+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-20 11:16 2468 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرىدە بار، ئالما بىلەن ئۈندىدارنىڭ «جېڭى» خېلى قىزىدى. بۇ ھەقتە ئىلگىرى يوللانغان يازما بۇ يەردە
2017-يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا ئالما شىركىتى ئۈندىدار سالونىدىكى «تارتۇقلاش» ئىقتىدارىغا «كۆزىنى قىزارتىپ»، تارتۇقلىغان پۇلدىن %30 نى تۇتۇپ قالدىغانلىقىنى، بولمىسا ئۈندىدارنى ئالما ئەپ بازىرىدىن چىقىرۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. شۇ ئاينىڭ 19-كۈنى ئالما شىركىتى يېڭى بەلگىلىمىسى بويچە iOS نەشىردىكى ئۈندىداردىن «تارتۇقلاش» (赞赏) ئىقتىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەن.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالما يېڭىدىن App Store ئەپ تەستىقلاش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىپ،  iOS سۇپىسىدىكى ھەرقانداق مەۋھۇم پۇل ئارقىلىق تارتۇقلاش سودىسىنى چوقۇم ئالمىنىڭ ئۆزىنىڭ پۇل چىقىم قىلىش دېتالى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش ھەمدە ھەر بىر قېتىملىق تارتۇقلاش تۈردىكى سودىدىن %30 پۇل تۇتۇپ قېلىشنى يولغا قويغان. بۇ «ئالما بېجى» دەپ ئاتالغان.



ئۈندىداردىن باشقا، بىۋاستە تارقىتىش ئەپلىرى ئالما شىركىتىنىڭ بۇ بەلگىلىسىمىسنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنىغا ئۇچىرىدى. بىۋاستە تارقىتىش ئەپلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تارتۇقىدىن كېلىدۇ، بىۋاستە تارقىتىش ئەپلىرىدىن ھەر قېتىمدا ئالما %30 پۇلنى ئېلىۋالسا ئۇلارغا كۆپ زىيان بولۇپ كېتىدۇ.



ئالمىنىڭ بېسىمى ئالدىدا شىنلاڭ ۋېيبو قاتارلىق كۆپ ساندىكى جۇڭگو ئىنتېرنېت كارخانلىرى ئالما شىركىتى بىلەن ئامالسىز مۇرەسسەلەشكەن. ئەمما ئۈندىدار ئىزچىل باش ئەگمەي قارشى تۇرغان.
ئالما شىركىتىنىڭ بۇنداق زورلۇق قىلمىشىغا دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك قارشى كۆتۈرۈلدى. كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر ئالما مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا ئالما ئاخىرى خاتالىقىنى تونۇدى.



7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالما شىركىتى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىجادىي يازمىنى تارتۇقلىغاندا ئالما ئەپ دۇكىنى App Store دىكى ئەپتە «ئىچكى قىسىمدا سېتىۋېلىش» (In-App Purchase) قا مەجبۇرلىمايدىغانلىقىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ iOS نەشىرىدىكى ئۈندىداردا تارتۇقلاش ئىقتىدارىنىڭ قايتىدىن پەيدا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالما بىلەن مۇرەسسەلەشمەي جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرغان ئۈندىدار ئاخىرى ئەڭ چوڭ غەلبە قىلغۇچىغا ئايلاندى.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن8 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
xirali537 ۋاقتى: 2017-7-20 12:16:44
دىمىسىمۇ   بۇنىسى  ئېنىقدە    3%بولمىسا يە  
گىلەم
xirali537 ۋاقتى: 2017-7-20 12:20:50
قېرىنداشلار  ئالما ھەۋەسكارلىرى ،  ئايبىلگە ، يەنە پاسىبان  دىگەندەك مەخسۇس  ئالما   تور بېكەتلىرى ئېچىلماس  بوپ  قاپتۇ   يەنە  قانداق   تور  بېكەتلەر  بار     مەخسۇس  ئويغۇرچە  ئالما  تور بېكەتلىرىدىن
ئورۇندۇق
nafritim ۋاقتى: 2017-7-20 12:38:53
ھازىر دۆلىتىمىزدە كۆپىنچە كىشىلەر ئالما ئىشلەتمىسە ئىشلەتمەيدۇكى،ئۈندىداردىن ئايرىلالمايدۇ،
5-قەۋەت
tormahiri ۋاقتى: 2017-7-20 13:57:40
مىنىڭچە بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش تېخى بالدۇرمىكىن.
6-قەۋەت
تادان ۋاقتى: 2017-7-20 14:44:56
ئويلىشىۋىتىپتۇ، ئىنىق گەپ ئەمەسكەن .
7-قەۋەت
pinhan12 ۋاقتى: 2017-7-20 17:46:10
بۇ قېتىم ئالما ئېنىقلا كۆكەرمىلىك قىپتۇ! ئالما شىركىتى ئازراقمۇ بولسا تەر سىڭدۇرگەن بولسا ئاندىن باج ئالىمەن دىسە توغرا بۇلاتتى...
8-قەۋەت
$$$$$$$$$$$$$$ ۋاقتى: 2017-8-10 19:41:42
ئالىىپ تورىدەك ياخشى مۇنبەرلەر بولسا يوللاپ قويوڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部