+تېما يوللاش
Sebiybeg يوللانغان ۋاقتى:2017-8-4 18:21 1176 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

ئەلۋەتتە سامسۇڭ يانفونلىرىغا Root ئېلىش باشقا يانفونلارغا قارىغاندا ئاسان ھەمدە Root ئېلىش شەكىللىرى بىر نەچچە خىل بولۇپ. بىز ئالدىنقى قېتىم ‹‹ سامسۇڭ Galaxy S8 يانفونلىرىغا ئۈچىنچى تەرەپ Recovery ئارقىلىق Root ئېلىش ›› ھەققىدە تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقان ئىدۇق. بۈگۈن  CF-Auto-Root ئارقىلىق Root ئېلىش ھەققىدە بولىدۇ. ئەمىسە باشلاپ كەتتىم....!

دىققەت :
1.يان تېلېفونىڭىزدىكى مۇھىم دەپ قارايدىغان بارلىق ماتېرىياللارنى زاپاس ساقلىۋېلىڭ !
2.سامسۇڭ ھېساباتى بولۇپ قالسا چىقىرىۋېتىڭ !
3.ۋە يان تېلېفونىڭىزدا ‹‹ OEM قۇلۇپ ›› بار بولۇپ قالسا. ‹‹ 设置 تەڭشەك ›› ئىچىدىن ‹‹ 开发者选项 ›› كېرىپ ‹‹ OEM قۇلۇپ ›› ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىڭ !
4. دۆلەت نەشرىدىكى يانفونلاردا ‹‹ OEM قۇلۇپ ›› يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاچمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.


تەييارلىق :
1. سىز ئالدى بىلەن يانفونىڭىزنىڭ تىپ نومۇرى ۋە ئاندىرويىد نەشرىگە ئاساسەن CF-Auto-Root ھۆججىتىنى تاللاپ  چۈشۈرۈڭ !


چۈشۈرۈش مەنزىلى :



يېزىش باسقۇچى :
1.سىز يۇقىرىدىكى چۈشۈرۈش مەنزىلىدىن چۈشۈرگەن بولاقنى يەشسىڭىز، بولاق ئىچىدىن سامسۇڭ يانفونلىرىغا سىستېما يېزىش قۇرالى بولغان Odin ۋە tar.md5 خاسلىقىدىكى CF-Auto-Root ھۆججىتى چىققان بولىدۇ.



2.خۇش ئەمدى يانفوننى سىستېما يېزىش رايونىغا ئەكىرىپ يۇقىرىدىكى بولاق ئىچىدىكى Odin قوزغىتىمىز ۋە CF-Auto-Root ھۆججىتىنى Odin قورالىنىڭ AP تۈرىگە تاللاپ Start  تۈرىنى چېكىپ يازسىڭىز بولىدۇ.



3.خۇش CF-Auto-Root ھۆججىتى يېزىپ يانفون قوزغىلىپ بىر نەچچە سىكوت ھۆججەت يازىدۇ. ئاندىن ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ. ئەلۋەتتە تۇنجى قېتىم قوزغالغاندا بىر نەچچە قېتىم قايتا قوزغىلىپ ئېچىلالمىغاندەك قوزغىلىدۇ. لېكىن ئەنسىرىمەڭ بىرنەچچە قېتىم قايتا - قايتا قوزغالغاندىن كىيىن نورمال قوزغىلىدۇ. ۋە قارايدىغان بولساق يانفون ئېكران يۈزىگە SuperSu ئەپ دېتالى پەيدا بولغان بولىدۇ.



4.دېمەك سىز نورمال ھالدا Root ئېلىپ بولدىڭىز دېگەن گەپ ...

ئەسكەرتمە :
ھۆججەتنى خاتا چۈشۈرۈپ ياكى نەشرى توغرا بولمىغان نەشرىنى چۈشۈرۈپ يېزىپ تېلېفونىڭىز ئېچىلماس بولۇپ قالسا، سىستېما يېزىپ يانفونىڭىزنى ئەسلىگە ئەكىلەلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە يەنە ئويلىمىغان خاتالىقلار كۆرۈلۈپ قىلىشى مۇمكىن . ئەگەردە شۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇقسىڭىز ياردەم تېمىسى، ياكى ئۇشبۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللىغايسىز. تورداشلار ئۆزئارا ياردەمدە بولغايمىز.


خۇش ئەگەردە يۇقىرىدا تەمىن ئېتىلگەن ئادرېستا يانفونىڭىزنىڭ تىپ نومۇرى يوق بولۇپ قالسا، بىۋاسىتە مېنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەھۋالغا قاراپ ھەقسىز ۋە ھەقلىق ياردەمدە بولىمەن . گەپ يۈزدە ياخشى شۇڭا ئالدىن دەۋاتىمەن ھا ھا ھا ...!

ئالاقە : 577723081

ok  سىزگە ئامەت تىلەيمەن ...!



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2017-8-5 00:23:45
دەرسلىكقۇ شۇنداق ياخشى بوپتۇ ، لىكىن روت ئ‍الساق تىلفۇندا بەزىبىر ئ‍ەھۋاللار كۈرىلىدىكەن ، شۇڭا روت ئ‍المايمىكى دەپ ئ‍ويلىغان ، بولسا بى روتسىز كۆركەم ، چىرايلىق ھۆسنىخەت فونتى بولسا بىر يوللاپ قويسىڭىز بەكمۇ خۇشاللىنارلىق ئ‍ىش بۇلاتتى دە ،،  6.0.1 گە ماس كىلىدىغىننى ئ‍ەلۋەتتە سامسۇڭغا ،،،،
گىلەم
SARDAR84 ۋاقتى: 2017-8-5 00:32:58
شاۋمى نوت پىرو نى ئۈچ تورلۇق قىلىشتىن ياردەم قىلساڭلا قېرىندىشىم.QQ2934694671
ئورۇندۇق
Sebiybeg ۋاقتى: 2017-8-5 11:20:59
SARDAR84 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-5 00:32
شاۋمى نوت پىرو نى ...

شىياۋمى Note ئىككى خىل بولۇپ . ئادەتتىكى نۇسخىسى ۋە ئالاھىدە نۇسخىسى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئالاھىدە نۇسخىسى 810 بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن. ئادەتتىكى نۇسخىسىغا 801 بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن. ۋە يەنە ئالاھىدە نۇسخىسى ھەممە كارتىنى قوللايدىغان بولۇپ ‹‹ 移动+联通+电信 ›› قۇللايدۇ ، ئادەتتىكى نۇسخىسى بولسا قۇش كارتا بولۇپ ‹‹ 移动+联通 ›› قۇللايدۇ.

خۇش ئەگەردە سىزنىڭ يانفونىڭىز ئالاھىدە نۇسخىسى بولسا ھەممە كارتىنى قوللايدۇ دېگەن گەپ ، ئۇنىڭغا سىستېما يېزىش ھاجەت ئەمەس.
5-قەۋەت
muzat1970 ۋاقتى: 2017-8-5 11:24:55
سېستىما يېزىش ھالىتىگە قانداق ئەكىرىمىز
6-قەۋەت
Sebiybeg ۋاقتى: 2017-8-5 11:47:12
muzat1970 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-5 11:24
سېستىما يېزىش ھالىتىگە قانداق ئەكىرىمىز

يانفونىڭىز S8 يانفونى بولماي باشقا يانفون بولسا : يانفوننى تولۇق ئەتكەندىن كىيىن ، ئۆي كونۇپكىسى + ئاۋاز تۆۋەنلىتىش ۋە ئېچىش كۇنۇپكىسىنى تەڭلا بېسىپ تۈرىمىز . ئېكران كۆك ھالەتتە ئەسكەرتمە رايونىغا كىرىدۇ. ۋە بارلىق كۇنۇپكىنى قويۇپ بېرىپ، ئاۋاز يۇقىرىلىتىش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. يانفون نورمال سىستېما يېزىش رايونىغا كىرىدۇ.

يانفونىڭىز S8  بولۇپ قالسا
يانفون تولۇق ئېتىلگەندىن كىيىن. Bixby ‹‹ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسىنىڭ ئاستىدىكى كۇنۇپكا ›› ، ئاۋاز تۆۋەنلىتىش ۋە ئېچىش كۇنۇپكىسىنى تەڭلا بېسىپ تۈرىمىز . ئېكران كۆك ھالەتتە ئەسكەرتمە رايونىغا كىرىدۇ. ۋە بارلىق كۇنۇپكىنى قويۇپ بېرىپ، ئاۋاز يۇقىرىلىتىش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. يانفون نورمال سىستېما يېزىش رايونىغا كىرىدۇ.
7-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-8-5 13:42:19
مەن سامسۇڭ on5(5700)تىپلىق يانفۇنى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم ھەممە كارتىدا 4gقوللاييتى ئىككى كۈن بوپقالدى كۆچمىنىڭ كارتىسىدا 2gچىقىدىغان بولىۋالدى ئەسلى 3gچىقاتتى باشقا كارتا ئالماشتۇرۇپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش،تېلگىرافنىڭ كارتىسىدا 3gچىقىۋاتىدۇ بولمىسا يانفۇننى زاۋۇت ئەسلىگىمۇ قايتۇرۇپ باقتى 10086گە تېلېفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرسەم تور نۇرمال دەيدۇ ،بۇرۇن 3gچىققان يەردە ئەمدى چىقمايۋاتىدۇ بىلىدىغانلا ياردەم قىلساڭلا
8-قەۋەت
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2017-8-5 14:01:14
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2017-8-5 13:42
مەن سامسۇڭ on5(5700)تىپ  ...

قاچان ئالغان سىز تىلفۇننى،  نەچچە پۇلغا ئالدىڭىز،  يەنە تۇكى قانداقراق يىتىدۇ سىزنىڭ تىلفۇنىڭىزنىڭ،  مەنمۇ بىرنى ئالغان بىر ھەپتە بولدي شۇڭا سۇراپ بېقىشىم،  
9-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-8-5 16:59:43
بۈركۈت11 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-5 14:01
قاچان ئالغان سىز تىلفۇننى،  نەچچە پۇلغا ئالدىڭىز،  يە ...

مەن 799كويغا تاۋباۋدىن ئالغان سۈپەت كاپالىتى بار توكى بىركۈن ئازادە يىتىدۇ سۈرئىتى،بارماق تۇنىشى تىزكەن otgئىقتىدارىمۇ ياخشىكەن ئاردۈينو چېتىپ پىروگرامما چۈشۈرۈپ باقتىم. قىززىيدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق.
ئەمدى كەمچىلىكى مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كومپاس،nfc،ئىكران يۇيۇقلىقىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەش ئىتىدارلىرى يوق،ئۇنىڭدىن باشقا ئىكراننىڭ ئىنىقلىقى تازا ياخشى ئەمەسكەن.
ھەراس كۆچمىنىڭ تورى 2gبوپ قېلىشىدىكە سەۋەپ تېلېفۇندىن ئەمسكەن ماۋۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى سىگىنال مۇنارىدىن مەسىلە چىققان ئوخشايدۇ،بايا بازارغا بېرىپ سىناپ باقسام 3gچىقىۋاتىدۇ.
10-قەۋەت
ئەركە1 ۋاقتى: 2017-8-5 20:49:20
رەھمەت بولدىغان بىلىمكەن
11-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-8-5 22:10:47
بۈركۈت11 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-5 14:01
قاچان ئالغان سىز تىلفۇننى،  نەچچە پۇلغا ئالدىڭىز،  يە ...

تېلېفۇن قۇلۇمغا تەككىلى 10كۈندىن ئاشتى
12-قەۋەت
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2017-8-7 10:36:00
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2017-8-5 22:10
تېلېفۇن قۇلۇمغا ...

سىز ئەجەپ ئەرزان ئاپسىزغۇ،  مەن تاۋبادىن شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىغانتىم،  ئاخىرى پۇكەيچى باللادىن 1000 كويغا ئالغانتىم ماڭىمۇ شۇنداقراق ۋاقىت بولدى،  تاۋباۋدا 1179 دەپ تۇرامدۇ شۇنداقراق كۈرۈندى يا،  سىز ئالغىنى G5700 مۇ ياكى G5520 مۇ
13-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-8-7 21:33:17
بۈركۈت11 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-7 10:36
سىز ئەجەپ ئەرزان ئاپسىزغۇ،  مەن تاۋبادىن شۇنچە ئىزدەپ ...

راستىنلا 5700 ھازىر 30كوي ئۈسۈپ قاپتۇ
14-قەۋەت
owqi11 ۋاقتى: 2017-8-26 21:43:23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  سەبىجان تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ بوپقالدى مەندە سەنشىڭ ئا 8  تىلپۇن باتتى 6.1 نەشىرگە يېڭىلاپتىكەنمەن تازا نورمال ئەمەس، مۇشۇنى 5.1 گە چۇشىرىشتىن بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部