+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-30 18:44 2980 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھازىر ئۈندىدار ۋە باشقا ھەر خىل چىقىمدانلار ئومۇملىشىپ، نۇرغۇن يەرلەردە نەق پۇل ئىشلەتمەي، يانفوندىكى چىقىمدان ئارقىلىق پۇل تۆلەپلا مال سېتىۋالىمىز، ئىستىمال قىلىمىز. ئەمما يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا نەقپۇل زۆرۈر. بەزىدە جىددىي نەقپۇل لازىم بولغاندا ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇنىڭ قېشىغا بېرىپ بانكا كارتىسىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىزنى بايقايمىز. ياكى بەزىدە بانكا كارتىسى يۈتۈپ كېتىدۇ. ۋە ياكى يىراقتىكى تۇغقىنىمىزغا، دوستىڭىزغا جىددىي پۇل لازىم بولىدۇ. كارتىسى بولسىغۇ پۇل يۆتكەپ بەرسىڭىز بولىدۇ. قېشىدا كارتا بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ تۆۋەندە پەقەت بىر يانفون بولسىلا بانكا كارتىسى ئىشلەتمەي ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇدىن پۇل ئېلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەيمىز.

ئالدىنقى كۈنى بىرەيلەننىڭ بانكا كارتىسىغا پۇل يۆتكىمەكچى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ K宝 دەيدىغان نەرسسىنى كومپىيۇتېرغا چوقۇسام ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، بانكىغا بېرىپ ۋاقىتنى ئۇزارتىڭ... دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر چىقتى. بانكىغا بېرىپ ئۆچرەت تۇرۇش ئاۋارىچىلىق. ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇغا بېرىپ يۆتكەپ بېرەي دەپ ئويلىغاچ، يانفون تېرمىنالىدا يۆتكىگىلى بولماسمۇ؟ ياكى ئۇمۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بانكىغا بار دەپ ئۇچۇر چىقارمۇ، بىر سىناپ باقاي دەپ، يېزا ئىگىلىك بانكىسنىڭ تور بېتىدىن 农行掌上银行 دېگەن ئەپنى يانفونغا چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم.

ئەپنى قوزغىتىپ تۇنجى قېتىمدا 注册 دېگەن يەرنى بېسىپ تىزىملىتىمىز.



تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كاتەكچىدىكى 证件号码 دېگەن يەرگە كىملىك نومۇرىنى، 账号号码 غا بانكا كارتا نومۇرىنى تولدۇرىمىز. 支付密码 دېگەن يەرگە پۇل چىقىم قىلىش پارولى بەلگىلەيسىز. 手机号码 دېگەن يەرگە بانكا كارتىسىنى بىجىرىشتە ئىشلەتكەن يانفون نومۇرىنى يازىسىز. 获取验证码 نى باسسىڭىز يانفونىڭىزغا ئالتە خانىلىق دەلىللەش نومۇرى كېلىدۇ، شۇ ساننى تولدۇرسىز.



ئاندىن 确定 نى باسسىڭىز يانفوننىڭ قىسقا ئۇچۇر يېزىش كۆزنىكى ئېچىلىپ، ھەرپ ۋە ساندىن تۈزۈلگەن ئىككى قۇر كود ئاپتوماتىك تولدۇرۇلۇپ، شۇ كودنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاشنى تەلەپ قىلىدىكەن، يوللىسىڭىز بانكىدىن يانفون بانكىسىنىڭ ئاكتىپلانغانلىق ھەققىدە ئۇچۇر كېلىدىكەن. ئاندىن ئىشلىتىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
يۇقارقى جەرياننى تاماملاپ، بانكىغا ياكى پۇل ئالغۇغا بارمايلا باشقىلارغا يۆتكەيدىغان پۇلنى مۇۋاپىقىيەتلىك يۆتكەپ بولغاندىن كېيىن قارىسام كارتىسىز پۇل ئېلىش 无卡取钱 دەپ بىر يەر بار ئىكەن. ئىلگىرى ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇدا ئۇ خەتنى كۆپ كۆرگەن بولساممۇ قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمىغانكەنمەن. شۇ خەتنى باسساق تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كارتىسىز پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش مەشغۇلاتى ئېچىلىدىكەن.





ئالماقچى بولغان پۇلنى پۈتۈن 100 يۈەنلىكتىن قىلىپ كىرگۈزۈپ كېيىنكى قەدەمنى بېسىپ، چىقىم قىلىش پارولىنى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرسەكلا بولىدىكەن. بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 3000 يۈەن ئالغىلى بولىدىكەن.



ئاندىن ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇغا بېرىپ، كارتىسىز پۇل ئېلىش 无卡取钱 دېگەن خەتنى باسساق، يانفون نومۇرىنى كىرگۈز دەپ چىقىدىكەن. باياتىن تىزىملاتقاندا ئىشلەتكەن يانفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، پۇل ئېلىش پارولىنى كىرگۈزسەكلا ئالدىن بەلگىلەپ قويغان پۇل چىقىدىكەن. بانكا كارتىسى ياكى بانكا كارتا نومۇرى بولمىسىمۇ بولىدىكەن. يېنىدىكى نەقپۇل، كارتىلىرىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغان تۇغقىنىڭىز سىزگە تېلفون قىلسا سىز يانفوندا يۇقارقى مەشغۇلاتنى قىلىپ، ئۇنىڭغا پارولنى دەپ بەرسىڭىزلا ئۇ كىشى پۇل ئالغۇغا بېرىپ سىزنىڭ يانفون نومۇرىڭىز ۋە پارولنى كىرگۈزۈپلا پۇل ئالالايدۇ.
يۇقارقىسى يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ مەشغۇلاتى، كارتىسىز پۇل ئېلىش 无卡取钱  ئەلۋەتتە باشقا بانكىلارنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇسىدىمۇ بار. ئۇلارنىڭ تېرمىنالىنى يانفونغا چۈشۈرۈپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ. مەشغۇلاتى ئاساسى جەھەتتىن يۇقارقىغا ئوخشايدۇ، ئوخشىمايدىغان يەرلىرىنى خەتنى ئوقۇپ چۈشىنىپ مەشغۇلات قىلساڭلار بولىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش15 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

11ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
foxtpdf ۋاقتى: 2017-7-31 11:59:19
ablatjan0997 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-30 19:01
پاھ ئالامەت ياخشى ئىش بولۇپتۇبىراق شۇ يەرلىرىنى تېلېف ...

خەنزۇچە بىلمەيدىغان دوستلىرىمىزدۆلەت تىلىنى ئۆگەنسە بۇلىدۇ بولمىسا ئۇنداق مەشغۇلاتنى قىلمىقى بەك تەس، پۇل ئىشلىرىدا يەنىلا خەنزۇتىلى بىلمىسە بەك ئوسال بولىدۇ ئۆزى  
گىلەم
ablatjan0997 ۋاقتى: 2017-7-30 19:01:43
پاھ ئالامەت ياخشى ئىش بولۇپتۇبىراق شۇ يەرلىرىنى تېلېفوندىكى كارتىسىزپۇل ئېلىش دېگەن يەرلىرىنى رەسىملىك قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز ، خەنزۇچە بىلمەيدىغان دوستلىرىمىز تولۇق پايدىلىنىپ كېتەر ئىكەن ، شۇنداقتىمۇ كۆپ رەھمەت.
ئورۇندۇق
oyqan1 ۋاقتى: 2017-7-30 19:23:38
ئۈچىنجى رەسىمدە بار ئىكەنغۇ 无卡取款 دەپ
5-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-7-30 20:14:57
ئالامەت ياخشى ئىش بوپتۇ   بۇ سىستىمىنىڭ ئالما نەشىرىمۇ بارمۇدۇ ؟
6-قەۋەت
anjurfon ۋاقتى: 2017-7-31 12:28:03
ئىلگىرى بېيجىڭ ۋە جېجياڭ قاتارلىق بىرقانچە جايدىلا ئىشلەيدۇ دەپ چىقاتتى ، ئاخىرى شىنجاڭمۇ قېتىلىپتۇدە . ياخشى ئىش بوپتۇ ،
7-قەۋەت
selqut ۋاقتى: 2017-7-31 14:21:41
قۇرلۇش بانكىسىىمۇ قوللايدۇ، تەرتىپى ئوخشاش.
8-قەۋەت
تورچى ۋاقتى: 2017-7-31 21:36:56
پاھ ، پاھ ، ئالامەت ئىش بولۇپتۇ بۇ!  ئەمدى كارتىنى ئايالىمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، پۇلنى خاتىرجەم خەجلىگۈدەكمەن دە
9-قەۋەت
غازى ۋاقتى: 2017-8-1 10:08:37
مۇشۇنداق چىقىۋالدىغۇ

Screenshot_2017-07-30-19-11-11-981_com.android.bankabc.png (34.58 KB, چۈشۈرۈش سانى: 5)

Screenshot_2017-07-30-19-11-11-981_com.android.bankabc.png

Screenshot_2017-07-30-19-21-45-792_com.android.bankabc.png (98.92 KB, چۈشۈرۈش سانى: 4)

Screenshot_2017-07-30-19-21-45-792_com.android.bankabc.png

Screenshot_2017-07-30-19-25-18-199_com.android.bankabc.png (68.66 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

Screenshot_2017-07-30-19-25-18-199_com.android.bankabc.png
10-قەۋەت
浪漫_BOY ۋاقتى: 2017-8-1 17:48:38
مەنمۇ تىزىملاتقان لېكىن ، تىزىملىتىپ بولۇپ پۇل ئاغدۇرۇش دېگەننى باسسام ، مۇنداق خەت چىقىۋالدى پەقەت قاملاشتۇرالمىدى.

Screenshot_2017-08-01-17-34-43-712_com.android.bankabc.png (131.12 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3)

Screenshot_2017-08-01-17-34-43-712_com.android.bankabc.png
11-قەۋەت
Storm ۋاقتى: 2017-8-5 00:06:28
غازى يوللىغان ۋاقتى  2017-8-1 10:08
مۇشۇنداق چىقىۋالدىغۇ

سىزنىڭ كارتىڭىز ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتمەسلىك سەۋەبىدىن توختاپ قالغان ئوخشايدۇ     بانكىغا بىرىپ قوزغۇتىڭ
12-قەۋەت
Storm ۋاقتى: 2017-8-5 00:09:32
浪漫_BOY يوللىغان ۋاقتى  2017-8-1 17:48
مەنمۇ تىزىملاتقان لېكىن ، تىزىملىتىپ بولۇپ پۇل ئاغدۇر ...

بانكىغا بىرىپ ئاچقۇزماي    ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ ئىچىۋالسا پەقەت تەكشۈرۈش خاراكتېرىدىكى مەشغۇلاتنىلا ئىلىپ بارالايسىز       چىقىم قىلىش خاراكتېرىدىكى مەشغۇلات قىلماقچى بولسىڭىز چوقوم بانكىدا ئىلتىماس قىلىپ تور بانكىسىنى ئىچىشىڭىز كىرەك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部