+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:تۈنۈگۈن 16:19 1528 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
نۇرغۇن تور بەت، ئەپكە تىزىملىتىپ كىرىشتە كىيۇكىيۇ، ئۈندىدار ياكى يانفون نومۇرىدا تىزىملىتىش ئىقتىدارى بار. ياكى شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. دائىم ئىشلىتىدىغان ئەپ، تور بەتكە تىزىملىتىپ كىرگەن ھېسابات نومۇرنىغۇ بىلىسىز، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تىزىملىتىپ قويغان تور بەتنى ھەقىچان ئۇنتۇپ قالدىڭىز.



نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كىيۇكىيۇ نومۇرىدا تىزىملىتىپ قويغان تور بەتتىكى ھېساباتىڭىزنى ئۆچۈرۋېتىشنى ئويلىدىڭىز، ئەمما قايسى تور بەتكە تىزىملاتقىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز، قانداق قىلىسىز؟ تۆۋەندىكىدەك قىلىڭ:


QQ
https://connect.qq.com/index.html نى ئېچىپ، ئوڭ ئۈستۈنكى تەرەپتىكى 登陆 نى بېسىپ، كىيۇكىيۇ نومۇرىڭىزدا كىرىڭ.



ئاندىن ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى 授权管理 نى باسسىڭىز سىز كىيۇكىيۇ نومۇرىدا تىزىملاتقان بارلىق تور بەت ۋە ئەپلەرنىڭ تىزىملىكى چىقىدۇ.



قايسسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، شۇ ئەپ ياكى تور بەتكە كىيۇكىيۇ ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتمەكچى بولسىڭىز شۇ ئەپ ياكى تور بەتنىڭ ئىسمىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى 授权管理 نى ئاندىن 取消全部授权 نى باسسىڭىز بولىدۇ.



ئۈندىدار
تەڭشەكتىكى 【申请注销】(ئۈندىدارنى ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىش) دېگەن يەرنى باسسا ئەگەر ئۈندىدار ئارقىلىق باشقا تور بەت ياكى ئەپكە تىزىملاتقان بولسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتىش چىقىدىكەن.



ئەسكەرتىش بۇ مەشغۇلاتتا ئەگەر ئۈندىدارىڭىز ئارقىلىق سالون قۇرمىغان بولسىڭىز، ئۈندىدار ھېساباتىڭىزدا پۇل بولمىسا 申请注销 نى باسسىڭىز ئۈندىدارىڭىز مەڭگۈلۈك ئەمەلدىن قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۈندىدار ھېساباتىڭىزنى ئىشلىتەلمەيسىز. شۇڭا بۇ مەشغۇلاتنى تەپسىلى تۇنۇشتۇرمىدۇق، چۈشىنىپراق مەشغۇلات قىلارسىز.

ئۇنىڭدىن باشقا ئالما يانفوندا 【设置】-›【隐私】-›【授权管理】گە كىرسە ئۈندىدار ئارقىلىق تىزىملاتقان تېڭشۈن ئويۇنلىرىنىڭ تىزىملىكى چىقىدۇ. شۇ يەردىكى 【管理】نى چېكىپ ئۆچۈرۋېتىشكە بولىدۇ.



يانفون نومۇرى
يانفون نومۇرى ئارقىلىق قايسى تور بەت ياكى ئەپكە تىزىملاتقاننى تەكشۈرگىلى بولىدىغان بىرەر تور بەت ياكى باشقا قولاي ئۇسۇل يوق. پەقەت ئۆزىڭىز تەۋە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇلازىمىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرەلەيسىز. بايرام دېگەندەك ئالاھىدە كۈنلەردە يانفونىڭىزغا كەلگەن ئېلان قىسقا ئۇچۇرىدىن بەزى تىزىملاتقان تور بەتلەرنى بىلىش مۇمكىن. تور بەت ياكى ئۈندىدارلاردا تارقىلىپ يۈرگەن يانفونىڭىزنىڭ قايسى تور بەتكە باغلانغاننى تەكشۈرۈپ بېرىمىز، يانفون نومۇرى ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەيمىز... دەيدىغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى يالغان، ئالدامچىلىق.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش13 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

5ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
$BashbugH$ ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:37
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن، مەنمۇ تېمىدا تۇنۇشتۇرۇلغان تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈپ باقسام 40~50 تەك تور بەتكە تىزىملىتىپتىكەنمەن، ھەممىنى ئۈچۈرىۋەتتىم، رەھمەت تېما ئىگىسى...
گىلەم
delyar ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:49
مەن   نەقلا 100  توربەتكە  تېزىملىتىپتىكەنمەن
ئورۇندۇق
abduxkur0998 ۋاقتى: تۈنۈگۈن 17:02
بۇ ئۇسۇلنى كومپيۇتېر بولمىسا تىلفۇندا سىنغىلى بولمامدۇ قانداق ؟ مەن سىنيالمىدىم دىسە
5-قەۋەت
kaplan119 ۋاقتى: تۈنۈگۈن 21:00
ئۈندىداردا تىزىملاتقىننى ئۆچۈرگىلى بولمامدا
6-قەۋەت
بارچۇق520 ۋاقتى: تۈنۈگۈن 21:32
باياتىن  دىققەت  قىلمايلا   بانكا  كارتامنى  بىر  تامغىلىق  قىلىپ  قويدۇم  ، بۇنىڭ  نىمە  ئىش  ئىكەنلىكىنى ھىچ  ئۇقالمىدىم  ، بۇنداق  ئىشلارنى  بۇرۇن  كۇرۇپ  باقماپتىكەنمەن   شۇڭا   تىمىغا  مۇناسىۋەتسىز  بولسىمۇ   رەنجىمەي  بىر  جاۋاپ بىرۋەتكەن بولساڭلا  !!

CCB89B5D-30BF-4A18-82DD-681984B73ED7.jpeg (70.83 KB, چۈشۈرۈش سانى: 24)

CCB89B5D-30BF-4A18-82DD-681984B73ED7.jpeg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部