+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2017-7-23 17:14 870 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-7-23 22:05  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بىز  Kotlin بىلەن ئالدىنقى قىتىملىق بىر نەچچە يازمىلىرىمىز ئارقىلىق تونۇشتۇق،
ئارىمىزدا بەلكىم بۇ تىلنىڭ بىز تونۇشتۇرغان ئەۋزەللىكلىرىنى ئاڭلاپ بۇ تىلنى ئۈگىنىش نىيىتىگە كەلگەن ھەم ئۈگىنىۋاتقان دوسلار بولىشى مۇمكىن،

ئەلۋەتتە سىز Kotlin نى ئۈگىنىشنى ئويلاۋاتقان ياكى ئۈگىنىۋاتقان بولسىڭىز تېمامغا كىرگىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن، بەلكىم سىز بەزى نۇقتىلارنى ئايدىڭ قىلالىشىڭىز مۇمكىن.

ئالدىنقى قىتىمقى يازمىلىرىمدىمۇ Kotlin نىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى دەپ ئۆتكەندىم،

ئۇنداقتا سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
سىز نىمىشقا Kotlin نى تاللىدىڭىز؟
سىزگە دىسەم ياخشىسى بۇنىڭغا جاۋاپ تىپىڭ،

ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ھەممە ئادەم ياخشى دەيدىغۇ، ھەم ياخشىكەن، ئىشقىلىپ ياخشىكەن، Java دىن ياخشى ئوخشايدۇ، ئىشقىلىپ ئۈگەنسەم زىيان تارتمايدىكەنمەن...
مۇشۇ مۇنبەردە بىرەيلەننىڭ قىلغان گىپى ھىلىمۇ يادىمدا، بىر قوي ياردىن سەكرىسە كەينىدىكى نۇرغۇن قويلار ئەگىشىپ ياردىن سەكرەيدۇ، مۇشۇنداق دىگەندى،
سىزمۇ شۇنداق قىلامسىز؟
سىز قوي بولماڭ،

ئەگەر سىزنىڭ ئويىڭىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كىتىدىغان نەرسە بولسا مەن سىزگە تېمامنىڭ ئاخىرىنى تەپسىلىيراق ئويلىنىپ ھەم چۈشىنىپ ئوقۇش تەكلىۋىنى بىرىمەن،

باشقىلارمۇ ئۈگىنىپتۇ، باشقىلارمۇ قىپتۇ مەنمۇ قىلاي ياكى شۇنىلام ئۈگىنەي دىگەننىڭ ئىشى بولغان بولسا مەنمۇ PHP يىزىپ كەتكەن بولاتتىم،
مەن بەك نۇرغۇن تىللارنى ئۈگەنگەن،
C#, Java, C, C++, Python, PHP, HTML5+CSS3, JavaScript, TypeScript, Kotlin
بۇلار مەن ئۈگىنىپ باققان تىللار،
ئۈگەنگەن ھەم ئىشلىتىپ باققان رامكىلاردىن
Node.JS -> Express
Node.JS -> Electron
Java -> JSP
Java -> Servlet
C, C++ -> GTK Plus
.....................
ئۇف... نىمانداق زىرىكىشلىك...

ئالدىنقى قىتىملىق يازمىلىرىمدىمۇ بۇلارنى تىلغا ئالغاندىم، ئەلۋەتتە تىلغا ئىلىشىم سەۋەپسىز ئەمەس
لىكىن مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەتمەيمەن، ھەم خىلى نۇرغۇنلىرىنى ئۈگىنىپ قويۇپ ئىشلىتىدىغان يەرمۇ تاپالمىدىم،
مەن PHP نىمۇ خىلى ئۈگەندىم، ئوبىيكىتقا يۈزلىنىش، ئىشقىلىپ ئاساسى گىرامماتىكىلىرىنى ئۈگىنىپ بولغان، بىر تىلنىڭ پۈتۈن گىرامماتىكىسىنى ئۈگىنىش ماڭا نىسبەتەن ھازىر بىر ھەپتە ۋاقىتتىن دىرەك بىرىدۇ،
لىكىن ھەممە ئادەم، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئىتراپ قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ھەم شۇنچىۋالا تەرەققىي قىلغان PHP نى مەن ئىشلەتمىدىم، ئەكىسچە ASP.Net Core سۇپىسىنى تاللىدىم،
ھەم ھەممە ئادەم Java نىڭ شۇئارىنى توۋلاپ شۇنى Android يىزىشتىكى بىردىنبىر تىل دەپ بىلىپ ئىشلىتىۋاتقاندا مەن ئاللىبۇرۇن Kotlin غا كۆچۈپ ئىشلىتىپ بولغان،
JavaScript نىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لىكىن مەن يەنىلا TypeScript نى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىمەن،
مەن GTK+ نى نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۈگەنگەنگە يارىشا تىخى ھازىرغىچە بىرەر قىتىم C, C++ دا GTK+ دا بىرەر پروگرامما يىزىپ باقماپتىمەن،
Python نى ئۈگىنىپ تىپىشماق تىپىشقىلا ئىشلىتىپتىمەن،

مەن نىمىشقا شۇنچىۋالا كۆپ ئادەم ئىشلىتىدىغان PHP نى ئىشلەتمەي پۈتۈن دۇنيادا تۈزۈك ئادەممۇ ئىشلەتمەيدىغان ASP.Net نى ئىشلىتىمەن؟ بۇنىڭدا چوقۇم بىر سەۋەپ بار، مۇشۇنداق ئويلاڭ،
سەۋەپسىز ئىش بولمايدۇ ھەم شۇنداقلا سەۋەپسىز ئىش بولماسلىقى كىرەك،

مەن دىمەكچى، ھەر قانداق نەرسىنى ئۈگىنىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ،
ئەگەر سىز بىر نەرسىنى ئۈگەنسەم نىمىگە ئىشلىتىمەن دىگەننى ئويلاشمايلا شۇ نەرسىنى ئۈگىنىپ تاشلىسىڭىز ئۈگىنىپ بولۇپ ئىشلىتىدىغانغا يەر تاپالمايسىز، ياكى ئۇنىڭ قىممىتىنى ھىس قىلالمايسىز

ئۈگەنگۈچىلەرگە تەكىتلەيدىغىنىم:
بىلىم دىگەن مەۋھۇم نەرسە، ئۇنىڭ ھەقىقى قىممىتى شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياراتقان قىممەتتە،
سىز بىر نەرسىنى ئۈگىنىپ قويۇپ ھىچنىمىگە ئىشلەتمىسىڭىز ئەھمىيىتى بارمۇ؟ ھەم مۇھىمى ئۈگەنگەندىمۇ ئۇنىڭدىكى يارقىن نۇقتىلار، ئالاھىدىلىكلەرنى نۇقتا قىلىپ ئۈگىنىڭ.
(دىققەت، بۇنداق دىگىنىم ھىچنىمىگە ئەس قاتمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس، مەسىلەن سىز بىر تىلنى ئۈگەنسىڭىز يەنە بىر تىلنى ئۈگىنىشكە نۇرغۇن پايدىسى بولىدۇ، دىمەكچىمەنكى ئۆزىڭىزنىڭ نىمىگە ھەقىقى مۇھتاجلىقىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىڭ)

مەن قانداق ئۈگىنىمەن ئەمەس نىمىشقا ئۈگىنىمەن؟ نىمىشقا ئۈگەنگۈدەكمەن؟
ئەگەر بىر نەرسە ئۈگەنگەندە بۇنىڭغا ئاساس تاپالمىسڭىىز جىڭغا ئولتۇرغىدەك باھانە تاپالمىسىڭىز ئۈگەنمەڭ،
نىشان ئىنىق بولىشى كىرەك، مەن بۇنى ئۈگىنىپ نىمە قىلىمەن؟

تېمىغا كەلسەك،
بەلكىم مەن سىزنىڭ  Java دىن Kotlin غا كۆچۈشكە باھانە تىپىپ بىرەلىشىم مۇمكىن،
سىزگە دىسەم Kotlin ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ تىخىچە بۇلارنى ئىشلەتمىسىڭىز سىزنىڭ Kotlin ئىشلەتكىنىڭىزنىڭ قىلچە پايدىسى يوق،
ماشىنىنى ئات ھارۋىسى قىلىپ ئاتقا سۆرەتكەندەك بىر ئىش،




تۆۋەندە بىز Kotlin دىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىلارنى يىغىنچاقلاپ چىقايلى، بۇلارنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز Kotlin ئىشلەتتىم دەپ ئويلىماڭ


0x0 . C++ قا ئوخشاش فۇنكىسىيە شەكلىدە پروگرامما يىزىش،



يەنى ئادەتتىكى باشقا ئوبىيكىتقا يۈزلەنگەن نۇرغۇن تىللاردا فۇنكىسىيە چوقۇم كىلاسس نىڭ ئىچىدە بولىشى كىرەك، مەسىلەن C#, Java
لىكىن C++ بولسا C تىلىدىكى ۋە ئوبىيكىتقا يۈزلەنگەن تىلدىكى ئىككى خىل ئالاھىدىلىكنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولغاچ C++ دا ھەم فۇنكىسىيە شەكلىدە ھەم ئوبىيكىتقا يۈزلەنگەن شەكىلدە يىزىشقا بولىدۇ،
ئەمدى بۇنى بەك كۆپ ئىشلىتىپ كىتىش تازا توغرا ئىش ئەمەس، لىكىن مۇۋاپىق ئىشلىتىش خىلى نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى تۈگىتەلەيدۇ،
Java قوللىمايدۇ، C# قوللىمايدۇ



0x01. Lambda





ماۋۇ Kotlin دىكى ئەڭ ئەڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى، تىخىچە بۇنىڭدىن پايدىلانمىغان بولسىڭىز بولدى، Kotlin ئىشلەتمەڭا،

Java دىگەن قوتۇرنىڭ Lambda سىنىڭ تايىنى يوق،
ماڭا Java8 دە Lambda بارغۇ دىمەڭ، بەرىبىر Kotlin نىڭكىگە يەتمەيدۇ، بىز Java نى ئەمدى ئاۋارە قىلماي قەبرىسىدە تىنىچ ياتقىلى قويايلى،
نۇرغۇن كىشى بۇنىڭ نەدە نىمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ، ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق ئىدىم،
Lambda دىگەننى كىلىشتۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئۇنىڭدەك ئىسىل نەرسە يوق،
تىخى بۇنىڭدا DSL ئوينايمىز.تىخى Lambda نى ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئىشلەتكەندەك ئۇ يەردىن بۇ يەرگە ئاپىرىپ دىگەندەك ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئوينىغاندەك ئوينايمىز.
مىنىڭ Lambda سىز پروگرامما تىلىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇم يوق،

Java قوللايدۇ، لىكىن تىخى  ئۇزاق بولمىدى، C# ئاللىبۇرۇن ياخشى قوللاشقا ئىرىشكەن

0x02. كىڭەيىتمە فۇنكىسىيە، كىڭەيىتمە خاسلىق




ۋاھ... ماۋۇ پەچەت.
تىخى بۇ نۇرغۇن تىللاردا يوق،
مەن كىڭەيىتمە فۇنكىسىيەنى C# دا سۆيۈپ ئىشلىتەتتىم، ئەلۋەتتە Linq ئىشلىتىپ باققان ئادەم بۇنىڭ قىممىتىنى ھىس قىلالايدۇ
ئەمدى ماۋۇ Kotlin غا كەلسەك ماۋۇ خەق C# دىنمۇ ئاشۇرۇپ كىڭەيىتمە خاسلىق دەپ بىر نىمىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ،
ئەمما قارشى ئالىمىز
ئەمدى سىز كىڭەيىتمە خاسلىق بىلەن كىڭەيىتمە فۇنكىسىيەنى ئايىماي ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، نۆۋەتتە بۇنى جاۋا پەقەتلا قوللىمايدۇ،
ۋاي دات... Util دىگەن نەرسىدىن زىرىكتۇق.
Java ئىككىلىسىنى قوللىمايدۇ، C# كىڭەيىتمە فۇنكىىسيەنى قوللايدۇ

0x03. فۇنكسىيە Class لارنى قاپلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ،





يەنى فۇنكىسىيە ئىچىدە فۇنكىسىيە، ئىچىدە يەنە فۇنكىسىيە، ئىچىدە يەنە فۇنكىىسيە، تىخى بۇنىڭ ئىچىدىمۇ Class
يەنى فۇنكىسىيە ئىچىدە كىلاسس
دەششەت ئەركىن، تىل دىگەن مۇشۇنداق بولسا،
خۇددى بۇ يىرى JavaScript دەك.Java ئىككىلىسىنى قوللىمايدۇ، C# فۇنكىسىيەنى قاپلاپ ئىشلىتىشنى قوللايدۇ

0x04.  مول بولغان ئىپادىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش،
مەسىلەن if, when, foreach...






بۇلارنى ياخشى ئىشلىتەلىسىڭىز سىزنىڭ نۇرغۇن يۈكىڭىز يەڭگىللەيدۇ.
Java ھىچقايسىسىنى قوللىمايدۇ، C# swich قا يىڭىدىن كىرگۈزۈلدى، قىسمەن قوللايدۇ

0x05. Collection غا تەمىنلەنگەن نۇرغۇن ئىسىل فۇنكىسىيەلەردىن پايدىلىنىش،
.Net دا Linq ئىشلىتىپ باققانمۇ؟




مەن قىيالمايدىغان نەرسىنىڭ بىرى مۇشۇ ئىدى،
ئەمدى بۇنى Kotlin دىمۇ ئوينايمىز،
Kotlin نىڭ Collection غا تەمىنلىگەن ئىنتايىن كۆپ فۇنكىسىيەلىرى بولۇپ سىز مۇرەككەپ بولغان ئۇچۇرلارنى تەرتىپلەش، گورۇپپىلاش، سۈزۈش، ئۆزگەرتىش يەنى بىر خىل تىپتىن ئوخشىمىغان يەنە بىر خىل تىپقا ئۆزگەرتىش... قاتارلىق Java دا ئادەمنى ھاردۇرۇپ ھالىنى قويمايدىغان زىچ، قالايمىقان، مۇرەككەپ كودلارنى يىزىپ يۈرمەيسىز،
ئىنتايىن قۇلاي، خۇددى Linq دەكلا.
Java قوللىمايدۇ، C# ئىنتايىن ياخشى قوللايدۇ، Linq, EntityFramework, Linq to sql بۇلارنىڭ ياخشى مىسالى

0x06. نەق مەيداندا ئوبىيكىت ياساش،





ۋاقتى كەلگەندە بۇمۇ ئىنتايىن ئەس قاتىدىغان ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى،
يەنى مۇلازىمىتىر تەرەپتە ئابونىتقا Json ھاسىللاپ ئەۋەتكەندە دەششەت ئەس قاتىدۇ،
Kotlin دا ئىشلەتكەندە Spring Boot دا بەك ئەس قاتىدۇ

Java قوللىمايدۇ، C# ياخشى قوللايدۇ


0x07. قۇرۇلما يىشىش

يەنى بۇمۇ ۋاقتى كەلگەندە بەك ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى،

بۇنىڭدا خۇددى Swift قا ئوخشاش بىر دانە فۇنكىسىيەدىن كۆپ قىممەت قايتىدىغان قىلىشقا بولىدۇ
Kotlin دا data class دا بۇنى سۈكۈتتە تەمىنلىگەن، ئەلۋەتتە ئادەتتىكى class دا component1, component2 component3... فۇنكىسىيەلىرىنى قايتا يىزىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ



Java قوللىمايدۇ، C# قوللايدۇ


0x08. ئەمەل بەلگىلىرىنى ئۆزى يىزىش


بۇ مەن ھازىرغىچە پەقەت Kotlin دىلا كۆرگەن ئالاھىدىلىك.


يەنى بىز ئادەتتە پروگرامما تەمىنلىگەن + - / * ^ ..... قاتارلىق ئەمەل بەلگىلىرىنى ئىشلىتىمىز،
بىز ئامال قىلىپ ئەمەل بەلگىلىرىنى ئۆزىمىز ياسىيالامدۇق؟
Kotlin دا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى،
بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالى بەك چوڭ، يەنى رامكا ياكى ORM يازىدىغانلار ماۋۇنى تۇتۇپلاۋالسا Linq نى بىردەمدە دوراپ چىقىرۋىتىدۇ،

مەسىلەن مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا قىلىق چىقىرىپ باقاي



val file1 = File("aa.txt")
val file2 = File("bb.txt")
val file3 = File("cc.txt")

var result = "Hello" writeTo file1 And " World" writeTo file2 And ", This is a test" writeTo file3

println(result)



Kotlin  نىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنى تۇتقا قىلىپ ئۈگىنىڭ

ئەگەر سىز Kotlin ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ يەنە Java پەدىسىگە پروگرامما يىزىۋاتقان بولسىڭىز بۇ بىر ياخشى ئىش ئەمەس بەلكى ئاۋارچىلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ

بۇنىڭ ھىچنىمىگە ئەھمىيىتى يوق
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

9ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
bvrkvt ۋاقتى: 2017-7-23 21:12:12
بۇ تېمىنى بىزدەك يېڭى پىروگىامما تىلى ئۈگەنگۈىلەر ئۈچۈن ناھايتى ياخشى يىزىپىسىز،ھازىر بۇ پىروگىرامما لايىھەلەش تىللىرىنىڭ كۆپلىكىدىن قايسنى ئۈگۈنۈشنى بىلمىكمۇ بەك تەس بپ كەتتى ،مەنمۇ تۆۋەن سەۋەيەدەن باشلاپ يۇمشاق دىتال لايىھەلەشنى ئۈگۈنەي دەپ vb6.0نى ئۈگۈنىۋاتقان ئىدىم ،مۇشۇ پىروگىرامما تىلىدىكى ئوبىكىتىقا يۈزلەنگەن دىگەن گەپنى مەن پەقەت چۈشەنمىدىم،پىروگىراممىدىكى ئۇبىكىت دىگەن زادى نىمە،ئوبكىتنى قانداق قۇرىمىز،پىروگىراممىن ئوبىكىتقا قانداق يۈزلەندۈرىمىز،ئۇبكىتنىڭ قانداق ئالاھىدلىكى بار،ئوبكىت نىمىگە ئىشلىتىلىدۇ.....؟ئاددى مىسال ئارقىلىق تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.
گىلەم
1964245938 ۋاقتى: 2017-7-23 23:04:56
بۇ تىمىنى دەسلەپتە ئاپتورىغا دىققەت قىمايلا ئوقۇپتىمە ،كىيىن ئوقۇپ ئوقۇپ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە ئاندىن بىلىپ قالدىم بۇ تىمىنى ئەسلى مۇختەرجان يىزىپتىكەن
ئورۇندۇق
aslima998 ۋاقتى: 2017-7-24 00:48:30
bvrkvt يوللىغان ۋاقتى  2017-7-23 21:12
بۇ تېمىنى بىزدەك يېڭى پىروگىامما تىلى ئۈگەنگۈىلەر ئۈچ ...

پىرگىراممىنى ئوبىيكتىپقا قانداق يۈزلەندۈرمىز دەپ سورغىنىڭىزدىن قارىغاندا  بۇ  ئۇقۇمنى  بەك  مۇرەككەپ  چۈشىنىۋاپسىز . ئوبىيكتىپ  دىگەننى رىئال دۇنيادىكى شەيئى دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ .  سىز  بۇرۇن  ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى  ئۇچۇرلارنى كومپىيۇتېردا ئىپادىلگەندە  ھەر خىل سانلىق مەلۇمات تىپى ئارقىلىق ئىپادىلەيسىز . مەسلەن  خەتنى String ، پۈتۈن ساننى  int  ، پارچە سانلارنى float double  بىلەن ئپادىليەلەيسىز . ئەمدى  رىئال دۇنيادىكى ئادەم دىگەن شەيئىنى كومپىيۇتېردا قانداق ئىپادىلەيسىز ؟  بىۋاستە  ئىسمىنى يىزىپلا قويسىڭىز  بولامدۇ ؟ ئەلۋەتتە  بولمايدۇ  ، چۈنكى  ئادەمنىڭ  ئىسمىدىن باشقا يەنە يىشى ، جىنسى ، كەسپى دىگەندەك  خاسلىقلىرى ، يەنە  تاماق يىيېش  ، ئۇخلاش ، خىزمەت قىلىش  دىگەندەك  ھەركەتلىرى  بولىدۇ .مانا ئەمدى  سىز بۇلارنى كومپىيۇتېردا  ئىپادىلەش  ئۈچۈن دەل ئوبىيكتىپ دىگەن ئۇقۇمنى ئىشىلتىسىز . ھەر قانداق ئوبىيكتىپنىڭ  چوقۇم خاسلىقى ۋە ھەركەتلىرى بولىدۇ . بايقى ئادەمنى ئىنىقلاش ئۈچۈن Java  پىرگىرامما تىلدا  :
class  People {

     private  String name;
     private int age;

     public void sleep(String args){
      System.out.println(args);
     }

     public void work(int  hour){
      System.out.println(hour);
     }


}
مۇشۇنداق ئىپادىلىندۇ . باشقا پىرگىرامما تىلدىمۇ كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ .  سىز ئىشىلتىۋاتقان تىلفۇن  ، ماشىنا ، سىز تۇرۋاتقان  ئۆي ھەممىسى  بىردىن  ئوبىيكتىپقا  تەۋە . ئەمىليەتتە  سىز  ئىشىلتىۋاتقان  Text , Lable , Form  لارمۇ  شۇ ئوبىيكتىپقا تەۋە . ئەگەر  كاللىڭىزدا  ئوبىيكتىپقا قارىتا  ئازراق چۈشەنچە پەيدا بولمىغان بولسا مەيلى  داۋاملىق ئۈگۈنىۋېرىڭ ، مەلۇم ۋاقىت ئۈگەنگەندىن كىيىن ئاندىن ئوبىيكتىپنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلسىز .  يىرېم يولدا توختاپ قالماڭ .
5-قەۋەت
Frost ۋاقتى: 2017-7-24 01:21:16
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت،مەنمۇ Kotlin دا ئاساسەن Java پەدىسىگە كود يېزىۋېتىپتىمەن بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ئەمدى بىلدىم،
يەنە بىر تېمىڭىزدا Visual Studio  دا Kotlin تىلىنى ئىشلىتىپ كومپىيوتېر پىروگراممىسى تۈزگەندەك تۇرىسىز، Native  نۇسخىسى چىقىپ بولدىمۇ؟، ياكى Java تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدىغىنىمۇ؟
6-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-7-24 11:39:03
Frost يوللىغان ۋاقتى  2017-7-24 01:21
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت،مەنمۇ Kotlin دا ئاساسەن Java پەدىسىگە  ...

Native چىقىپ بولدى، لىكىن مەن سىناپ باققۇدەك بولمىدىم،
ئالدىراشچىلىق،
ۋاقىت چىققاندا ئۇنىمۇ سىناپ باققۇلۇق
7-قەۋەت
1529657456 ۋاقتى: 2017-7-24 13:48:19
سىزدىن سوراپ باقسام ، مۇشۇ نۆل سەۋىيەدىكى بىزدەكلەر ئىشنى زادى قەيەردىن باشلاش كىرەك .
9-قەۋەت
Muzat-ogli ۋاقتى: 2017-7-25 12:06:16
1529657456 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-24 13:48
سىزدىن سوراپ باقسام ، مۇشۇ نۆل سەۋىيەدىكى بىزدەكلەر ئى ...

ئاۋۋال چۈيۈندىن قوڭ ،تۆمۈردىن ئاشقازان ياستىپ كومپيوتېر ئالدىدا مىدىرماي ئولتۇرۇشتىن باشلاش كېرەك
10-قەۋەت
1529657456 ۋاقتى: 2017-7-25 17:15:49
Muzat-ogli يوللىغان ۋاقتى  2017-7-25 12:06
ئاۋۋال چۈيۈندىن قوڭ ،تۆمۈردىن ئاشقازان ياستىپ كومپيو ...

ئۇنىڭدا چاتاق يوق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部