+تېما يوللاش
alqutcom يوللانغان ۋاقتى:2017-5-29 23:35 7475 قېتىم كۆرۈلدى 48 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇشتا بىر قىسىم تورداشلار يانفۇننىڭ روت ھوقۇقىنى ئېچىشنى ئالدىن ئويلىشىدۇ. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ S6 دىن باشلاپ يېڭى ئىقتىدارلىرى قوشۇلدى. ناۋادا روتنى ئېچىۋەتسىڭىز بۇ ئىقتىدارلار نورمال ئىشلىمەيدۇ. بولۇپمۇ Samsung Pay ئىقتىدارى ۋە يانفۇننىڭ بىخەتەرلىكى ئىشلىمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يانفۇنننى ئېغىرلاشتۇرۋىتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇسۇل سامسۇڭنىڭ S6 , S6 EDGE, S7, S7 EDGE, S8, S8 EDGE لارغا ئورتاق ماس كىلىدۇ. مەن سامسۇڭنىڭ S3 دىن باشلاپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن. تۆۋەندىكى ئۇسۇللار مەن يۇقارقى يانفۇندا سىناق قىلغان ھەم ئىشلىتىپ كۆرگەن، سىناقتىن ئۆتكەن ئۇسۇل. گەرچە %100 ئۇيغۇرچە تۇنۇپ كەتمىسىمۇ %98 ھاجىتىمىزدىن چىقىدۇ.

تۆۋەندىكى پرىسلانغان ھۆججەتنى چۈشۈرۈڭ ۋە يىشىڭ. يەشكەندىن كېيىن ئىككى پارچە app ھۆججىتى ئېچىلىدۇ.
samsungfont.rar (3.91 MB, چۈشۈرۈش سانى: 13262)

تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كۆك رامكا ئىچىدىكى ئىككى ھۆججەتنى يانفۇنغا كۆچۈرۈڭ.



ئەمدى يانفۇننىڭ كونترول تاختىسىغا كىرىپ، تەڭشەش (设置) دىن ئېكراننى قۇلۇپلاش ۋە بىخەتەرلىك (锁定屏幕和安全) نىڭ ئىچىدىكى نامەلۇم مەنبە (未知来源) نى ئاچىمىز.
ئۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرىدا كۆچۈرگەن ئىككى ئەپنىڭ ئىچىدىكى خەت نۇسخىسى كونترولى (自定义字体控件) نى قاچىلايمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن  يەنە بىر ئەپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلايمىز.
يۇقارقى باسقۇچلار تۈگىگەندىن كېيىن، كونترول تاختىسىغا كىرىپ كۆرسىتىش (显示) دىن خەت نۇسخىسىنى بىكىتىش ئورنىغا كىرسىڭىز UKIJCJK نامىدىكى خەت نۇسخىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرىسىز. شۇنى تاللاپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە ھەرپلەر چىرايلىق كۈرۈنىدۇ.

ئەسكەرتىش. يۇقارقى ئىككى ئەپنى قاچىلاپ تەڭشەش ئارخىرلاشقاندىن كېيىن يانفۇننىڭ كونترول تاختىسىغا كىرىپ، بىكىتىش (设置) دىن ئېكراننى قۇلۇپلاش ۋە بىخەتەرلىك (锁定屏幕和安全) نىڭ ئىچىدىكى نامەلۇم مەنبە (未知来源) نى تاقىۋىتىڭ. بولمىسا ئەخلەت ئەپلەر ئۆزلىكىدىن قاچىلىنىپ كېتىدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +150 يىغىش سەۋەبى
mht + 20 مەن قوللايمەن
1217 + 30 ياخشى يازما
alip + 100 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش56 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن17 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

48ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
alqutcom ۋاقتى: 2017-5-31 19:29:23
ئۈندىدار سالۇنىدىكى خەت نۇسخىسى ئۇيغۇرچە كۈرۈنمەيدۇ ياكى ئۇلانمايدۇ دىگۈچىلەرگە:
ئۈندىدار سالۇنى بولسا توربەت شەكلىدىكى بىر سۇپا، ئۈندىدار سالۇنىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۈندىدار ئورگان تەرەپ بىكىتكەن خەت نۇسخىسىدىن باشقىسىغا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىز پەقەتلا بىر تور بەت كۆرگۈ. ئۇ سىزگە ئۈندىدار سالۇنىنىڭ توربەت شەكىلىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. يانفۇندا ئۈندىداردىن باشقا نەرسە يوقمىدى؟ خەت نۇسخىسىنى مۇشىنچىلىك تۇنۇتۇشمۇ خېلى يامان ئەمەس بىر ئىش. ئەگەر مۇشۇنداق قىلىتىم دەيدىغانلار بولسا باشقىلاردىن سوراپ بىقىڭلار. مەن بىلمەيمەن. بىر قىسىم ئۈندىدار سۇپىسى ئاچقۇچىلار يانفۇننىڭ ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى رەسىم شەكلىدە يوللاۋاتىدۇ
مىنىڭ يانفۇنۇم سامسۇڭ +S8  نىڭ 128 گىگابايتلىق نۇسخىسى.
گىلەم
bulbulla ۋاقتى: 2017-5-29 23:57:12
ماۋۇ بەلەن ئۇسۇلكەن، مەنمۇ سامسۇڭ يانفۇنۇمغا ئۇيغۇرچىنى رووتلىماي نۇتۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن ،يانفۇن قېتىۋالىدىغان ئېغىرلىشىۋالىدىغان،قىززىيدىغان ئەھۋاللاريوق ،ئەمما بۇ ئۇسۇلدا ئۇيغۇرچە تۇنۇتسا خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنسىنى چىقىرىدىغان فونىتنى قاچىلىسا ئۇيغۇرچە ئەسلىدىكىدەك ھالەتكە كىلىپ قالىدىكەن،مۇشۇ فونىتنى رومنى يانفۇنغا قاچىلاشتىن ئىلگىرى ئۇرگان رومىغا قۇشىۋەتكىلى بولماسمۇ ،بىلىدىغانلا مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسەڭلا
ئورۇندۇق
huxnaz ۋاقتى: 2017-5-30 00:01:32
رەھمەت،قاچان يوللا دەپ كۆزەم تۆت بوپ كەتكەن،ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى تونتىۋالدىم،رەھمەت سىزگە!
5-قەۋەت
سەردار001 ۋاقتى: 2017-5-30 00:47:45
ئۈندىدار سالوندىكى خەتلەرمۇ نۇرمال كۆرىنەمدىغاندۇ؟
6-قەۋەت
Uyhackerjan ۋاقتى: 2017-5-30 02:13:04
بەك ئوبدان سۆزلىنپتۇ،بۇ ئۇسۇلنى كاللىسى ساق ئادەملا بولسا چۈشەنگۈدەك بوپتۇ،بەزى ئوپپوغىمۇ مۇشۇ ukijjckنى قاچىلىسا بەك ماس كىلىدۇ،چۈنكى ئۇ ئەڭ چوڭ ياخشى فونت.
ئوپپوغا قانداق تەڭشەيمىز دېگەندە ئاۋال ئاۋۇ خەت شەكلى بار ئەپنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ،تەڭشەككە كىرىپ显示نى چىكىپ،ئاستىدىراق字体بىرنەرسە دەپ خەت بار،شۇيەردىن ئاشۇ خەت شەكلى كۆرۈنىدۇ،چېكىپ ئىشلىتىشنى جەزىملەشتۈرسەكلار بولدى،خەتنىڭ ھوزۇرىنى ئوپپو بىلەن سامسۇڭدىلا روتلىماي ئەپ شەكلىدىكى خەت شەكلىنى قاچىلاپلا سۈرگىلى بولىدۇ جىما.
بىلەلمىسەڭلار سوراڭلار.
بۇنى بىلمەي ئۇيغۇرچە خەتنى تارشىدەك سەت كۆرسىتىپ بەرسىمۇ چىدىغانلەر ئەمدى بۇنى سىناپ بىقىڭ،ھوزۇرىنى سۈرۈڭ.99%ئىشلەيدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ ئوپپودا.تېما ئېگىگىمۇ رەھمەت.ئوبدان يوللاپسىز بۇنى.
7-قەۋەت
خىلۋەت ۋاقتى: 2017-5-30 07:09:20
رەھمەت سىزگە جۇمۇ…!
8-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-5-30 07:59:24
رەھمەت   قېرىندىشىم  سىزگە  جاپا تارتىڭىز
9-قەۋەت
intizar0991 ۋاقتى: 2017-5-30 10:01:00
爱字体,بۇ،دىتالنى چۇرۇپ،قاچىلىساڭلار،بۇلىدۇ،ھەم،بۇ ،دىتالنى ،پۇتۇن،ئۇيغۇرچە ،
10-قەۋەت
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-5-30 11:04:49
بۇ تىمىنى ھەقىقەتەن ياخشى يوللاپسىز كۆپتىن كۆپ رەھمەت
11-قەۋەت
okyar ۋاقتى: 2017-5-30 12:38:57
Uyhackerjan يوللىغان ۋاقتى  2017-5-30 02:13
بەك ئوبدان سۆزلىنپتۇ،بۇ ئۇسۇلنى كاللىسى ساق ئادەملا ب ...

شىياۋمى بىلەن خوڭمى مېيزۇ مېيلەن لارغىمۇ روتلمايلا ئۇيغۇرچە خەت شەكلى تونتىقىلى بولدۇ ئۆزنىڭ ئۇسلۇب بازىردا بار ئوپپو سامسۇڭغا تونۇتقانغا ئوخشاش كۆپ مەشغۇلات كەتمەيدۇ
12-قەۋەت
jassur0998 ۋاقتى: 2017-5-30 12:50:05
قاچىلىغاندىن كىيىن سالون ئىچىدىكى خەتلەر يەنىلا نورمال ئەمەس،مەن سىنىغان ئۈسكىنە سەنشىڭ s7
13-قەۋەت
uysal ۋاقتى: 2017-5-30 13:35:33
s5   كە  پەقەت فۇنىت قاچىليالمىدىم يا روت ئالاىدىم 6.0  نىڭ فۇنىتىنى ياتۇنىمىدى (ى)ھەرپى ئۇلاشمايدۇ
14-قەۋەت
كۆرەگان ۋاقتى: 2017-5-30 14:36:10
بولسا ئوپپو تىلفۇننىڭ خەت شەكلىنى ئۆزگەرتىدىغان فونتنى يوللاپ بىرىڭلا
15-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-5-30 14:38:23
ئاندىرويدمۇ خىلى تەرەققى قىلىپ قالغاندىكىن، مۇشۇ فونىتنى روتلىماي سامسۇڭدەك سىرتتىن قاچىلايدىغان ئىقتىدارنى قوشۇۋەتسە بولمامدىغاندۇ، ياكى بۇ ئىقتىدار ئەسلى ئاندىرويدتا بولسا باشقا يانفون كارخانىلىرى چىقىرۋىتەمدۇ....
16-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-5-30 15:34:10
سىزنىڭ قايسى تېلېفون ؟ مېنىڭكىدە يەنىلا سالوندىكى خەتلەر نورمال ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部