركارتىسىئوخشايدۇ،
11-قەۋەت
muzat1970 ۋاقتى: 2017-7-31 23:36:22
seyyahi يوللىغان ۋاقتى  2017-7-31 21:42
پوچتا بانكىسى بىلەن ئامانەت قەرىز بانىكىسىنىڭ كارتىسى ...

سىزنىڭ ئاۋۇ ئامانەت قەرز كاپىراتىۋىنىڭ كارتىسى قاندا كارتا ئۇ،مەن ئۈرۈمچىدن پۇل ئالسام 1000 يۈەنگە 2 يۈەن تۇتپ قالدىغۇ ..............................
12-قەۋەت
adeljan0103 ۋاقتى: 2017-8-1 00:17:33
oyqan1 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-31 21:10
دېمەك بىز سودا سا ...

ئۇنداق ئاسان ئىش يوق قېرىندىشىم،سودا سانائەت بانكىسىنىڭ باشقا جايدىكى شۇ  بانكىسىدىن ئالسىڭىز تۇتمايدۇ.
13-قەۋەت
كىيىك ۋاقتى: 2017-8-1 00:48:13
مەن ئۆز رايۇنىمدا ئامانەت قەرىز بىرلەشمە كوپراتىپنىڭ كارتىسنى يىزا ئىگلىك بانكا پۇل ئالغۇسدا پۇل ئېىلم چىقىپ قىلسام 2يۈەن ھەق ئالدۇ،دىمەك مۇشۇ ھەقلەر ئەمەلدىن قالدى دىگەن گەپمۇ ئەمدى بۇ
14-قەۋەت
seyyahi ۋاقتى: 2017-8-1 01:51:51
muzat1970 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-31 23:36
سىزنىڭ ئاۋۇ ئامانەت قەرز كاپىراتىۋىنىڭ كارتىسى قاندا ...

مەن خوتەننىڭ كارتىسىنى ئۈرۈمچىدە ئىشلىتىپ پۇل ئالسام ھېچقانداق پۇل تۇتىۋالمىغان.
15-قەۋەت
1589728092 ۋاقتى: 2017-8-1 08:03:53
بارغانسىرى ياخشى سىياسەتلەر مەيدابغا كىلىۋاتىدۇ جۇمۇ،ياشا پارتىيە.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部