+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-19 14:44 3546 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئونۋېرسال WiFi ئاچقۇچى WiFi万能钥匙 بارلىق پارولنى يېشەلمەيدۇ. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم ۋايفاي پارولى 8 خانىلىقتىن يۇقىرى سان بىلەن ھەرپتىن تۈزۈلىدۇ. ئەگەر ۋايفاي پارولى ئاچقۇچ ئەپ دېتالى پارولنى بۇزۇش ئۇسۇلىدا يەشمەكچى بولسا مۇرەككەپ 8 خانلىق پارولنى يېشىشكە ئون نەچچە يىل كېتىدۇ. (8 خانىلىق سان ۋە ھەرپنى گۇرۇپپىلىسا بەك كۆپ پارول شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ ھەممىنى بىر-بىرلەپ كىرگۈزۈش كېرەك) شۇڭا پارولنى مەجبۇرى بۇزۇپ يېشىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما WiFi万能钥匙 دېگەن ئەپنى ئىشلىتىپ بەزى خوشنىلىرىڭىزنىڭ پارولىنى ئاسانلا بىلىۋالالايسىز، نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە بۇرۇنمۇ يازما يوللانغان، نۆۋەتتىكى تور بىخەتەرلىك مۇھىم بولۇۋاتقان ۋاقىتتا كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ يەنە يازما تەييارلىدۇق. تورىڭىزنى ۋايفاي ئارقىلىق تارقىتىپ باشقىلارغا تەمىنلەپ بەرسىڭىز سىزدىن ھېچنىمە كەتمەيدۇ، بىراق سىز تونۇمايدىغان كىشىلەر پارولىڭىزنى بىلىۋېلىپ، سىز تارقاتقان ۋايفاي ئارقىلىق چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى يوللىسا، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بىرىنجى بۇلۇپ ئىزدەپ كېلىدىغىنى سىز بولىسىز.



ئۇنداقتا ئونۋېرسال WiFi ئاچقۇچى WiFi万能钥匙 پارولنى قانداق تاپىدۇ؟
1. بۇلۇت سۇپىسىدىكى سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرلىنىدۇ.
خوشنىڭىز ئابلىكىم ۋايفاي تارقىتىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، پارولى بار. سىز خېلى ھەپلىشىپ پارولىنى بىلەلمىدىڭىز، WiFi万能钥匙 مۇ تاپالمىدى. بىر كۈنى ئابلىكىم يېڭىدىن تۇنۇشقان ئايپەتەمنى ئۆيىگە باشلاپ كەلدى، ئايپاتەم يانفونىدىكى WiFi万能钥匙 نى ئېچىپ ئابلىكىمنىڭ ۋايفايسىغا ئۇلىماقچى بولدى، ئۇلانمىدى. ئاندىن ئابلىكىمدىن پارولنى سورىدى، ئابلىكىم دەپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ سىزنىڭ يانفونىڭىزدىكى WiFi万能钥匙 ئابلىكىمنىڭ پارولىنى تاپالىدى. WiFi万能钥匙 نىڭ پىرىنسپى شۇنداق. ئۇلانغان ۋايفاينىڭ پارولى بىلەن روتېرنىڭ MAC ئادېرسنى بۇلۇت مۇلازىمېتىرىغا يوللاپ ساقلىۋالىدۇ. كېيىنكى قېتىم باشقا بىرەرسى شۇ MAC ئادېرستىكى روتېر تارقاتقان ۋايفاي پارولىنى يەشمەكچى بولسا بۇلۇت سۇپىسىدىن ساقلىۋالغان پارولىنى ئىشلىتىدۇ.



2. «پارول لۇغىتى» دىن پايدىلىنىدۇ
پارول يېشىدىغان ئەپلەرنىڭ بىر «پارول لۇغىتى» بار. ئۇ لۇغەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان پارول ساقلانغان بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاددىي، كۆپ ئىشلىتىدىغان پاروللار. مەسىلەن:
password
12345678
99999999
a1234567
abcdefgh

WiFi万能钥匙 ئەپ دېتالى يۇقارقى 1-ئۇسۇلدا بۇلۇت سۇپىسىدىن پارولنى تاپالمىسا ئىككىنجى ئۇسۇلدىكى «پارول لۇغىتى» دىن ئاددىي پارولنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقىدۇ. تۆۋەندىكىسى جۇڭگودا كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاددىي پاروللاركەن.



يۇقارقى مەزمۇننى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ۋايفاي پارولىنى باشقىلارنىڭ بىلىۋېلىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلىۋالدىڭىزغۇ دەيمەن. يەنى، ئۆزىڭىز ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ يانفونىغا WiFi万能钥匙 دېگەندەك ئەپلەرنى قاچىلىماڭ؛ تۇغقانلىرىڭىزغا، تونۇشلىرىڭىزغا پارولنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ئۇلار كەتكەندىن كېيىن دەرھال پارولنى ئۆزگەرتىۋېتىڭ.
ۋايفاينىڭ پارولى ئاددىي بولمىسۇن، پارولىڭىز سان ھەرپ ۋە باشقا ئالاھىدە بەلگىلەردىن تەركىب تاپسۇن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

16ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-8-19 15:35:48
رەخمەت بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن.  ھەراس  تىلفۇننى روتلىسا ھەر جايدىكى  ھەرقانداق سىمسىز تورنىڭ مەخپىي نومۇرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ دەيدۇ  راسلا شۇنداقمۇ .
گىلەم
تەشنا4433 ۋاقتى: 2017-8-19 16:17:33
كۆپ رەھمەت  راستىلا ياخشى بىلىم كەن
ئورۇندۇق
15199755016 ۋاقتى: 2017-8-19 16:40:59

يوق گەپ سىز يانفۇنىڭىزنى ئۇلىغان تورنىڭكىنىلا كۆرسىتىپ بىرىدۇ  مەخسۇس دىتال ئارقىلىق
5-قەۋەت
تەشنا4433 ۋاقتى: 2017-8-19 17:04:29
ئۇيغۇرr يوللىغان ۋاقتى  2017-8-19 15:35
رەخمەت بىلىۋېلى& ...

پەقەت سىز ئۇلىغان تور نىڭ مەخپى شىفىر نى كۆرسىتىپ بىردۇ
6-قەۋەت
aski0903@ ۋاقتى: 2017-8-19 17:59:40
تۇغرا دىدىڭىز ئۈزىڭىز ئۇلىغان تورنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ
7-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-8-19 18:24:52
مەندەك سىسمسىز تورنىڭ سىگنالىنى يۇشۇرۋالسا ياخشىكەن بىرەسى سىمسىز تورنىڭ پارولىنى سوراپمۇ يۈرمەيدىكەن
8-قەۋەت
..adiljan ۋاقتى: 2017-8-19 19:07:46
مەنمۇ يۇشۇرۇپ قۇيۇمەن يوقتەكلا تۇرىدۇ
9-قەۋەت
3131446363 ۋاقتى: 2017-8-19 19:55:33
..adiljan يوللىغان ۋاقتى  2017-8-19 19:07
مەنمۇ يۇشۇرۇپ قۇ ...

شۇ، سىگنال يوشۇرۇش ئەڭ ياخشى ئامال،
10-قەۋەت
Mathteach ۋاقتى: 2017-8-19 19:56:46
يوشۇرۇپ قويۇش ئۇسۇلىنى يوللاپ قويمامسىلەر ھەممىمىز تەڭ ئورتاق بەھرلىنەيلى.
11-قەۋەت
qeqnus ۋاقتى: 2017-8-19 20:41:20
ئۆزىمىز ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ MAC ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ ئۇلىنىشقا رۇخسەت قىلىشنى ئېچىپ قويساقلا سىمسىز تورغا پارول ئىشلەتمەي قويساقمۇ باشقا ھىچكىم ئۇلىيالمايدىكەن ....
12-قەۋەت
شىرىزات ۋاقتى: 2017-8-19 22:00:32
ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار  مىنىڭ ئۈيۈمدىكى wifi تارقاتقۇچنى  بۇرۇن  باشقىلار تەڭشەپ بەرگەن ئۇ چاغدا پارالنى بەك ئاددى سېلىپ قۇيۇپتىكەن ھازىر قوشنا قۇلۇمكار ھەممىسى بىلدۇ مەنمۇ ئەنسىرەپ قالدىم شۇڭا پارولنى ئۆزگەرتەي دىگەن ئىدىم لىكىن سىگال تارقاتقۇچنىڭ كەينىدە 192.168.01دەپ بار ئىكەن لىكىن بۇ ساننى تور كۇرگۇچكە باسسام ھىچقانداق تور بەت ئېچىلمىدى لۇيۇچىنىڭ بەت يۇزى ئېچىلمىدى شۇڭا سىلەردىن سورايدىغىنىم 192.168.01دىگەن  ئادىرىستا تەڭشەيدىغان بەت ئېچىلمىسا ۋايفاي تارقاتقۇچنىڭ پارولىنى قانداق ئوزگەرتىمەن ياكى 192.198.01 ئەمەلدىن قېلىپ باشقىچە ئۇسۇل بىلەن بەت لۇيۇچىنىڭ ئىچىگە كىرىمىزمۇ ياردەم قىلساڭلا ،
13-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-8-20 00:18:07
ماۋۇ بەك ياخشى تىما بوپتۇ رەھمەت تىما ئىگىسى
14-قەۋەت
1999 ۋاقتى: 2017-8-20 08:19:09
دوسلار ئەگەر سىمسىز تور مەخپى نۇمۇر يەشكۈچ ئىشلەتمەكچى بولغانلار幻影wfiنىئىشلىتىڭلار بۇئەپنىڭ ئىچىدە بىرەر يۈزمىڭچە مەخپى نۇمۇر بار بۇئەپكە بۇيرۇق بىرىلگەن ھامان ئىچىدىكى مەخپى نۇمۇرلارنى ئاپتۇماتىك كىرگۈزۈپ توغرا بولغاندا ئېكرانغا ئەسكەرتىش چىقىدۇ ھەمدە مەخپى نۇمۇرنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ توغرا كىلىش نىسپىتى 60پىرسەنىتتىن يۇقىرى خالايدىغانلار ئىشلىتىپ بېقىڭلار
15-قەۋەت
mamatezizjan ۋاقتى: 2017-8-20 08:31:18
كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بەرگەن  مودىمنىڭ  wifi سىدا  روقسەتسىز ئۇلىغانلارنىڭ تورىنى چەكلەپ قويغىلى بولمامدۇ
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部