+تېما يوللاش
elbilge يوللانغان ۋاقتى:2017-6-22 14:18 4165 قېتىم كۆرۈلدى 48 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
گەپنى نەدىن باشلىسام بولار؟ بولدىلا ، ئەركىن يېزىۋېرەيچۇ چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ سوقىدىغان پاراڭلاردەك…
شىياۋمى 6 دىن بىرنى تالىشىپ ئالالىدىم 18-چىسلا، قارىسىلا باركەن،ئەسلى ئاقنى ئالغۇم بارتى ، ئۇنىڭغا قوشۇپ 299 كويلۇق VR كۆز ئەينىكىدىن بىرنى ئالدىم، 269 كويغا soocare3  ئاۋاز دولقۇنلۇق چىش چوتكىسىدىن بىرنى ئالدىم ، شىياۋمىچى بوپ كەتتىمغۇ ئاستا ئاستا ، 摄像机,路由器3  ،ئەقلى ئىقتىدارلىق چىراق ،شىياۋمى ئېكىئولوگىيەسى دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ،
شىياۋمى 6 ئالالمىسام نۇبىيا 17نى ياكى سامساڭ s8 ئالاي دەپ تۇرغان،2ھەپتىدىن 4 ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا مال سالىمىز دەپتۇ،قولۇمغا تەگسە ئىشلىتىش تەسىراتىمنى يېزىپ قويىمەن تېما قىلىپ
بىرىنچى بوپ شىياۋمىغا مېنى ياخشى قاراشتا قىلغىنى ماشىنىدا يانفون توكلىغۇچى، بۇ 49 كوي ئىكەن،بۇرۇن ھەر قىممەت توكلىغۇچلارنىمۇ يانفونغا شۇنداق ئۇزۇن چېتىپ باقساممۇ تۈزۈك توك قاچىلىمايتتى،ماۋۇ شىياۋمى توكلىغۇچى بەك بەك رازى قىلدى،ماشىنا ھەيدىگەچ چاتسام 10مىنۇتتا 20-25% توك قاچىلاپ بولىدىكەن،ھەم بەكلا سۈپەتلىككەن ، شۇنىڭدىن كېيىن شىياۋمى مەھسۇلاتلىرىنى بىردىن ئىككىدىن ئېلىپ كۆپىيىپ قالدى،باھاسىمۇ ئەرزان،
شىياۋمى لۇيوۋچى 3 مۇ بولىدىغان نەرسىكەن، يانفوندا سىرتتا تۇرۇپ يىراقتىن  wifi ئىقتىدارىنى تاقىۋەتكىلى،ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ،2.4-5G قوش چاستوتا سىگنال تارقىتىدۇ،ساقلاش بوشلۇقى بار، يەنە بىر ئىقتىدارى باركەن،ئىشلىتىپ باقماپتىمەن،بىرەرسى ئوغرىلىقچە wifi غا ئۇلىسا سىزگە دەرھال ئەسكەرتىش كېلىدۇ،149 كويغا بەكلا ئەرزان كۆردۈم بۇ ئىقتىدارلىرى بىلەن،
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

48ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
elbilge ۋاقتى: 2017-6-22 14:22:08
miuiسېستىمىسىمۇ ناھايىتى پاكىزە،قولايلىق،يەڭگىل، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسى سىر ھوقۇقىغا ئوبدانلا ئەھمىيەت بەرگەن، تېز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ،بۇمۇ مەن ياقتۇرىدىغان تەرەپلەرنىڭ بىرى
گىلەم
elbilge ۋاقتى: 2017-6-22 14:38:25
ئۆيۈم بىردىن ئىككىدىن ئېلىپ شىياۋمى ئائىلىسىگە ئايلىنىدىغان ئوخشايدۇ
شىياۋمى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەرگەن تەسىرى:
اكىزە،ئاددى،سۈزۈك،يەڭگىل،سۈپەتلىك،سەپلىمىسى يۇقىرى،باھاسى ئەرزان،
ئورۇندۇق
دىليارر ۋاقتى: 2017-6-22 15:18:10
مەنمۇ شاۋمى 1دىن باشلاپ شاۋمى مەھسۇلاتلىرنلا ئىشلتىۋاتمەن ،ئارلقتا باشقا ماركلىق يانفۇنلارنمۇ ئىشلەتتىم يەنلا شاۋمنى تاشليالمدىم شاۋمى 6ئالغلى 5كۈن بولدى ئازراق يىتەرسز تەرەپلەردىن باشقا رازى بولمغۇدەك يەر يوق
5-قەۋەت
karvan73 ۋاقتى: 2017-6-22 15:19:54
مەنمۇ شىياۋمى 2دىن باشلاپ 5كە كەلدىم تىللفۇلىرى 1يىل بۇزلۇپ قالماي تۇلۇق ئشلىمىدى  1يىل بوممايلا رېمىنۇت خانىغا تولا تۈگەدى    كىچىك ئېشەككە يوغان ھارۋا دىگەندەك  سىپيو ياخشى باشقا سايمانلا ياخشى ئەمەس
6-قەۋەت
System32 ۋاقتى: 2017-6-22 15:28:58
مېنىڭ ئۆيۈم ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇپ كەتتى ...ئۆيگە بارغۇچە ،، تېلفوندا  سۇ قاينىتىدىغان چۆگۈنگە،  يېڭى چىققان كىنونى چۈشۈرىدىغانغا ، تېلفوندىكى نەرسىلەرنى زاپاسلايدىغانغا بۇيرۇق بېرىپ قويسام، ھەممىنى مەن بېرىپ بولغۇچە تەييار قىلىپ قويىدۇ ، ئىشىك كىرسەم ئاپتۇماتىك چىراق يېقىلىپ ... ئىشقىلىپ بىر خىل پېچەت پەيزىنى سۈرۋاتىمەن،،،ھەرۋاقىت ئۆي ئىچىنى كۆزىتىپ تۇرىمەن تېخى...ئۆينىڭ دېرىزىلىرى ئوچۇق قالسا ئەسكەرتىش بېرىدۇ..ئەمدى باشقا يېڭى ئەقلىي ئۈسكىنىلەرگە قاراپ ئولتادۇق قاچان چىقاركىن دەپ...بولىدۇ ئىشقىلىپ بۇ شاۋمىنىڭ مەھسۇلاتلىرى
7-قەۋەت
alfa215 ۋاقتى: 2017-6-22 15:45:21
مۇشۇ  شىياۋمىنىڭ   ياندا  ئېلىپ   يۈرۈشكە  ئەپلىك   تور  تارقىتىدىغان  ئۈسكۈنلىرى  بولسا  تەۋسىيە  قىلساڭلار بوپتىكەن
8-قەۋەت
qabdas730 ۋاقتى: 2017-6-22 15:50:38

سالام دوسلار مەنمۇ شياۋمى 6دىن تالشىپ ئورگان توردىن سىتىۋالغان توكى ئاران بىر كۈن يىتىۋاتىدۇ ئادەتتە ئازتولا ئويۇنمۇ ئويناپ قويمەن قارسام توك قورشىمۇ نورمال ئەمەستەك مەسلەن 80%توك بار دىسەك قورسا 1%تىن قورسا توغرا بولاتتى لىكىن 2  3%تىن قوراتىدۇ ئاندىن توكقا چاتسام 99% بولغىچە 1سائەت كەتتى دىسەك 100%بولۇشقا 30سائەت كىتىدىكەن سىلەنىڭمۇ شۇنداقمۇ يا مۇشۇ توغۇرلۇق ئورتاقلاشساق،راس مەن تىلفۇننى قولۇمغا ئالغاننىڭ ياغى نەشىرنى كۆتۈرۈپ باقمىدىم ھەم ھەممە apkلارنىڭمۇ نەشىرنى كۆتۈرمىدىم .نەشىرنى كۆتەرسە ياخشىمۇ كۆتەرمىسە ياخشىمۇ،تىلفۇننىڭ توكىغا كەلسەك قانداق قىلسام بولا لىكىن 2  3%تىن توكى قوراپ تۇرۇپمۇ ئويۇن ئوينىمىسام بىر كۈن راۋۇس يىتىدۇ لىكىن ئويۇن ئوينىسام ئاران ئاران بىركۈن يىتىدۇ ئەگەر نورمال 1%تىن قوراپ قالسا پەچەت بوپ كىتەتتىكەنتۇق.شىياۋمى6تە ئالغانلا ئورتاقلاشساق ئاندىن مىنىككىدىكى 2%تىن توك قوراش نىمنىڭ ئىشىدۇ ئۇستازلا مەسلەھەت بەسەڭلا.
9-قەۋەت
yasman ۋاقتى: 2017-6-22 15:57:12
خوڭمى نوتى 3 نىڭ قاچانمۇ يېڭى نەشىرى چىقار ، ھازىرقى 8.2.1.0 نەشىرنىڭ سىگنالى ناچار بولۇپ قالدى ھەپتىدەك بولدى
10-قەۋەت
ئالىمجاھان ۋاقتى: 2017-6-22 16:15:03
قوللايمەن ، مەنمۇ ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن
11-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-6-22 17:07:43
ئاران مۇشۇما ،  مەن تېخى چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان ئۇزۇن خەتلىك ماقالەمىكىن دەپ قەپتىمە
12-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-6-22 17:39:22
دىليارر يوللىغان ۋاقتى  2017-6-22 15:18
مەنمۇ شاۋمى 1دىن باشلاپ شاۋمى مەھسۇلاتلىرنلا ئىشلتىۋا ...

يىتەرسىز  تەرەپلەرنى دىمەمسىز ،  باشقا ئالدىغانلارغا  ياخشى بۇلىدۇ
13-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-6-22 17:44:47
ھە راس   دوسلار  ماڭا  ياخشىراق 3Dكىنو كۆرىدىغان VRبۇلامدۇ  بىر نەرسە تەۋسىيە قىلساڭلا  بوپتىكەن،  تېلفۇن OPPO R9s  ماسلاشقىدەكنى
14-قەۋەت
ئويغان07 ۋاقتى: 2017-6-22 17:47:30
elbilge يوللىغان ۋاقتى  2017-6-22 14:38
ئۆيۈم بىردىن ئىككىدىن ئېلىپ شىياۋمى ئائىلىسىگە ئايلىن ...

مەنمۇ شىياۋمىنىى ياقتۇرىمەن
دوسلار مۇشۇ miui8 سىستى
ىسىدا يانفۇننى قوش سېستىما قىلغىلى بولىدىكەن دەيتتى مىنىڭكىدە ئۇ ئىقتىدار يوقكەن يەنە ئەپنى قوش ئېچش ئىقتىدارىمۇ يوق
miui8ئېچىۋىتىلگەن نەشرى
يانفۇن تىپى خوڭمىnote
ئاندىروئىد نەشرى 4.4.4
15-قەۋەت
Acula ۋاقتى: 2017-6-22 18:34:51
مۇشۇ شياۋمىنىڭ توكدانىنى ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟ توكدان ئالاي دەپ، ئۇنى-بۇنى كۆرۈۋاتاتتىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部