+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-5-31 10:32 2691 قېتىم كۆرۈلدى 17 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى ئايدا ئاندرويد ئاتىسى Andy Rubin نىڭ يانفون ساھەسىگە قايتىپ كېلىپ، يوقىرى سەپلىملىك، تولۇق ئېكرانلىق يانفون چىقارماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان. تەپسىلاتى بۇ يەردە
30-ماي ئاخىرى بۇ يانفوننى ئېلان قىلدى. ئاندرويد ئاتىسى Andy Rubin  قۇرغان شىركەت ئېلان قىلغان يانفوننىڭ ئىسمى Essential Phone بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى سەپلىمە، ئىلغار ھۈنەر سەنئەت، ئۆزگىچە لايىھە قوللىنىلغان.

Essential Phone غا ئىنتايىن تار رامكا، تولۇق ئېكران لايىھەسى قوللىنلغان. يانفون رامكىسىغا تىتان، كەينىگە چاقچۇق ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن. بارماق ئىزى تونۇش سېنزورى كەينى تەرپىدە. ئېنىق لوگوسى يوق.
Essential Phone غا نۆۋەتتىكى ئاندرويد يانفونلارنىڭ ئەڭ يوقىرى سەپلىمىسى ئىشلىتىلگەن. يەنى كۇۋالكوم 835 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، RAM 4GB  (ئىچكى ساقلىغۇچ) ،ROM 128GB (ساقلاش بوشلۇقى)، 5.71 دىيۇملۇق 2560x1312 QHD ئېنىقلىقتىكى ئېكران ئىشلىتىلگەن. ئېكراننىڭ ئېگىزلىك-كەڭلىك نىسبىتى 19:10 ؛ باتارىيەسى 3040mAh ؛ قىزىقارلىقى بۇ يانفوننىڭ كەينىدە ئىككى تال تۆشۈك بار بولۇپ، قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى چېتىش ئۈچۈن لايھىلەنگەن. 360 گرادۇسلۇق كامېرا بېشىنى سەپلەشنى قوللايدۇ.

Essential Phone نىڭ كەينىگە 12 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا سەپلەنگەن. بىر كامېرا مەخسۇس تاق رەڭلىك رەسىم ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، تارتقان رەسىم تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ سۈزۈك. ئالدى تەرەپكە 8 مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن 4K ئېنىقلىقتا سىن تارتالايدۇ.



بۇ يانفونغا ئاندرويد 7.1.1 سىستېمىسى قاچىلانغان، رەسىمىدىن قارىغاندا ئىنتايىن پاكىز كۆرۈنىدۇ. ئاق ، قارا، كۈلرەك، كۆك تۆت خىل رەڭدىكىسى بار.
باھاسى 699 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 4789 يۈەن)؛ 360 گىرادۇسلۇق كامېرا ئايرىم سەپلەنگىننىڭ باھاسى 749 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 5132 يۈەن).


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن6 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

17ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
alip ۋاقتى: 2017-5-31 14:49:53
باھاسىنى قىممەت دەۋاتقانلار «ئاندرويد ئاتىسى»، «تىتان» ، 360 گىرادۇسلۇق كامېرا دېگەندەك سىرتقى ئۈسكۈنىلەرنى چاتقىلى بولىدىغان ئىككى تال تۆشۈكى... دېگەن گەپلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىڭلار.
گىلەم
ئەنسارىm ۋاقتى: 2017-5-31 10:40:23
يېڭى چىقىرىپلا باھاسىنى بۇنچى يۇقۇرى قۇيۋالسا،كىم ئالا بۇ تىلفۇننى،يا بىر  لوگوسىمۇ يوخكە.تاغ تۇرا تېلفۇنلاغى ئوخشاش چىقىپ قاپتا بۇ.
ئورۇندۇق
1217 ۋاقتى: 2017-5-31 11:11:05
قارىغاندا بۇنىڭدىن كېيىن 360 لىق رەسىملەرگە تارتىپ VR  بىلەن تاماششا كۆرۈپ ئولتۇرىدىكەنمىزدە. سامسۇڭنىڭكى ھازىر تېخى قىممەت ئىكەن باھاسى.
5-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2017-5-31 11:19:06
بۇ تىلفونىڭ باھاسى بىزگە نىسبەتەن قىممەت بىلىنگىنى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىدە نورمال بولۇشى مۇمكىن .
6-قەۋەت
ئويغان07 ۋاقتى: 2017-5-31 11:25:58
تېلىفۇننىڭ شەكلى بولىدىكەن بىراق باھاسى قىممەتكەن
7-قەۋەت
/uyghurbag ۋاقتى: 2017-5-31 11:53:01
قىممەت دېگەنلەردىن سوراپ باقسام ئى سەنشىڭ ئالما  گوگۇل نىڭ ھازىرقى يانفونلىرى قانچە پۇل  ما يانفۇننىڭ بىرەر  نېمىسى كاممىكەنيە    ئاۋۇ ئاندىروئىد ئاتىسى دېگەننىڭ ئۆزى پۇل !
8-قەۋەت
ئالپ520 ۋاقتى: 2017-5-31 12:03:14
باھاسى  سەل  ئۈرىكەن  …شاۋمىنىڭ  ئىقتىدارى  باھاسىغا  قارغاندا      
  يەنلىا  شاۋمى  ئەرزان   
9-قەۋەت
0524 ۋاقتى: 2017-5-31 12:40:12
پەچچەت تېلفونكەن. يەنە تېخى گوگۇلنىڭ ساپ ئاندرويد سېستىمىسى قاچىلانغان چىراي، سېستىمىسى ئەڭ تېز يېڭىلىندۇ دېگەن گەپ.  بەلكىم ئىككىنچى ئەۋلاد چىققىنى تېخىمۇ ياخشى چىقىشى مۇمكىن.
10-قەۋەت
begmurad ۋاقتى: 2017-5-31 13:31:43
يېڭى چىققان ئالما دىسەك بۇلامدۇ قانداق؟ يېڭىلىق ، ئۆزگىچىلىك خېلى باردەك ھىس قىلدىم.
11-قەۋەت
INTIZAR163 ۋاقتى: 2017-5-31 14:14:26
بۇ باھانى قىممەت دىگىلى بولمايدۇ .يانفۇننىڭ سەپلىمىسى ۋە ئىقتىدارىنى كۆرۈپ ئاندىن بىرنىمە دەيلى قىرىنداشلار
12-قەۋەت
hakisa ۋاقتى: 2017-5-31 14:15:21
باھاسىنى قىممەت بىكىتىشىگە قارىغاندا خېلى ئىشەنجىسى بار ئوخشايدۇ  ئەنجۈر تېلفۇنلار سەپلىمىسىگە قارىغاندا باھاسى بەكراق تەرەققىي قىلىپ كىتىپ بارىدىغۇ تاڭ
13-قەۋەت
يالغۇز@ ۋاقتى: 2017-5-31 14:46:58
كۆپلەپ شىركەتلە مەيدانغا كەلسە تىلفۇنلار تىخمۇ ئەرزان بولسا ،پايدا بىزگە بولغىدەك.ما تىلفۇن بىر خىل ئۇماق چىراي ھەم پاكىز
14-قەۋەت
yalkun00998 ۋاقتى: 2017-5-31 15:16:09
بوپ قويغۇدەك ، باھاسىمۇ سەپلىمىسىگە نىسپەتەن قىممەت ئەمەس تەك قىلىدۇ ،
15-قەۋەت
ئۆزباش ۋاقتى: 2017-5-31 16:55:56
360گىرادۇس كامىرا دىگەن قانداق بولىدىغاندۇ؟
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部