+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-14 10:55 3469 قېتىم كۆرۈلدى 19 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئىلگىرى ئەڭ ياخشى يانفون، سېتىلىشى ئالدىنقى ئۇرۇندىكى 10 خىل يانفون... دېگەندەك دەرىجىلەرنى كۆرگەن. بۈگۈن ساختا يانفونلارنىڭ دەرىجىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
لۇ ئۇستام (鲁大师) ئالدىنقى يېرىم يىللىق دۆلەت ئىچىدىكى ساختا يانفونلارنىڭ دەرىجە تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. 鲁大师 نىڭ جەمئىي قاچىلىنىش مىقدارى 40 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، سانلىق مەلۇمات ئاساسى نىسبەتەن ئىشەنچىلىك. (鲁大师 مەخسۇس يانفونلارنىڭ قاتتىق دېتالىنى باھالاپ نومۇر قويىدىغان ئەپ)



بۇ تىزىملىكتە شىياۋمىنىڭ ئىلگىرىكى بايراقدار يانفونى شىياۋمى 4 بىرىنجى ئۇرۇنغا تىزىلغان. يەنى ساختا يانفونلار ئىچىدە ئىگىللىگەن نىسبىتى %17؛ ئىككىنجى ئۇرۇندىكىسى Galaxy S7 Edge ئىگىللىگەن نىسبىتى %12
ئەسكەرتىش: بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغىنى شۇ ماركا، شۇ تىپتىكى يانفونغا ئوخشىتىپ ياسالغان ساختا يانفوننى كۆرسىتىدۇ. بىرىنجى ئۇرۇندىكىسى شىياۋمى 4 دېسە، شىياۋمى 4 يانفونى ساختىكەن دەپ ئويلىۋالماڭلار.
بۇ تىزىملىكتە يەنە iPhone 6 Plus、iPhone 7 مۇ بار؛ ساختا يانفون ياسىغۇچىلار ئايفوننىمۇ ياسىۋېتىدۇ.
تۆۋەندىكىسى ساختا يانفون تىزىملىكىدىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن يانفونلار:



بۇ تىزىملىكتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، تەقلىد قىلىپ ياسالغان ساختا يانفونلار ئاساسلىقى باھاسى قىممەت، سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى يانفونلاردۇر.
鲁大师 نىڭ ئانالىز قىلىشىچە، كۆپ قىسىم ساختا يانفونلارغا لىيەن فا كې MT6589 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (Mali-400 GPU) ئىشلىتىلدىكەن. ئېكراننىڭ ئېنىقلىقى 854×480 ، يەنى ئېنىقلىقى ئىنتايىن تۆۋەن، بىر قاراشقىلا بىلگىلى بولىدۇ. سىرتقى قېپى قوپال، سىگنالى ئاجىز. سىستېمىسىغا ھەر خىل پۇل تۇتىۋالدىغان ئەپلەر قوشۇۋېتىلگەن.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

19ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-8-14 11:14:31
ئەقلىيفون ئىشلەتكەن تۆت بەش يىللىق تارىخىمدا  شۇ ئىشلەتكەن يانفونلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقىقىي ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
ساختا يانفون ياسايدىغانلار قاچانمۇ تۈگەر؟
گىلەم
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-8-14 11:25:15
ۋاھ بۇنىڭ ھەممىسى داڭلىق ماركىلىق يانفۇنلاركەنغۇ
ئورۇندۇق
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-8-14 11:30:07
مەنغۇ يانفۇن ئالسام 鲁大师دا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ ئۇنىڭدىن كېيىن سېتىۋالىمەن .مۇشۇ كەمگىچە مېنىڭچە ساختا تېلفۇن ئېلىپ باقمىدىم دەپ ئويلايمەن .
5-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-8-14 11:48:01
مىنىڭ ئالمام يېڭى نەشىرنى تاپالمايدىغۇ قانداق گەپ بۇ

IMG_0237.PNG (40.91 KB, چۈشۈرۈش سانى: 14)

IMG_0237.PNG
6-قەۋەت
Huxnut ۋاقتى: 2017-8-14 12:24:50
مەنمۇ ساختا تېلفۇن سېتۋېلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئورگان تور بېتىدىنلا ئالدىغان بۇلۇپ قالدىم .
7-قەۋەت
@بەخىت ۋاقتى: 2017-8-14 13:11:17
يەنە ساختا يانفۇنلارنىڭ ئىچىكى ساقلىغۇچى سىغمى يالغان . مەسلەن 16gbدەپ كۆرسەتكەن بولسا ئەمەلىيەتتە ئازراق ھۆججەت قاچىلىسلا سىغىم يىتىشمەيدۇ،قارىسا ئون نەچچە جى يەر بىكار دەپ كۆرسەتكەن،مەنمۇ بىر يانفۇن سىتۋالغان دۆلەت مىلى شۇنداق ياخشى دىسە ،كىيىن  mtھۆججەت باشقۇرغۇچنى قاچىلاپ سول تەرەپ ئۈستىدىكى ئۈچ سىزىقنى چىكىپ سىغىم كۆرسىتىشنى كۆرسەم ئۆزىنىڭ ھۆججەت باشقۇرغۇچىدا سەككىز جى دەپ كۆرسەتكەن سىغىم تولۇق بىرجىمۇ چىقمىدى.ئامال يوق ئىشلەتتىم ئىككى ئاي بولغاندا كىسەك بولدى ،رومىنى تاپالماي خىلى ئۇزۇن تاشلاپ قويۇپ كىيىن ئىزدەپ رومىنى تاۋباۋدىن ئون كويغا ئالدۇرۇپ ئەللىك كويغا قاچىلاتتىم.يەنە ئۇزۇن ئىشلەتمەي ئېكران چىقىلدى،شۇنىڭ بىلەن ھويلىغا ئەچىقىپ كەتمەن بىلەن چاناپ پارچىلاپ ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتتىم.
نامى بولسا باشقىچىكەن ما سامسۇڭنى نىمكەش ئالغان ئاچچىقىم كەلگەندە بىر قىتىم تامغا ئاتساممۇ ھىچ نەرسە بولماپتۇ شۇ كەينى قىپىنىڭ بۇرجىكى چاك كىتىپتۇ،پىششىق تىلپۇن بولا سامسۇڭدەك بولا.
8-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-8-14 15:11:12
مۇشۇ لۇداشى ،ئەنتۇتۇ دىگەندەك تىلفۇننىڭ سەپلىمىسى ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان ئەپلە ئىشەنچىلىكمۇ، تىلفۇنغا قويغان دىياگىنوزى توغرىمۇ ،تېلفۇنىمىزنى ناچار دىسە كۆڭلىمىز بىر قىسما بوپ شەك چۈشۈدىغان ياخشى دىسە پوچى ئىشلىتىدىغان بوپ قالدىكە ،بەزىلەنىڭ دىيىشچە ئۇنداق ئەپلە ھەممىسى قۇرۇق ئادەم ئالدايدىغان بىرنىمىلە تىلفۇنغا قاچىلسا سىغىم ئېگەللەپ ،توك ئېقىم خورىتىشتىن باشقىغا كېرەك كەلمەيدۇ دەيدۇ
9-قەۋەت
كىيىك ۋاقتى: 2017-8-14 16:04:54
بۇ يانفۇنلار قاتارىدا مىيزۇ يانفۇنى يوقكىنا،
10-قەۋەت
520abduxukur ۋاقتى: 2017-8-14 18:07:43
مىنىڭچە بۇ دىتاللار ئىشەنچىسىز ،بۇ دىتال مىنىڭچە 360شىركىتىنىڭ ،،ئەگەردە سىز 360Nيۈرۈشلۈك يانفۇنلىرىنى ئۆلچىسىڭىز ،بۇ دىتال سەنشىڭ S8ۋە شىياۋمى 6دىنمۇ ياكى ئوپپو R11دىنمۇ سۈپەتلىك ئىقتىدارلىق دەپ چىقىرىدۇ ،،بۇ نىڭدا 360يانفۇنلىرىنى ئۆلچىگەندە 360يانفۇنلىرى ھەرگىز كەينىگە تىزىلمايدۇ
11-قەۋەت
P1nhan ۋاقتى: 2017-8-14 18:19:26
كىيىك يوللىغان ۋاقتى  2017-8-14 16:04
بۇ يانفۇنلار قاتارىدا مىيزۇ يانفۇنى يوقكىنا،

قارغاندا مېيزۇنىڭ ساختىسى يوق ئوخشايدۇ
12-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-8-14 18:30:39
@بەخىت يوللىغان ۋاقتى  2017-8-14 13:11
يەنە ساختا يانفۇنلارنىڭ ئىچىكى ساقلىغۇچى سىغمى يالغان ...

ۋاھ مىنىڭ خۇڭمى تىلفۇنۇم نەخ ساختىكەن ،  ئىچكى ساقلاش بوشلۇقى 8G بولسىمۇ نەچچە ناخشا-مۇزىكا قاچىلاپ ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ بولغىچە تۇشاپ قالىدۇ ،  ھېلىمۇ 2 كۈندە بىر تازلاۋاتىمەن . ئىكران يۇرۇقلۇقىمۇ بەك كۈچلۈك  كۆزنى ئاغرىتۋېتتتى كەچلىكى ،    ئەمدى بىلىۋالدىمدە كاساپەتنى
13-قەۋەت
HAKAN49520 ۋاقتى: 2017-8-14 21:03:37
شىياۋمى يانفۇنلارنى ئورگان تورىغا چقىپ ئوڭ ئۈستى بۇرجەكتىكى يەردىن
商品防伪查询
بېسىپ تەكشۈردىغان تىپنى تاللاپ  IMEI سىننى ۋە ئىككلىك كود نۇمۇرى 20 خانلىك شۇنى سالساڭلا ساقتىسنى ئايرىپ بېرىدۇ ، يەنە بىر شىياۋمىنىڭ ئورگان بازىرىدىن تەكشۈرسەڭلارمۇ بۇلىدۇ ئەپ ئىسمى  小米商城 .
14-قەۋەت
电脑爱好者 ۋاقتى: 2017-8-15 00:08:02
P1nhan يوللىغان ۋاقتى  2017-8-14 18:19
قارغاندا مېيزۇنىڭ ساختىسى يوق ئوخشايدۇ

مېيزۇ تېلفۇننىڭ ئۆزىنىمۇ بەك جىڭ دېگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ساختىسىنى ياسىسا گۇڭ كۆتەرمىگەن گەپ، مېيزۇدىن ئىككىنى ئىشلەتتىم، پىرو6 بىلەن، نوتې5نى، تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس مەن ئىشلەتكەن مېيزۇ تېلفۇنلار، ئاپراتنىڭ ناچارلىقى، ھازىر شىياۋمى 6 ئىشىلتىۋاتىمەن، ھەر جەھەتتىن رازى
15-قەۋەت
0903XAX ۋاقتى: 2017-8-15 15:37:14
قانداق ئۆلچەيدىكەنمىز؟
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部