+تېما يوللاش
Sebiybeg يوللانغان ۋاقتى:2015-12-2 23:13 3837 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار

خۇش بۇ سائەتلىك دەرسىمىزدە تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان دەرسىمىز بولسا ، ئالما يانفونلىرىغا iTunes ئارقىلىق سىستېما يېزىش ھەققىدە ….
ئەمىسە دەرسمىز باشلىنىپ كەتتى :

1، تەييارلىق باسقۇچى :

سىز ئالدى بىلەن ئالما يانفونلىرىغا سىستېما يېزىش قۇرالى بولغان iTunes نى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ تاييارلىۋالغايسىز، ئەگەر iTunes نى چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى بىلمىسىڭىز بېكىتىمىزدىكى (ئالما يانفونلىرىغا سىستېما يېزىش دېتالى iTunes چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ) دېگەن ئۇشبۇ تېمىنى كۆرۈپ چىققايسىز ….

ۋە يەنە سىز يانفونىڭىزنىڭ توغرا بولغان سىستېمىسىنى تاللاپ چۈشۈرۋالغايسىز ، ئەگەر بۇ ھەقتە يەنە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىسىڭىز سىز بېكىتمىزدىكى ( ئالما يانفونىمىزنىڭ توغرا بولغان سىستېمىسىنى تاللاپ چۈشۈرۈش) دېگەن ئۇشبۇ دەرسلىكنى كۆرۈپ چىققايسىز …

مانا مانا بىز سىستېما يېزىش قۇرالىنى ۋە يانفونىمىزنىڭ توغرا بولغان سىستېمىسىنى تەييارلاپ بولدۇق ، ئەمدى ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە ، يانفونىمىزدىكى ماتېرىياللارنى زاپاسلاپ ساقلىۋېلىش بولۇپ ، قالدى ، ئەگەر زاپاسلىمايمەن ، ياكى بۇ يانفون بورۇنلا كىسەك بولۇپ بولدى دىسىڭىز ، ماتېرىيالنى زاپاسلاش تۈرىدىن ئاتلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەر زادى زاپاس ساقلىمىسام بولمايدۇ دەپ قارىسىڭىز ، يەنى بېكىتىمىزدىكى ( iTunes ئارقىلىق يانفونىمىزدىكى ماتېرىيالنى زاپاسلاش ئۇسۇلى ) دېگەن تېمىنى بىر ككرۈپ چىققايسىز ۋە شۇ تېمىدا كۆرسىتىلگەن بويىچە ، ماتېرىيالىڭىزنى ساقلىۋالغايسىز ….

خۇش يەنە بىر تەييارلىق قەپ قالدى نېمە دىسىڭىز يانفونىڭىزدا ID دېگەن ئاداش بارمۇ يوق ، بۇ بەكمۇ مۇھىم بىر تۈر بولغانلىقى ئۈچۈن ، سىز چۈقۈم ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز ، ئەگەردە سەل قاراپ يانفونىڭىزغا ID چۈشۈپ قالسا چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ ، شۇڭلاشقا سىز يەنە بېكىتىمىزدىكى ( ئالما يانفونىدا توردا ID بار يوقلىقىنى تەكشۇرۇش ئۇسۇلى) دېگەن تېمىنى تولۇق كۆرۈپ چىققايسىز ، ۋە يەنە شۇ تېمىدا دىيىلگەن بويىچە بىر تەكشۇرۇپ چىققايسىز ، ئەلۋەتتە سىز ئۆزىڭىز سالغان ID بولۇپ قالسا ، ھەر ئىھتىمالغا قارشى ، يەنىلا ID نى چىقىرۋېتىپ ئاندىن سىستېما يېزىشنى باشلىغايسىز ….

خۇش ئەمدى راسلا سىستېما يېزىشنى باشلاپ كەتتۇق ….!

2، سىستېما يېزىش باسقۇچى :

1، بىرىنچى خىل ئۇسۇل سىستېما يېڭىلاش ئۇسۇلى :
ئادەتتە سىستېما يېزىش ئوسۇلى بولسا تۆت خىلغا بولىدۇ ، ( بىز بۇ يەردە ئۈچ خىل ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز ) يەنى سىزنىڭ يانفونىڭىز نورمال ئۇچۇق بولۇپ ، پەقەت سىستېمىسىنى يېڭىلىماقچى بولسىڭىز ، يەنە ئېچىدىكى ماتېرىياللار يۈيۈلۇپ كەتمىسە بولاتتى دىسىڭىز ، ئاستىدا دىيلگەن بويىچە مەشغۇلات قىلغايسىز ….!

بىز يانفونىمىزنى نورمال كومپىيوتېرغا ئۇلايمىز ۋە iTunes قا نورمال تۇنۇتىمىز ، ئەگەر نورمال تۇنىغان بولسا ، ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمدىكىدەك بولىدۇ ، ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !



خۇش يانفونىمىز نورمال كومپىيوتېرغا ئولاندى ۋە iTunes قا نورمال ئۇلاندى ، ئەمدى بىز يانفوندىكى ھېچقانداق ماتېرىيال يۈيۈلمايدىغانغا يەنى بىرىنچى خىل ئۇسۇل بويىچە سىستېمىسىنى يېڭىلىماقچى ئىدۇققۇ ، ئەمىسە كونۇپكا تاختىسىدىن ( Shift ) بىسىپ تۇرۇپ ، 更新 يەنى يېڭىلاش ، دېگەننى چىكىڭ ، ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىملىك بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ !
ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !


ۋە ئېچىلغان يېڭى كۆزنەكتىن ، بىز بايا چۈشۈرۈپ تاييارلىغان سىستېمىنى تاللاپ بىرىمىز . ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !


بىز سىستېمىنى تاللاپ بەرگەندىن كېيىن ، يەنە بىر ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى كۆرۈمىز ، يەنى ( سىز iTunes ئارقىلىق ، يانفونىڭىزنىڭ ھازىرقى سىستېمىسىنى ئەڭ يېڭى بولغان 9.1 غا يېڭىلىماقچى بولىۋاتىسىز راستىنلا يېڭىلامسىز ؟ ) دېگەن ئەسكەرتمىنى كۆرسىز ئەگەر راستىنلا يېڭىلىماقچى بولسىڭىز 更新 يەنى يېڭىلاشنى چەكسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەردە بولدىلا يېڭىلىماي دىسڭىز 取消 يەنى ئەمەلدىن قالدۇرماق دېگەننى چەكسىڭىز ، سىز يېڭىلىمايدىغان بولىسز …. ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !


بىز يېڭىلايدىغان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن 更新 يەنى يېڭىلاشنى چېكىپ يېڭىلاپ كىتەيلى … سىستېما يېڭىلىنىۋاتىدۇ ، ئادەتتە 5 مىنۇتتىن 10 بولغان ۋاقىتتا سىستېمىنى نورمال يېڭىلاپ بولىدۇ ، ( ئەلۋەتتە سىستېما يېڭىلاۋاتقان ۋاقىتتا كومپىيوتېرىڭىزدىكى ۋىروسىخورلارنى ئىشتىن توخىتاتقايسىز ۋە باشقا مەشغۇلاتلارنىمۇ ئامال بار قىلمىغايسىز …) ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !



يەنە ئەسكەرتىپ ئۆتسەم قىسمەن ۋاقىتلار ، ئوخشاش بولمىغان خاتالىقلار چىقىپ قىلىشى مۇمكىن ، تورداشلار ئەگەر چىققان خاتالىقلارنى بېكىتىمىزگە يوللىسا ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە ئورتاقلاشساق بولىدۇ ….!

يوقۇردا سىستېما يېڭىلاش ھەققىدە توختاتلدۇق ، ئەمدى سىستېما يېزىش ، يەنى ئۇچۇق ياكى ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالغان ، يانفونلارغا سىستېما يېزىش ھەققىدە توختىلىمىز …!

ئەمدىكى سىستېما يېزىشتا سىزنىڭ يانفونىڭىزدىكى ماتېرىيالىڭىز تولۇق يۈيىلىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ئەسكەرتىپ ئۆتتىم …

سىزنىڭ يانفونىڭىز نورمال ئىشلىتىلگەن ، لېكىن سىستېمىسىنى بىر يېڭىلاش يەنى ئېچىدىكى بارلىق ماتېرىياللار يۈيىلىدىغان ، سىستېما يازماقچى ئەمىسە ئاستىدىكى قۇرلارغا دىققەت قىلىڭ !

بىز يەنە بورۇنقىدەكلا ، يانفونىمىزنى نورمال كومپىيوتېرغا ئۇلايمىز ، ۋە iTunes قا نورمال تۇنۇتىمىز ، ئەگەر نورمال تۇنىغان بولسا ، ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمدىكىدەك بولىدۇ ، ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !



خۇش يانفونىمىز نورمال كومپىيوتېرغا ئولاندى ۋە iTunes قا نورمال ئۇلاندى ، ئەمدى بىز يانفوندىكى ھەممە ماتېرىيال يۈيىلىدىغان يەنى ئىككىنچى خىل ئۇسۇل بويىچە سىستېمىسىنى يازماقچى ئىدۇققۇ ، ئەمىسە كونۇپكا تاختىسىدىن ( Shift ) بىسىپ تۇرۇپ ، 恢复iPhone يەنى iPhone ئەسلىگە قايتۇرۇش ، دېگەننى چىكىڭ ، ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىملىك بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ !
ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !



ۋە ئېچىلغان يېڭى كۆزنەكتىن ، بىز بايا چۈشۈرۈپ تاييارلىغان سىستېمىنى تاللاپ بىرىمىز . ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !




بىز سىستېمىنى تاللاپ بەرگەندىن كېيىن ، يەنە بىر ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى كۆرۈمىز ، يەنى ( سىز iTunes ئارقىلىق ، يانفونىڭىزنىڭ ھازىرقى سىستېمىسىنى ، ئەڭ يېڭى بولغان 9.1 سىستېمىغا كۆتۈرۈپ يازماقچى بولىۋاتىسىز ، راستىنلا بۇ سىستېمىنى يازامسىز ؟ ) دېگەن ئەسكەرتمىنى كۆرسىز ئەگەر راستىنلا بۇ سىستېمىنى يازماقچى بولسىڭىز 恢复 يەنى ئەسلىگە قايتۇرۇش دېگەننى چەكسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەردە بولدىلا يازماي دىسڭىز 取消 يەنى ئەمەلدىن قالدۇرماق دېگەننى چەكسىڭىز ، سىز بۇ سىستېمىنىيازمايدىغان بولىسز …. ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !



بىز بۇ سىستېمىنى يازىدىغان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن 恢复 يەنى ئەسلىگە قايتۇرۇشنى چېكىپ يېزىپ كىتەيلى … سىستېما يېزىلىۋاتىدۇ ، ئادەتتە 5 مىنۇتتىن 10 بولغان ۋاقىتتا سىستېمىنى نورمال يېزىپ بۇلالايدۇ ، ( ئەلۋەتتە سىستېما يېزىلىۋاتقان ۋاقىتتا كومپىيوتېرىڭىزدىكى ۋىروسىخورلارنى ئىشتىن توخىتاتقايسىز ۋە باشقا مەشغۇلاتلارنىمۇ ئامال بار قىلمىغايسىز …) ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !




يەنە ئەسكەرتىپ ئۆتسەم قىسمەن ۋاقىتلار ، ئوخشاش بولمىغان خاتالىقلار چىقىپ قىلىشى مۇمكىن ، تورداشلار ئەگەر چىققان خاتالىقلارنى بېكىتىمىزگە يوللىسا ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە ئورتاقلاشساق بولىدۇ ….!

ئەمدى ئۈچۈنچى خىل ئۇسۇل يەنى كىسەك بولۇپ قالغان يانفونلارغا سىستېما يېزىش ھەققىدە سۆزلەپ كەتسەك …!

يانفونىمىز مەلوم سەۋەپلەر تۇپەيلى ، ئېچىلمايدىغان يەنى ئاق ئالما بولۇپ قالدى ، ئالمىنىڭ بەلگىسىلا چىقىدۇ ، ئېچىلمايدۇ ، ياكى باشقا ئىشقىلىپ نورمال ئېچىلمايدىغان ، لېكىن ئېكران يۇرۇپلا بەرسە ئاستىدا سۆزلەنمەكچى بولغان ، دەرسلىك بويىچە سىستېما يېزىۋالسىڭىز بولىدۇ ، ئەمىسە دەرسلىك باشلىنىپ كەتتى …

خۇش يانفون ئاق ئالما بولۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن ، يانفوندىكى ماتېرىياللارنى زاپاس ساقلىۋالغىلى بولمايدۇ ، ئەمدى باشنى يارغان بىلەن بېكار ، شۇنىڭ ئۈچۈن چىداپ تۇرۇپ سىستېما يېزشقا باشلىساق بولىدۇ ،

بىز ئالدى بىلەن يانفونىمىزنى DFU غا ئەكىرىمىز ، DFU غا ئەكىرىش ئۇسۇلى : ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ، ئوتتۇردىكى HOME كۇنۇپكىسى بىلەن توك مەنبەسى كۇنۇپكىسىنى تەخمىنەن ئىككى – ئۈچ سېكۇنت ۋاقىت بىسىپ تۇرىمىز ، ۋە ئۈچ سېكۇنت ۋاقىتتىن كېيىن توك مەنبەسى كۇنۇپكىسىنى قويۇپ بىرىمىز ، لېكىن HOME كۇنۇپكىسىنى قويىۋەتمەي بىسىپ تۇرىمىز . ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !



ئەمدى قارايدىغان بولساق يانفون نورمال DFU ھالىتىگە يەنى بىر خىل سىستېما يېزىش ھالىتىگە كىرگەن بولىدۇ ، ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !



يانفونىمىز نورمال DFU ھالىتىگە كىرگەن بولسا ئاستىدە بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمدىكىدەك بولىدۇ ، بىز 确认 يەنى مۇقۇمداشنى چېكىپ كېيىنكى قەدەمگە ئاتلايمىز . ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !




ۋە يەنە ئوخشاشلا كونۇپكا تاختىسىدىن ( Shift ) بىسىپ تۇرۇپ ، 恢复iPhone يەنى iPhone ئەسلىگە قايتۇرۇش ، دېگەننى چىكىمىز ، ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىملىك بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ !
ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !




ۋە ئېچىلغان يېڭى كۆزنەكتىن ، بىز بايا چۈشۈرۈپ تاييارلىغان سىستېمىنى تاللاپ بىرىمىز . ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !





بىز سىستېمىنى تاللاپ بەرگەندىن كېيىن ، يەنە بىر ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى كۆرۈمىز ، يەنى ( سىز iTunes ئارقىلىق ، يانفونىڭىزنىڭ ھازىرقى سىستېمىسىنى ، ئەڭ يېڭى بولغان 9.1 سىستېمىغا كۆتۈرۈپ يازماقچى بولىۋاتىسىز ، راستىنلا بۇ سىستېمىنى يازامسىز ؟ ) دېگەن ئەسكەرتمىنى كۆرسىز ئەگەر راستىنلا بۇ سىستېمىنى يازماقچى بولسىڭىز 恢复 يەنى ئەسلىگە قايتۇرۇش دېگەننى چەكسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەردە بولدىلا يازماي دىسڭىز 取消 يەنى ئەمەلدىن قالدۇرماق دېگەننى چەكسىڭىز ، سىز بۇ سىستېمىنىيازمايدىغان بولىسز …. ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !



بىز بۇ سىستېمىنى يازىدىغان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن 恢复 يەنى ئەسلىگە قايتۇرۇشنى چېكىپ يېزىپ كىتەيلى … سىستېما يېزىلىۋاتىدۇ ، ئادەتتە 5 مىنۇتتىن 10 بولغان ۋاقىتتا سىستېمىنى نورمال يېزىپ بۇلالايدۇ ، ( ئەلۋەتتە سىستېما يېزىلىۋاتقان ۋاقىتتا كومپىيوتېرىڭىزدىكى ۋىروسىخورلارنى ئىشتىن توخىتاتقايسىز ۋە باشقا مەشغۇلاتلارنىمۇ ئامال بار قىلمىغايسىز …) ئاستىدا بىرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !




شۇنداق قېلىپ يانفونىڭىز سىستېما يېزىۋاتىدۇ ، ئەگەر بىرە مەسىلە كۆرۈلمىسە 5 مىنۇتتىن 10 بولغان ۋاقىتتا يانفونىڭىز نورمال ئېچىلىدۇ ، ئەمىسە سىزگە ئامەت يار بولسۇن …!

يەنە ئەسكەرتىپ ئۆتسەم قىسمەن ۋاقىتلار ، ئوخشاش بولمىغان خاتالىقلار چىقىپ قىلىشى مۇمكىن ، تورداشلار ئەگەر چىققان خاتالىقلارنى بېكىتىمىزگە يوللىسا ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە ئورتاقلاشساق بولىدۇ ….!


خۇش شۇنىڭ بىلەن دەرسىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، ئەمدى يەنە دىسەم يەنە شۇ مەن سۆزلىگۈچى بولغاندىن كېيىن خاتالاشقان ، ۋە ياكى چۈشۈپ قالغان يەرلىرى بولىشى مۇمكىن شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا چۈشەنگەيسىلەر …!



ئەسلى مەنبە : http://www.tizyol.cn/409.html

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +2 يىغىش سەۋەبى
3859 + 2 مەن قوللايمەن لىكىن س.

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش24 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ھىسار ۋاقتى: 2015-12-3 00:40:39
لەكىن ئېسىڭلادا يوق 9.1غا كۆتۈرمەڭلا تىلفۇنىڭلا بەك ئەخلەت بولۇپ كېتىدىكەن
گىلەم
alimjan133 ۋاقتى: 2015-12-3 12:36:44
مەن ئامال يوق كوتۇرۋەتتىم تېلفۇن ئاق ئالما بۇلۇپ  قېلىپ ئۇستازلا نىمىشقا تېلفۇننى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرسا ئاق ئالما بۇلۇپ قالىدۇ  .
مەنمۇ مىڭ تەستە سېستىما يازالىدىم  سېستىما يېزىپ ئاكتىپلاش باسقۇچىدېن ئۇتىلمىدىم .
1. زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇراىغان چاغدا ئايدى نۇمۇرنى تۇلۇق چىقىرۋەتكەن نىمىشقا يەنە ئايدى تەلەپ قىلىدۇ
ئورۇندۇق
دۇردان ۋاقتى: 2015-12-3 12:59:34
تېما ئىگىسى كەچۈرۈڭ سوراپ باقسامiPhone5  يانفۇنىغا ھازىر قانداق سېستىمىلارنى يازغىلى بولىدۇ  يانفۇنۇمنىڭ نەشرى 8.4.1  ئىدى بۇنى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بوممايدىكەن  8.3   سېستىمىلارنى يازغىلى بولارمۇ ياكى بۇنى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولارمۇ
5-قەۋەت
Sebiybeg ۋاقتى: 2015-12-3 13:37:12
دۇردان يوللىغان ۋاقتى  2015-12-3 12:59
تېما ئىگىسى كەچۈرۈڭ سوراپ باقسامiPhone5  يانفۇنىغا ھازىر  ...

ھازىر 9.1 نى قاچىلىيالايسىز ، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ
6-قەۋەت
alimjan133 ۋاقتى: 2015-12-3 19:32:44
Sebiybeg يوللىغان ۋاقتى  2015-12-3 13:37
ھازىر 9.1 نى قاچىلىيالايسىز ، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى قاچىل ...

ماڭمۇ جاۋاپ بەگەن  بولسىڭىز    باشتىكى ئىنكاسىمغا   خاپا بولماي
7-قەۋەت
alimjan133 ۋاقتى: 2015-12-3 19:35:52
سېستىما يېزىش جەريانىدا  تېلفۇندىكى نۇمۇرلا يوقاپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت سۇپىسىغا كىرسىم نۇمۇرلا پەيدا بۇپ قاپتۇ   ھەممە تېلفۇن نۇمۇرلا بۇلۇت سۇپىسىدېن  چىكىنسەملا نۇمۇرلا يوقاپ كىتىدۇ كىرسەملا پەيدا بولىدۇ  نۇمۇرلانى ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولامدۇ
8-قەۋەت
joda ۋاقتى: 2015-12-3 20:57:14
   ئەجرىڭىزگە رەھمەت ..
9-قەۋەت
Sebiybeg ۋاقتى: 2015-12-7 14:04:12
alimjan133 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-3 19:35
سېستىما يېزىش جەريانىدا  تېلفۇندىكى نۇمۇرلا يوقاپ كەت ...

چۈنكى ID  نىڭ ماتېرىيال ساقلاش ئىختىدارى بار
10-قەۋەت
tursun1 ۋاقتى: 2016-2-12 21:53:24
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاۋارە قىلدىم 9.2.1نى مۇشۇ ئارقىلىق توۋەنلەتكىلى بولامدۇ ئاۋارە قىلدىم
11-قەۋەت
YARKIN123 ۋاقتى: 2016-2-23 13:29:14
ئەسسەلەمۇ .ئەلەيكۇم دوسلا مەن ئالما تىلفۇنغا سىستىما يازاي دىسەم  ئايتونس دىگىن خەت بىلەن چۇڭدەنجىنىڭ سۇرتى چىقىپ دىفۇغا كىرمەيۋاتدۇ ياردەم كىلغان بولساڭلا
12-قەۋەت
3859 ۋاقتى: 2016-6-4 08:33:13
مەن سىناپ باققان ئىدىم بىراق  3194   دىگەن سان بىلەن سىسىتىما خاتالىقى چىقىۋالدى  تىلفۇنۇم 4- ئەۋلات ئىدى
بۇ نىمە سەۋەپ ئەمدى   ماڭىمۇ بىر ياردەم قىلساڭلا بوپتىكەن قىرىنداشلار   تىلفۇنۇمنىڭ سىستىمىسى يۇيلۇپ كىتىپ قەتئىي ئىچىلمايدۇ ئېكراندا شي ئايتونىس دەپ سىمنىڭ بەلگەىسى بىلەن مۇزىكىنىڭ بەلگىسىلام چىقىدۇ
13-قەۋەت
007yasinjan ۋاقتى: 2016-6-5 22:57:22
رەھمەت  سىزگە

14-قەۋەت
bahtim338 ۋاقتى: 2017-6-4 20:12:51
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئۇستازلار مەن ئالدىنقى ئاي بىر ئالما 6 سىتىۋالغان ئىدىم ،بۇ مىنىڭ تۇنجى ئالما ئىشلىتىشىم بولغاچقا يانفۇننى ئىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر دوستۇمنىڭ ياردىمى بىلەن زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرغان ئدۇق ،بىراق ئۇ تىلفۇندا ئەيدى بار ئىكەن ئىچىلمايلا قويدى ،مەن iphoneنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ كەتمىگەچكە قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم بىرە ئامال بارمدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部