+تېما يوللاش
ablimitt يوللانغان ۋاقتى:2015-12-14 08:23 2516 قېتىم كۆرۈلدى 17 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-14 08:28  

ئىنسانلار مىتالدىن پايدىلانغىلىمۇ ئاز دىگەندە 1000 يىل بولغاندۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئەتراپىمىزدا مىتالدىن ئىشلەنگەن بەزى بۇيۇملارنىڭ كىلوسى 30 يۈەندىن ئاشقان باھادا سىتىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە نۇرغۇن مىسكەر ياكى تۈمۈرچى ئۇستاملارنىڭ ناھايتى ئاز ساندىكىلېرىدىن باشقىلېرىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىللار شۇغۇللانغان كەسپىدە كىچىك دۇكاندىن تەرەققى قىپ بۇلالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. تىخى بەزىلېرى ھۈنەردە خېلى كامالەتكە يىتىپ قالغان، ئەمما شۇ ئۇتتۇرلۇق ئىشقا كۈنۈپ قالغان. تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بەك ئاددى بەزى نەرسىلەرنى شۇ ئۇستاملار قىلسىمۇ بەزى مەخسوس ماشنىلېرىنىمۇ ئۆزى ياساپ قىلسا قىلالايدۇ، قارىسا دىگەندەك كىلوسى 30 يۈەندىن دىگۈدەك سېتىلىدۇ.


   ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك بىر توردىشىمىز قىشتا ئىسسىنىشتا ئۈنۈملۈك بىر ئۇسولنى تەۋسىيە قىلىپ تىما يىزىشىمنى تەلەپ قىلىپ ئۇچۇر يىزىپتىكەن. شۇڭا بۇ تىمىنى تەييارلىدىم.
   پار ئۇچاقلېرى يىقىلقۇنىڭ ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىقىنىڭ 30-%40 قىسمىدىنلا  پايدىلىنىپ قالغان 60-%70 قىسمىنى تۇرخۇندىن سىرتقا قۇيۇپ بېرىدۇ. ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا بىز كۆپرەك ئىسسىقلىقنى سۇغا ئۈتكۈزۋىلىش ئۈچۈن قۇيۇپ بېرىلىدىغان ئىسنى پار ئۇچاق ئىچىدە كۆپرەك ئايلاندۇرساق(پار ئۇچاق ئىچىدىكى مۇساپىسىنى ئۇزارتساق)  تۇرخۇندىن قۇيۇپ بېرىدىغان ئىسسىقلىقنى ئازايتساقلا بۇلىدۇ. مىسالەن ئالساق يىلدا 100 توننا كۈمۈر قالاپ ئىسسىتىدىغان ئۆينىڭ پارئۇچىقىنىڭ ئايلانما مۇساپىسىنى يەنە ئىككى ھەسسە ئۇزارتىپ ئۈنۈمنى %70 كە ئاچىقساق ئۇنداقتا پەقەت 50 توننا كۈمۈر قالىساقلا بولدى دىگەن گەپ. بۇنىڭدا ھەم ئىقتىساتچىل ھەم مۇھىت بۇلغىشى ئاز بۇلىدۇ. شۇڭا ھۈكىمەت كىچىك تىپتىكى پار تەمىنلەش ئۇچاقلېرىنى بىكار قىلىپ توپلاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كۈچ چىقىرىدۇ.
بازاردىكىنى سىتىۋىلىپ ئورنىتىش شەرت بولمىغاندىكىن ئۆزىمىز ياساپ ئىشلەتسەك بۇلىۋېرىدۇ. ئەمدى ئىچىدىكى كۈلنى تازلاش قۇلاي قىلىپ لاھىيلەپ ئاندىن قول سىلىپ ئىشلىسەكلا كۇپايە.  ھەممىمىز بىلىمىز، تۈمۈر بازىرىدا سىتىلىدىغان پۇلات توروببىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6مىتىر كىلىدۇ. چوڭراق كۈلەمنى ئىسسىتىدىغان پار ئۇچاقلارغا ئىس ئايلىنىپ ئۈتىدىغان يولنى ئۇزۇنراق قىلساقمۇ بۇلىدۇ.


  يۇقارقى رەسىمدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى پاردىن ئايلىنىپ قايتىپ كەلگەن سۇغۇق سۇ ئەڭ ئاخىرقى بۈلەكچە يەنى ئۈستىندىكى بۈلەكچىدىن سەل يۇقىرىراق ئورۇندىن ئىقىپ  كىرىپ ئۇتتۇرا بۈلەكچىگە سەل تۈۋەنرەك ئورۇندىن ئىقىپ كىرىدۇ. ئاندىن يەنە سەل يۇقىرى ئورۇندىن ئاستىنقى بەك قىزىيدىغان بۈلەكچىنىڭ تۈۋەنرەك ئورنىغا تۇتىشىپ ئىقىپ كىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئوت كۈچىنىڭ ئەڭ ئاجىز بولغان چىقىش نۇقتىسىدىكى تىمپىراتورا ئەڭ تۈۋەن چەككە يەنى قۇيۇپ برىلىدىغان ئىستىكى ئىسسىقلىق كۆپلەپ سۈمۈرۋىلىنىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنداق بولغاندا پايدىلىنىش ئۈنىمى %90 كە يىتىپ قالىدۇ. ئەمىلى قۇراشتۇرۇشتا بىر دانە پار ئۇچاقنىڭ ئۈستىگە ئىككى دانە ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچنى ئارسىغا ئىسسىقلىق ئۈتكۈزمەس قەۋەت قۇيۇپ قاتلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئاخىرى پۈتۈن پار ئۇچاقنىڭ كۈمۈر سىلىش ۋە كۈل ئىلىش ئېغىزلېرىدىن باشقا سىرتقى قەۋىتى كىگىز دىگەندەك ماتىرياللار بىلەن ئوراپ قۇيۇلسا ئىسسىقلىقنىڭ پايدىلانماقچى بولغان يەرگە بېرىشىغا پايدىلىق بۇلىدۇ. بولمىغاندا پار ئۇچاق ئورۇنلاشتۇرغان ئۆي بەك قىزىپ كىتىدۇ. بۇ خىل پىرىنسىپ چوڭ-كىچىك ئاپتۇمونىللارنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىنڭ ئىسسىقلىق تارقاتقۇچىسىدىمۇ سۇنداق قوللىنىلىدۇ. يەنى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ رادىئاتورى ماتور ئىسسىقلىقىنى تارقىتىدىغان رادىئاتورنىڭ ئالدى تەرپىگە ئورۇنلاشتۇرلۇپ ھاۋا تەڭشىگۈچ رادىئاتورىنىڭ ياخشىراق مۇزلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئادەتتە چوڭ كۈلەملىك ئىسسىنىش قۇرۇلمىلېرىدا بىر-نەچچە بۈلەكلىك ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچ ئىشلىتىلسىمۇ كىچىك كۈلەملىك ئىسسىنىش قۇرۇلمىلېرىغا تەننەرخنى كۆزدە تۇتۇپ بىر بۈلەك ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچ قۇشۇپ قۇيىلىشى نورمال ئەھۋال ھىساپلىنىدۇ. يەنە قايناقسۇ تەمىنلىگۈچىلەرمۇ مۇشۇ ئۇسولدا سۇ قاينىتىدىغان ئۇچاقلارنى ياسىتىپ ئىشلەتسە پايدىسى كۆپ.

  ئەلۋەتتە يىقىلغۇنىڭ قىممىتىدىن بۇنىڭدىنمۇ ياخشى پايدىلانغىلى بۇلىدۇ. ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ‹‹يىقىلغۇنىڭ ئىش ئۈنىمى قانداق بىكىتىلگەن›› دىگەن تىمامدىكى تۈرنى قۇشقاندا ئۆزىنىڭ ئىلىكتىرماتورلېرىنى توك بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا يەنە يەنە بىر-مۇنچە ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىگە ئېرىشەلەيمىز.
  دىمەكچى بولغىنىم پۇلىمىز بارلېرىمىز ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ مەبلەغ سالساق شۇ بازاردا سىتىلىۋاتقاندىن كۆپ ياخشى پار ئۇچاقلېرى ياكى باشقا مەھسۇلاتلارنى تەييارلاپ بازارغا سىلىپ پايدا ئالالايمىزھەم باشقىلارغا ئىش ئورنى تەمىنلەپ بېرەلەيمىز.
   
  بۇنىڭدىن باشقا مىتاللورگىيەدە بۇرۇندىن ئويلاپ كىلىۋاتقان ئىش بار ئىدى. پاخال قىلىپ ئايرىم تىما قىلماي مۇشۇ تىمىغا قۇشۇپ قۇياي.
   يۇرتلاردا تۈمۈرچىلەر ئىشلىتىدىغان سەندەل قاتارلىق چۈيۈندىن قۇيۇلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئۆزى ئېرىتىپ قۇيۇپ ئىشلەتكەن ھەم بازارغا سالغان قېرىنداشلېرىمىز بار ئىدى، يىقىندىن كېرەكسىز چۈيۈن باھاسى بەك ئەرزان بولسىمۇ شۇ خىل مەھسۇلاتلار بازاردا يەنىلا قىممەت. ئۆزىمىز تەييارلاپ قۇيۇپ ئىشلەتمەكچى ياكى بازارغا سالماقچى بولساق 熔化炉 پېچ ۋە ئىلىكتىرىك  پېچلارنى توردىن ئىزدىسە بەك كۆپ ھەم قىممەتمۇ ئەمەس.  چۈيۈننى 1050گىرادوس ئەتراپىدا ئېرىتمە تەييارلاپ قۇم قىلىپقا قويساق دەز كەتمەي ياخشى قاتىدۇ. تىمپىراتورىسى بەك يۇقىرى بولسا سىرتقى يۈزى تىز سۇۋۇپ ئىچكى قىسمىدا دەز بۇپ قالىدۇ. چۈيۈننى خەنزوچە 生铁دەپ يازىدۇ.
   
    2002 -يىللېرىدا بىر ىتال قاپ ئىشلەتمەكچى بۇلۇپ بەك جاپا تارتقانتۇق، ئۈرۈمچىدە ئاليومىن-سىنىك بىرىكما ماتىريالدا ئىلىكتىرىك ھەل بېرىپ(پارقىراق) 28 يۈەنگە ئىشلەپ بەرمەكچى بولغان قاپنى جىېجىئاڭدا 1.2يۇەنگە ئىشلەپ بەرمەكچى بولغانتى، قارىسام سانتانا ماشنىنىڭ كاربىياتور (ھاۋا شورىغۇچ)نى شۇ يەردە 20 كۇۋادىراتمۇ كەلمەيدىغان يەردە ئىشلەپ بېرىدىكەن. ساپلىق بىلەن چوغنىڭ ئۈستىدىكى قازاندا تۇرغان ئېرىتمىنى ئىلىپ قايتا ئىشلىتىلىدىغان قىلىپلىق قۇيۇش ماشنىسىنىڭ قىلىپى بار يەرگە قۇيۇپ قويسا سۇيۇقلۇق بىسىمىدا ھەركەتلىنىدىغان قۇرۇلما بىر قىتىمدا 4 تالنى قۇيۇپ چىقىرىدىكەن. مەن كەلگەندىن كىيىنمۇ شام بىلەن مودىل ياساپ(ئالتۇنچىلار ئىشلىتىدىغان ئۈزۈك-ھالقىلارنىڭ قىلىپىمۇ شۇنداق تەييارلىنىدۇ) يىرىك قۇمغا ئازراق سېغىز ئارلاشتۇرۇپ لاي قىلىپ شۇ شام مودىلنى قاپلاپ قۇرۇتۇپ ئاندىن قىلىپ نى قاتتىق قىزدۇرۇپ شام قالدۇقلېرىنى يۇقىتىۋىتىپ ئاندىن ئىچىگە ئېرىتمە قويغانتىم، قىلىپ لىيىغا قۇشىدىغان باشقا نەرسە بارمۇ ئىش قىلىپ ئۇ مودىل تۇلۇق چىقمىدى. ئۇنى ياخشى قىلاي دىسەم ئىزدىنىپ كەم نەرسىلەرنى تىپىپ قايتا-قايتا قىلسام بۇلىشى ئىنىق، ئەمما يەنە باشقا ئىشلارمۇ ساقلاپ تۇرسا ۋاقىت يەتمىدى...
  يەنە مىس نەيچە قۇيۇش ئۈچۈن بىر ماشىنا ياساي دەپ يۈرىتىم، يىقىندا توردا ئىزدىسەم باركەن، بەك قىممەت بولمىغاچقا مىس كان ئاچقان قېرىنداشلېرىمىز بولسا ياكى شۇنداق بىر زاۋۇت قىلىش خىيالى بار قېرىنداشلېرىمىز بولسا پايدىلىنار دەپ ئويلىدىم.
l连铸大载面铜管设备, 连铸机 دەپ يازسا چىقىدىكەن. بۇلارنى يىزىشىمدا ھارىر ماشىنا سۈيى تۈگىگەننى بىلمىسىمۇ يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭىدىغان ماشىنا موتولارنى ھەيدىيەلىگەن قېرىنداشلېرىمىز، ھەر مۇرەككەپ كومپىوتىر مەشغۇلاتلېرىنى قىلالايدىغان قېرىنداشلېرىمىز بۇ تەييار ماشنىلارنى ئىلىتىپ مەھسۇلات چىقىرىپ بازارغا سالالايدۇ، پۇلى بارلار ماس ساھەدە رەسمى ئالى  مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئىشقا ئىلىپ دەسلەپتە ئازراق زىيان تارتسىمۇ ئاخىردا مۇۋەپپىقىيەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدۇ دەپ ئويلىدىم. ھازىر ھۈكىمەتنىڭ مۇشۇنداق تۈرلەرگە ئاجرىتىدىغان مەبلەغ ياردىمى بولغاچقا تۆگىدىن يىقىلىپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بۇلىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئەمما يەنىلا تېخنىكا خادىملېرىنى تاللىغاندا شىنجاڭ ئونۋىرستىتى ياكى ئۆزى بىلىدىغان شۇ ساھە كىشىلېرىدىن مەسلىھەت ئىلىپ مەبلەغ سىلىش كېرەك،  ئالەم كىمىسى، ئاۋىئاماتكا ۋە مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل ياسىيالايدىغان قېرىنداشلېرىمىزنىڭ چىرايلىق گەپلېرىگە ئالدىراپ دەسمايىنى سورىۋىتىپ قىلىشىڭلارنى خالىمايمەن...
  17-ئەسىردىن باشلانغان ماشنىسازلىقتا ھازىر تەرەققى قىلىپ ئۈسكىنە قىلىپلارنى كومپىوتىردا ئىشلەپ چىقارسىمۇ ئەمما بۇرۇن ھەممە نەرسە قولدا ياسىلاتتى، شۇڭا ھەممە سانائەت ئىشلېرىنى بەك مۇرەككەپ ئويلىۋالمايلى، مۇرەككەپ دىسەك ئەلۋەتتە دۆلىتىمىزمۇ قانچە يىللىق ئارقىدا تۇرغان تېخنىكىلار بار ئەلۋەتتە.لېكىن ئاددىراق نەرسىلەرنى ياساشتا يەنىلا ئادەم كۈچى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ھەتتا بەزى يىلدا ساناقلىقلا بازارغا سىلىنىدىغان داڭلىق ماشنىلارنىڭ ئالتە قىرلىق بولىتىلېرىنىڭ قىرلېرىنى ئىكەك بىلەن قىرىپ،ھەتتا  ماتورىغىچە پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ...

360截图20151205185418937.jpg (331.71 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

360截图20151205185418937.jpg
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

17ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ناندار ۋاقتى: 2015-12-14 08:47:01
ناھايتى ياخشى تىما يېزىپسىز مۇشۇ مەڭگۈلۈك دىگۋاتىل ياسايدىغانلار دىگەن گەپ مىنىڭ بىر كەچۈرمۈشۈمنى ئ‍ەسلىتىپ قالدى مەن بازارلاردا شۇنداق ئ‍ىشلارنى كۆردۈم بىر ئ‍ۈچ چاق توك سىكلىت باركەن ئ‍ۇ مېڭىش جەرياندا چاقى ئ‍ايلىنشىدىن توك چىقرىپ ئ‍ۈزگە توك قاچلاپ ماڭامىش سېتىش دۇككىنى ئ‍الدىدىكى كىشلەرگە بۇ مۇمكىن ئ‍ەمەس ئ‍ىدى دىسەم شۇ يەردىكى 70پىرسەنت كىشى مىنى زاڭلىق قىلىپ ئ‍ىلغار تەرەققىياتنى  بۇرمۇلدىڭ دەپ نادانغا چىقىرۋەتتى  مەن بىر دىھقان لىكىن بىرچاغدا ئ‍ىنىرگىيە يوقتىن پەيدا بولمايدۇ دىگەندەك بىر مەزمۇننى ئ‍وقغاندەك قىلغان ئ‍ەمدى ئ‍الىملارنىڭ بۇ نەزەريىسى ئ‍ەمەلدىن قالغان بولسا مەن تەرەققىياتتىن بىخەۋەر قالدىممۇ قانداق
گىلەم
ablimitt ۋاقتى: 2015-12-14 12:39:05
uyghurvivo يوللىغان ۋاقتى  2015-12-14 11:34
سۈركىلىش كۈچىنى0گە يەتكۈزسە مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ياسىغ ...

  سۈركىلىش كۈچىنى 0گە يەتتىمۇ دەيلى، بىر ئايلىنىپ توك چىقىرۋاتقان گىنراتور يۈككە ئۇلانغاندا ئۈزلۈكسىز قارشىلىق قىلىدۇ، ئەڭ ئاددىسى ئايلىنىۋاتقان چاقتا سۈركىلىش كۈچىدىن باشقا يەنە مەركەزدىن قاچما ئىنىرتسىيە قارشىلىقى بۇلىدۇ، تاشنى يىپقا چىگىپ ئايلاندۇرسىڭىز كۈچىسىڭىز تاش ئىگىزرەك ئورۇندا ئايلىنىدۇ، كۈچ ئاجز بولسا تۈۋەنرەك ئورۇندا. تاش ئورنى ئىگىزلىگەندە قۇلىڭىزنىمۇ تاش بار تەرەپكە بەكرەك تارتىدۇ. چاقنى ئايلاندۇرغاندىمۇ سۈركىلىش كۈچى 0 گە تەڭ بولسىمۇ يەنىلا شۇ ئىنىرتسىيە قارشىلىقى سەۋەپلىك ئايلىنىشى سۇزلاپ ئاخىرى تۇختايدۇ. مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل بولسا ئۆزى مەڭگۈ ئايلىنىش ئەمەس ئۆزىدىن ئىشىنىڭ سىرتقا ئىنىرگىيە تەمىنلىشى كېرەك، بولمىسا ئۇنداق دېۋگاتىلنىڭ نىمە كېرىكى بولسۇن.
ئورۇندۇق
ablimitt ۋاقتى: 2015-12-14 13:18:09
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-14 13:32  
uyghurvivo يوللىغان ۋاقتى  2015-12-14 12:45
لىكىن بىز بولمايدۇ دەپ قارىغان ئىش ،مەلۇم ۋاقىت،مەلۇ ...


سىزنى بەك بوش چاغلاپ قويغاندەك ھىس قىلىپ قىلىۋاتىمىنا؟ سىز بولمايدۇ دەپ قارىغان قايسى ئىشلارنىڭ يىقىنلاردا بولغانلىقى ئېلان قىلىندىكىن؟!... يا بولمايدۇ دەپ قارىغان ئىشلېرىڭىز 70-80 يىل ئىلگىرى بۇپ بولغانمىكەن؟
  500  يىلدىن كىيىن بىر-نەچچە يۈز يىل ئۈزۈلدۈرمەي ئىنىرگىيە تەمىنلەيدىغان ماشىنا بارلىققا كىلىدۇ دىگەندىمۇ ئۇ نى بارلىققا كەلتۈرگۈچى قاتتىق ھاياجانغا ئەمەس بىلىمىگە تاينىپ بارلىققا كەلتۈرىدىغىنى ئىنىق. ئەمما شۇنداقتىمۇ مەڭگۈ ئىنىرگىيە تەمىنلەيدىغان بولمايدۇ...
5-قەۋەت
تەنھا530 ۋاقتى: 2015-12-14 14:42:18
سىلەر قارغاندا تېلۋۇزۇر كۆرمەيدىغان ئوخشايسىلەر ، يېقىندا بىرەيلەن شىرىن چۈش پىروگىراممىسىدا بىر نەرسىنى ئېلان قىلدى ، ئۇ بولسىمۇ سىلەر تالىشىۋاتقان مەڭگۇلۇك دىۋگاتىل ، مەڭگۇلۇك دەپ قۇيىمىز ئەمىليەتتە مەڭگۇللۇك نەرسە بولمايدىغۇ ، ئۇ ئادەم ئېلان قىلغان سۇ ئىلىكتىر ئىستانسى ئەمىليەتكەن ئۇيغۇن ئىكەن ، ئۇستىدە بىر سۇ ئامبىرى بىلەن ئىككى دانە گىنراتور ئورنىتىلغان ئىكەن ، ئاستىدا بىر سۇ ئامبىرى بىلەن بىر دانە سۇ پومپىسى ئوخشايدۇ ، ئىشقىلىپ ئاشۇ نەرسە چۆگلىسە ئاستىدىكى سۇ ئامبىردىكى سۇنى ئىككى دانە پۇلات تۇربا ئارقللىق ئۇستىگە مەجبۇر چىقىردىكەن ، شۇلار بىلەنلا پۇتكۇزۇپتۇ لاھىيەسىنى ، ئۇنۇڭ ئىش پىرىنسىپى مۇنداقكەن ،
ئۈستىدىكى سۇ ئامبىردىن بىر تال پۇلات تۇربا ئارقىللىق ئاستىنقى قەۋەتتىكى ھېلقى سۇ پومپىسىنىڭ بېشىدىكى چاقپەلەككە چۈشۇپ چاقپەلەك ئايلىنىدىكەن ، چاقپەلەك ئايلانغانكىن سۇ پومپىسى ھەركەتكە كىلىپ ياندىكى ئىككى دانە پۇلات تۇربا ئارقىلىق ئاستىدىكى ئامباردىكى سۇنى مەجبۇر ئۈستىگە چىقىردىكەن ، ئىككى دانە پۇلات تۇربا ئارقىلىق ئۈستىگە چىققان سۇ ئاۋۋال ئىككى دانە گىنراتورنىڭ چاقپەلىكىنى چۆگلىتىپ ، ئاندىن ئامبارغا چۈشۈپ كىتىدىكەن ، گىنراتوردىن چىققان توكنى سىز ئىشلىتىدىكەنسىز ، ئۈستىدىكى سۇ ئاستىغا چۈشۈپ يەنە پومپىنى چۆگلىتىدىكەن ، پومپا ئۈستىگە چىقارغان سۇ يەنە گىنراتورنى چوگلىتىدىكەن ، چىققان توكنى ئۇ ئۇسكىنىگە ئىشلەتمەيدىكەنسىز ، بىۋاستە پايدىلانسىڭىز بولىدىكەن ،
6-قەۋەت
ablimitt ۋاقتى: 2015-12-14 15:30:49
تەنھا530 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-14 14:42
سىلەر قارغاندا تېلۋۇزۇر كۆرمەيدىغان ئوخشايسىلەر ، يېق ...

سىز شۇ يەرنىڭ ئاخىرىنى كۆرمەپسىز، بىر كارخانىچى مومكىن بولمايدۇ دىدىغۇ...
بىلىملىكلەرنى يۇقىتىپ بىر يەرگە بارغان مەدىيەت ئىنقىلاۋىدىن كىيىنمىكىن، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش يىللېرىدا بەش يىلدا ئۇنداق بۇلىمىز، 10 يىلدا ئامىركىدىن ئۈتۈپ كىتىمىز دەپ قاتتىق ھااجان بىلەن نەچچە ئون مىليون نۇپوس يۇقىرى ئاۋازدا شۇئار توۋلاپتىكەن. ھازىرغىچە يەنىلا ئامىركا تېخنىكىسسىنىڭ 30-40 يىللىق كەينىدىن قۇغلاپ كىتىپ بارىدۇ، ھەتتا بەزى تۈرلەردە مەن خېلى ئىلگىرى ماڭدىم...
7-قەۋەت
abdulla5 ۋاقتى: 2015-12-14 16:14:36
تەنھا530 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-14 14:42
سىلەر قارغاندا تېلۋۇزۇر كۆرمەيدىغان ئوخشايسىلەر ، يېق ...

ئۇ ئادەممۇ ئۇ نەرىسىنى  ياساپ سىناق قىپ باقماپتۇ.پەقەت شۇ  خەرتىسنى سىزىپ كەپتۇ.بۇنى ياساپ باقماي تۇرۇپ بۇنڭ ئەملىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكنى بىگىلى بوممايدۇ.كارخانچىلامۇ ئۇ ئادەمنى قايىل قىلش ئۈچۈن ياساپ بېقىشقا  قۇشۇلدى .
8-قەۋەت
ئالبىنى ۋاقتى: 2015-12-14 17:03:59
ماۋۇ تېما ھەقىقەتەن قىزىپتۇ……دۇنيادا مۇتلەق مەڭگۈلۈك دىۋگاتىل بولمايدۇ تەبىئەتتكى ئېنىرگىيە ئۆزئارا بىر بىرىگە ئايلىنىش جەريانىدا ئازلاپ قالمايدۇ ھەم كۆپىيىپ كەتمەيدۇ بىز پەقەت بىزگە لازىمسىز تەرەپكە خورايدىغان ئېنىرگىيەنى تۆۋەنلىتىش ئارلىق ئەڭ زور دائىردە ئىش ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتىرەلەيمىز

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
9-قەۋەت
ablimitt ۋاقتى: 2015-12-14 17:07:19
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-14 17:10  
abdulla5 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-14 16:14
ئۇ ئادەممۇ ئۇ نەرىسىنى  ياساپ سىناق قىپ باقماپتۇ.پەقە ...


شۇ نەرسىنىڭ سۇ پومپىسىغا %95لىك ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلەتسىمۇ يەنە گىنراتورغا كۆپ بولسا %95لىك سۇ بىسىمنى ھەركەت ئىنىرگىيسىگە ئايلاندۇرغۇچ، يەنە %95لىك گىنراتور بولغاندىمۇ سۇ بىسىمىنى ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈنىمى %90 تىن تۈۋەنگە چۈشۈپ قالدى دىگەن گەپ، شۇنىڭدىن چىققان توكنى  سۇ پومپىسىغا بەرسىڭىز ئۆز ئۆزىنى قامداپ كىتەلمەيدۇ. يەنە داۋاملىق ئايلىنىپ تۇرالمايدۇ. ئەگەر شۇ گىنراتوردىن چىققان توك كۈچى يەتكۈدەك كىچىك ئ سۇ پومپىسى ئىشلەتسىڭىز ئۈستىدىكى سۇ بارا-بارا ئازلاپ ئاخىرى يەنىلا ئايلىنىش تۇختاپ قالىدۇ. سىرتقا ئىنىرگىيە قۇيۇپ بېرىش تىخى يىراقتىكى گەپ.
بىر مەھەللىگە يىقىن يەردە 50 كىلوۋاتلىق توك چىقارغۇدەك ئىقىن بار، ئۇ مەھەللىدىكى زاۋۇتلار بۇلۇپ كۈندۈزى 8 سائەتتە 100 كىلوۋات توك سەرىپ قىلسا كىچىسى مەھەللىدىكىلەرنىڭ يورۇتۇش ۋە باشقا نەرسىلېرى بۇلۇپ 10 كىلوۋات توك ئىشلىتىدۇ دىگەندە ئەگەر قىلىمەن دىسە  20 مىتىر ياكى 100 مىتىر ئىگىزلىكتىكى ئورۇنغا سۇ ئامبىرى قىلىپ، شۇ يەرگە ئىشنچا توك بىلەن سۇنى تارتىپ چىقىرىپ 8 سائەتلىك يۇقىرى سەرپىيات ئۈچۈن شۇ يۇقىرى ئورۇندىن چۈشكەن سۇدا توك چىقىرىپ ئىشلەتسە بۇلىدۇ.

چىلى قۇملۇقتا سۇ ئېلېكترى ئىستانسىسى قۇرۇپ چىقماقچى بولدى


شىنخۇا تورى 13- دېكابر خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
چىلى يەر شارىدىكى ئەڭ قۇرغاق قۇملۇقتا بىر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرماقچى بولدى ھەم بۇ تۈر باھالاشتىن ئۆتۈپ، مەبلەغ سالغۇچى خېرىدار چاقىرىش باسقۇچىغا كىردى.
ئەمما بۇنىڭغا كېرەكلىك سۇ نەدىن كېلىدۇ؟ چىلى غايات زور بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى ئۇلار قوياش ئېلېكتر ئىستانسىسدىن توك چىقىرىپ بۇ توك كۈچى ئارقىلىق دېڭىز سۈيىنى تاغ چوقىسىدىكى سۇ ئامبىرىغا تارتىپ چىقىپ، ئاندىن شۇ سۇ پەسكە ئېقىپ چۈشكەندە ھاسىل بولغان كۈچتىن پايدىلىنىپ گېنېراتورنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ توك چىقارماقچى بولغان.
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەرلدار ئەربانىڭ سۆزىنى نەقىل خەۋەر بېرىشىچە، چىلىدىكى ۋارخالا ئېنېرگىيە شىركىتى ئاتاكاما قۇملۇقىدا گېنېراتور سىزىمى 300 مېگاۋاتقا يېتىدىغان بىر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرماقچى بولغان بولۇپ، بۇ تۈرگە 400 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان.

http://finance.bagdax.cn/2015/1213/15082.html

مۇشۇ تۈردىمۇ ئەگەردە ئۈمرى ئۇزۇن ھەم ئەرزان ئاكۇمۇلياتور بولغان بولسا قۇياش باتارىيسىدىن چىققان توكنى ئاكۇمۇلياتورغا ساقلاپلا ئىشلىتەتتى...
دىمەك بۇ يەردە سۇ ئىنىرگىيە ساقلىغۇچ قاتارىدا ئىشلىتىلىدۇ.
10-قەۋەت
nabi01 ۋاقتى: 2015-12-14 19:57:53
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى  ،     دۇكان ئىگىسى دۇكانغا پار ئورناتقۇزغان ئىدى ، دۇكاندا ھازىر تۆت تال پار بار لېكىن بىرىنچى پار ئىنتايىن ياخشى ئىسسىيدۇ ئىككىچىسى ئۇنىڭدىن ناچارراق ئۈچىنچىسى ئۇنىڭدىنمۇ ناچار تۆتىنچىسىنى دېمىسەممۇ بولار ،  مەن تۆتىنچى پار بار يەردە ئىش قىلىمەن بەك توڭلاپ كېتىمەن بۇ زادى نېمىنىڭ ئىشىدۇ دەپ بەرسىڭىز  پارنى ئورناتقان ئادەم سىز ئىش قىلىدىغان يەرگە پارنى ئەڭ ئاۋۋال كىرىدىغان قىلىپ ئۇلاپ بېرەڭ دەيدۇ لېكىن ھەممىسىنى تەڭ ئىسسىيدىغان قىلىپ بېرەي دەپ گەپ قىلمىدى  ،   قوشنا دۇكانلارنىڭ پارلىرىمۇ شۇنداقكەن بىرىنچىسى ياخشى ئىسسىيدۇ قالغانلىرى تۈزۈك ئىسسىمايدۇ .  
11-قەۋەت
ablimitt ۋاقتى: 2015-12-14 20:37:24
nabi01 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-14 19:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى  ،     دۇكان ئىگىسى دۇكان ...

  ئەرىز قىلىڭ، دۇكان ئىچى تىمپىراتورىسى 20 گە يەتمىسە بولماس...
ئوڭشايمەن دىسە ھەر بىر دۇكانغا ئىككى لىنىيە قىلىپ كىرگۈزسە ئاندىن ئوڭشالغۇدەك...
12-قەۋەت
seyyahi ۋاقتى: 2015-12-14 22:10:56
توكقا چېتىپ ئىسسىق سۇ چىقىرىدىغان جۆمەك بىخەتەرمۇ?بىر دوستۇم ئۆيىدە شۇنداق جۆمەك ئورنىتىۋاپتىكەن، بىخەتەر ئەمەسمىكىن دەپ قالدىم ئۆزۈمچە، بولسا مۇشۇ توغرۇلۇق كۆز قارىشىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق!
13-قەۋەت
alpha2018 ۋاقتى: 2015-12-14 22:48:23
ئالىپ تورى ئىلىم -پەن نى ئاساس قىلغان تور.ئۇنداق قىزىققانلىق قىلمايلى .ئىنىرگىيە يوقاپ كەتمەيدۇ ياكى يوقتىن بارلىققا كىلىپ قالمايدۇ.پەقەت باشقا شەكىلگە ئۆزگىرىدۇ خالاس.ئاشۇ مەڭگۈلۈك دىگەن گەپلەر نىمىشقا تۈگىمەيدۇ دەيمەن.
14-قەۋەت
akbulut ۋاقتى: 2015-12-15 00:12:56
nabi01 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-14 19:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى  ،     دۇكان ئىگىسى دۇكان ...

ئارقىمۇ ئارقا ئۇلىسا ئاشۇنداق ئىسسىماس بولىۋالىدۇ. 4 دانە ئىسسىقىلىق تارقاتقۇچنى يانداش ئۇلاش شەكلىدە غول لىنىيىگە چاتسا ھەممىسى تەڭلا ئىسسىيدۇ. ئەمما ئالدىنقى شەرتى پار ئۇچاق 4 دانە ئىسسىقلىق تارقاتقۇچقا ئىسسىقلىق تەمىنلەشكە يىتەرلىك دەرىجىدە چوڭ بولىشى كېرەك. بەك كىچىك بولسا يانداش ئۇلىسىمۇ ئىسسىمايدۇ. مەن پار ئارقىلىق ئۆي ئىسسىتىش كەسپى بىلەن شوغۇللىنىمەن. ياردەم كېرەك بولسا 18009958924 مۇشۇ نومۇرغا قىسقا ئۇچۇر يېزىڭ. تېلىفۇن ئالالمايمەن

باھا سۆز

توغرا دىدىڭىز،يانداش ئۇلىسا خالىغانچە تەڭشىگىلى بولىدۇ.  ۋاقتى: 2015-12-31 12:13
15-قەۋەت
akbulut ۋاقتى: 2015-12-15 00:18:56
seyyahi يوللىغان ۋاقتى  2015-12-14 22:10
توكقا چېتىپ ئىسسىق سۇ چىقىرىدىغان جۆمەك بىخەتەرمۇ?بىر ...

بىخەتەر، ئۇنىڭ پىرىنسىپى خۇددى ئۆيدىكى چاي قايناتقۇچنىڭ پىرىنسىپىغا ئوخشايدۇ. سۇ توكلۇق قىزدۇرغۇچنىڭ يۈزىدىن ئۆتكەندە ئىسسىقلىق سۈمۈرۈپ، ئۆتۈپ بولغاندا ئىسسىق ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ شۇنداق ئاددى بىر ئىش. پەقەت ئۈسكىنىنڭ بەزى يەرلىرىدىن سۇ ئېقىپ قاپ ئىچىدىكى توك يولى بۆلەكلىرگە كىرىپ كەتمىسىلا، چاتاق چىقمايدۇ. بۇنىڭ ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن. ئورناتقاندا ۋە ئىشلەتكەندە دىققەت قىلسىلا بولىدۇ.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部