+تېما يوللاش
tarhan يوللانغان ۋاقتى:2012-2-28 10:03 88006 قېتىم كۆرۈلدى 202 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-20 17:40  

بۇ تېمىنى يوللىشىمدا مەزكور مۇنبەرگە ئاللىبۇرۇن يوللىنىپ بولغان ، ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىنىپ بولغان مەسىلىلەرنى كۆرمەي ، ئوقۇماي قايتا ياردەم تەلەپ قىلىپ يازغان تېمىلار سەۋەپ بولدى . شۇنداقلا نۇرغۇن يېڭىدىن ئاندىروئىد تېلفۇن سېتىۋالغانلار ۋە سېتىۋالماقچى بولغانلارنى كۆزدە تۇتتۇم . شۇڭا بۇ تېمىدا دەسلەپكى ساۋاتلاردىن باشلاپ سۆزلىنىدۇ . ئاددىيلىقتىن ، مۇرەككەپلىككە ، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ يۈزلىنىدۇ .
گەپنى قىسقا قىلاي . بۇ تېمىدا ئاندىروئىد سېستىمىلىق يانتېلفۇنلار ئۈچۈن بىلىشكە تىگىشلىك بىلىملەر سۇئال جاۋاپ شەكلىدە بېرىلىدۇ . بەلكىم بۇ تېمىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بىر ئايدەك ۋاقت كېتىشى مۇمكىن . ھەر بىر سۇئال جاۋاپ بىر ئىنكاس شەكلىدە يوللىندۇ .
1- قەدەم سۇئال سوراش باسقۇچى قېنى سۇئاللىرىڭلار بولسا سوراڭلار ، مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازماڭلار.

بۇندىن باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بولسا مېنىڭ ئۈندىدارىمغا قالدۇرساڭلار بۇلىدۇ . ئۇندىدار نۇمۇرى :422727172


( ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بۇ تېمىغا قالدۇرۇلغان ھەر قانداق سۇئالغا ۋاقت چىقىرىپ جاۋاپ قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن . شۇنداقلا ھەم كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىغا قالدۇرۇلغان سۇئاللارغا تەڭ جاۋاپ يوللاپ بىرلىكتە بۇ تېمىنى ئەڭ مۇكەممەل ئاندروئد سېستىمىلىق يانفۇن بىلىملىرى تېمىسىغا ئايلاندۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمەن.
يالغۇز ئادەم يازسا كۆپ ۋاقت كېتىشى مۇمكىن . كىيىنچە بۇ تېمىنى ئېلكىتاپقا ئايلاندۇرۇپ تارقتىش ھەتتا باسما قىلىپ كىتاپچە قىلىپ تارقىتىش پىلانىممۇ يوق ئەمەس.)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6تەجرىبە +137 ئاقچا +50 يىغىش سەۋەبى
sirlikaqkuq + 5 ياخشى بىلىملەر ئىكەن.
ansar868788 + 20 مەن قوللايمەن
uykadir + 2 مەن قوللايمەن
tanhabiz + 10 مەن قوللايمەن
UyghurWeb + 50
alip + 50 + 50 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش94 ھەمبەھرھەمبەھر3 قوللايمەنقوللايمەن42 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

202ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 10:06:53
1- سۇئال :  ئاندىروئىد سېستىمىسى دىگەن نىمە ؟


جاۋاپ :
Android بولسا ئىنگىلىزچە سۆز بۇلۇپ ئۇنىڭ مەنىسى ئۇيغۇر تىلدا ماشىنا ئادەم دىگەن مەنىدە . Android  بولسا بىر خىل Linux ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان كودى ئۇچۇق تارقىتىلغان بىر خىل مەشغۇلات سېستىمىسى . ئاساسلىقى  ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان ئۈسكىنىلەرگە قاچىلىندۇ . نۆۋەتتە مەمىلكىتىمىزدە ئاندىروئىدنى خەنزۇچە 安卓 قىلىپ ئېلۋاتىدۇ . بۇ ئەلۋەتتە تېخى رەسمىي قىلىپلاشمىغان ئاتالغۇ ، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بولسا ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئاندىروئىد  دەپ ئېلىنۋاتىدۇ . بۇنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئاتىغاندا " ئەنجۈر " دەپ ئاتىلىدۇ .لېكىن بۇمۇ تېخى تىل يېزىق كومتىتى تېخى رەسمىي بېكتىمىگەن ئاتالغۇ . ئەمما مەن يازمىلىرىمدا بەزى جايلاردا بۇنى ئەنجۈر سېستىمىسى دەپ ئېلىشىم مۇمكىن شۇ چاغدا مېنىڭ دەۋەتقان بۇ ئەنجۈرنىڭ ئاندىروئىدنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى بىلىپ قالساڭلار بۇلىدۇ .
مۇشۇ جايدا ئالاھىدە ئەسكەرتىش توغرا كېلىپ قالدى . ئاندىروئىد ، ئەنجۈر دىگەن ئاتالغۇ تېخى قېلىپلاشمىغان بولسىمۇ مۇشۇ تېمىنى كۆرگەن تورداشلار بۇندىن كىيىن خاتا يازماڭلار !!!  مۇشۇ مۇنبەردىلا بۇ خەتنى 10 خىل يېزىپسىلەر . بەك بىلەلمىسەڭلار ئەنجۈر دەپ يازساڭلار ھەرگىز خاتالاشمايسىلەر  
Android مەشغۇلات سېستىمىسنى ئەڭ دەسلەپتە Andy Rubin ئىسىملىك بىر ئادەم تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بۇلۇپ ، ئۇچاغلاردا ئاساسلىق تېلفۇنلارغا قاچىلىنىپ ئىشلىتىلگەن . 2005- يىلغا بارغاندا بۇ سېستىمىغا گوگىلGoogle شىركىتىنىڭ  نەزىرى چۈشۈپ ئۇنى سېتىۋالغان ھەمدە مەبلەغ سېلىپ  مەخسوس تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ  بۇ سېستىمىنى تېخىمۇ ياخشىلىغان . شۇنىڭ بىلەن ئاندىروئىد سېستىمىسى پەيدىنپەي يانتېلفۇن ۋە تاختا كومپىيۇتېر قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان .

Android سېستىمىسى ئەسلى كودى پۈتۈنلەي ئۇچۇق ئېلان قىلىنغان شۇنداقلا ھەقسىز ئېلان قىلىنغان مەشغۇلات سېستىمىسى 2009- يىلى 4-ئايدا 1.5 نەشىرى ئېلان قىلىندى .
2009- يىلى 9- ئايدا 1.6 نەشىرى ئېلان قىلىندى
2009- يىلى 10- ئايدا 2.0 نەشىرى ئېلان قىلىندى
2010- يىلى 5- ئايدا 2.2 نەشىرى ئېلان قىلىندى
2010- يىلى 12- ئايدا 2.3 نەشىرى ئېلان قىلىندى
..........................
..............
2011- يىلى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى شىياڭگاڭدا 4.0 نەشىرى ئېلان قىلىندى .
Android نىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى  ئالما شىركىتنىڭ iOS سېستىمىسى .
2011- يىلى 1- پەسىلدە ئاندىروئىد سېستىمىلىق كۆچمە ئۈسكىنىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى يەر شارى بۇيىچە 1- ئورۇنغا ئۆتكەن . يانتېلفۇنلاردا ئىشلىتىلىش نىسبىتى پۈتۈن يەر شارى بۇيىچە 52.5 پىرسەنتنى ، مەمىلكىتىمىزدە بولسا 58پىرسەنتنى ئىگەللەيدۇ . 。。。。。。。。。。。
بۇ مەشغۇلات سېستىمىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغاچقا تېلفۇن ئىشلەپچىقرىدىغان شىركەتلەر ئۈچۈن تەننەرخى تۈۋەن بۇلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلى كودى پۈتۈنلەي ئېچىۋىتىلگەن بولغاچقا زاۋۇت تەرەپ ئەسلى كودىنى ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق دىتاللىرىغا خالىغانچە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ . شۇڭا Android سېستىملىق يانتېلفۇنلارنىڭ باھاسى بىر قەدەر تۈۋەن بۇلىدۇ .
ئايفون بولسا ئالما شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئالما MAC سىستېمىسىنى يادرو قىلغان،يېپىق كودلۇق   ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن.
موبايىل تېلېفونى بولسا مىكروسوفت شىركىتى بازارغا سالغان Windows سىستېمىسىنى يادرو قىلغان يېپىق كودلۇق ئەقىلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇن .
بۇ ئىككى خىل تېلېفۇن  كۆپچىلىككە ئاساسەن تۇنۇش ،بۇھەقتە كۆپ سۆزلەشنىڭ ئورنى يوق .
بۈگۈن باش تىما بولىدىغان  "ئاندرويد تېلېفۇن"  گوگېل شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئاندرويد سىستېمىسى قاچىلانغان تېلېفۇنلارنىڭ ئۇمۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان ماركىدا ،ئوخشاش بولمىغان باھادا نۇرغۇنلىغان تىپلىرى بازارغا سېلىندى.
مەسىلەن: HTC ، Motrolla،联想، LG ،Samsung قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ھەرخىل تىپتىكى ئاندرويد تېلېفۇنلىرى.
يۇقىرىدىكى ئاندرويد سىستېمىسى ھەققىدە دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك بۇ سىستېما ئوچۇق كودلۇق سىستېما بولۇپ شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ گوگېلنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېلشىملىرىگە بويسۇنغان ئاساستا  ئۆزگەرتسە تەرەققى قىلدۇرسا بولىدۇ.
شۇ سەۋەپتىن ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلاردا مۇنبەر قۇرۇش مودا بوپ كەتكەندەك ھازىر ھەرقايسى تېلېفۇن  شېركەتلىرىدە ئاندرويد تېلېفۇن  ئىشلەپچىقىرىش مودا بوپ كەتتى .
ئۇچۇق كودلۇق بولغانلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن شىركەتلەر سىستېما ئەسلى كودىنى گوگېلنىڭ تور بىكىتىدىن چۈشۈپ مۇناسىۋەتلىك قىسىملارنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ ،ئۆزىنىڭ تېلېفۇنلىرىغا قاچىلاپ بازارلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا باشلىدى ،(توردا كۆرسىتىلىشىچە مۇنداق قىلغاندا 15پىرسەنتتىن 25 پىرسەنتكىچە بولغان سېلىنمىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن). بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-20 15:45  

باھا سۆز

100 سۇئال-جاۋاپ تۈگىمەيلا قاپتۇغۇ، داۋامىنى.....  ۋاقتى: 2013-11-14 01:04
تەۋسىيىلەش
476263973 ۋاقتى: 2014-8-3 15:02:40
بۇ تىمىنىڭ ئاخىرى چىقمىغۇدەك
ئورۇندۇق
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 10:13:21
2-سۇئال : ئاندىروئىد سېستىملىق يانفۇنلارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار ؟
  جاۋاپ :
باشتا دەپ ئۆتكەندەك ئاندىروئىد دىسەم يازماقمۇ ئوقۇماقمۇ تەس بۇلۇپ،ئاۋارىچىلىق بۇلىدىكەن . يەرلىكلەشتۈرۈپ ئەنجۈر دەپ ئاتىۋەردىم ئەمىسە ...

ئەنجۈر تىلفۇنلىرى بولسا ئاندىروئىد مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان تېلفۇنلارنى كۆزدە تۇتىدۇ . بەلكىم سىز ئالما تېلفۇنىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن . ھازىر ئەنجۈر مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان تېلفۇنلارنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى ئاللىبۇرۇن ئالمىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى . ئەنجۈر تېلفۇنلىرى تۈۋەندىكىدەك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە :
1)        ئەسلى كودى ئۇچۇق ئېچىۋىتىلگەن
ئەۋزەللىك دەپ ئېيتقاندا ئەنجۈر مەشغۇلات سۇپىسى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە ئەسلى كودىنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز ئېچىۋىتىلگەنلىكىدە. ئېچىۋىتىلگەن مەشغۇلات سېستىمىسى بولغاچقا خالىغان كۆچمە ئۈسكىنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىلىرى ئاندىروئىد ئىتتىپاقىغا قاتنىشالايدۇ.زاۋۇتلار مەشغۇلات سېستىمىسىغا پۇل تۆلىمىگەچكە باھاسى ئەرزان بۇلىدۇ. ئىستىمالچىلار ئىنتايىن مول بولغان يۇمشاق دىتاللاردىن مەنپەئەت ئالالايدۇ .
2. تىجارەتچىلەرنىڭ مونۇپۇللىقىدىن قۇتۇلغىلى بۇلىدۇ.
ئۆتكەن بىر مەزگىلدە تېلفۇن ئەپلىرى تىلفۇن تىجارەتچىلىرىنىڭ تىزگىنلىشىدە ئىدى . ھازىر ئەنجۈر سېستىمىسى ئۇچۇق ئېچىۋىتىلگەچكە خالىغانچە پايدىلانغىلى بۇلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئىگە تەرەپنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش ھاجەتسىز.
3. ماسلىشالايدىغان قاتتىق دىتال مەنبەسى مول
بۇ ئەنجۈر مەشغۇلات سېستىمىنىڭ ئېچىۋىتلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئەسلى كودى ئېچىۋىتىلگەچكە قوللايدىغان قاتتىق دىتاللار كۆپ بۇلىدۇ . نۇرغۇن زاۋۇتلار يانتېلفۇن ياسىغاندا قاتتىق دىتاللارنى تاللاش دائىرىسى ئەركىن بۇلىدۇ .


يۇقارقىدەك يازسام بەلكىم نۇرغۇن ئادەم چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن بولدىلا بىز ئىشلەتكۈچىلەرگە قانداق پايدىسى بار ؟  يەنىلا ئەمەلى مىسال ئېلىپ سۆزلەيلى .مەن ئەنجۈر سېستىمىلىق تېلفۇننى بىر يىلدەك ئىشلىتىش جەريانىدا بۇرۇن تۇتقان ئەقىلسىز تېلفۇنۇمغا سېلىشتۇرۇپ مىسال ئېلىپ بېرەي . ئىست ئەقىلسىز تېلفۇنلار بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكەن 6 يىل ئۆمرۈم !!!
1)        ئەقلىي تېلفۇنلار ئانا تىلنى ئۆگەيلىمەيدۇ .
بىز ئۇيغۇرمىز . بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى . كۈندە ئىشلىتىدىغان ،ھەر ۋاقت يېنىمىزدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان بىز زامانىۋى ئۈسكىنىدە ئۆزىڭىزنى ئانا تىلىنى كۆرەلمىسىڭىز ، ئۇيغۇرتىلى كۆرۈنمىسە ، بىر بىرىگە ئۇلاشمىسا، كاتاكچە كۆرىنىۋالسا بەلكىم ئۆز يېزىقىڭىزدىن ئاغرىنىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن .  بۇرۇنقى ئەقلىسىز تېلفۇنلار ئۇيغۇر تىلىغا شۇنچىلىك يات ، ئۆش ئىكەنكى ئۇ تېلفۇنلار ئۇيغۇر يېزىقىنى ھەرگىز تۇنۇمايدۇ . ئەلۋەتتە قۇتلان ۋە باشقا ئۇيغۇرچە  ماركىلىق ئەقىلسىز يانتېلفۇنلار بۇنىڭ سىرتىدا .
سىز ئەقىلسىز تېلفۇنىڭىزنى تاشلاپ ئەنجۈر سېستىمىلىق ئەقلىي تېلفۇن سېتىۋالسىڭىز ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچىنى تۇنۇتىۋالسىڭىز سۆيۈملۈك ئانا تىلىڭىز  زامانىۋى ئۈسكىنىلەردە چىرايىلىق كۆرۈنۈپ سىزنى ناھايىتى پەخىرلەندۈرىدۇ .

2)        تېلفۇن دەپتىرى :
ئەقىلسىز تېلفۇنلاردا تېلفۇنغا كۆپ بولغاندا 1000 دانە ئادەمنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى خاتىرلىگىلى بۇلىدۇ . ئەقلىي تېلفۇندا بۇنداق چەكلىم يوق . مەن ئەڭ رازى بولغان تەرىپى تېلفۇن دەپتىرىنى ئېلخەت ئادرىسىڭىزدىكى ئالاقىلىشىش خاتىرىسى بىلەن ماس ئىشلىتەلەيسىز . خالىغانچە زاپاسلاپ قۇيالايسىز ۋە ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز . تېلفۇن ئالماشتۇرسىڭىز ياكى كارتا ئالماشتۇرسىڭىز ئالاقە قىلىدىغان ئادەملىرىڭىزنىڭ ئۇچۇرىنى بىر دەمدىلا قايتا كىرگۈزۋالالايسىز . ئالدىنقى ئەقلىسىز تېلفۇنىمىنى يۆتكىگەن ۋاقتىمدا ئىچىدىكى تېلفۇن نۇمۇرلىرىنى كارتا ئارقىلىق يۆتكەشكە يېرىم كۈن ۋاقتىم كەتكەن ئىدى . بۇ كىچىككىنە ئارتۇقچىلىق بولسىمۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمنى قاندۇرغان بەك ياخشى تەرىپى .شۇڭا ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتۈم .
3)        تورغا چىقىش :
بۇنى دىمىسەممۇ بۇلار ؟ زېرىككەن ۋاقتىڭىزدا ، ئادەم ساقلاۋاتقاندا يېنڭىزدىكى تېلفۇنىڭىزدا ئانا تىلىڭىز ئۇيغۇرتىلىدىكى تور بەتلەرگە چىقىپ،ئۇنى بۇنى كۆرۈپ تۇرسىڭىز ئىچىڭىز پۇشمايدۇ . ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ، زېرىكىشلىك يىغىنلاردا تېلفۇنۇمنى چىقىرىپلا بىلىك، ئىزدىنىش مۇنبەرلىرىنى كېزىمەن . ئەلكۈيى مىكرو بىلوگىدا ئوينايمەن .  ھېلىقى كوت-كوتنى ئېچىپ دوستلار بىلەن پاراڭلىشامسىز ؟ مىكرو بىلوگقا چىقامسىز  ئۆزىڭىز نىڭ ئىشى . ئەلۋەتتە ئەڭ مۇھىمى تورغا چىقتىم دەپ تور پۇلىڭىز ئېشىپ كەتمىسۇن .
4)        يول باشلاش ئىقتىدارى :
بۇ مەن تېلفۇنۇمدىن ئەڭ رازى بۇلىدىغان ئىقتىداردىن بىرسى . ئالدىنقى قېتىم ئۈرۈمچىگە ،  بېيجىڭ ،دالىيەنلەرگە بارغاندە بەك ئەسقاتتى. بۇ جايلاردا ھېچكىمدىن يول سورىمىدىم . ئەقىللىق تېلفۇنۇم ئۆزۈم تۇرىۋاتقان ئورۇننى بېكىتىپ ، ماڭا  ھەقسىز يول باشلاپ بەردى . ئەنجۈر سېستىمىلىق تېلفۇن ئالغاندا يول باشلاش يۇمشاق دىتاللىرىنى ئىككى- ئۈچ خىلنى قاچىلىۋىلىڭ . ھەرگىز يولدىن ئاداشمايسىز .

5)        ئىنتايىن مول بولغان يۇمشاق دىتاللار :
ئاۋۇ ئەقىلسىز تېلفۇنىڭىزغا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەمسىز ؟ مۇمكىن ئەمەس !!! پەقەت ناخشا – مۇزىكا ، ئىتوت-كىنو قاچىلاپ ئىشلىتەرسىز ؟  ئەنجۈر مەشغۇلات سېستىمىسى ئۈچۈن ئىجاد قىلغان يۇمشاق دىتاللار ( كۆچمە ئۈسكىنىلەرنىڭ يۇمشاق دىتاللىرىنى قىسقارتىپ ئەپ دەپ ئاتايمىز ) 450مىڭدىن ئاشىدۇ . مەن ئەمدى تېخى تىلفۇنۇمغا 200 دەك ئەپنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتىم . ھەممىنى قاچىلاپ كۆرىدىغانغا نەدە ۋاقىت ؟
مەن قاچىلاپ  كۆپرەك ئىشلىتىۋاتقان  ئەپلەرنىمۇ دەپ قۇياي.
ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە –ئىنگىلىزچە تۈرلۈك لوغەتلەر ، ئوففېس ھۆججەتلىرىنى ئوقۇغۇچ، بىر ئاغىينەمگە ياردەملىشىپ ئۇيغۇرتىلىنى ئۆزىمىز قوشۇپ تارقاتقان كۆپ تىللىق قۇرئان ، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى رادىئو ئىستانىسىنىڭ پىروگراممىسنى ئاڭلىغىلى بۇلىدىغان رادىئو ،ھەر قانداق فىلىم ھۆججىتىنى قۇيالايدىغان قويغۇچ ، زېرىككەندە بىر نەچچە قول ئويناپ قويىدىغان ، ھازىرغىچە يېڭەلمەيۋاتقان شاھمات ، بالىلىرىم زېرىكمەي ئوينايدىغان تىل ، ماتىماتىكا ئۆگىنىش ئەپلىرى  ئىشقىلىپ بەك جىق .
6)        سان- ساناقسىز ئۇيۇنلار :
بۇنى ئەسلىدە يازماي دىگەن . تېلفۇندا ئۇيۇن ئويناپ نۇرغۇن ۋاقتىڭلار ئۆتۈپ كەتمىسۇن ھېلىمۇ كومپىيۇتېردا ئوينايدىغان ئويۇنىڭلار يېتەر ؟ ئئشقىلىپ تېلفۇنىڭلارغا ئامال بار ئۇيۇن قاچىلىماڭلار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 13:16  

5-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 10:16:39
3- سۇئال :
ئاندىروئىد سېستىملىق يانفۇننى تاللاپ سېتىۋىلىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟
   تورداشلار يېنىمىزدىكى ئەقىلسىز تېلفۇنلارنى تاشلاپ ئەقلىي تېلفۇنلارغا يۈرۈش قىلۋاتىمىز . يەنە نۇرغۇن تورداشلار تېلفۇن سېتىۋىلىش ئالدىدا مېنىڭ تەسىيە قىلىدىغىنم بولسا ئەگەر پۇلىڭىز يېتىپ ئاشقۇدەك بولسا ئالما تېلفۇنى ئېلىڭ . ئەگەر ئىقتىسادى شارائىتىڭىز دىگەندەك ياخشى بولمىسا شۆھرەت قوغلاشماي يەنىلا ئەنجۈر تىلفۇنى ئېلىڭ .بۇنداق دىسەم ئەنجۈر تېلفۇنى راست ئەرزان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ . ئەنجۈرنىڭمۇ قىممەتلىرى بار .  مەسىلەن ئاۋۇ سامسۇڭنىڭ يېڭى چىققان يۇقۇرى سەپلىمىلىك ئەنجۈرلىرى ئالمىدىنمۇ قىممەت .  بىزدە بىرگەپ بار « ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق » بۇ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان گەپ . لېكىن گۆشنىمۇ يانچۇقتىكى پۇلغا قاراپ ئالىدىغان گەپ . گۆش ئالغۇدەك پۇلىڭىز بولمىسا تۇخۇم ئەپ يەپ تۇرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . «ھالىڭغا چۇشلۇق ھال تارت ، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن » دەپ كونىلارئىنتايىن توغرا ئېيتقان .
     ئەنجۈر تىلفۇنى ئالمىغا قارىغاندا ئەرزان بولغىنى بىلەن كاشىلا چىقىش نىسبىتى ئالما تېلفۇنىدىن يۇقۇرى . شۇڭا تۈۋەندە ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي تەجىرىبىسىگە ئاساسەن ئەنجۈر تېلفۇنى سېتىۋىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قالدۇرماقچىمەن .
1. تېلفۇننىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى تاللاش
كۆپچىلىككە مەلۇملۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ CPU بولسا ھازىرقى زامان ئۈسكىنىلىرىنىڭ چوڭ مېڭىسى . بارلىق بۇيرۇق ۋە مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى CPU ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭغا قۇيۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقۇرى . ھازىر تېلفۇنلارنىڭ سەپلىمىسى بارغانسىرى ئاشۇرۇلىۋاتىدۇ .مېنىڭ تەكلىۋىم 2012-يىلغا نىسبەتەن مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ چاستۇتىسى   1G دىن تۈۋەن بولغان تېلفۇنلارنى ئىمكانقەدەر ئالماڭ .
2. بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان تېلفۇنلارنى تاللاش
ئەنجۈر سېستىملىق تېلفۇنلارنىڭ خىلى كۆپ ، نۇرغۇن تىپى بار . ئىشلەپچىقىردىغان زاۋۇتلار كۆپ بولغاچقا تېلفۇننىڭ تىپى نەچچە مىڭ خىلغا بارىدۇ . ئالما تىلفۇنىچۇ ؟ ئۇنى بىرلا شىركەت ئىشلەيدۇ. سېستىمىسىنىمۇ شۇ بىرلا شىركەت ئىشلەيدۇ . تېلفۇن ئالغاندا سېتىلىشى ئەڭ كۆپ بولغان ، ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان تىپنى تاللاپ سېتىۋالسىڭىز كىيىن نەشىرىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە ھەرگىز ئاۋارىچلىقى تارتمايسىز . زاۋۇت تەرەپ كونا خېرىدارلارنى كۆزدە تۇتۇپ نەشىرىنى يۇقۇرى كۆتىرىدىغان روملارنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ .
3. سېستىما نەشىرىنى تاللاش
يۇقۇرىقى سۇئال جاۋاپلاردا توختالدۇق . ھازىر ئەنجۈر سېستىمىسى4.0 نەشىرىدە توختاپ قالدى . گوگىلنىڭ كۆچمە قۇرلۇش تۈرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن لىدىرى Hiroshi Lockheimer نىڭ ئاشكارلىشىچە بۇ يىل كۈزدە 5.0 نەشىرى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن . ئەنجۈر سېستىمىسىنىڭ 2.3.7 نەشىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچىنى قوللىشى خېلى نورمال . 4.0 نەشىرىدە بولسا پۈتۈنلەي دىگۈدەك قوللايدۇ . پەقەت كىچىككىنە بىر خاتالىق كۆرۈلگەن . خەت نۇسخسىنى قاچىلىۋەتسىلا بۇلىدۇ . شۇڭا تېلفۇن سېتىۋالغان كىيىن 4.0 نەشىرىگە يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بۇلامدۇ يوق ؟ دىگەندەك مەسىلىلەرنى ئويلىشىش كېرەك .
4. ئىمكانقەدەر ئىناۋىتى يۇقۇرى زاۋۇتنىڭ مېلىنى تاللاش

كۈلىمى چوڭ ، ئىناۋىتى يۇقۇرى بولغان كارخانىلارنىڭ سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى ياخشى بۇلىدۇ . ئۇلار ئادەتتە ئىناۋەتنى يۇقۇرى ئورۇنغا قۇيىدۇ . مەن بۇ يەردە يەنە شۇنى دەپ قويسام مېنى ۋەتەنپەرۋەر ئەمەسكەنسەن دەپ قالماڭلار . جۇڭگودىكى بىر قىسىم زاۋۇتلارنىڭ  مېلىنى ئىمكانقەدەر بەك ئويلاشماسلىق كېرەك . چۈنكى ئۇلار پايدا مەنپەئەت دىسە ئانىسىنى سېتىشتىن يانمايدىغانلاردۇر . ئۇلاردا ئىنساپ دىگەن نەرسە يوق . ھازىرنى كۆزلەيدۇ . يىراققا نەزەر تاشلىمايدۇ . ئىشلەپچىقارغان ماللىرىنى ئىسكىلاتتىن چىقىرىپ قۇلىغا نەق پۇل كۆپ كىرسىلا بولدى . مېنىڭ بۇ يەردە دەۋاتقىنىم بىر قىسىم زاۋۇتلار ، ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ . باھاسى ئەرزان دەپ ئېلىپ قويغان بىلەن  كىيىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىش چىقىدۇ .
5. سۇ مېلى ، تاغتۇرا مېلى قاتارلىق ساختىلاردىن ھەزەر ئەيلاپ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋىلىش

يەنە شۇ پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن ھەممىسنى ساتىدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ تېلفۇنلىرى تازا ماختىشىپ . ھەقىقي كۆرسىتىدۇ .
ئەمما « ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن » دىگەندەك ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سېتىۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ قانداق مال ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى بىلىدۇ . تاغتۇرا تېلفۇنلار دىگىنىمىز بىر قىسىم يەر ئاستى زاۋۇتلاردا قۇراشتۇرۇلغان تېلفۇنلارنى كۆزدە تۇتىدۇ . بۇلارنىڭ سېتىشتىن كىيىن ھېچقانداق مۇلازىمىتى يوق . مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى تۈۋەن كىيىن چاتاق چىقسا ئىگە بۇلىدىغان ئادەم يوق . سۇ مېلى دىگىنىمىز چىگىرىدىن قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن ماللارنى كۆرسىتىدۇ . بۇلاردىن تامۇژنا ھەققى ئېلىنمىغاچقا باھاسى تۈۋەن بۇلىدۇ . ئەمما مەسىلە چىقسا يەنىلا ئىگە بۇلىدىغان ئادەم يوق .

كيىنكى سۇئال جاۋاپلاردا بەلكىم سىلەر ئۈچۈن ھەقىقىي تىلفۇننى قانداق پەرقلەندۈرۈش ھەققىدە بىلىملەرنى قالدۇرۇشۇم مۇمكىن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 18:51  

6-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 10:17:03
4- سۇئال قانداق قىلغاندا ئۆز ئېھتىياجىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان تېلفۇن سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ ؟

ئالما تېلفۇنى بىر يىلدا بىرلا خىل چىقىدۇ . ئەنجۈر سېستىمىلىق تېلفۇنلار بۇلسا بىر يىلدا بىرەر يۈز خىل تىپتىكىسى چىقىدۇ . قانداق قىلغاندا ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن باھاسى ئەرزان سۈپىتى ياخشى بولغان ئەنجۈر تېلفۇنى سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ ؟ بۇ ھەقتە تۈۋەندە بىر قەدەر تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىمىز .
بىز ئەنجۈر ( ئاندىروئىد ) نىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق تۇنىۋىلىشىمىز كېرەك . ئەنجۈر تېلفۇن بولماستىن بەلكى بىز ئىشلىتىۋاتقان Windows قا ئوخشاش بىر خىل مەشخۇلات سېستىمىسى . Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنى مىكروسوفت شىركىتى چىقارغان . ئەنجۈر مەشغۇلات سېستىمىسىنى بولسا گوگىل شىركىتى چىقارغان .
ئەنجۈر ئەپلىرى ( ئەنجۈر سېستىملىق تېلفۇنلاردا ئىشلىتىلدىغان يۇمشاق دىتال )  ھەر بىر ئەنجۈر سېستىملىق تېلفۇندا  ئاساسىي جەھەتتىن ئىجرا بۇلالايدۇ . بەزى ئەپلەر ۋە ئۇيۇنلار بولسا تېلفۇننىڭ سەپلىمىسىگە بىر قەدەر يۇقۇرى تەلەپ قۇيىدۇ . شۇڭا ئەنجۈر تېلفۇنلىرىنى سېتىۋىلىشتا بازاردىن خاتىرە كومپىيۇتېر سېتىۋالغانغا ئوخشاش ناھايىتى ئىنچىلىك بىلەن ئەستايدىل ئويلىنىش كېرەك . ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشلىتىش ئادىتى ۋە سېتىۋىلىش ئېھتىياجىنى ئويلىشىش كېرەك .
**ئىكران :
ئىكراننىڭ نىمە ئىكەنلىكى ھەر بىر ئىشلەتكۈچى مەلۇملۇق . تېلفۇن سېتىۋىلىشتا ئىكراننى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم . ئىكراننى تاللاشتا تۈۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن ئويلىشىش كېرەك .
  ئىكران چوڭ كىچىكلىكى :

ھازىر بازارغا چىققان ئەنجۈر تېلفۇنلىرىدىن ئىكراننىڭ ئۆلچەملىرى 2.8、3.1、3.2、3.7、4、4.2、4.3、5.0 دىيوملۇق بۇلۇپ ( بىرلىكى ئىنگىلىز چىسى )  ئىكراننىڭ كىچىكىدىن چوڭىغا قاراپ باھاسىمۇ ئېشىپ ماڭىدۇ .
يېڭى چىقۋاتقان بىر قەدەر يۇقۇرى سەپلىمىدىكى تېلفۇنلارنىڭ ئىكرانى 3.7 دىيومدىن يۇقۇرى بۇلۇپ چىقۋاتىدۇ .
ئىكران قانچە چوڭ بولسا كۆرۈش دائىرىسى شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ . ئەنجۈر تېلفۇنلىرى ھەممىسى سىزىمچان ئىكرانلىق بولغاچقا ئىكران چوڭ بولسا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش قۇلايلىق بۇلىدۇ . ئەلۋەتتە ئىكراننىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ باتارىيەنى خورىتىشىمۇ تېز بۇلىدۇ . ئىكران چوڭ بۇلىشىغا ئەگىشىپ تېلفۇنمۇ چوڭ بولسا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپسىز بەش دىيۇملۇق تېلفۇنلار يانچۇقىڭىزغا پاتمايدۇ . شۇڭا ئىكراننى تاللغاندا چۇقۇم ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاش بەك چوڭ ياكى بەك كىچىكنى تاللاپ قۇيۇشتىن ساقلىنىش كېرەك .
ئىكراننىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى :
ھازىر چىقىۋاتقان تېلفۇن ئىكرانلىرىنىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى ئاساسەن 240X320、320X480、480X800、480X854 دائىرىسىدە  بۇلىۋاتىدۇ . پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولغانسىرى سۆرەت سۈزۈك كۆرىنىدۇ . باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدۇ . ھازىرقى بازار ئەھۋالىغا نىسبەتەن تورداشلار 480X800、480X854  لىقنى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنىلىقتىكى تېلفۇنلارنى سېتىۋالسا بۇلىدۇ .
ئىكراننىڭ ماتىرىيالى :
نۆۋەتتە بازارغا سېلىنۋاتقان تېلفۇنلار ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ئىكرانلارنىڭ خىللىرى تۈۋەندىكى خىللارغا بۆلۈنىدۇ .
TFT、SLCD、IPS、AMOLED、Super AMOLED بۇنىڭ ئىچىدە TFT ئىكرانلار ئەڭ ناچىرى بۇلۇپ ھازىر تۇلا ئىشلىتىلمەيۋاتىدۇ . ئىكرانلارنىڭ نوچىسى بولغانSuper AMOLED تىپىلىق ئىكرانلار ئۈچيۇلتۇز(سامسۇڭ) تېلفۇنلىرىنىڭ يېڭى چىققان ئىسىل تېلفۇنلىرىدا ئىشلىتلۋاتىدۇ .  
ئىكراننىڭ باشقا پارامىتىرلىرىمۇ بۇلۇپ بۇ ھەقتە بىرمۇ-بىر توختىلىپ ئۆتۈشنىڭ تۇلىمۇ زۇرۇرىيىتى بولمىسا كېرەك .

  ( بۇ مەزمۇن بىر قەدەر ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇزاقراق  ۋاقت كېتىشى مۇمكىن ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 22:57  

7-قەۋەت
abdugeni ۋاقتى: 2012-2-28 10:49:46
root ھوقۇقىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى. root ھوقۇقىغا ئېرىشىپ نىمە قىلدىغانلىقى توغرىسدا تېما يوللاي دەپ تۇراتتم بۇنىمۇ  ئۇقىۋالدىم. روت ھوقۇقىغا ئېرىشىپ خاتا مەشغۇلات قىلىپ بەزى ئۆچۈرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ھۆججەتلەرنى ياكى دىتاللارنى ئۆچۈرۈپ سالساق تېلفۇنغا ۋىروس كىرىپ كىتىپ چاتاق چىقسا قانداق ئوڭشايمىز؟

ماۋۇ تېمىنى باشلىغانلىقىڭىزغا رەھمەت...
8-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 10:50:59
5- سۇئال :
ئاندىروئىد سېستىملىق تېلفۇنلاردىن داڭلىق ماركىلىقلىرى قايسىلار ؟

تۈۋەندە مەن ئەنجۈر سېستىملىق يانتېلفۇن ئىشلەيدىغان بىر قانچە داڭلىق شىركەتنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن .
1.  htc 宏达国际电子股份有限公司  خوڭدا خەلقارا ئىلىكتىرون پاي چەكلىك شىركىتى

htc  ماركىلىق ئەنجۈر تېلفۇنلىرىنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقۇرى . بۇ شىركەت تەيۋەندە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان شىركەت بۇلۇپ ئىنگىلىزچە تۇلۇق ئىسىمى  High Tech Computer Corporation  بۇلۇپ بۇنىڭ باش ھەرىپى htc  بولغاچقا مۇشۇ ماركىنى قوللانغان . 1997- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى قۇرۇلغان بۇ شىركەت دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفۇن ئىشلەيدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت . 2011- يىلى 4-ئايدا بازار قىممىتى 33 مىليارت 500 مىليۇن دوللارغا يېتىپ تېلفۇن ساھەسىنىڭ خۇجايىنى نوكىيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن .
ھازىرغىچە چىقارغان ئەنجۈر تېلفۇنلىرىنىڭ تىپى تۈۋەندىكىچە :
  HTC Dream (G1)
  HTC Magic (G2)
  HTC Hero (G3)
  HTC Tattoo (G4)
  Google Nexus One(G5)
  HTC Legend (G6)
  HTC Desire (G7)
  HTC Wildfire (G8)
  HTC Aria (G9)
  HTC Desire HD (G10)
  HTC Incredible S (G11)
  HTC Desire S (G12)
  HTC Wildfire S (G13)
  HTC Sensation (G14)
  HTC Salsa (G15)
  HTC Chacha (G16)
  HTC EVO 3D (G17)
  HTC Sensation XE (G18)
  HTC Raider 4G (G19)
  HTC Rhyme (G20)
  HTC Sensation XL (G21)
2. موتورولا شىركىتى  摩托罗拉公司Motorola Inc
بۇ شىركەتنى ھەممىڭلار بىلىسىلەرغۇ دەيمەن . 1928- يىلى قۇرۇلغان 1947- يىلىغا كەلگەندە ئىسىمىنى رەسمىي ھالدا موتورولا شىركىتى قىلىپ ئۆزگەرتكەن . بۇ ماركا 1930 يىلدىن باشلاپ ئىشلىتىلگەن . باش شىتابى ئامىرىكىدا بۇ شىركەتنىڭ ئىشلىگەن تېلفۇنلىرى ئەينى چاغلاردا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگىچە بارغان . ئېسىڭلاردا باردۇ بىر چاغلاردا چاقىرغۇ مودا بولغان چاغلاردا موتورولا 3- ئەۋلات خەتلىك چاقىرغۇلارنى 2مىڭ نەچچە يۈز سومغا ئېلىپ تاقايتتى خەق . موتورولا يانتېلفۇنى بارلارغا بەك ھەۋەس قىلاتتى باشقىلار . كىيىنچە بۇ شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىش يۈزلىنىشىدە خاتالىق كۆرۈلۈپ ۋەيران بۇلۇشقا تاس قالغان .
بۈ يىل يەنى 2012- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى گوگىل شىركىتى موتورولانى 12مىليارت 5 يۈز مىليۇنغا سېتىلۋالدى .
موتورولارنىڭ ئەنجۈر تىلفۇنلىرىنىڭ تىپى :
MOTO™ XT317  
MOTO™ XT320  
Motorola RAZR 锋芒 XT910
MOTO™ XT928  
MOTO™ MT917
MOTO™ ME865  
MOTO™ ME632  
MOTO™ EX232  
MOTO™ XT531  
MOTO™ XT532  
MOTO™ XT316
MOTO XT883  
MOTO™ XT882
MOTO™ MT620


3. سامسۇڭ گوروھى  samsung  三星电子
بۇمۇ خېلى كونا ماركا . 1938- يىلى 3- ئايدا كورىيەدە قۇرۇلغان . دۇنياغا داڭلىق 100 ماركىنىڭ بىرى . كورىيەلىكلەرنىڭ بىردىنبىر پەخرى ماركىسى ! دۇنيادىكى 65 دۆلەتتە سېتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تورى قۇرغان سامسۇڭ گوروھىنىڭ ئىشچى -خىزمچەتچى سانى 157مىڭ نەپەر .
سامسۇڭ (ئۈچ يۇلتۇر) نىڭ ئىشلەپچىقارغان ئەنجۈر تېلفۇنلىرىنى تۈۋەندىكى ئۇلانمىلاردىن ئۆزۈڭلار كۆرۈپ باقارسىلەر .
http://www.samsung.com/cn/consum ... -phones/smart-phone
سامسۇڭنىڭ يېڭى ئىشلىگەن ئەنجۈر تېلفۇنلىرى ئالما تېلفۇنلىرىدىن ھەرگىزمۇ قېلىشمايدۇ .

4. 索尼爱立信 Sonyericsson  سونى ئەيلىشىن شىركىتى  
بۇ شىركەت 2001- يىلى قۇرۇلغان ئورنى ئەنگىلىيەدە . ئىشلەپچىقارغان تېلفۇنلىرى ئۇيغۇرچىنى پەچەت قوللاپ قۇيىدۇ .
X10Mini/E10i X10Mini Pro/U20i X8/E15i W8/E16i(Android2.1系统)
  Xperia X10/X10i Xperia arc LT15i Xperia neo MT15i Xperia pro MK16i Xperia play Z1i
  Xperia mini ST15iXperia mini pro SK17iXperia active ST17i Xperia ray ST18i
  Xperia neo V MT11i Xperia arc S LT18i
  Live WT19i with Walkman™(Android2.3系统) قاتارلىق ماركىلىق تېلفۇنلىرى بار .

5. خۇاۋېي شىركىتى 华为
1987- يىلى شىنجىندا 21 مىڭ سوم مەبلەغ بىلەن تىزىملىتىپ قۇرۇلغان شىركەت . 2011- يىلى تىجارەت ساپ كىرىمى 12مىليارت 400مىليۇن سوم (خەلق پۇلى ) بولغان .  مەمىلىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تېلفۇن ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىگە ئايلاندى . مەمىلكىتىمىز دائىرىسىدە خۇاۋىي تېلفۇنلىرى كۆپ ئۇچىرايدۇ . تېلفۇنلىرىمۇ يامان ئەمەس .

لېكىنزە بۇ كاساپەتلەر تېلفۇنلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشتىنى مەقسەت قىلامدىكىن ئەنجۈر مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى ئەرەپچە ۋە ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىنى چىقىرىۋىتىدىكەن . خۇددى خەن ئۇستاملار  Ghost دېسكىسى ياسىسا ئەرەپچە كىرگۈزۈش بۆلىكىنى چىقىرۋەتكەندەك .
بۇندىن باشقا يەنە سان -ساناقسىز شىركەتلەر بار ئۇلارنى بۇ يەردە بىرمۇ - بىر تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمايمەن .
كۆپچىلىك تېلفۇن سېتىۋالغاندا مۇشۇ 5 ماركىدىن بىرنى تاللىسا مېنىڭچە ھەرگىز زىيان تارتمايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-29 18:16  

9-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 10:51:53
6- سۇئال :
    تېلفۇن سېتىۋالغاندا ھەقىقىي نۇسخسى بىلەن تاغ-تۇرا نۇسخىدىكى ياكى قېپى يېڭلانغان ساختا تېلفۇنلارنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز ؟
جاۋاپ  : بىر دانە ئۆزىڭىزگە يارىغۇدەك تېلفۇن سېتىۋىلىش ئۈچۈن چۇقۇم ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىڭ ، ساختا مال سېتىۋىلىشتىن ساقىلىنىڭ . بىرەر مىڭ سومغا ساختا تېلفۇن ئېلىپ قالسىڭىز ئەلۋەتتە كۆڭلىڭىز باشقىچە بۇلۇپ قالىدۇ دە !
    2006- يىللاردا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا مەكتەپ مۇدىرىمىز بىر تېلفۇننى كۆتۈرۈپ كەپتۇ . 1500 سومغا ئالدىم . ھەقىقىي نوكىيا تېلفۇنى دەيدۇ . قاراپ باقسام ماركىسى nckia تۇرىدۇ . nokia بىلەن بۇ ماركىنىڭ بىر قاراشتا پەرقلەنمىگەندەك قىلغان بىلەن ھىلىگەر ئالدامچى يولداشلار بىر ھەرپنى ئالماشتۇرۇپلا نوكىيا دەپ ساتىۋەرگەن . مۇدىرغا تېلفۇنىڭ ھەقىقىي نوكىيا ئەمەسكەن دىگىلى بۇلاتتىمۇ . ئىچىمدە قالدى .  

   يەنە شۇ 2005- يىللاردا بىر موتورۇلا تېلفۇنى ئالدىم . بۇ تېلفۇننىڭ ھەقىقىيسىنىڭ باھاسى 2900 سوم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تورساقمۇ 850 سومغا ئالدۇق . ئەسلىدە بۇ تېلفۇن قېپىنى يېڭىلغان ئىچى كونا تېلفۇن ئىكەن . بىرەر يىل ئوبدانراق تۇتماي سىگنالى ياخشى چىقمايدىغان بۇلۇپ قېلىپ ئۈرۈمچىدە باشقا بىر تېلفۇنغا ئالماشتۇرۇپ شۇنى تۇتۇپ يۈردۇم .
ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز . كونىلار بىكارغا ئېيتمىغان « ئەرزان گۆشىنىڭ شورپىسى يوق » ، بەزى ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق چىرايلىق بىر ماقال تەمىسىلىمىز بارلىقىنى بىلمەي يىفېنچىيەن يىفىن خو دەۋالىدۇ تېخى .  
   
  
نىمە ئۈچۈن قېپىنى يېڭىلغان تېلفۇنلار بارلىققا چىقىدۇ ؟

ھەر خىل ئوسۇللار ئارقىلىق يىغىپ كېلىنگەن تېلفۇنلارنىڭ قېپىنى يېڭىلاپ يېڭى تېلفۇن قىلىپ ساتسا 50 پىرسەنتتىن ئۇشۇق پايدا قالىدىكەن . مەن دىمىسەممۇ  پايدا مەنپەئەتكە كەلگەندە ئايالىنى تۇتۇپ بېرىدىغان مۇشۇ خەقنىڭ قانداق ئىكەنلىكى كۆپچىلىككە مەلۇملۇق . شۇڭا ھازىر پەقەت قېپى يېڭىلانغان ئىچى كونا تېلفۇنلار بازارلاردا ناھايىتى كۆپ .

ئىچكىرىدە مەخسوس مۇشۇنداق تېلفۇن يېڭىلايدىغان زاۋۇتلار بار . بۇ زاۋۇتلاردا باشقا كىشىلەردىن يىغىۋىلىنىغان  داڭلىق ماركىلىق تېلفۇنلارنىڭ قېپى يېڭىلىنىپ يېڭى تېلفۇن قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ .
ئۇنداقتا قېپى يېڭىلانغان تېلفۇنلارنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز ؟
ئەمەلىيەتتە بەك تەسمۇ ئىش ئەمەس . سىنچىلاپ قارىغاندا بۇنى ئاسانلا پەرقلەندۈرگىلى بۇلىدۇ .
1. قېپىغا قاراش
قېپى يېڭىلانغان تىلفۇنلار ئەسلى زاۋۇت تېلفۇنلىرىغا قارىغاندا تېلفۇن قېپىنىڭ ھىملىق دەرىجىسى تۈۋەنرەك بۇلىدۇ .

تېلفۇننىڭ باتارىيە سالىدىغان جايلىرى ۋە باشقا بورۇم سالىدىغان جايلىرىغا قارىسىڭىزمۇ ئاسانلا پەرقلەندۈرگىلى بۇلىدۇ . قېپى يېڭىلانغان تېلفۇنلارغا سالغان بولتا ئوخشاش ئەمەس ياكى ئەتۋىركا ئىزى قالغان بۇلىدۇ .


2. پۇراش :
تېلفۇننىمۇ پۇراپ ئالامدۇ دەپ قالماڭ ھا ھا ھا .... ئەلۋەتتە پۇراپ باقىسىز . زاۋۇتتىن يېڭى چىققان تېلفۇنلار بىلەن قېپى يېڭىلانغان تېلفۇنلارنىڭ پۇرىقى ئوخشاش بولمايدۇ . چۈنكى قاپنى زاۋۇتنىڭكىگە تەقلىد قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن بىر قىسىم خىمىيىۋىلىك سۇيۇقلۇقلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .  ياساش جەرياندا  ئىشلىتىلگەن ماددىلارنىڭ پۇرىقى ئاسان يۇقاپ كەتمەيدۇ .

3. تېلفۇننىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە سۆزلىشىش سۈپىتى :
قېپى يېڭلانغان تىلفۇنلارنىڭ بەزىلىرىدە ئەسلى تېلفۇن ئىگىسى ئىشلەتكەن تېلفۇن دەپتىرى ساقلىنىپ قالىدۇ . ئەلۋەتتە سودىگەرلەر بۇ تېلفۇنلارغا سېستىمىنى قايتا قاچىلىمىغان بولسا ..
بۇندىن باشقا ئاۋاز سۈپىتى تۈۋەنرەك بۇلىدۇ .

4. توك زەرەتلەش ۋاقتى  ۋە توك سەرپىياتى ۋاقتى
قېپى يېڭىلانغان تېلفۇنلارنىڭ توك زەرەتلەش ۋاقتى ۋە باتارىيىسىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى قىسقا بۇلىدۇ .

5. باھاسى ۋە ئۈچتە كاپالەت ۋاقتى :
قېپى يېڭلانغان تېلفۇنلارنىڭ باھاسى زاۋۇت تېلفۇنلىرىغا قارىغاندا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئەرزان بۇلىدۇ . ئۈچتە كاپالەتلىك قىلىش ۋاقتى يوق . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-20 16:17  

10-قەۋەت
kilimat ۋاقتى: 2012-2-28 11:21:48
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئۇستاز بۇتىما ئاندروىد يانفۇنلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان تورداشلا ئۈچۈن ياخشى دەرىسلىك
بولۇپقالغۇسى بۇتېما بىلەن ئوخشاش سۇئاللارنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدىكەن،ھەمدە بۇسىس
تىمىلىق يانفۇن ئىشلەتكۈچىلەر خېلى كۆپبىلىملەردىن خەۋەردار بولغىدەكمىز كۆپرەھمەت!!
11-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2012-2-28 11:32:24
يارايسىز. ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمىز.
12-قەۋەت
karakqi ۋاقتى: 2012-2-28 11:52:09
tarhan يوللىغان ۋاقتى  2012-2-28 10:16
3- سۇئال :
ئاندىروئىد سېستىملىق يانفۇننى تاللاپ سېتىۋى ...

بۇنىڭ جاۋابىنى دەپ بەرسىڭىز مەن بىرنى سېتىۋالماقچىدىم.
13-قەۋەت
dolanem1 ۋاقتى: 2012-2-28 12:24:45
ئاندىروئىدنڭ   ئۇيغۇرلارغا پايدىلق تەرەپلىرى ، ئۇيغۇر تىلغا مۇناسۋەتلك تەرەپلەردىن سوزلەپ بەرسڭىز
14-قەۋەت
kurax ۋاقتى: 2012-2-28 12:36:53
samsung i9100 s2  نىڭ ھەرقايسى نۇسخىلىرى ئىچىدە  قايسى نۇسخىسى(قەيەردە ئىشلەنگىنى) ئەڭ ياخشى؟
15-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 13:18:02
سۇئاللارنى ياخشى ئوتتۇرىغا قۇيىۋاتىسىلەر . مەن ئالدى بىلەن ئۆزۈم تەييارلىۋالغان ئاۋۇ سۇئاللارغا جاۋاپ يېزىۋىتەي ...
16-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 13:20:16
7- سۇئال : ئەنجۈر سېستىملىق تېلفۇننى ئالدىم ، ئەمدى قانداق ئىشلىتىمەن ؟

جاۋابى : كىيىنگە قالدۇرۇلدى . سۇئاللار تەرتىپىنىڭ قالايماقان بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئورۇن ئېلىپ قويدۇم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 13:20  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部