+تېما يوللاش
ulinish يوللانغان ۋاقتى:2011-6-4 14:42 3688 قېتىم كۆرۈلدى 21 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەڭ دەسلەپكىQQنىڭ پەيدا بۇلىشى
1996-يىلى تۆت ئىسرائىيىلىك ياش بىر كىچىككىنە تور يۇمشاق دېتالىنى ئىجاد قىلدى، ئۇلار ئۆزى ئىجاد قىلغان بۇ كىچىككىنە دېتالغا يېقىملىق قىلىپ (ICQ) دەپ نام بەردى،يەنى (I seek you مەن سىزنى ئىزدەۋاتىمەن). كېيىن ئۇلار بۇ يۇمشاق دېتال بىلەن ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇردى،شىركەت نامى (mirabilis ( ، لاتىن يېزىقىدا بۇنىڭ مەنىسى ئاجايىپ دىگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى .
ئۇلارنىڭ بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىجاد قىلىشىىدىكى سەۋەبى شۇكى تور دۇنياسىدا ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتقان ئېلخەت ساندۇقىدا نۇرغۇنلىغان مۇھىم بولمىغان ئىلخەت ھەمىشە بىر قىسىم مۇھىم بولغان ئېلخەتلەرنى بېسىپ قوياتتى ,شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ مۇھىم بولغان ئېلخەتلەر ئابۇنىتلار تەرىپىدىن كۆرۈلمەي قالاتتى ھەم ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمايتتى ،شۇڭلاشقا ئۇلار ئۇچۇر قوبۇللاش ۋە قايتۇرۇش سۈرئىتى تېز بولغان ICQنى ياساشنى قارار قىلدى، ICQنى ياساش ئۇنچە قىيىن ئەمەس بۇلۇپ ، قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۇلار بۇ يۇمشاق دېتالنى ياساپ چىقىپ تور دۇنياسىدا قوللىنىشقا يۈزلەندۈردى.بىراق بۇنىڭغا ئەگىشىپلا بىر مەسلە ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى ،بۇ يۇمشاق دېتالنى تەرەققى قىلدۇرۇپ تور دۇنياسىدا كەڭ ئىشلىتىشكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچى ئىزدەش، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تەرەپكە چېپىپ مەبلەغ ئىزدىگۈچى ئىزدىدى ،بىراق ھېچكىم بۇ ناتونۇش كىچىككىنە يۇمشاق دېتالغا مەبلەغ سېلىشنى خالىمىدى،ھەتتا بىر كارخانىچى ئۇلارغا(سىلەر نېمىنىڭ سودا قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بالىلار ئىكەنسىلەر دەپ مازاق ئەتتى)
ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا بۇ ياشلار باش ئەگمىدى ، ئۇلار بىر تەرەپتىن مەبلەغ سالغۇچى ئىزدىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن 1996-يىلى 12-ئايدا ئىنتايىن جاپا مۇشەققەتتە بۇ يۇمشاق دېتالنى توردا ئېلان قىلىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئابونىتلارICQشىركىتىنىڭ تور بېكىتىدىن بۇ يۇمشاق دېتالنى ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشىلتىشكە باشلىدى،ئۇزاق ئۆتمەي ئابونىتلاردىن كەلگەن ئۇچۇر ئۇلارنى ھەيران قالدۇردى، چۈنكى قىسقىغىنە 6ئاي ۋاقىت ئىچىدە 300مىڭ ئابونىت ICQنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن، كېيىنكى 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدە بۇ سانلىق قىممەت 900مىڭغا يەتكەن.
كېيىن ئامېرىكىدىكى (AOL)شىركىتى 2.87مىرلىياد ئامېرىكا دوللىرىغا ICQنى سېتىۋالدى.ئۇزۇن ئۆتمەي تېزلا ICQنىڭ ئابونىتلىرى بىر مىلىيوندىن ئاشتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەركۈنى بىر مىليون ئابونىت توردا بولاتتى ، ئوتتۇرچە تورغا چىقىش ۋاقتى 3سائەت، مانا مۇشۇ ۋاقىتلاردا دۆلىتىمىزدىمۇICQ ئىشىلىتىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشىلتىشنى باشلىغان .
1997-يىلى ماخۇاتېڭICQبىلەن ئۇچراشتى ھەم ئۇنىڭ ئابونىتى بولدى.ئۇ ئۆزى شەخسەن ICQنىڭ سېھرىي كۈچىنى تونۇپ يەتتى، ھەم ئۇنىڭ دۆلىتىمىزئىچىدەچەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، ICQنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئېنگىلىزچە ھەم مەشغۇلات قىلىش بىر قەدەر قىيىنراق، ئۇ گەرچە دۆلەت ئىچىدەئىشىلتىشكە باشلىغان بولسىمۇ بىراق ئومۇملىشىپ كېتىشى ئىنتايىن تەس ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن خەنزۇچە ICQنى ياساش ، ھەم ئۇنى بىر ئەمىلىي كۈچى بار بىر شىركەت بىلەن بىرلىشىپ تەرەققى قىلدۇرۇشنى پىلانلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خەنزۇچە ICQنى ياساشقا كىرىشتى، ھەم خەنزۇچە ICQغا (Open I seek you) دەپ ئىسىم قويدى، يەنى قىسقارتلىپ OICQ. مانا بۇ بىز ئىشلىتىپ كېلۋاتقان QQنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى.
ئەڭ دەسلەپكى كىيۇكىيۇ مۇ ICQغا ئوخشاش ئانچە قارشى ئېلىشقا ئىرىشمىدى، مانا مۇشۇ ۋاقىتتا تېڭشۈن شىركىتىدە(يەنى ماخۇاتېڭنىڭ ئىسمى ۋە خەنزۇچىدىكى شۈن خېتىدىن شىركەت ئىسمى قويۇلغان腾讯) پەقەت ماخۇاتېڭ ۋە ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھى ئىشلەيتى، ئۇلار ICQشىركىتىگە ئوخشاش OICQيۇمشاق دېتالنى تور بىكەتكە ئېلان قىلىپ قويۇپ باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىىنى ساقلىدى ، بىراق ئۇ چاغلاردا دۆلەت ئىچىدە ئىنتېرنىت تېخى ئومۇملاشمىغان ھەم ئىقسىدادى جەھەتتىن مەبلەغ كەم بولغاچقا OICQھالاك بۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى، ماخۇاتېڭنىڭ دوسلىرى ئۇنىڭغا QQنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىش ھەققىدە مەسلىھەت بەردى ، شۇنىڭ بىلەن ماخۇاتېڭ OICQنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر نەچچە مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ، بىراق ئۇلارنىڭ قويغان باھاسى ماخۇاتېڭنىڭ ئويلىغان باھاسىدىن بەكلا تۆۋەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ماخۇاتېڭ جان-جەھلى بىلەن OICQنى ساقلاپ قېلىشقا بەل باغلىدى ھەم ئۈزلۈكسىز QQنىڭ ئىقدىدارىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتى.
1999-يىلى جوڭگو ئىنتېرنىت دۇنياسىغا ئومۇميۈزلۈك كىرىشكە باشلىدى، بۇ چاغقىچە ماخۇاتېڭ OICQغا يېڭى بىر ئىقدىدارنى قوشتى ، يەنى بىر تەرەپOICQدا يەنە بىرقارشى تەرەپكە ئۇچۇر يوللىغاندا ئۇچۇر مۇلازىمىتىېردا ساقلىنىپ قارشى تەرەپ OICQنى ئاچقاندا بۇ ئۇچۇر قارشى تەرەپ يېتىپ بارىدۇ ، يەنى ئىككى ئابونىت ئوتتۇرسدا ئۇچۇر يوقلىپ كېتىش يۈز بەرمەيدۇ، ئەمىلىي قوللىنىشچانلىق جەھەتتە بۇ ICQغا نىسبەتەن قاتتىق زەربە بولدى، 1999يىلىنىڭ ئاخىرى OICQنىڭ ئابونىتلىرى 1مىليون300مىڭ ئابونىتقا يەتتى. بۇ تېڭشۈن شىركىتىگە نىسبەتەن بىر چوڭ رىغبەت بولغان ئىدى.
2000-يىلى 4-ئايدا ICQشىركىتى OICQ ئۈستىدىن ئەرىز قىلدى (يەنى ھازىرقى تېڭشۈن شىركىتى)، چۈنكى ئۇلار ئىشلەتكەن ئىسىم ICQنىڭ ئىسىمى بىلەن ئۈچ ھەرىپ ئوخشىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئەرىزى قانۇنلۇق بۇلۇپ ، تېڭشۈن شىركىتى 2000-يىلنىڭ ئاخىردىن باشلاپ OICQنى QQگە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى،

QQنىڭ نەشىرلىرى
QQ2007 Beta4(2007.07.26)
QQ2007 7.0 Beta3(2007.06.20)
QQ2007 Beta2(2007.05.17)
QQ2007 Beta1(2007.02.08)
QQ2006 正式版(2006.12.21)
QQ2006 Beta3(2006.09.14)
QQ2006 Beta2(2006.05.08)
QQ2006 Beta1(2006.03.14)
QQ2006 Beta1(2006.03.10)
QQ2006 贺岁版Beta2(2006.02.09)
QQ2006 贺岁版Beta1(2006.01.20)
QQ2005 正式版(2005.10.27)
QQ2005 Beta3(2005.09.20)
QQ2005 Beta2(2005.06.13)
QQ2005 Beta1(2005.04.01)
QQ2005 春节版(2005.02.02)
QQ2004II 正式版(2004.12.28)
QQ2004II Beta3(2004.12.14)
QQ2004II Beta2(2004.11.08)
QQ2004II Beta1(2004.09.29)
QQ2004 正式版(2004.09.09)
QQ2004 Beta(2004.07.12)
QQ2004 Olympic(2004.04.28)
QQ2004II 繁体中文正式版
QQ2004II 英文正式版
QQ2003III build0117(2004.01.17)
QQ2003III beta4(2004.01.02)
QQ2003III beta3(2003.12.04)
QQ2003III beta2(2003.11.20)
QQ2003II 0925(2003.10.14)
QQ2003II Beta2(2003.09.17)
QQ2003 Beta4(2003.07.24)
QQ2003 Beta3(2003.07.03)
QQ2003 Beta2(2003.06.24)
QQ2003 Beta1(2003.06.17)
QQ2002 1230Beta3(2003.03.06)
QQ2002 0630(2002.07.01)
QQ2002 0510(2002.05.09)
QQ2002 0305b(2002.04.03)
QQ2001 1220(2001.12.24)
QQ2001 1125
Oicq2000 正式版
Oicq2000 a (2000.10)
Oicq Beta3
Oicq Beta2
Oicq Beta1(1999.02)

2000-يىلى 5-ئايدا qqدا ئوخشاش ۋاقىتتا تورغا چىققان ئابونىتلارنىڭ سانى 100مىڭدىن ئاشتى، 2000-يىلى 6-ئايدا qqبىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونىتلىرىنىڭ STKكارتىسىغا كىرىشكە باشلىدى. شۇ يىلى 11-ئايدا QQنىڭ رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى يەنى(QQ2000نەشىرى).
2001-يىلى 1-ئايدا
http://www.tencent.com/ قىزىق نۇقتا تور بېكەتلىرىنىڭ ئارىسىدا 6ئورۇنغا ئۆتكەن.
OICQئىسىم ئۆزگەرتكەندىن كېيىن نىمىشقا
http://www.qq.com دىگەن تور نامىنى قوللانمايدۇ، بۇ يەردىكى سەۋەپ بۇ تور نامىنى ئامىرىكىلىق بىر شىركەتنىڭ تېخنىك خادىمى ئاللىبۇرۇن تىزىملىتىپ ئېلىپ بولغان بۇلۇپ ، ئۇ مۇشۇ مەزگىلىدە بۇ تور نامىنى 2مىليون ئامىرىكا دوللىرىغا ساتىمەن دەپ تورغا يوللاپ چىقىرىپ قويغان ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن تېڭشۈن شىركىتى cnنامىدىكى تور نامىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان ،يەنى http://www.qq.cn/ دىگەن تور نامىنى، بىراق بۇ تور نامىمۇ دۆلىتىمزدىكى خېيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى سانلىق مەلۇمات مەركىزىدىكى بىر تېخنىڭ خادىم تەرىپىدىن تىزىملىتىپ بۇلۇنغان، تېڭشۈن شىركىتى ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇشىغا يەنە مۇشۇنداق زەربىگە ئۇچرىغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاكى 2003-يىلىغىچە http://www.tencent.com/ دىگەن تور نامىنى ئىشلەتكەن، پەقەت 2003-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن 2مىليون ئامىرىكا دوللىرىغا qq.com تور نامىنى سېتىۋېلىپ رەسمىي ھالداwww.qq.com نى ئېلان قىلغان.
مانا ھازىر بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان qqمۇشۇنداق ئەگىر-توقايلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ھازىرقىدەك كىشلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە كەڭ ئىشلىتىلپ كېلىشىگە ئىرىشكەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ulinish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-4 15:48  

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

21ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
hoxamat ۋاقتى: 2011-6-4 18:11:22
يائاللا...كۆزۈم تورلىشىپ كەتتىغۇ
گىلەم
iltebir107 ۋاقتى: 2011-6-4 20:00:58
ئەسلى مۇنداق ئىشلامۇ بولغان دەڭلار؟
ئورۇندۇق
taxna2747 ۋاقتى: 2011-6-5 18:48:55
تىرىشقان كىشىلەرلا غەلبە قىلىدۇ
5-قەۋەت
iwirgol ۋاقتى: 2011-6-6 17:53:37
ئىنكاس قايتۇرۇش ulinish نىڭ يازمىسى

ھەممە ئىشنىڭ مۇشۇنداق بوران چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز زۆرۆر، شۇنى بىلىمىزيۇ يەنە شۇ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە بويۇن تارتىمىز. سىناپ باقماي ھەرگىزمۇ ھۆكۈم چىقارغىلى بولماس،ulinish ئەپەندىم سىز مېنىڭ بىر تېمامدا پاراڭچىنىڭ كېيىنلىكىنى ھېچكىم كۆرەلمەي ۋاتىدۇ دەپسىز، گەپقىلغانىكەنسىز ئاۋال شۇ گەپنىڭ ئاساسىنى ئىزدەڭ، پۇت دەسسەپ تۇرالمىسا دېمىسىڭىزمۇ خاپا بولمايمەن. ھازىر بۇنىڭغا كۈچ چىقىرىۋاتقان 5~6 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىر تۈركۈم گۇرۇپا ائەزالىرى بار. ئەگەر پۇتۇپ نەچچە ۋاقىتتىن كېيىن مەجبۇرى توختىتىلسا بۇ گېپىڭىز شۇندىلا روياپقا چىقىدۇ، تىرىشىشنىڭ تېگى ئالتۇندۇر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iwirgol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-6 17:54  

6-قەۋەت
hortekin ۋاقتى: 2011-6-7 01:08:30
ئۇيغۇر دوست تور چىقىپ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە زور قوللاش ۋە ئالقىشلار ئىرىشكەن ئىدى .كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي تاقىلىپ قالدى،ئامراق،تونۇش....قاتارلىقلارمۇ شۇنداق بولدى.ئەملىيەت ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ ئۇيغۇر جەميىتىمىز بىر ئىجتىمائى .ئالاقە تورغا مۇھتاج.ھازىر چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇرچە ئۈگۈنىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى،ئۇلارغىمۇ ئۈگنىش پۇرسىتى ياراتقان لايىۋ موكا تورىدەك تاقالمايدىغان ياكى تاقىياممايدىغان ئالاقە تور بېتىنى قۇرۇپ چىققىلى بولماسما ئەجىبا؟ .
7-قەۋەت
ulinish ۋاقتى: 2011-6-7 14:57:54
ulinish ئەپەندىم سىز مېنىڭ بىر تېمامدا پاراڭچىنىڭ كېيىنلىكىنى ھېچكىم كۆرەلمەي ۋاتىدۇ دەپسىز، گەپقىلغانىكەنسىز ئاۋال شۇ گەپنىڭ ئاساسىنى ئىزدەڭ، پۇت دەسسەپ تۇرالمىسا دېمىسىڭىزمۇ خاپا بولماي.......................................

iwirgol ئەپەندى
مۇشۇ تېمىنىڭ  ئۈزى   شۇگەپكە ئاساس بولالمامدىكەن ؟    ئارتۇقچە سۆزلىگىم يوق     قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئويلىۋېلىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ulinish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-7 15:08  

8-قەۋەت
ulinish ۋاقتى: 2011-6-7 15:18:10
بىلەمسىزكىن ھازىر جۇڭگودا نۇرغۇن ئالاقە قۇرالى بار ئەمما ھەممىدىن بەك ئالقىشقا ئېرىشكىنى يەنىلا QQ  
QQ ھەممىدىن بۇرۇن بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى تۇتىۋالالىغان  ھازىرقى تېڭشۈن شىركىتى شۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن     
مىنىڭ يۇمشاق دىتال تۈزۈشتىن خەۋرىم يوق بولمىسا مەندىن ئاشمىغان بۇلاتتى
9-قەۋەت
iwirgol ۋاقتى: 2011-6-7 16:41:02
مەن تېڭشۇن شېركىتىگە 2005-يىلىدىن باشلاپلا قىزىققان، بولسا ھەممىنى تەرجىمە قىلغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ،لېكىن شۇنى بىلىڭكى بۇ تېڭشۇننىڭ ھەقىقىي تارىخى ئەمەس ، بۇنىڭ ئىچىدە نەچچە قېتىملىق ئاساسلىق پروگراممىرلارنىڭ يۆتكۈلۈشى(پايدىنى كۆزلىگەن ماخۇاتېڭ) بار ،بۇلارنىڭ ھەممىسى تاسادىبىيلىق ئەمەس، تېڭشۇن بىلەن بەيدۇ بىر،بۇنىڭغا ئالدىنقى قېتىملىق چوڭ ئېنتېرنېت ئۇرۇشى ئىسپات بولالايدۇ . ،سىز ئىزدىگەن تارىخ دەل بەيدۇ بەيكې دىن ئېلىنغان  چ چ نى قارشى ئالىدىغانلار كۆپ لېكىن ئۇنىڭدىن مىڭ ھەسسە ناچار بولۇپ بىر يېرى ئەڭ نېگىزلىك ئېشىپ چۈشەلىسە تەرەقىياتنىڭ باشلىنىشى شۇ. بىر نەرسىنى بىلمەي تۇرۇپ كۆپ سۆزلەش تازا ياخشى ئەمەس، ئەڭ ياخشىسى توردىكى لەيلەپ يۈرگەن خەۋەرلەرنى كۆپ كۆرمەي ،كۆپ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بىلىمىڭىزنى تاكاموللاشتۇرۇڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iwirgol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-7 16:46  

10-قەۋەت
ulinish ۋاقتى: 2011-6-7 19:23:46
iwirgol يوللانغان ۋاقتى  2011-6-7 16:41
ئۇنىڭدىن مىڭ ھەسسە ناچار بولۇپ بىر يېرى ئەڭ نېگىزلىك ئېشىپ چۈشەلىسە تەرەقىياتنىڭ باشلىنىشى شۇ.



راسلا بۇدىتال ئېلان قىلدۇرۇلسا بۇنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئېشىپ چۈشىدىغان نىگىزلىق يىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە بولغانلىقى!!!!!!!
بۇنىڭغا كوت-كوت مىسال بۇلالايدۇ   ئۇ تارقىتىلىپ قىسقىغىنە 2 يىل ئىچىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشكەن  . ئۇنتۇپ قالماڭ كوت-كوت نىڭ ئىختىدارى چ چ  دىن نەچچە ھەسسە تۈۋەن ئىدى.
توغرا ئېيتىسىز مەن سىزدەك ئۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەسلىكىم  مۇمكىن   ..................................... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ulinish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-7 19:26  

11-قەۋەت
iwirgol ۋاقتى: 2011-6-7 20:03:59
توغرا ، بۇنى بىلىدىكەنسىزغۇ ،ئەمىسە يەنە مۇنازىرىلىشىشنىڭ ئورنى يوق، شۇنداقمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iwirgol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-7 20:16  

12-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2011-6-7 20:53:22
ئىككىڭلار نېمىنى تالىشۋاتسىلەر؟
13-قەۋەت
ulinish ۋاقتى: 2011-6-8 15:04:26
ئەخلاق ئادەم زىننىتى
admin بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
14-قەۋەت
admin ۋاقتى: 2011-6-8 19:35:12
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
15-قەۋەت
iltebir107 ۋاقتى: 2011-6-9 14:21:02
تېزراق خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部