+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-3-14 18:36 5583 قېتىم كۆرۈلدى 89 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
46-قەۋەت
yusup383 ۋاقتى: 2017-3-15 21:26:10
بۆرەwolf يوللىغان ۋاقتى  2017-3-15 20:59
بوپتۇ سىز خەقنىڭ كەتمىننى چېپىۋىرىڭ بىز ئۆزىمىزنىڭ ت ...


سىزگە ئوخشاش مىنىڭلا راس دەيدىغان ئادەمگە ئارتۇق گەپنىڭ لازىمى يوق بىكار ئېغىز ئۇپراتقاننىڭ پايدىسى يوق، قارىسام بەكلا كۈزىڭىز كىچىكتەك قىلىدۇ، پەقەت ئېسىل بازارلىقى با كۆپ سېتىلغان داڭلىق مەھسۇلاتنىڭلا ساختىسى چىقىدۇ،  مەسىلەن  داڭلىق چولپانلىرىمىزنىڭ ساختىسى چىققانغا ئوخشاش ، قىممىتى يوق نەرسىنىڭ ساختىسى چىقمايدۇ ،  سىز دىگەن تىلفۇنلا تۇتۇپ باقمىغان تىلفۇن ئەمەس ، تاينى يوق ئىقتىدارنى قۇشۇپ باھانى تازا ئۆرلىتىپ ساتسا بەزى ئادەملەگە بەك جىڭپەر تۇيلۇپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ  بىر كىم سىزنى بۇ يەردە  تىلفۇنغا باھا بەرسۇن دەپ ئالاھىدە تەكلىپ قىلغىنى يوق شۇڭا سەل ئۈزىڭىزنى بېسۋېلىپ سۆزلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ھازىرقى ياشلانىڭ ساپاسى مۇشۇنچىلىك بولسا  كىيىنكىلە قانداق بولاكىن تاڭ  ، گەپ سۈزىڭىزگە دىققەت قىلىپراق ئىنكاس يېزىڭ ھىچكىم سىزنى گاچىكەن دىمەيدۇ،  بۇ يەردە بۇ توغۇرلۇق تالاش تارتىش قىلغۇم يوق
47-قەۋەت
Xperia ۋاقتى: 2017-3-15 21:33:21
سەزگۈرلىكىڭىز بەك ئېشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ،مەن ھىچ بىر ئىنكاسىمدا خەخنىڭ كەتمىننى چاپقاندەك قىلمىدىم .ئەكىسچە مەھسۇلاتتىكى ياخشىلاشقا تىگىشلىك ناچار تەرەپلىرىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە قارىغۇلارچە چاپان يىپىشقا ئۇرىنىۋاتقان كىشلەرنى كۆرگەندەك بولدۇم.مەھسۇلاتنىڭ كەمچىللىكى پىكىر تەكلىپلەر بىلەن تۈزىتىلىدۇ،ئەگەر ياخشىلانسا ھەممەيلەنگە ياخشى.كېسىلىنى يوشۇرىۋەرسە ئۆلۈمى ئاشكارا بولىدىغان گەپ.توغرا مەندەك بىر ئادەمنىڭ بىرە شىركەتكە نىسپەتەن ھىچقانچىلىك تەسىرى يوق.شىياۋمىنىڭ بازاردىكى ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشى ھازىر 3-يىلىغا قەدەم قويدى.بۇلتۇر تۆۋەنلەش ئېغىرراق بولدى .بىر ئادەمنىڭ ئەمەس مىليۇنلىغان ئادەمنىڭ بىزار بولىشىغا نىمە دەيسىز؟سىز دىگەن ئۇ ئىككى تىلفۇن ئەمىلىيەتتە يوقنىڭ ھىسابىدىكى تىلفۇن .چۈنكى ئۇ تىلفۇننى ئىلان قىلغىلى يېرىم يىل بولدى.لىكىن يىتەرلىك مال بىلەن تەمىنلىيەلمىدى.تەڭ بازارغا سېلىنغان ئالما ،vivo ,oppo.خۇۋاۋي قاتارلىق شىركەتلەر ئالدى 100مىليۇندىن كەينى 30-40مىليۇندىن بايراقدار تىلفۇنلىرىنى سېتىپ بولدى.شىياۋمى ھازىرمۇ خوڭمىسىنى سېتىش بىلەن ئاۋارە .ئۇ  نوچى دەۋالغان تىلفۇنلىرىنى 10مىليۇنمۇ ساتالماي يىل چىقىپ كىتىدۇ.ۋاقىت ئۆتىۋىرىدۇ.باشقىلار ئۇخلاپ ياتمايدۇ.ئەمدى چۈشەنگەنسىز...مەھسۇلاتىدىكى ناچار تەرەپلىرىنى تۈزىتىشى كىرەك.پۇلغا چىداپ تۈزۈك نەرسە ئىشلىشى كىرەك.مال دىگەننى باشقا شىركەتلەردەك مىليۇن مىليۇنلاپ  توشاق توشاق ئىشلىشى كىرەك .بولمىسا ،،،،ماڭا ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.لىجۈن ئاكىڭىز كەلسىمۇ مۇشۇنداق دىيەلىسىڭىز ،ئىنكاس ،پىكىر بىرەلىسىڭىز شىياۋمىرىڭىز ئاندىن ياخشىلىنىدۇ
48-قەۋەت
hawaskar218 ۋاقتى: 2017-3-15 22:01:59
ۋوي بۇ ئادەم ياردەم سورىسا بىر ئادەم ياردەم قىلاي دىمەي كەچ بولغىچە گەپ تالىشىۋېرىدىكەنسىلە . نىمە پايدىسى بۇنداق گەپ تالاشقاننىڭ ئۆز ئارا كۆڭۈل ئاغرىقىدىن باشقا نەرسە  يوق، ماڭا  قايسىڭلار 1000-2000 ئارىسىدىكى ياخشىراق تېلفۇن تالىشىپ بېرىسىلە . مېنىڭ بۇ ئەنجۈر تېلفۇن توغرىسىدا چۈشەنچەم بەك  كامچىل بولغاچقا تاللىيالمايۋاتىمەن بىرەرسىڭلار ياردەم قىلساڭلارچۇ ؟؟؟ QQ  نومۇرۇڭلارنى قالدۇرساڭلار ماڭا بىر ياردەم قىلساڭلار ،
49-قەۋەت
Smoker ۋاقتى: 2017-3-15 22:11:19
4-دۇختۇرخانىدىن قېچىپ چىققان بىرنەچچىسى تىمىنى ئۇقۇپ باقماي ئىنكاس يېزىۋاتقان ئوخشايدۇ .
گۈرۈچچاقنىڭ40پىرسەنتى ساختا دىگەن گەپنى لىجۈن ئاخۇن دىگەن تۇرسا شۇنىڭغىمۇ ئىشەنگۈڭلا كەلمەي ئۇنداق ئەمەس دەپ جىدەل قىلۋاتقىنىڭلا ھەقىيقەتەن قىززىق .
قارىسام كۆپىنچىڭلا ساختا مال ئىشلىتىۋاتقاندەك قىلىسىلەر ئۈزۈڭلاردىن خۇدۈكسىرۋاتقاندەك 小米نى ئاقلاپ كىتىپسىلەر .
50-قەۋەت
aplisin ۋاقتى: 2017-3-15 22:49:33
مىنىڭچە شىياۋمىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالاھىدىلىكنى دىمىسە باشقا ۋاي دىگىدەك يىرى يوق ، 1- باھاسى ئەرزان 2-ئۇيغۇر تىلى قىتىلغان ، 3- ئېكراندىكى سىستېما كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق  ، ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى شىياۋمى شىركىتى تىلفۇننىڭ سىرىتقى شەكىلنىڭ گۈزەلىكىگە پەقەتلا ئەھمىيەت بەرمىدى ،سىستېما سىنبەلگىلىرى چىرايلىق بولغان بىلەن ، سىرتقى شەكلى بارغانسىرى سەتلىشىپ كىتۋاتىدۇ ، ئازراقمۇ ئۆزگىچە لايىھە ۋە يېڭىلىق يوق ، ھەم باشقا تىلفۇنلارنىڭ سىرىتقى شەكىلنى دوراش ئەھۋالى بەكلا ئىغىر ، بولۇپمۇ ئالما تىلفۇننىڭ سىرىتقى شەكىلنى ئەينەن دورىغىلى تۇردى ، دورامچۇقلۇق ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئوربرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۋىتىدۇ ، ئاخىردا دەيدىغىنىم ،،، سىز ھاياتلىقتا نىمىنى ياخشى كۆرسىڭىز ۋە نىمىدىگەن بەكرەك ھوزۇرلانسىڭىز شۇ نەرسە سىزئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك تۇيۇلىدۇ ، سەت بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز ئۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە پەرى ھىساپلىنىدۇ ، شۇڭا ھەممە ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ،چۈشىنىشى ، تەسەۋۋۇرى ، ھىسياتى ، ئىستىمال سەۋىيەسى ئوخشاش بولمايدۇ ، پاكىت مۇنازىردىن ئۈستۈن تۇردۇ ، ئۆزۈڭلارغا زۆرۈرىيەتسىز ھەم ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۆز ئارا ئازارلىشىپ يۈرمەڭلار ،  
51-قەۋەت
yusup383 ۋاقتى: 2017-3-15 23:05:57
ھەي قېرىندىشىم بۇنداق بەس مۇنازىرنى تەكلىپ پىكىرلەنى ، شاۋمى مۇنبىرگە يوللىمامسىز دەيمەن،  ئالىپ تورى  تىلفۇنغا باھا بىردىغان مۇنبەر بولمىسا يا  ھەممىمىزگە پايدىلىق بۇلىشى  ئۈچۈن تىما يوللىغاندىكىن  پايدىلىق يىرىنى ئۇقۇپ چۈشەنسەكلا بولدى،  بۇنداق تەكلىپ پىكىرنى  بۇ يەدە تالاش تاتىش قىلغاننىڭ ھىچنىمىگە پايدىسى يوق،  
52-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-3-15 23:22:00
مەن لىللا گەپ قىلسام تۇنجى بولۇپ خوڭمى نوت 4 نىڭ ساختىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن،بايا 小米鉴定  دە تەكشۈرسەم ساختىكەن، ئەمما توكى شۇنداق ياخشى يەتتى، قەتئى قىزىش يوق،  miui  سېستىمىسى بەك راۋان،پاكىزە قولايلىق ئىكەن، شىياۋمى 6 نى ئېلىشنى پىلانلىدىم، ساختىسى مۇشۇنداق ياخشى بولسا ھەقىقىسىگە گەپ كەتمىگۈدەك، ئەمما تالىشىپ سېتىۋالالامدىم يوق، بۇ تەلەيكەن، خەن يولداشلارمۇ تىللاپ ئولتۇرۇپتۇ لېيجۈننى، شىياۋمى پەقەت مەھسۇلات ئېلان قىلىدۇ،بىر نەرسە ساتمايدۇ دەپ، يەنە بەزىلىرى شىياۋمى 8 ئېلان قىلىنغاندا ئاندىن ئالتىنى ئالىمەن دەپ كىنايە قىلىۋاتىدۇ، شىياۋمىنىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتى ئىككىنچى ئورۇندا، بىرىنچىسى لېشى يانفونلىرى ، لىيەنشىياڭ يانفونى
53-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-3-15 23:26:00
ئەمدى ئوپپو بىلەن ۋىۋو ، مېيزۇلار ھەقىقەتەن كۆركەم،سىرتىغا بەك ئىشلەيدۇ، ئەمما سەپلىمىسىگە ئىقتىدارىغا نىسبەتەن باھاسى بەك قىممەت، ۋىۋونىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى مۇنداق دەپتۇ، ئىقتىدار باھا نىسبىتى يۇقىرى تېلىفونلارنىڭ ھەممىسى ئەخلەت دەپ، گېپىچە سەپلىمىسى ئىقتىدارى تۆۋەن نەرسىلەرنى ئاسمانپەلەك باھادا ساتسا ياخشى يانفون بولارمىش، مۇشۇ گېپى ئۈچۈن بۇ ئۆمرۈمدە ئوپپو ۋىۋو مېيزۇ ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلدىم
54-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-3-15 23:30:52
ئىقتىدار باھا نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئۈچ يانفوننى تەۋسىيە قىلاي تېلفونچى بولمىساممۇ
لې مەكس 2     821سىپىيۇ، 1349 كوي
لىيەنشىياڭ zuk2 1600كوي
شىياۋمى 5  1700 كوي
رام روملىرىمۇ چوڭ،تەپسىلى سەپلىمىسىنى ئۆزەڭلار ئىزدەپ كۆرۈۋېلىڭلار
55-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-3-15 23:36:56
شىياۋمى راستلا بولىدىغان يانفونكەن، مۇشۇ mtk سىپىيۇ،1000 كويلۇق تۆۋەن دەرىجىلىك خوڭمىسى مۇشۇنداق بولسا بايراقدار تېلېفونلىرىنىڭ قالتىسلىقىنى پەملەپ بولدۇم، ماۋۇ خوڭمىنى galaxy s8 ئېلان قىلىنىپ بولغىچە ساقلاي دەپ ۋاقىتلىق ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالغان، قەتئى ياخشىكەن شىياۋمى، ئەمدى 835 سىپىيۇلۇق شىياۋمى 6 ئالىمەن
56-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-3-15 23:41:34
باشقا شىركەتلەر 835 سەپلەنگەن يېڭى يانفونلىرىنى 4500 دىن ئەرزان ساتمايدۇ، ئەمما شىياۋمى يەنىلا 1999دىن باشلاپ ساتىدۇ، شىياۋمىنى يەنە نىمە سۆككىدەكمەن ، نىمىشقا ئالمىغىدەكمەن ؟
57-قەۋەت
y210c ۋاقتى: 2017-3-16 00:17:26
مىنىڭچە يەنلا شاۋمى ياخشى سەپلىمە جەھەتتە ،مەسلەن oppo r9sكە ئىشىلتىلگىنى گاۋتوڭ 625cpu ئوخشاشلا خوڭمى 4كە ئىشىلتىلگىنىمۇ گاۋتوڭ 625cpu لىكىن بىرسىنىڭ باھاسى 1000يۈەن يەنە بىرنىڭ باھاسى بولسا 2200يۈەندىن ئارتۇق ،مىنىڭچە شاۋ مى يەنلا ئىشىلتىشكە ئەرزىيدۇ
58-قەۋەت
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-3-16 00:32:50
aplisin يوللىغان ۋاقتى  2017-3-15 22:49
مىنىڭچە شىياۋمىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالاھىدىلىكنى  ...

شىياۋمىنى ئۆزئەينى دورىدى دىسىڭىز ئوپپو بىلەن ۋىۋونى نىم دەسىز
59-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-3-16 00:33:48
ھە راست
بايا شىياۋمى بازىرىدا دەپتۇ،1700 كويغا شىياۋمى بەشتىن ئىككىنى سېتىۋالالايسىز، يەنە ئاممىۋى ئاپتوبۇس كارتىسى سوغا قىلىنىدۇ دەپ، مەن ئالاي دىسەم بۇ يەردە شىياۋمىنىڭ دۇكىنى يوقكەن،دۇكانغا بېرىپ ئالغىدەكمىز، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭلار، 820 سىپىيۇلۇق يانفون، 1700 گە بىرنى ئالسىمۇ ئەرزان تېلفون ئۇ
60-قەۋەت
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-3-16 00:46:27
Xperia يوللىغان ۋاقتى  2017-3-15 21:33
سەزگۈرلىكىڭىز بەك ئېشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ،مەن ھىچ بىر ئ ...


توغرا پىكىرنى ياخشى بەسەك ئاندىن مەھسۇلات ياخشى چىقىدۇ لىكىن ئالما شىركىتىنىڭ مەرھۇم ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتىۋ جوبىس كىشىلەنىڭ پىكىرى بويىنچە ئىش قىلغان بوسا ئىدى ئايفۇن دۇنياغا كەممىگەن بولاتتى جوبىس ئايفۇننى ياساپ چىققاندا باشقا ئېلىكتىرون شىركەتلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلغان لىكىن ئاخىرى قاندا بولدى ئالما شۇ ئايفۇن ئارقىلىق دۇنيا بويىنچە بىرىنجى بولدى سىز دەۋاتقان خۇاۋېي 1987يىلى قۇرۇلغان سامسۇڭ1938يىلى قۇرۇلغان تارىخى ئۇزۇن شىركەتلە لىكىن شىياۋمى 2010يىلى قۇرۇلدى ئازغىنە ئالتە يىلدا نەچچە مىلياردقىممەت يارىتىش ئاسانمۇ مۇشۇنچىلىك تىلفۇن ياساش ئاسانمۇ؟ئۇ باشقا شىركەتلە قۇرۇلۇپ ئالتە يىلدا نىمىش قىلالاپتىكەن ؟بۇ مال يىتىشمەسلىك ئىشلىرىمۇ بارا بارا تۈگەيدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ قەدرىنى قىلغىنى يەنىلا شىياۋمى شۇڭا مەن شىياۋمى قوللايمە باشقا كونا ماركىدىكى شىركەتلەنى ھۆرمەت قىلىمەن سىز نىم دىسىڭىز دەڭ قولىڭىزدىن كەسە شىياۋمىغا رىقابەت بوغىدەك شىركەت قۇرۇڭ.  مىنىڭ شىياۋمى قوللاشتىكى ئاساسلىق باھانەم دۆلىتمىزدە تۇنجى بوپ ئۇيغۇر تىلىنى قوشتى ئەمدى بۇندىن كىيىن باشقا شىركەتلەنىڭمۇ قوشىشىدا ئۈمىد با
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部