+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:3 كۈن بۇرۇن 1342 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
«خەلق گېزىتى» تېرمىنالىنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگو ئىچىدىكى iCloud مۇلازىمىتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ 云上 گۇيجۇ شىركىتىنىڭ مەسئۇل بولۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ 云上 گۇيجۇ شىركىتى iCloud نىڭ جۇڭگو ئىچىدىكى تىجارىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ھەمدە iCloud نىڭ جۇڭگودىكى ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ قانۇنى ۋە مالىيە مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولىدۇ.



ئۆتكەن يىل 7-ئايدا ئالما شىركىتى جۇڭگودىكى بىرىنجى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى گۇيجۇ ئۆلكىسىدە قۇردىغانلىقىنى جاكارلىغان. كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا ئالما شىركىتى يۈنشاڭ گۇيجۇ شىركىتىگە ھوقۇق بىرىپ، ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تىجارەت، iCloud بۇلۇت سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلغان. بۇنىڭدىن كېيىن دۆلىتىمىزدىكى ئالما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتى چەتئەلگە چىقىپ كەتمەيدۇ.
ئالما شىركىتىنىڭ بىلدۈرشىچە، 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يەتتە ھەپتە ئىچىدە ئالما شىركىتى تور خەت ۋە ئۇقتۇرۇش شەكىلىدە ئىشلەتكۈچىلەرگە بۇ ئىشنى ئۇقتۇردىكەن. Apple ID سى جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولغان ئىشلەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى يۆتكىلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدىكەن.



2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگودىكى بارلىق ئالما ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ iCloud تا ساقلانغان رەسىم، سىن، ھۆججەت، ئەپ ۋە باشقا شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرى دۆلەت ئىچىگە (يۈنشاڭ گۇيجۇ شىركىتىگە) يۆتكىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن iCloud نى زىيارەت قىلغاندا ئارىلىق قىسقارغانلىقتىن تور سۈرئىتى، چۈشۈرۈش سۈرئىتى كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

مەنبەسى: IT之家 دىن تەرجىمە قىلىندى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

3ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
sestima ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
مېنىڭچە بۇ ياخشى بوپتۇ...... بىخەتەرلىك مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلنىپتۇ  .............  رەھمەت..........
گىلەم
esyankar ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
قانداق قىلساق idنومرىمىزنى يۇق قىلۋەتكىلى بۇلىدۇ
ئورۇندۇق
azmaT318 ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:20
esyankar يوللىغان ۋاقتى  2018-1-11 21:16
قانداق قىلساق idن  ...

يوق قىلۋەتكىلى  بولمايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部