+تېما يوللاش
oyghanbeg.com يوللانغان ۋاقتى:تۈنۈگۈن 21:57 92 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يىل ئالدى يۈز پىروگرامما تېللىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچراتقىنىمىز ۋە ئاڭلىغىنىمىز ECMAScript ۋە Vue.js بولىشى مومكىن .قايسى كۈنى بىر يازمدىن ئوقۇشۇمچە ،2017-يىلى مەيلى باشقا تىللارنى ئۇقمىساق مەيلىكەنيۇ لىكىن Vue.js چوقۇم ۋە چوقۇم ئۇقمىساق بولمايمىش .
ECMAScript ۋە JavaScript نىڭ مۇناسىۋىتى

JavaScript نى بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلىغان ،لىكىن ECMAScript غا بولغان تونۇشىمىز بەلكىم يوق دىيەرلىك بولىشى مومكىن . ئىككىسىنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تارىخقا نەزەر سالمىساق بولمايدۇ .
1996-يىلى 11-ئايدا JavaScript تىلىنىڭ ئىجادچىسى Netscape شىركىتى JavaScript نى خەلىقئارالىق ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتىتى (ECMA) غا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلىدۇ ،ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق JavaScript نىڭ بىر خەلىقئارالىق ئۆلچەم بولىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ .كىيىنكى يىلى خەلىقئارالىق ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتىتى (ECMA) رەسمىي يوسۇندا ھۆججەت (ھۆججەت نومۇرى ECMA-262) چۈشۈرۈپ ،تۇنجى قېتىملىق تور كۆرگۈچ تىلى ئۆلچىمىنى رەسمىي بېكىتىدۇ ،ھەمدە بۇ ئۆلچەمنى ECMAScript دەپ ئاتايدۇ . يەنى بۇ  ECMAScript  نىڭ 1.0 نەشىرى .بۇ ئۆلچەم ئەڭ دەسلەپتە پەقەت JavaScript ئۈچۈنلا بېكىتىلگەن بولسىمۇ  ، لىكىن JavaScript دەپ ئاتالماستىن ECMAScript  دەپ ئاتالغان .نېمىشقا JavaScript دەپ ئاتالماسلىقىدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى سەۋەب باركەن . بىرىنجىدىن : ئەينى ۋاقىتتا Sun شىركىتى Java نى ئۆزىنىڭ ماركىسى قىلغان بولۇپ ، JavaScript نى پەقەت Netscape شىركىتىلا ماركا سۈپىتىدە ئىشلىتەلەيتتى ھەمدە Netscape  شىركىتى JavaScript نىڭ ماركا ھوقۇقىنى ئىلىپ بولغان . ئىككىنجىدىن : بۇ ئۆلچەمنى بېكىتكۈچى تەرەپ ECMA بولغانلىقتىن ،بۇ ئۆلچەمنىڭ ئېچىۋىتىلگەن ۋە نېيترال يۆنىلىشچانلىق ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ECMAScript  دەپ ئاتاشنى بېكىتكەن .

شۇڭا يۇقارقى بايانلاردىن شۇنى ھىس قىلىشقا بولىدۇكى ، ECMAScript  بولسا JavaScript  نىڭ ئۆلچىمىدۇر ،JavaScript  بولسا ECMAScript  نىڭ ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىنىشىدۇر . JavaScript  تىن باشقا يەنە Jscript ۋە ActionScript لارمۇ ECMAScript  نىڭ ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىنىش تۈرلىرىدۇر .

ES6 ۋە ECMAScript 2015 نىڭ مۇناسىۋىتى

ECMAScript 2015 (قىسقارتىلىپ ES2015 دەپ ئاتىلىدۇ) بۇ ئاتالغۇنىمۇ كۆپ كۆرگەن بولىشىمىز مومكىن . ئۇنداقتا ES6 بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟
2011-يىلى ECMAScript 5.1 ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ، 6.0 نەشىرى رەتلىنىشكە باشلىغان بولۇپ ، مۇنداقچە ئىيىتقاندا ES6 نىڭ مەنىسى - JavaScript نىڭ كىيىنكى قېتىملىق ئۆلچىمى . ECMAScript 6.0 نەشىرى 2015 يىلى 6-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىغان بولۇپ ، نىشانى بولسا JavaScript نى مۇرەككەپ چوڭ دەرىجىلىك تۈرلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان دەرىجىدىكى تىلغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت . بۇ قېتىملىق نەشىرى 2015-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن رەسمىي نامى "ECMAScript 2015 ئۆلچىمى " ،قىسقارتىلىپ  ES2015 دەپ ئاتالغان .2016-يىلى 6-ئايدا ،كىچىك كۆلەمدە ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىلغان "ECMAScript 2016 ئۆلچىمى " قىسقارتىلىپ (ES2016) ئېلان قىلىندى . مۇنداقچە ئىيىتقاندا بۇ قېتىملىق نەشىرى 6.1 نەشىرى ھىسابلىناتتى . كىيىنكى يىلى يەنى 2017-يىلى 6-ئايدا پىلانغا ئاساسەن ES2017 ئېلان قىلىندى .(ئادەتتە ھەر يىلى 6-ئايدا بىر قېتىملىق يېڭى نەشىر ئىلان قېلىنىش بولىدۇ .)دىمەك ES6 بىر تارىخى خارەكتىرلىك ئاتالغۇ بولۇپ ،  5.1 نەشىرىدىن كىيىنكى يەنى بېر قېتىملىق ئابىدە خارەكتىرلىك ئۆلچەم بولۇپ ، ES2015 ، ES2016 ، ES2017 قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ES2015 بولسا ES6 نىڭ ھەقىيقى ئاتىلىشىدۇر .

ECMAScript نىڭ تارىخى

ES6 رەتلىنىشكە باشلانغاندىن تارتىپ تاكى رەسمىي ئېلان قىلىنغۇچە جەمئىي 15 يىل سەرپ قىلىنغان.  
بىرىنجى قېتىملىق نەشىرى ECMAScript 1.0 بولسا 1997-يىلى ئېلان قىلىنغان ،كىيىنكى ئىككى يىلدا ئارقا -ئارقدىن ئىككى نەشىر ئېلان قىلىغان .( ECMAScript 2.0 نەشىرى 1998-يىلى 6-ئاي ، ECMAScript 3.0 نەشىرى 1999-يىلى 12-ئاي ) . 3.0 نەشىرى تارىخىي ئەھمىيەتگە ئىگە نەشىر بولۇپ ، خەلقئارادا كۆپ ئومۇملىشىشقا ۋە ئېتراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن. يەنى ھازىرقى بىز ئۆگىنىۋاتقان JavaScript نىڭ گىرامماتىكىسى دەل JavaScript نىڭ  3.0 نەشىرىنىڭ گىرامماتىكىسىدۇر . 2000-يىلى ECMAScript 4.0 نەشىرى ئىلان قىلىنىش خەۋىرى تارقالغان بولسىمۇ لىكىن ئەڭ ئاخىرىدا ECMAScript 4.0 نەشىرى كومتىتتنىڭ مۇزاكىرە يېغىنىدا تەستىقلانماسلىق سەۋەبىدىن ئىلان قىلىنمىغان . ھەمدە ES6 كۆپ مىقداردا ECMAScript 4.0 قا ۋارىسلىق قىلغان بولغاچ  ES6 نىڭ رەتلىنىشى 2000-يىلىدىن باشلانغان دەپ قارىلىدۇ .

ECMAScript 4.0 نىمىشقا ئېلان قىلىنمىغان ؟

چۈنكى بۇ نەشىردە ES3 قارىتا چوڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ۋە يېڭىلاش ئىلىپ بىرىلغاچقا  ، خەلىقئارالىق ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتىتى (ECMA) نىڭ بەزى ئەزالىرى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلالمىغان . ئەزالار ئارىسىدا قارشى پىكىرلەر بىردەك كۈچلۈك بولغاچ ،بولۇپمۇ Yahoo،Microsoft،Google  قاتارلىق ئەزالار JavaScript  نىڭ چوڭ كۆلەمدە يېڭىلىنىشىغا قارشى تۇرغان . JavaScript نىڭ ئىجادچىسى Brendan Eich باشچىلىقىدىكى Mozilla بولسا يېڭىلاش تەشەببۇسىدا قەتئىي چىڭ تۇرغان . پىكىرلەر تىركىشىشى بارغانسىرى كەسكىنلەشكەن ئەھۋال ئاستىدا  2008 -يىلى 7-ئايدا ECMA  يېغىن ئىچىپ ECMAScript 4.0 نىڭ رەتلىنىش خىزمىتىنى رەسمىي توختاتقان .ھەمدە  ES3 كە كىچىك كۆلەملىك يېڭىلاش قوشۇش ئارقىلىق ECMAScript 3.1 نەشىرنى ئىلان قىلغان ،بۇ قېتىملىق نەشىرى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىلان قىلىنغان بولغاچ Harmony (ئىتتىپاقلىق ) دەپ ئاتالغان ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ECMAScript 5 دەپ ئاتالغان . 2009-يىلى 12-ئايدا ECMAScript 5.0 رەسمىي ئېلان قىلىنغان ھەمدە كىيىنچە Harmony تۈرى ئىككى شاخچىگە بۆلۈنۈپ رەتلىنىشكە باشلانغان بولۇپ،بىر شاخچىسى JavaScript.next نامىدا رەتلىنىپ كىيىنچە ECMAScript 6 دەپ ئاتالغان .يەنە بىر شاخچىسى JavaScript.next.next نامىدا ھازىرغىچە داۋاملىق رەتلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا .

2013-يىلى 3-ئايدا ECMAScript 6 نىڭ بارلىق يېڭى گىرامماتىكىلىرى قېلىپلىشىپ توڭلىتىلغان ،(يېڭى ئىقتىدار قوشۇلمايدۇ دىمەكچىدە )
2013-يىلى 12-ئايدا ECMAScript 6 نىڭ لاھىيەسى ئاممىۋى پىكىرگە قويۇلدى ۋە ھەمدە 12 ئايلىق پىكىر توپلاش مۆھلىتى بېكىتىلدى .
2015-يىلى 6-ئايدا ECMAScript 6 لاھىيەسى رەسمىي ھالدا تەستىق ئۆتۈپ خەلقئارالىق ئۆلچەم بولۇپ بېكىتىلدى . دىمەك 2000-يىلدىن باشلاپ 2015 -يىلغىچە جەمئىي 15 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بولدى .
يۇقارقى بايانلاردىن بەلكىم ECMAScript ۋە JavaScript نىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئازدۇر كۆپتۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق . نىمىشقا بۇلارنى چۈشىنىش ھاجەت ؟ چۈنكى ECMAScript ۋە Vue لارغا ھۇجۇم قىلمىساق بولمايدىغان بوپ قالدى .

مەنبە : https://learnfans.com/post/71
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部