+تېما يوللاش
sazguri0998 يوللانغان ۋاقتى:2016-12-28 16:18 6383 قېتىم كۆرۈلدى 74 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار  كەمىنە ئۆتكەندە بىر تىما يوللىغان  لېشى تىلۋىزوردىن تەسىرات دەپ  مانا ئادىرىسى :

/forum.php?mod=viewthread&tid=48662
بۇ  تىلۋىزورى شۇنداق ياخشى چىققان ، بىر شايالىق قېرىندىشىمىزغا بىرنى ئالدۇق ،ئۇ دوستىمىز كۆكچىشتىن باشقا يېرىنى ئوبدان ئىشلىتىۋىتىپتۇ ،
تىمىنى يېزىپ ئون كۈنلەردىن كىيىن  بىر كۈنى سۆيۈملۈك قېينانام نەۋرە چەۋرىلەرنى ئېلىپ كىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتى (يېڭى ئۆي كۆچكەن تېخى،كەپ باقمىغانتى )كەچتە ئۇزتۇپ بوپ قارسام تىلۋىزور ئېكرانىنىڭ بىر غېرىچ يەر خېلىلا رۇشەن سىزىق تۇردۇ ، كەمپىردىن سورسام باللار مۇشتاق قىلۋىتىپتۇ دەيدۇ ، ئاچچىقىمدا قولۇمدىكى تىزگىنەكنى بىر ئېتىپتىكەنمەن ئېكرانغىلا تىگىپتۇ ، ئەتىسى  ئاچسام ئاۋاز بار سۈرەت يوق ، ئارتۇق گەپ قىلماي ھېلىقى سىتىشتىن كىيىنكىلەرگە تىلفۇن قىلدىم ، كىلىپ كۆرەپ  ئالماشتۇرۇپ بىرلى دەپ بىر تال دىئاگىنۇز قەغىزى چىقىرىپ بەردى ، ماقۇل دىدىم ، تىيەنماۋدىكلەر بىلەن ئالاقلاشتىم ...ئۇلار تىز يوللانما ئۆزى باردۇ دىدى ، ماقۇل دەپ  ئولتۇرسام ئەتىسى بېرىپتۇ ،ئۇلار  تامدىن ئۆزى ئېلىپ يىشىككە ئۆزى قاچلاپ  ئېلىپ كەتتى ، ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلاشسام ئۈزلىكسىز مال يوقلا دەۋەردى تاكى 11-28دىن 12-23گىچىئە مال يوق ، لېشىغا ھەم تىئىيەنماۋغا كۈندە تىلفۇن قىلىۋەردىم ، قارسام ئورگان توردىمۇ مال قالماپتۇ ،ئۈرۈمچىدىمۇ يوقكەن ....ئامالسىز پۇلۇمنى بىر پۇڭ كەم قىمماي قايتۇرۋالدىم ..


مانا يەنە تىلۋىزورسىز قالدىم ، توردىن كۆرەپ ئۆتكەندە مۇشۇ باۋفىڭ توغۇرلۇق تىملار ئۇچىراپ قالدى ، توردىن كۆرسەم بەزەنلەر ئېكرانىنى ساختا تۆت كى  دەپتۇ ، نىملا بولسا ئالاي دەپ 3000سومغا جىڭدوڭدىن x55 vrنۇسخىدىن بىرنى ئالدىم .مال ئۈچكۈندە قولۇمغا تەگىدىن يەننى ئاخشام ،،،،مۇلازىمەت شۇنداق ياخشى ھەم سىلىق ...ئۆيەمگە ئېچىقىپ تامغا ئېسىپ بەردى ، ئاخشام بىر كىچە ھەپىلشىپتىمەن ....پۈتۈنلەي ئۈمۈدسىزلەندىم ، ئەگەر تۆت كى  دىگەن مۇشتاق بولدىغان بولسا بولدى مەن كۆزەمنى .ئاۋارە قىلماي ئاستا يۈز سومغا ھېلىقى قار لەيلىسىنىڭ 14سۇڭلۇقتىن بىرنىلا ئېلىپ ئولتۇراي

بايا مۇلازىمەتنى دەپ بولدۇققۇ ، قېنى ئەمدى تاشقى كۆرنىشىگە كىلىلى ،بىر ئېغىز گەپ سەت ، ئىككى ئېغىز سەت ھەم قوپال. رامكىسى بەكلا قېلىن ، تىلۋىزورنىڭ قېلىنلىقىمۇ شۇنداق سۈپەتسىز ، تامغا ئاسساممۇ ئوننەچچە سانتا ئالدىغا چىقىئپ  تۇردۇ ئالتۇنرەڭ دىسە نىمكىن دەپتىمەن ،،،،ئىشقىلىپ پەقەتلا ياراشمىدى ئۆيۈمگە .
ئەمدى تىزگىنەككە كەلسەك  ھەر ھالدا ئوماق چىرايلىقكەن،مەن ياقتۇردىغان تىپتىنكەن  ،لىكىن تازا سەزگۈر ئەمەسمۇ ياكى تىلۋىزورنىڭ سىستىمىسى ئاستىمۇ بىلەلمىدىم بىسىپ قويساممۇ شۇنداق ئاستا سۈرتى ،ھېلىقى  د ت ب م دەيدىغان بىر ئىقتىدارنىڭ گىپىنى قىلغانتىڭلار ،سورسام پەقەت 40 سۇڭلۇقتىلا بار ئىقتىداركەن ، باشقىسىدا يوقمىش ...بوپتۇ دىدىم ،
ئەمدى ئىچىدىكى مەزمۇنغا كىلىلى
ھېلىقى دۇنياغا كەڭ كەتكەن تۇنجى vrتىلۋىزور دىسە نىمكىن دەپتىمەن ، پەقەت شۇ ئۈچ تۆت مىنۇتلۇق قىسقا بىرمىلەرنى پۈتۈن ئېكران قىپتۇ ، ھېچ بىر ھاياجانغا سالالمىدى ، تېخى سۈرەتلەرنىڭ ئۇلانغان يېرى بىلىنىشىپ ياماق چۈشۈپ قالغان دەڭلار ....
ئىچىدىكى كىنولارنىڭ ھېچ مەن بىرەر ھەقسىز بىرمە تاپالمىدىم ، ھەممىسىنى باۋفىڭنىڭ پۇللۇق ئەزالىرى كۆرەلەيدىكەن ، تېخى پۇللۇق ئەزا بولساڭلارمۇ يەنە ئايرىم پۇل تۆلەپ كۆردىغانلىرى باركەن ....ئۆزىنىڭ چىقىدىغان قىرىق نەچچەتال قانال باركەن ...لېشىنىڭ مىڭ نەچچە يۈزى  بارتىغۇ دەيمەن ئىسىمدە ...بوپتۇ مەزمۇننىغۇ باشقا ئۈچۈنچى تەرەپ ئەپتىن كۆرەمىز ،يەنە بىرى ئىلان بولا مۇشتاق بولا .ئۇزۇن بولا مۇشتاق بولا توقسەن نەچچە سىكنۇت ئاشۇ ئىلاننى كۆردىكەنمىز (لېشىنىڭ ئېچىغاندا ئونبەشتىن ئوتتۇز سىكنۇتقىچە بارتى )ماۋۇنىڭ شۇنداق ئۇزۇن ھەم قانال يۆتكىسەملا چىقىۋىردىكەن تەكرار تەكرا....ۋاقتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغرىسىكەن ، ھازىرغۇ ماشىنا بىلەن تىلۋىزورنىڭ ئىلانىكەن ئەتە ئۆگۈن يالڭاچ چوكانلار ئويناپ بەرسە بالا چاقلىق بوپ قالغاندا نىم كۈن بۇ ....بولدى دات....
ئەمما ئەڭ موھىم بولغان ئېكرانى شۇ دەرجىدە ناچاركى ئىشقىلىپ پۇلۇمغا پەقەتلا رازى بولمىدىم ...بەكلا چاپاق 20مىگالىق توردا بىرنىمە قويسام قېتۋېلىشى تېخى ....سۈزۈك چىقىپ قېتۋالسا مەيلىتى ،ئۇنى ئۆزەمنىڭ توردىن كۆرتىم شۇ  دەرجىدە سەسكىنىپ پۇشايمان قىلدىم ....ئايالىم بىلەن بالامغىمۇ دىمەيلا ئاخشام ئۆيگە ئەكىرىپ بەش سائەتتىن كىيىنلا مال قايتۇرۇش ئىلتىماسى يوللاپ قويدۇم ...ئەتىگەن  مۇشۇ يەردىكى مۇلازىملار  تىلفۇن قىپتۇ نىم بولدى دەپ ...دەپ قويدىم مەن قۇرۇق ئېكرانلا ئاپتىمەن ئىچىدە ھېچنىمىسى يوق ...بوپتۇ دىسەم  ئۇ ئېكرانمۇ شۇنداق ناچار ...پۇلۇمنى بىرىپ نېرى ئاپپىرىش ما ئەخلىتىڭنى  ئۆيۈمنى مەينەت قىمماي دىسەم بىز شەنبە ئەتىگەندە بارلى دەيدۇ ماقۇ ئەمسە دەپ قويۋەتتىم



ئىشقىپ ئۆتكەندە شۇنداق ماختاپ كەتتىڭلار مۇشۇ باۋفىڭنى ....ئېكرانى مەن ئالغان لېشىنىڭ يېرمىچىلىك سۈزۈك چىقسا نىمسىنى دەي .... تېخى ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى دەڭلا ،،،،ئايدا قىرىق بەش سومغا ئەزا بولدىكەنمەن ....ئۇنىڭ ئۆرنىغا ،مىڭ سومغا يوغان ئېكران ئېلىپ ئالتە يۈز سومغا تور ئەكىرسەم   تەييار تىلۋىزور بولمامدۇ ئۇ ....ئىشقىپ بەكلا رازى بوممىدىم .....كونىلار بىكار دىمەپتىكەن ئەرزان گوشنىڭ شورپىسى يوق ، قوي گوشى بىلەن كالا گۆشىنىڭ پەرقى بار دەپ ....ئىككىنچى مۇشۇ باۋفىڭغا قاراپ سالماسمىنا ...
خەنزۇچە بىلسەڭلار مۇشۇ بەتلەرنى .ئارلاپ بىقىڭلار ...
https://www.baidu.com/s?ie=utf-8 ... =4304&rsv_sug=1
يۇقارقىلار مىنىڭ ئاخشامدىن بىرى ھىس قىلغانلىرىم ، يەنە باۋفىڭنىڭ سادىق پىنتوزىللىرى بولسا تىللاپ كەتمەڭلار ..مەن پاكىت بىلەن كۆرگىنىمنى دىدىم ...شۇڭا باۋفىڭنى ئويلاشقانلار ئەڭ ياخشىسى شۇ پۇلۇڭلارنى چىڭ ساقلاپ باشقا ماركىدىن كۆرەڭلار....
ئاخىردا يەنلا توردىن مال ئالدىغانلار بولسا قولۇمدىن كىلشىچە ياردەمدە بولمەن ....
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

74ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
hakkir8860 ۋاقتى: 2016-12-28 16:54:18
رەھمەت بىلۋالدۇق  
گىلەم
18199348134 ۋاقتى: 2016-12-28 17:06:06
يا ئاللا ئالىپتىكىلەنىڭ ھەممىنى باۋفىڭغا يېقىن يولىماسقا يېزىۋەتتىڭىزمۇ بۇ تېمىنى
ئورۇندۇق
ئاتەش119 ۋاقتى: 2016-12-28 17:20:33
زادى ئىككىلىنىپ قالدۇققۇ ؟
5-قەۋەت
palqi ۋاقتى: 2016-12-28 17:20:40
بەلەن تىما بوپتۇ  ياخشىسىنى داڭلاپ تىما يازماي ناچارلىرىنىمۇ دەپ بىرىڭ بىلىپ قالايلى
6-قەۋەت
18609991290 ۋاقتى: 2016-12-28 17:43:31
مەن مۇشۇ لېشىنىڭ بىر تېلېۋىزورنى تاللاپ قويغانتىم ھازىرچە ئورگان تورىدا مال يوق كەن،مۇشۇ تېلېۋىزورنىڭ ئېكراننىڭ چىدامچانلىغى قانداقراقتۇ بالىلار بىر نەرسى بىلەن ئۇرىۋەتسە چېقىلامدۇ باشقا ئقتىدارلىرى قانداق،مۇشۇ توغرىلىق بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز،خەنچە سەۋىيە تۇۋەن كېپ قالدى تۇۋەندە رەسىمىنى ئەۋەتىپ بېرەي كۇرۇپ باقسىڭىز .
7-قەۋەت
abdulla5 ۋاقتى: 2016-12-28 17:43:37
لىشى نىڭ مۇلازىمتى بەك نوچىمۇ يا،ئۇرۇپ بۇزۋەتسىڭزمۇ پۇلنى ساق قايتۇغان بوسا،ئۇندا بوسا يەنە لىشى ئېلىڭ،…
8-قەۋەت
18609991290 ۋاقتى: 2016-12-28 17:48:48
abdulla5 يوللىغان ۋاقتى  2016-12-28 17:43
لىشى نىڭ مۇلازىمتى بەك نوچىمۇ يا،ئۇرۇپ بۇزۋەتسىڭزمۇ پ ...



9-قەۋەت
sazguri0998 ۋاقتى: 2016-12-28 17:50:46
ئىكلىنىپ قالغان بۇرادەرلەر ،مەن لېشىنى ماختاپ ئۇلاردىن پۇل ئالمىدىم ، ئەمما راس ماختاشقا لايىق چىققان ،ئاددىسى ئىچىدىكى مەزمۇنلار شۇنداق مول ، ماۋۇنى تىللايدىغانغا ياكى چۈشۈردىغانغا مەن بىرەرسىدىن ۋەزىپە ئالمىغان ،  راستىنى ھىس قىلغىنىمنى دىدىم ،لىشىنىڭ كەمچىلكى بار ئۇ بولسىمۇ  ئامباردا داۋاملىق مال قىس ، ئېكران بۇزۇلسا پۇل قايتۇرۇشتىكى سەۋەب مەن ئىككى يۈز ئاتمىش سومغا بەش يىللىق سۇغۇرتا ئالغان شۇڭا شۇنداق بولدى
10-قەۋەت
sazguri0998 ۋاقتى: 2016-12-28 17:52:14
18199348134 يوللىغان ۋاقتى  2016-12-28 17:06
يا ئاللا ئالىپتىكىلەنىڭ ھەممىنى باۋفىڭغا يېقىن يولىما ...

ھىس قىلغىنىم شۇنچىلەككەن ،باشقىلار قانداق ھىس قىلدىكنە
11-قەۋەت
يولتاپ ۋاقتى: 2016-12-28 17:54:38
ھا ھا ھا،سامسۇڭنىڭ يا ئالمىنىڭ يوقمىدۇ تېلۋېزورلىرى
12-قەۋەت
yalkun00998 ۋاقتى: 2016-12-28 17:54:41
ناھايتى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ
13-قەۋەت
oguzhan ۋاقتى: 2016-12-28 17:58:32
مۇشۇنداق تەسىرات تېمىلىرنىڭ يېزىلىپ تۇرغىنى ياخشى، ئەگەر بۇ تېما يېزىلمىسا باشقا تېلىۋىزور ئالىدىغانلار ناچارنى ئېلىپ قېلىپ، ئاندىن قايتۇرۇپ ناچار توغۇرلۇق تەسىرات يېزىپ يۈرەتتى بەلكىم، تېلىۋىزور ئالىدىغانلارغا ياخشى بىر پايدىلنىش ماتېريالى بوپتۇ دەپ ئويلىدىم ئۆزەمچە.
14-قەۋەت
abdulla5 ۋاقتى: 2016-12-28 18:41:09
sazguri0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-12-28 17:50
ئىكلىنىپ قالغان بۇرادەرلەر ،مەن لېشىنى ماختاپ ئۇلاردى ...

مىنىڭ تىلۋۇزۇرۇم يازدا نۇرمال قىشتا چىقمايدىغان بۇلاپ قالدى شۇڭا تىلۋۇزۇردىن بىرنى كۈرەپ باقاي دىگەن،سىز دىگەن بوشەن قانداق ئىشلانى ئۆز  ئىچگە ئالدىكەن شۇنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭز،
15-قەۋەت
begtash ۋاقتى: 2016-12-28 18:46:00
ئېكران چېقىلىپ كەتسە تۆلەپ بىرىدىغان سۇغۇرتا بولغاندىكىن، قايتۇرامدۇ، ئالماشتۇرامدۇ ئىختىيار ئەمەسمۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部