+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-25 13:10 2504 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
«بايلىق» تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى iOS ۋە MacOS سىستېمىسىغا ئىنتايىن مۇھىم يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتكەن. ئايفون، ئايپەد ۋە ماك كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرى دەرھال سىستېمىسىنى يېڭىلىشى زۆرۈر. بولمىسا خاككىرلار بۇ يۇچۇقتىن پايدىلىنىپ ئاسانلا ھۇجۇم قىلالايدىكەن.
تور بىخەتەرلىك ئورگىنى Exodus Intelligence نىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مۇتەخەسىسىسى Nitay Artenstein بۇ يۇچۇقنى بايقىغان. بۇ يۇچۇق ئالما ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىدىكى Wi-Fi ئۆزىكىدە كۆرۈلگەن. بۇ يۇچۇق ئارقىلىق «يامان غەرەزلىك كودنى خالىغانچە ئىجرا قىلىشقا» بولدىكەن. خاككىرلار ئالما ئۈسكۈنىسىنى بۇ Wi-Fi يۇچۇقى ئارقىلىق خالىغانچە كونترول قىلالايدىكەن.
iPhone 5 تىن iPhone 7 گىچە، تۆتىنجى ئەۋلادتىن كېيىنكى ئايپەد ۋە ئالتىنجى ئەۋلاد iPod Touch قاتارلىك ئۈسكۈنىلەردە بۇ يۇچۇق بار. خاككىرلار بۇ يۇچۇق ئارقىلىق يۇقارقى ئۈسكۈنىلەرنىڭ كونترول ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدىكەن.
ياخشى يېرى ئالما شىركىتى بۇ يۇچۇق بايقالغاندىن كېيىن دەرھال يۇچۇقنى ئېتىدىغان يېڭىلاش ھۆججىتى تارقاتقان. ئاددىي ئۇسۇلدا يېڭىلاپلا يۇچۇقنى ئېتىشكە بولىدۇ. ئايفون ۋە ئايپەد ئىشلەتكۈچىلىرى  تەڭشەك(设置)-ئاساسى (设置) تىزىملىكىگە كىرىپ، سىستېما نەشىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار. نەشىرى 10.3.3 تىن تۆۋەن بولسا دەرھال يېڭىلىۋېلىڭلار.

ئالدىنقى قېتىم ئالپ تورىدا يوللانغان 10.3.3 كە يېڭىلاش ھەققىدىكى يازما بويچە يېڭىلىۋالساڭلار بولىدۇ. ئۇ تېما بۇ يەردە
يېڭىلاشتىن بۇرۇن يانفوندىكى مۇھىم رەسىم ۋە باشقا ھۆججەتلەرنى زاپاسلىۋېلىڭلار؛ سىستېما يېڭىلانغاندا ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدۇ.
بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە ئاندرويد سىستېمىلىق ئۈسكۈنىلەردىمۇ ئوخشاش يۇچۇق بايقالغان. ئەمما بۇ ئاينىڭ بېشىدىلا گوگۇل يۇچۇقنى ئىتىدىغان ياماق تارقاتقان.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

4ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
سانغۇن ۋاقتى: 2017-7-25 19:39:39
tursun135 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-25 18:58
10.3.3قانداقراقكەن باللا مەن ئىككىلنىپ قالدىم   تىلفۇندا  ...

ئەپنىڭ ئومۇمىي سېغىمى 89.7 مىگا ، شۇنداق بولغاندا 150 مىگابايىتچە تور كىتەر.  ئىشقىلىپ مەن ھېچبىر يېڭىلىق ھېس قىلمىدىم، يېڭىلىق پەقەتلا ios دە باردەك قىلىدۇ، شۇنىڭغا ئىشتەي ساقلاۋاتىمەن...
تۆر
سانغۇن ۋاقتى: 2017-7-25 13:36:53
مەن ئاخشام 10.3.3 ئەڭ يېڭىسىغا يېڭىلىۋالدىم. مەن ئادەتتە تىلفۇننىڭ ئۆزىدىلا يېڭىلايمەن، ھېچقانداق ھۆججەتنى زاپاسلىۋالمايمەن، ئىشقىلىپ تېلىفۇنۇمنىڭ زاۋۇتتىن چىققاندىكى سىستېمىسى 8.0.3 ئىدى، ھازىرغىچە يېڭىسى چىققان ھامان يېڭىلاۋاتىمەن، سىستېما يېڭىلىغاندا ھېچقانداق خەتەر ھېس قىلمىدىم...
گىلەم
ansar630 ۋاقتى: 2017-7-25 15:13:52
10.2 نى ئىشلىتىۋاتقانتىم ئۇزاق بولغان . پەقەت چىققۇم يوقتى ئۈستىگە ... ماۋۇ تېما بىرخىل قىپ قويدىيا ئەدەمنى .....
ئورۇندۇق
tursun135 ۋاقتى: 2017-7-25 18:58:18
10.3.3قانداقراقكەن باللا مەن ئىككىلنىپ قالدىم   تىلفۇندا ئۆزدە يىڭلىسا قانچىلىك تور ئىقىمى كىتە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部