+تېما يوللاش
ئىللىق1 يوللانغان ۋاقتى:2017-5-6 23:24 2091 قېتىم كۆرۈلدى 79 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
61-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-5-15 00:02:51
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bulbulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-15 00:50  
لەغمەن يوللىغان ۋاقتى  2017-5-14 22:23
سىلە ئىشلەتكەن بۇ ئۈسكىنە راستىنلا 1000wمىكەن 900wئەتراپ ...


ھېلىقى كۈننۇرى تاختىسىنىڭ ياپراقچىلىرى (电池片)كەپتىكەن بەك سىپتا ،بەك چۈرۈڭ نەرسىكەن ئۇ ئاسانلا سۇنۇپ كىتىدىكەن،كەپشەرلەش جەريانىدى 2~3دانىسى سۇنۇپ كىتىپ تۇلۇق12ۋولىت بولماي قالدى.ياپراقچىلارنىغۇ كەپشەرلەشكە ئۇستا بوپكەتتىم،كەپشەرلەپ بولغان ياپراقچىلارنى مۇقۇملاشتۇرۇشتا بېشىم قېتىۋاتىدۇ،ئەينەك يىلىمىدا تەگلىك تاختايغا چاپلاپ مۇقۇملاشتۇرۇپ ئاندىن يۈزىگە ئەينەپ قۇيۇپ جازىغا ئالايدىسەم ئەينەك يىلىمى قۇياغ بولغاچقا ياپراقچىنى چاپلىغاندا سەللا چىڭ بېسىپ سالسا ياپراقچە چاك كىتىدىكەن،خۇددى تۇخۇم شاكىلىدەكلا چۈرۈككەن
62-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-5-15 15:24:37
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2017-5-15 00:02
ھېلىقى كۈننۇرى تاختىسىنىڭ ياپراقچىلىرى (电池片)كەپتىكە ...

شۇنداق نازۇكمىكەن  ئۇنى جاڭشۇچىنىڭ پەنەركىسىگە مۇقۇملاشتۇرۇڭ  تۇلۇق 12vبولمىغان بولسا بۇنى بىلىسىز يانداش چاتقاندىن بىرەرنى ئارقىمۇ ئايقا چاتسىڭىز بولىدىغۇ  سىزدىن تەلىم ئالاي دىگەن مەن بۇ تەتۇر ئۆزگەرتكۇچنى ئوڭ چاتسىمۇ توك چىقىردىغان تەتۇر چاتسىمۇ توك چىقىردىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن لىكىن ھېلىقى 4پۇتلۇق لمپا بەك قىززىيدۇ يەنە سەل تۇكى ئاجىز بوپقاندى يەنە جۈپلەپ چاتسام قۇۋۇتى ئاشامۇ
63-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-5-15 18:55:21
لەغمەن يوللىغان ۋاقتى  2017-5-15 15:24
شۇنداق نازۇكمىكەن  ئۇنى جاڭشۇچىنىڭ پەنەركىسىگە مۇقۇم ...

ھەربىر ياپراقچىنىڭ توك چىقىرىش بېسىمى 0.5ۋولىتكەن شۇنداق بولغاندا 24دانە ياپراقچە 12ۋولىت بولىدىكەن،ياپراقچىنىڭ بىرنەچچىسى سۇنۇپ سانى ئازلاپ كەتكەچكە تۇلۇق12ۋولىت بولماي قالدى.
سىز ئىشلەتكەن تۆت پۇتلۇق لامپىنىڭ قارشىلىقى سەۋەبىدىن تەتۈرئۆزگەرتكۈچكە كىرىدىغان تونىڭ بېسىمى 12ۋولىتتىن تۈۋەنلەپ كىتىپ شۇڭا قۇۋۋىتى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ،لامپىنى يانداش ئۇلىسىڭىز قىززىشى ئۇڭشىلىدۇ ئەمما قۇۋۋىتى كۈرىنەرلىك يۇقۇرلىماسلىقى مۇمكىن،ئىشلەتكەن لامپىنىڭ رەسىمىنى يوللاپ قۇيىڭە بىرلىكتە ھەل قىلايلى.
64-قەۋەت
bak1234 ۋاقتى: 2017-5-15 20:20:43
تىرشىڭلار سقلەر يىڭلىق يارتىپ قالامسىلەر تىخى مەن شايارلىق
سىلەچۇ ؟؟
مەن ئادەتتە بەك ئىنكاس يازمايمەن
ماۋۇ تىمنى كۆرۇپ بەك ئىنكاس يازغۇم كەپ كەتتى
قۇياش نۇردىن توك چىقرىش تىخنىكىسىدا بىرە يىڭلىق يارتىشىڭلاغا تىلەك داشمەن،مەن بۇ ئالىپ توردا يانفۇن كومپيۇتېر غا ئائىت تىملارلا دىسەم مانداق نوچى تىملارمۇ بار ئىكەن دە،ئامەت تىلەيمەن «لەغمەن،بۇلبۇللا،يۇمشاق دىتال»قاتارلىق تورداشلاغا

mmexport1494779409115.jpg (73.99 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

mmexport1494779409115.jpg
65-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-5-16 01:40:36
bak1234 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-15 20:20
تىرشىڭلار سقلەر يىڭلىق يارتىپ قالامسىلەر تىخى مەن شاي ...

قوللىغىنىڭىزغارەھمەت!توۋا قوللاش ئادەمگە ئاجايىپ مەدەت بۇلىدىكەندىسە.
66-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-5-16 18:54:16
bak1234 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-15 20:20
تىرشىڭلار سقلەر يىڭلىق يارتىپ قالامسىلەر تىخى مەن شاي ...

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت مەنمۇ توك سايمانلىرغا بەك قىزقىمە شۇڭا ئۇنى بۇنى ھەپىلىشىپ تۇرمە كۆپ رەھمەت سىزگە
67-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-5-16 19:12:51
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2017-5-15 18:55
ھەربىر ياپراقچىنىڭ توك چىقىرىش بېسىمى 0.5ۋولىتكەن شۇن ...

رەسىمدىكى دەل شۇ ئا قىسقاچلىقى مەن ياسىغان ئوڭ تەتۈر چاتسىمۇ بىرخىل قىپ بىردىغان ئۈسكىنە شۇ ئاۋۇ 4 پۇتلۇق نەرسىدىن 4نى يانمۇ يان چېتىپ توكنىڭ قۇۋىتىنى ئاشۇردۇم يەنە ئاليومىن سۇيۇتقۇ ئورنىتىپ قىززىشنى كۆرنەرلىك كونتىرول قىلدىم توكسىكلىتنىڭ نەچچە ۋولت تۇكىنى 12ۋولت قىپپىردىغان نەرسىدىن بىرنى ئالغان  بۇنىڭ تۇكى 11ۋولتتىنمۇ تۈۋەن چىقىپ قالدى بۇنىڭ تۇكىنى قانداق قىلىپ ساق 12ۋولت قىلغىلى بولىدۇ مىنىڭ كۈننۇرى تاختام 18ۋولتكەن شۇنى چاتاي دىگەن بولمىسا كۈندۈزلىرى سەل دىققەت قىلمىسا ئاككۇمۇلياتورنى قىززىتىپ كۆيدۈرۋېتىدىكەن

IMG_20170516_172834.jpg (703.71 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

IMG_20170516_172834.jpg

IMG_20170516_175813.jpg (765.67 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

IMG_20170516_175813.jpg
68-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-5-16 19:14:40
bak1234 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-15 20:20
تىرشىڭلار سقلەر يىڭلىق يارتىپ قالامسىلەر تىخى مەن شاي ...

مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىدىن
69-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-5-17 00:46:51
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bulbulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-17 00:48  
لەغمەن يوللىغان ۋاقتى  2017-5-16 19:12
رەسىمدىكى دەل شۇ ئا قىسقاچلىقى مەن ياسىغان ئوڭ تەتۈر  ...


12ۋولىت دىگەن تاختىلار ھەممىسى 18ۋولىت چىقىدىكەن ھاۋا تۇتۇق ۋاقىتتىمۇ توك قاچىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق لاھىيلىگەن بولسا كېرەك،چۈنكى 12ۋولىتلىق ئاككومۇلياتۇرنىڭ توكى لىق تۇشۇش بېسىمى13.5ۋولىت ئەتراپىدا 12ۋولىتلىق ئاككومۇلياتۇرغا توك قاچىلنىشى ئۈچۈن توك قاچىلىغۇچنىڭ بېسىمى 12ۋولىتتىن يۇقۇرى بۇلىشى كىرەك. بۇنىڭغا بولسا مەن سېتىۋالغاندەك مەخسۇس كونتىروللىغۇچ ئىشلىتىڭ!بۇنى 12ۋولىتتىن 24 ۋولىتقىچە خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.ئاككومۇلياتۇر توشسا ئاپتۇماتىك توكنى ئۈزۈپ ئاككومۇلياتۇرنى قوغدايدىكەن، ھەم ئاككومۇلياتۇرنىڭ توك مىقدارى بىلەن كۈننۈرى تاختىسىدىن كەلگەن توك بېسىمىنى LCDئېكراندا كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن،يەنە 2تال 5ۋولىتلىق usbئېغىزى تەمىنلەنگەنكەن يانفۇنغا توك قاچىلىسام خېلىلا تىز قاچىلايدىكەن.ئەگەر ئىلىكتىرون دىتاللىرىنى ئىشلىتىشنى بىلسىڭىز (比较器)سېلىشتۇرغۇچ،رېلى ھەم بىرنەچچىتال قارشىلىق ئارقىلىق ئاككومۇلياتۇر توشسا ئاپتۇماتىك ئۈزىدىغان قۇرۇلما ياسىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ،بۇنىڭ تەييارلىرى تاۋباۋدا خېلى ئەرزانكەن.ئاۋۇ توك سىكىلىتنىڭ( 转(换器ئالماشتۇرغۇچى ھەممىسى 11ۋولىت چىقىۋالىدۇ،ئۇنى ئادەتتە توكسىكىلىتنىڭ چىراقلىرىغىلا ئىشلەتكەچكە قۇۋۋىتى بەك تۈۋەن چىقرىش بېسىمىنى كوندىنساتۇرنى چۇڭايتىش ئارقىلىق يەنە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق يۇقۇرى كۈتۈرگىلى بولىدۇ.چىقىرىش بېسىمىنى يۇقۇرى كۈتۈرگەن ھالەتتىمۇ  ئاككومۇلياتۇرغا توك قاچىلاشقا تازاماس كەلمەيدۇ.
70-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-5-17 01:08:58
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لەغمەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-17 01:15  

راس تەتۈر ئۆزگەرتكۈچنىڭ شامالدىرغۇچ ئاۋازى يامانكەن قارشىلىق چېتىپ ئاستىلىتىپ شاۋقۇننى كونتىرول قىلدىم  بۇرۇنقىدەكلا نورمال قىززىش كۈرۈلمىدى
71-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-5-17 01:10:35
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2017-5-17 00:46
12ۋولىت دىگەن تاختىلار ھەممىسى 18ۋولىت چىقىدىكەن ھاۋا  ...

ەھمەت سىزگە راۋرۇس بىلىمىڭىز باكەن  بەك چۈشۈنىشلىك يېزىپسىز مەنكىچىكىمدىنلا توك سايمانلىرغا بەك قىزقاتتم ئائىلە شارائىتىمىز بۇنىڭدا ئۇقۇشۇمغا ماس كەلمىدى  شۇڭا نەدىلا ئۇچرىسا سىزدەك ئۇستاملاردىن تەلىم ئېلىپ ئۈزەمنىڭ ھەم ئائىلىنىڭ توك ئىشلىرنى قىلىپ كىلۋاتىمە  ئىش ئورنمدا توك يوق شۇ كۈننۇرى تاختىسىدا توكنى ھەل قىلغان بولدۇم  بۇ يەردە تېلىفون سىگنالى يوقدىيەرلىك تېلگىراف كۆچمە بىرلەشمە كارتىللىرى با ھەممىسى ئىشلىمەيدۇ  تاغ ئارىسى تۆمۈر رودىسى قاپلانغان   شۇڭا بۇيەدە تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ كۈن تاختىسى دىگەنلەر بەك مۇھىم   زاپاس ئېلۋاغان تەتۈر ئۆزگەرتكۈچنى توكچىلىق بىلىملىرڭىز ياخشىكەن كامالەتكە يىتىپسىز  مۇشۇنداق بىلىملىرڭىزنى ۋاقىت بولسىلا يېزىپ تۇرۇڭ
72-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-5-17 11:37:31
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bulbulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-17 11:55  

نەدىكىنى بەك ئاشۇرۋېتىپسىز.كىچىكىمدىن ئىلىكتىرونغا قىززىققاچقا ھەم كەسپىم توك سىكىلىت رىمۇنىتچىلىقى بولغاچقا توك سىكىلىتنىڭ بۇزۇلغان سايمانلىرىنى ئوڭشاش جەريانىدا بەزى بىر ئېلىكتىرون دىتاللىرى ئازتۇلا چۈشۈنۈپ قالدىم شۇ.توغرا ئاۋۇ سىز ئىشلەتكەن 4پۇتلۇق لامپىمۇ ئىككى قۇتۇپلۇق كىرىستال لامپىنىڭ 4نى كۆرۈك ھالەتتە بىرلەشتۈرگەننىڭ بىر تۈرى،بۇنى ئادەتتە تۇلاراقى ئېقىم تۇغۇرلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ،ئۇنى ئىككى قۇتۇپلۇق كىرىستال لامپىدىن 4نى بىرلەشتۈرۈپ ياسىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.ھەراس توك بولغاندىكىن ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرىنى ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ دىگەن گەپ يانفۇن سىگنالى تاتمىسا ئەگەر شارائىتىڭىزغا ماس كەلسە ئانتىنالىق  سىگنال كۈچەيتكۈچ ئىشلەتسىڭىز بولمامدۇ؟100كۇۋادىرات مىتىرغا سىگنال تارقىتالايدۇ دەپ كۆرگەنتىم،باھاسىمۇ بەك قىممەت ئەمەسكەن كۆچمە،بىرلەشمىنىڭ،تېلگىرافنىڭ،3تورلۇقلىرىمۇ باكەن.
73-قەۋەت
ئىللىق1 ۋاقتى: 2017-5-17 21:28:16
نەچچە كۈننىڭ ياقى توردىن بىرقىسىم ماتىرياللارنى سالدۇرۇپ ،شۇنى قۇراشتۇرۇپ سىناق قىلىش بىلەن ئۈتۈپ كەتتى. چۈنكى 51كونتىروللىغۇچنىڭ 0.ئېىغىزىغا لېد لامپىلارنى چېتىپ قوزغۇتۇش ئۈچۈن چۇقۇم قارشىلىق ئارقىلىق شۇ ئېغزغا ئىلىكىتىر بېسىمى تارتىش لازىم . ئەمما زادى نىمە ئۈچۈن چۇقۇم شۇنداق قىلىش كىرەك دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپ 51 كونتىروللىغۇچنىڭ 0ئېىغىزنىڭ ياسىلش قۇرۇلمىسىنىڭ
سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ۋە ماھىيتىنى ئۇقتۇم.ئۇنى ئاختۇرۇپ تېپىپ چۈشىنىشمۇ ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى.
ئەمما چۈشەنگەندىن كىيىن يەنىلا شۇنداق ئاددى مەسىلە ئىكەنلىنى بىلدىم .شۇ جەرياندا يەنە نۇرغۇن
چۈشەنمىگەن مەسلىلەرگە جاۋاب تاپقانمۇ بولدۇم.
گەرچە سۇئالغا توردا بىرلگەن جاۋاب ناھايىتى نۇرغۇن بولىىسىمۇ ئەمما ھەممە ئادەم ئۈزىنىڭ بىلىشىچە
جاۋاب بەرگەنلىكىتىن سۇئالنىڭ نەق ئۈزىگە تىگىدىغان مەسلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدىغان جاۋابنى تېپىش بىر قەدەر ئاۋارچىلىق ئىكەن. لىكىن ئاۋارچىلىق ئىچىدىن يەنە بىلىپ بىلمەي بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يۇلىدا يەنە باشقا مەسلىلەرنى ھەل قىلىش جاۋابىغىمۇ ئىرىشىپ قالىدىكەنمىز.
ئاخرى شۇنداق قىلىپ ئۇ مەسلىنىمۇ چۈشەنگەن بولدۇم . شۇ ئاساستا لېد لامپىلارنى ئايرىم بىردانە 51 كونتىروللىغۇچقا ئۇلاپ قارشىلىقلار ئارقىلىق 0 ئېغىزنىڭ قوزغۇتۇش ئىقتىدارنى ھازىرلاپ 2دانە لېد لامپا بىر قىلىپ قۇراشتۇرۇلغان لېد كۆرسەتكۈچنى قوزغۇتۇپ  پىروگىرامما ئارقىلىق 0دىن 9غىچە 0.5سىكونتتىن ئارىلق تاشلاپ كۆرسىتىپ چىقتىم .يەنى بۇ لېد كۆرسەتكۈچ لامپا ۋە قارشىلىق ھەم كونتىروللىغۇچلارنىڭ زاۋۇتتىن ياسىلىپ چققىنىدىن باشقا قالغان ھەممە قۇاشتۇرۇش ئۇلاش ۋەپىروگىراممىسىنى ئۈزۈم تەييارلىدىم .ئىلگىرى ئۈگۈنۈش جەريانىدا تەييار قۇراشتۇرۇقلۇق ئەسۋاب ئۈسكۈنە ماتىرياللار بىلەن نەزەرىيەنى يېرىم ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۈگەنگەن بولسام ھازىر ھەربىرتال سىم
كۇنۇپكا ۋە ئۈزەكلەردىن تارتىپ ئۈزەم قۇراشتۇرۇپ ھەقىقى ئەمەلىيەتنى باشلىدىم .
دەسلەپكى نشان كالىندارنىڭ توك يۇلىنى قۇراشتۇرۇپ چىقىش ۋە سانلىق ئۇچۇرلارنى لېد كۆرسەتكۈچ لامپىدا كۆرسىتىش يەنى ھەقىقى بىر كالىندارنى ئۆز قۇلۇم بىلەن ياساپ چىقىش .
پۈتكەندىن كىيىن ئىلىكتىرونلۇق چالغۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن خەت ۋە رەسىم ئۇيۇش ماشىنىسى،
ۋە تىزگىنەكىلىك ئۇيۇنچۇق ماشىنا ، ئاخىرىدا مۇئەييەن ئەقىلى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ،
ئەگەر ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرسە ئۈزىمىز ھەقىقى ئىلىشگەن ھەرخىل تىىللىق تەرجىمە لۇغەتلەر ،ۋە تىگىدىن ئۇيغۇرچە سىسىتىمىلق ئادىدى كومپىيوتىر پۈتتۈرۈپ چىقىش .
چۈنكى مەن 51 كونتىروللغۇچنى ئۈگۈنشكە باشلىغىلى تېخى نەچچە ئايلا بولغاندىكىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە
تەييار قۇراشتۇرۇغلۇق تاختا بىلەن سىناق قىلغانلىقتىن ،نەزەرىيەدە خېلى ئۈگەنگەن بولساممۇ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ پىششىقلاش ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل كىتىدۇ .ئەمما بۇمۇ بىر ئۈگۈنۈش تېخىمۇ
مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئۈگۈنۈش .
مەن كونتىروللىغچتىن پايدىلىنىپ لېد كۆرسەتكۈچنى قوزغۇتۇشتا سەل ئاۋارە بولغان يرىم شۇ نىمە ئۈچۈن
0.ئېغىزىغا سىرتقى قارشىلىق ئارقىلق كونتىروللاش لازىمىلىقىنى چۈشىنىش بولدى . ئۇنىڭدىن كىيىن
لېد ئېكراننىڭ پۇتلىرىنى ئايرىپ چىقىش بولدى ئەمما بۇمەسىلە ئۇيۇننىڭ ئورنىدىلا .يەنە بىر مەسىلە
مەن ھەقىقى ئەمەلىيەتكە يېڭى كىرگەنلىكىم ئۈچۈن كەپشەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش داۋامىدا
قول كۆندۈرۈپ سۈپەتلىك نەتىجە ھاسىل قىلىشمۇ يەنە بىر قىزقارلىق نۇقتا بۇلپ قالدى. قىسقىسى
ھەقىقى ئەمەلىيەتكە رەسمى كىرىشپ 1. قەدەمنى مۇۋەپىقىيەتلىك تامالىدىم .ئەمدى پەقەت 18b20 ئۈزەكنى چاتساملا كالىندار توك يۇلى ۋە پىروگىراممىسى پۈتتى دىگەن گەپ . ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈزەك ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس بەلكى لېد كۆرسەتكۈچ تىن ئاسانراق ھەل بۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن .




74-قەۋەت
ئىللىق1 ۋاقتى: 2017-5-17 21:39:21
http://www.51hei.com/bbs/dpj-57827-1.html
قاراڭلار . خەق قىلغاننى بىزمۇ چۇقۇم قىلالايمىز.تىرىشايلى .
75-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-5-18 07:19:07
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2017-5-17 11:37
نەدىكىنى بەك ئاشۇرۋېتىپسىز.كىچىكىمدىن ئىلىكتىرونغا ق ...

راس ھېلىقى سىگنال كۈچەيتكۈچنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قۇيۇڭە بىر ئىزدىنىپ كۈرەي ئەس،قېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部