+تېما يوللاش
1217 يوللانغان ۋاقتى:2017-6-1 12:07 1494 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
سامسۇڭ S8/S8+ ئاساسەن دىگۈدەك پۈتۈن ئېكرانلىق تېلېفون بولۇپ، قايتىش، چېكىنىش..دىگەندەك كونۇپكىلىرى مەۋھۈم كونۇپكا قىلىنغان. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

بۇ كونۇپكىلارنىڭ ئىشلەتمىگەندە يوشۇرۇنۇپ ئىشلەتكەندە كۆرۈنىشى كىشىگە بىر خىل مۇكەممەللىك تۇيغۇسى بەرسە كېرەك. ئەمىسە بۇنى يوشۇرۇشنىڭ ئامالى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. رەسىمدىكىدەك:

ئەپلەرنىڭ ئىچىدىمۇ يوشۇرۇن بولىدۇ. رەسىمدىكىدەك:



ئىشلىتىدىغان ۋاختىمىزدا ئېكراننىڭ ئاستى تەرىپىدىن ئۈستىگە يىنىك سىيرىسەك كۆرۈنىدۇ.
كۆپ سۆزلەپ كەتتىم، كېرەكلىك ئۈسكۈنە ۋە قەدەم باسقۇچلىرى:
ۋىندىۋوس سېستىمىلىق كومپىيوتۇر، adb مۇھىتى،  S8/S8+ تېلېفون ۋە چېتىش سىمى.
كومپىيوتۇرغا سامسۇڭ قوزغاتقۇچى قاچىلانغان بولۇشى كېرەك، قاچىلانمىغان بولسا توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. ئاندىن تۆۋەندىكى adb قورالىنى چۈشۈرۈڭ:
adb-fastboot工具包.rar (798.7 KB, چۈشۈرۈش سانى: 32)
چۈشۈرۈپ يەشكەندىن كېيىن ئىچىدىكى چۈشەندۈرۈشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن مەن تۆۋەندە دىگەن ئۇسۇل بويىچە adb مۇھىتى ھازىرلاڭ:
32 بېتلىق سېستىما بولسا :
1›   adb.exe بىلەن fastboot.exe نى c:/windows/system32 بۇ ئورۇنغا كۆچۈرۈڭ.
2›  نامىدا adb بولغان ھەممە ھۆججەتنى c:/windows/system غا كۆچۈرۈڭ.
64 بىتلىق سېستىما بولسا:
1› adb مۇناسىۋەتلىك ھەممە ھۆججەتنى (تۆت تال بار) c:Windows/SysWOW64 ئورۇنغا كۆچۈرۈڭ.
2› يەنە شۇلارنى c:/windows/system32 ئورۇنغا قويۇڭ.
يۇقۇردا adb مۇھىتى ھازىرلاندى، ئەمدى تېلېفوننىڭ ئاچقۇچىلار تۈرىگە كىرىپ USB ھالىتىنى ئېچىۋېتىڭ.(ئاچقۇچىلار ھالىتى ئېچىلمىغان بولسا: تەڭشەك-تېلېفون ھەققىدە-سېستىما ئۇچۇرى-نەشىر نومۇرىنى يەتتە قېتىم چېكىڭ)
ئەمدى كومپىيوتۇرنىڭ باشلاش تىزىملىكىنى بېسىپ cmd نى ئىجرا قىلىڭ، ۋە تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى بېرىڭ:
پۈتۈن ئېكراننى يوشۇرۇش:
  1. adb shell settings put global policy_control immersive.full=*
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ھالەت سىتونىنى يوشۇرۇش:
  1. adb shell settings put global policy_control immersive.status=*
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

مەۋھۈم كونۇپكىنى يوشۇرۇش:
  1. adb shell settings put global policy_control immersive.navigation=*
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئەسلىگە قايتۇرۇش:
  1. adb shell settings put global policy_control null
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

مەنبە:
بەيدۇ تىيېبا  
بۇ پەقەت قىزىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن يوللاندى، ئەگەردە مەشخۇلات جەريانىدا بىرەر خاتالىق كۆرۈلسە تېما يوللىغۇچى مەن ۋە ئورۇن ھازىرلىغۇچى ئالىپ مۇنبىرى ئىگە بولمايدۇ. نىمىلا دىمىگەن بىلەن قىممەت تېلېفون. ئويلۇشۇپ ئىش كۆرۈڭ.
يەنە باشقا بۇيرۇق كودلىرى بولسا دوستلارنىڭ تۇلۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش7 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
يىۋۇ شەھەرلىك بوكې ئىمپورت-ئېكسپورت چەكلىك شېركىتى http:

5ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
saidiya ۋاقتى: 2017-6-1 14:16:51
ما بولىدىغان ئىشكەن مەن كەلگۈسىدە ئىلىپ قالسام مۇشۇ كودنى ئىشلىتىپ باقسام بولغۇدەك ،ھەراس باللار قايسىڭلاردا سامسۇڭ ئەس ئالتىنىڭ ئاندىروئىد 7گەكۆتۈرۈلگەن نەشىرى بار مىنىڭكى تىلىپۇنۇم كۆتۈرسەم يۈرەك سوقاش قەدەم ھىساپلاش دىگەندەك ئىقتىدارلىرى ئىشلىمىدى كۆتۈرۈپ ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ ياكى ئوڭشاش ئۇسسۇلىنى بىلسەڭلاردەپ بەرگەن بولساڭلار
گىلەم
920258236 ۋاقتى: 2017-6-1 15:08:47
بەزىبىر يانفۇنلار ئاستى ئىشلىمەس بۇلۇپ قالىدىكەن روتسىز مۇشۇ ئۇسۇلدا مەۋھۇم كۇنۇپكا چىقارغىلى بۇلامدۇ؟
ئورۇندۇق
umarss ۋاقتى: 2017-6-1 15:10:00
saidiya يوللىغان ۋاقتى  2017-6-1 14:16
ما بولىدىغان ئىشكەن مەن كەلگۈسىدە ئىلىپ قالسام مۇشۇ كو ...

قانداق قىلىپ كۈتىردىڭىز نەشرىنى مەن كۈتىرەممىدىم
5-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-6-1 15:25:43
saidiya يوللىغان ۋاقتى  2017-6-1 14:16
ما بولىدىغان ئىشكەن مەن كەلگۈسىدە ئىلىپ قالسام مۇشۇ كو ...

7.0 دىن باشلاپ S健康 نىمۇ Knox قا باغلاپ قويدى، يېڭى نەشىردىكى S健康 دا روت ئېلىنغان بولسا ئىشلىمەيدۇ، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن سېستىما دەپ.  بۇنى ئۈچۈنجى تەرەپ سېستىما يېزىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
6-قەۋەت
978832 ۋاقتى: 2017-6-1 19:06:28
920258236 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-1 15:08
بەزىبىر يانفۇنلار ئاستى ئىشلىمەس بۇلۇپ قالىدىكەن روتس ...

روت  ئالسىڭز  بولىدۇ دوستۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部