+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-6-5 10:52 3608 قېتىم كۆرۈلدى 46 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
31-قەۋەت
tanha214 ۋاقتى: 2017-6-6 01:07:27
misken يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 14:34
سىز تىلفونىڭ ساختىسنى ئىپ قاپسىز  5 كۇن بولغاندىكنى نى ...

ئۈزىنىڭ جىلىخور ، ئالدىراڭغىلىقى شۇنىڭدىن چىقىپ تۇرىدۇ، توغرا چۈشەنسەكلا بولدى، ئۇنداقلارغا ئايرىم تىلفۇن ياساپ بەرسىمۇ بەرىبىر يارىمايدۇ
32-قەۋەت
فەخرىي ۋاقتى: 2017-6-6 01:40:55
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فەخرىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-6 01:44  
oylan2315 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 14:48
سىز نىمىشقا نۇرغۇن ئەپلەرنى قاچىلۋالسىز ،شۇلارنىڭ ھە ...


تېخى تېلىفۇنغا بولغان ئېھتىياجىڭىز ئادەتتىكىچە دەپسىز ، خۇددىي سىز دائىم مەن بىلەن بىللە يۈرىيدىغاندەكلا ، ئەتراپىمدىكى IT بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە باشقا كەسىپتىكى دوستلىرىم تېلىفۇندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىدىغىنىمغا بەك قايىل . تېلىفۇنغا بولغان ئېھتىياجىم ئادەتتىكىچە بولغان بولسا جاپا تارتىپ تاپقان پۇلۇمغا يۇقىرى سەپلىمىلىك تېلىفۇن ئېلىپ يۈرمەيتتىم . مەن يا بەزەنلەردەك ھەممە نەرسىدە مودا قوغلشىپ يۈرمەيمەن ، پەقەت ئېھتىياجىمغا چۇشلۇقىنى ئىشلىتىمەن . ھەرىكەت خاتا دەپسىز كىسىپلا ، خۇددىي كاتتا پەيلاسوپلاردەك . ئېھتىياجىمغا قارىتا قىلغان ھەرىكىتىم ۋىجدانىمغا خىلاپ كەلمىسىلا ئۈزۈمگە توغرا ، سىزنىڭ باھا بېرىپ ئولتۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ھەم ھوقۇقىڭىزمۇ يوق . مەنمۇ كىچىك بالا ئەمەس . تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكى زىممەمگە يۈكلەنگەن ، ئۆز ئالدىمغا پىكىر قىلىش يولۇم ۋە ھوقۇقۇم بولغان ، ئۈچ بالىنىڭ دادىسى بولغان ئادەممەن ، ئىقتىسادىممۇ تارتقان جاپايىمغا چۇشلۇق . شۇڭا قىلغان ھەر قانداق ئىشىمنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىشىپ قىلىمەن . كىچىكى ئېلكىتاپ كۆرۈش ، تورغا چىقىشتىن يۇقۇرىسى ماشىنىنىڭ كومپيۇتېرى بىلەن ئالاقە قىلىش ، ماشىنىنىڭ كاشىلا كودلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ، ئاردۇينوغا پروگرامما يېزىش ۋە ئاردۇينوغا يوللاپ ئىجرا قىلىش ، ئۈسكۈنىلەر ئارا ئالاقە قىلىش ، ھۆججەت ھەمبەھىرلەش قاتارلىق نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلارنى تېلىفۇنۇمدا قىلىمەن . نەتىجىسىنى سوراپ قاپسىز ، سىزمۇ مەندەك تېلىفۇندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلسىڭىز ئاندىن قىممەت باھالىق تېلىفۇنىڭىزدا ئۈندىدار ئويناپ ئۆتكۈزگەن كۈنىڭىزگە پۇشايمان قىلىپ ئۆزىڭىزنى تېلىفۇنىڭىزغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك  ھېس قىلىسىز ، شۇڭا ئويناپ سۆزلىسىڭىزمۇ ئويلاپ سۆزلەڭ . باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىراۋلار ھەققىدە ئەزۋەيلەپ كەتمىسىڭىزمۇ ئالىپتىكىلەر كىمنىڭ قانداقلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ . بۇ دېگەن ئۇچۇر تېخنىكا مۇنازىرە مۇنبىرى ، مۇنازىرىنى ئادەم ئۈستىدە ئەمەس تېخنىكا ، ئۈسكۈنە ئۈستىدە ئېلىپ بارىدىغان مۇنبەر . ئادەمگە باھا بەرمەكچى بولسىڭىز نۇر تورىغا كىرىپ ئىنكاس يازسىڭىز دەل جايىنى تاپقان بولىسىز . گىپىم ئېغىر كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلىۋېتىڭ ، بەك ئەپۇ قىلالمىسىڭىز مەندىمۇ ئامال يوق ، بەك بولمىسا ئابىدە سودا سۈيىدىن بىر قۇتا ئەۋەتەي تۈگىتىپ ئىچىۋېتىڭ ، گېپىمنىمۇ سىڭدۈرىۋېتە .
33-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-6-6 06:27:53
فەخرىي يوللىغان ۋاقتى  2017-6-6 01:40
تېخى تېلىفۇنغا بولغان ئېھتىياجىڭىز ئادەتتىكىچە دەپس ...

فەخرى بۇرادەر قايناپلا كىتىپسىلەغۇ؟مەن ئىلگىرى  ئاردۈينوغا يانفۇندا پروگرامما يېزىش توغۇرلۇق تېما يازغان ئىدىم ،خېلى بولدى ئاردۈينو بىلەن ئېتىشىپ بۇلالماي قالدىم ئاردۈينو توغۇرلۇق يېڭىلىقلا بولسا مۇنبەرگە يوللىۋىتەسىلە.
34-قەۋەت
فەخرىي ۋاقتى: 2017-6-6 12:56:48
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فەخرىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-6 13:06  
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2017-6-6 06:27
فەخرى بۇرادەر قايناپلا كىتىپسىلەغۇ؟مەن ئىلگىرى  ئارد ...


ئەسلى قاينىماي دېگەن ئىدىم ، ئەمما بۇ بۇرادىرىمىزنىڭ مەن ھەققىدە قالايمىقان بىلجىرلاشلىرى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويدى. شۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئاردۇينو بىلەن بېسىپ ھەپىلىشىپ بولالمىدىم ، شۇنداقتىمۇ ئاردۇينوغا بولغان قىزىقىشىم سۇسلاپ قالغىنى يوق ، كومپيۇتېر ئالدىدا مۇنتىزىم ئولتۇرۇپ بولالمىغىنىم ئۈچۈن ئاردۇينو ۋە مەن ئۆگىنىدىغان مەزمۇنغا ئالاقىدار مودىللارنى ماشىنامغا سېلىۋېلىپ مۇناسىۋەتلىك پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىنى تېلىفۇنۇمغا قاچىلىۋېلىپ نەدە قاچان ۋاقتىم چىقسا ئاز ئازدىن ئۆگىنىۋاتىمەن ، ھازىرچە يېڭىلىق يوق ، پەقەت ئۆگىنىش باسقۇچىدا ، يېڭلىق بولسا سىلىدىن ئاڭلىساق بولاتتى ، ئۇزۇن بولدى مۇنبەردە ئاردۇينو توغرىلىق تېمىلارمۇ يوللانماس بولۇپ كەتتى . سىلىمۇ يوقاپ كەتتىڭلا .
35-قەۋەت
asmanjan ۋاقتى: 2017-6-6 13:46:22
لىيەنشاڭنىڭ زوك ئېدگې تېلپۇنى ئىشلىتىپ باققانلا بامىدۇ  قارسام سەپلىمسى ناھايتى ياخشىكەن شومى 5ئەس ئاسام بولامۇ ياكى مۇشۇ زوك مۇ مەسلىھەت بەرسەڭلا
36-قەۋەت
ھەزار ۋاقتى: 2017-6-6 14:35:58
سامسۇڭ تىلىفۇنلىرىنىڭ سېگىنالى،ئېكران ئىنىقلىقلىقىغا ھىچقانداق تىلفۇن يەتمەيدۇ،يەنە بىرى سۇدىن،چاڭ توزاندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى بار،دۆلىتىمىز ئىشلىگەن تىلفۇنلارنىڭ بىرىنىڭمۇ بۇنداق ئىقتىدارى توق.oppo,vivo,魅族,小米 لارغا قاراپ بېقىڭ كىمنى دوراپتۇ.
37-قەۋەت
pcchi ۋاقتى: 2017-6-6 15:15:12
ھەزار يوللىغان ۋاقتى  2017-6-6 14:35
سامسۇڭ تىلىفۇنلىرىنىڭ سېگىنالى،ئېكران ئىنىقلىقلىقىغ ...

ۋاي دوستۇم دورىسا نىمە بوپتۇ ئۇلار دورىسا سىزنىڭ نىمە كارىڭىز بۇنداق ئۈزىڭىزنى ئاۋارە قىلماڭ ئەگەر راستىنلا دورىغان بولسا شۇ ئالما سامسۇڭ شىركىتىنىڭمۇ گىپى چىقىدۇ بۇنى دوراش دىمەيمىز ئۆرنەك ئىلىش دەيمىز ئەمدى يۇمىلاق ياكى باشقا شەكىلدە ياسىغان بولسا ياخشى بۇلاتتى شۇنىڭدا ھىچكىمنى دورىمىغان بۇلاتتى لىكىن بازارنىڭ ئىھتىياجى مۇشۇ شۇنىڭغا كىچىك يېڭى شىركەتلەر ئالمىدەك داڭلىق شىركەتلەرنىڭ لاھىيەسىدىن ئۆرنەك ئالىدۇ ئەلۋەتتە بۇنداق قىلسا ئەلۋەتتە بىزدەك ئىستىمالچىلار پايدىلنىمىز ئەمەسمۇ
38-قەۋەت
uqkun77 ۋاقتى: 2017-6-6 20:17:45
ۋاي تۆۋە............
نىمە قالايمىقانچىلىق بۇ
39-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-6-6 22:03:51
فەخرىي يوللىغان ۋاقتى  2017-6-6 12:56
ئەسلى قاينىماي دېگەن ئىدىم ، ئەمما بۇ بۇرادىرىمىزنىڭ  ...

ئاردۇينونى ياۋرۇس ئوينىتىش ئۈچۈن پىروگرامما تىلىنى بىلمىسەك بولمايدىكەن،پىروگرامماتىلى ئۈگىنەي دىسەم ئىنگىلىز تىلىدىن ئاساسىم بولمىغاچقا ئۈزۈم يازغان بۇيرۇق كودىنى ئۈزۈم ئوقۇيالماي زورىغا ئوقۇسام يا ئىنگىلىزچە ئەمەس يا ئۇيغۇرچە ئەمەس غەلىيتىلا ئۇقۇلۇپ قالىدىكەنئۇنىڭ ئۈستىگە قانداق مەنىسى بارلىقىنىمۇ بىلەلمەي جىلە بۇلۇپ ئاخىرى ئىنگىلىزچە ئۈگۈنۈشنى باشلىۋەتتىم ،ئويلاپ باقسام پىروگرامما تىلى ئۈگىنىشتە ئىنگىلىزتىلى ئاچقۇچكەن ،ھەم ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنسەم باشقا نۇرغۇن ئىشلاردا ئەسقاتقۇدەك شۇنىڭ بىلەن ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىمەن دەپ يۈرۈپ ئاردۇينو بىلەن ئېتىشالماي قالدىم
40-قەۋەت
13150415488 ۋاقتى: 2017-6-7 00:08:55
atax520 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 22:43
بىكا  تالاشماڭلار  باللار  ئالما  بىلەن  سامسۇڭنى  سىلىش ...

گىپڭىز راس توغرا لىكىن ئالمىنىڭ باھاسى بەك قىممەت ،ئالما 7نىڭ باھاسىغا ئوتتىرا ھال سەپلىمىلىك ئاندىرويىت تىلفۇندىن بىرقانچىنى سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ مۇشۇ تىلفۇنلارمۇ بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن تامامەن چىقالايدۇ، سىز توردىن كۆرگەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن ئالما دۇنيا يانفۇن بازىرى پايدىسنىڭ  80 نەچچە پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىكەن ، ئالمىنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن بەك قىممەتكەن.......
41-قەۋەت
asr ۋاقتى: 2017-6-7 06:31:02
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەزىز دوسلۇرۇم مۇنبەردە بىر ئاز ئۇقۇشماسلىقلار كىلىپ چىقتىمۇ قانداق،بىرىڭلا ئالمىنى،يەنە بىرىڭلا،سەنشىڭنى يەنە بىرىڭلا يەنە بىرىنى ماختاۋىرىدىكەنسىلە  ئەلۋەتتە ھەممە ئادەمگە كۆنگەن يانفون ياخشى مەن ئەزەلدىن ئاندىرويىد ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن  بىرى ئالمىنى ھەقسىز بىرەي ئىشلەت دىسە ئالمايمەن  چۈنكى ئالما بىلەن ماسلىشالمايمەن،ئالما ئىشلەتكەنلەرگە كەلسەك ئۇلارمۇ شۇنداق  سىز بېرىپ ھازىرقى سەنشىڭ s8 ىڭىزنى  ئالما 4 ئىشلىتىۋاتقان بىرى بىلەن ئالماشتۇرسىڭىز  ئالما ئىشلەتكەن شۇ دوستىمىز  ئىككى كۈندىلا سىزنى ئىزدەپ يانفونىنى قايتۇرۇۋالىدۇ    گەپ ياخشى يامانلىقتا ئەمەس كۆنگەنلىكىدە    يانفونلارنى سېلىشتۇرۇپ نىمە ھال بۇ    بۇ پىكىرىڭلارنى ئالما ،سەنشىڭ ،ئاللا قانداقتۇر بىر شىركەتلەر كۆرمەيدۇ  بىز ئۆز-ئارا دەتالاش قىلغاننىڭ نىمە پايدىسى
42-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-6-8 01:37:12
يازغانلىرىمىزنى ئالما يا سامساڭ كۆرەر دەپ يازمايمىز بىزمۇ
ئۇلارنىڭ ئالپقا كىرمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز، جوبس تىرىلىپ ئالپقا كىرىپ ئالمىدىن بىرنى مۇت بېرەي دىسىمۇ ماڭا ئوخشاش ياق دەيدىغانلار كۆپ چىقىدۇ
43-قەۋەت
فەخرىي ۋاقتى: 2017-6-8 17:19:56
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2017-6-6 22:03
ئاردۇينونى ياۋرۇس ئوينىتىش ئۈچۈن پىروگرامما تىلىنى ب ...

مېنىڭ ئىنگىلىز تىلىدىن ئاز تولا خەۋىرىم بار ئىدى ، ئەمما سىز دېگەندەك پروگرامما تىلىنى ھەم ئېلىكترون ئىشلىرىنى بىلمىسەك بولمايدىكەن ، سىزغۇ كەسپىي توكچى بۇ جەھەتلەردە قىينالمايسىز ئەمما مەندەك ھەۋەسكار ئۆگەنگۈچىلەرگە ھەر تەرەپتىن قىيىنچىلىق بار ئىكەن ، شۇنداقتىمۇ بوشىشىپ قالمىدىم . پرگرامما تىلىنى ئۆگىنىشنىمۇ ھەم مەقسەت قىلىپ باقتىم ، لىكىن يەنىلا بىلگىنىمچە ئاردۇينونىڭ ئۆزىنىڭ تىلىنى بىر ئۆگۈنۈپ باقاي ، ئاۋۋال قايسىسىنى ئۆگۈنەيلى دەسلىپىدە بەرىبىر قىيىنچلىق بولىدىكەن ، شۇڭا ئاردۇينونىڭ ئۆزىنىڭ تىلىنى بىر ئۆگۈنۈپ باقسام ، بۇ تىلمۇ پروگرامما تىلىغا يېقىن بولغاندىكىن كېيىنچە  C# ياكى C++  ئۆگەنسەممۇ ئازراق پايدىسى بولار دېگەننى ئويلاپ قالدىم .
44-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-6-8 21:44:03
فەخرىي يوللىغان ۋاقتى  2017-6-8 17:19
مېنىڭ ئىنگىلىز تىلىدىن ئاز تولا خەۋىرىم بار ئىدى ، ئە ...

مەن ئەسلىدە پىروگراممىدىكى ئىنگىلىزچە بۇيرۇقلارنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلغۇدەك بۇلىۋېلىپلا پىروگرامما تىلىنى ئۈگۈنۈشنى باشلاي دىگەنتىم ،ھازىرغۇ شۇنداق سەۋيەگە يەتتىم.ئەمما ئىنگىلىزتىلى ئۈگۈنۈشنى «ئىنگىلىز تىلىنىڭ سىرى»دىگەن كىتاپتىن باشلىغان ئىدىم ،يېرىم يولدا توختىتىپ قويغۇم كەلمىدى ئۇنىڭ ئۈستىگە «غايە»تىل تەربىيلەش مەكتىپىنىڭ سىن دەرسىنى سېتىۋالغان ئىدىم ،(ئەلۋەتتە ھەقسىز دەرسلەرمۇ نۇرغۇنكەن)يەنە مەخسۇس تەلەپپۇز توغۇرلايدىغان يانفۇن ئەپ دىتالى تاپقان ئىدىم ،ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلىنىڭ بىر ئەپ دىتالىنىڭ ئامبار ھۆججىتى تەھرىرلەپ كىتاپتىكى سۆزلۈكلەرنى كىرگۈزۈپ ئاۋاز ھۆجىتىنى قايتا تەييارلاپ(ئاۋاز ھۆججىتىنى ئىنگىلىزچە سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ قويسا ئاپتۇماتىك ئاۋازھۆجىتىگە ئايلاندۇرىدىغان ئەپ دىتالىدا تەييارلىدىم)قۇلايلىق سۆزلۈك ئۈگۈنۈش دىتالىغا ئۆزگەرتىۋالدىم ،شۇنىڭ بىلەن ئىنگىلىز تىلى ئۈگۈنۈشۈم باشقىچىلا قۇلايلىق بوپكەتكەچكە ئىنگىلىز تىلى ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىم تېخىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ ،ئىنگىلىز تىلىنى يەنە بىر مەزگىل ئۈگۈنۈپ مەلۇم سەۋيەگە يەتكەندىن كىيىن ئاندىن پىروگرامما تىلىغا بىراقلا يۈرۈش قىلايمىكىن دەيمەن.
ھەراس بىرچاغلاردا ئۇيغۇرچە تېكىسىت ئۇقۇيدىغان دىتال ئىزدەپ يۇرەتتىڭىز تاپالىدىڭىزمۇ ؟مەن ئۇيغۇرچە ئىنگىلىزچە ئاۋاز ھۆجىتى تەييارلاي دىگەن ئۇيغۇرچە تېكىسىت ئۇقۇيدىغان دىتال تاپالمىدىم ،«تىلراۋان تەرجىمانى ئۇيغۇرچە تېكىسىت ئۇقۇيدىكەن ئەمما قتورلۇق بولغاچقا ئاۋاز ئامبىرىنى ئايرىپ ئالغىلى بولمايدىكەن ،ھەم بىرمۇنچە سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ئەمدى ئۇقۇتاي دىسەم چىكىنىپ كىتىپ بەكلا جىلە قىلدى )سىزدە بولسا يوللاپ بەرسىڭىز!(يانفۇننىڭ بولسا تېخى ياخشى ئىدى)
123
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部