+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-15 12:00 2689 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈندىدار توپىدا قىزىل بولاق تارقىتىلغاندا ھەر قانچە تېز بولسىڭىزمۇ باشقىلار ئېلىپ بولغان بولىدۇ. نېمىشقا مەن قىزىل بولاق تۇتالمايدىغاندىمەن دەپ ھەيران بولىسىز. باشقىلار ئاپتوماتىك قىزىل بولاق تۇتىدىغان ئۈندىدار ئىشلىتىپ قىزىل بولاقنى ئېلىۋالىدۇ. قىزىل بولاقنى ئاپتوماتىك تۇتىدىغان ئۈندىدارنى كەسپىي پروگراممىرلار مەخسۇس كود ئىشلىتىپ ياسىغان.



تېڭشۈن بۇلۇتى بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ ئىستاستىكا قىلىشىچە، ھەر ئون ئۈلۈش قىزىل بولاقنىڭ ئۈچ ئۈلۈشىنى ئاشۇنداق چىدىماسلار ئاپتوماتىك قىزىل بولاق تۇتىدىغان ئۈندىدار ئارقىلىق ئېلىۋالىدىكەن. تېڭشۈن مۇشۇنداق ئاپتوماتىك قىزىل بولاق تۇتىدىغان ۋە باشقا ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئۈندىدار ئىشلىتىدىغان قىلمىشلارغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تېڭشۈن نورمال ئۈندىدار ئىشلىتىدىغان ئىشلەتكۈچى ھېساباتى بىلەن ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئۈندىدار ئىشلىتىدىغانلارنىڭ مەشغۇلاتىنى كۆپ تەرەپلىمە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق پەرقنى تېپىپ چىقىپ ئالاھىدە ئۈندىدار ئىشلىتىدىغانلارنىڭ بىنورمال مەشغۇلاتىنى ۋە ھېساباتىنى چەكلەيدۇ.
تېڭشۈن بىر يۈرۈش تېڭشۈن ھېسابات سىستېمىسنىڭ بىخەتەر چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇردى، مۇشۇ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق مەخسۇس يامان غەرەزلىك (ئالاھىدە ئۈندىدار ئىشلىتىدىغان) ئۈندىدار ھېساباتى ۋە مەشغۇلاتنى پەرقلەندۈرۈپ زەربە بېرىدۇ.
تېڭشۈن تەرەپنىڭ بىلدۈرشىچە، بۇلۇت سۇپىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۈندىدارغا كىرىش، قىزىل بولاق تۇتۇش دېگەندەك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىپ، نورمال ھېسابات بىلەن ئالاھىدە ئۈندىدار ئىشلەتكەن ھېساباتنىڭ پەرقىنى تېپىپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن.
نورمال ئۈندىدار ئىشلەتكەنلەر قىزىل بولاقنى نورمال تۇتالايدىكەن.
گۇمانلىق، ئىشەنچىلىك دەرىجىسى تۆۋەنلەر بولسا تۇتىدىغان قىزىل بولاق سوممىسىنى سىستېما ئازايتىۋېتىدىكەن.
قىزىل بولاقنى ئاپتوماتىك تۇتىدىغان ۋە باشقا ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئۈندىدار ئىشلىتىدىغانلارنىڭ خەتەرلىك ھەرىكىتى (قىزىل بولاقنى ئاپتوماتىك تۇتۇش دېگەندەك) بىۋاستە رەت قىلىندىكەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
palqi ۋاقتى: 2017-7-15 12:27:04
ئوندىدارنىڭ  يېڭى  نەشرىنى  تەرجىمە  قىلىۋەتسەڭلا  بۇلاتتى  بۇرۇنلادا   ئوندىدار  يېڭىلىنىپ  ئەتىسى  تەرجىمە  قىلىپ  بۇلاتتىڭلا  بوقاتا  يۇلاڭلىغا  بەك  قالاپ  كەتتۇق
گىلەم
nafritim ۋاقتى: 2017-7-15 12:49:15
ئەجەپ بەلەن ئىش بوپتۇ،بولسا ئاشۇنداق دىتاللارنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئۈندىدارىنى مەڭگۈلۈك چەكلىۋەتسە بولاتتى
ئورۇندۇق
tanha52014 ۋاقتى: 2017-7-15 14:38:02
جاپا چەكىتىڭىز رەھمەت
5-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2017-7-15 15:31:22
قىزىل بولاقنى ئەمدى ئادىللىق بىلەن ئالالايدىغان بوپتۇقدە.
6-قەۋەت
13899220654 ۋاقتى: 2017-7-15 18:04:36
بۇ بىر ۋاقىت مەسلىسى خالاس،كونا يۇچۇقنى ئېتىپ دېتاللارنى چەكلەپ بولغىچە يېڭى يۇچۇق يېڭى دېتاللار مۇجۇتقا كېلۋاتمامدۇ ،ھەتتا قىزىل بولاقنىڭ ۋەيگۇلىرمۇ يېڭىلنىۋاتدۇ،تېڭشۈن پەقەت دېتاللارنى چەكلەيدۇ خالاس،ئەمما قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار شۇنداقلارنى تېپقپ تىگىشلىك جازالارغا تارتىۋاتسىمۇ يەنىلا بىر قىسىم پىراگىمنى ئۆزگەرتىپ يۇچۇق ياماپ قۇراشتۇرۇپ بازارغا سېلۋاتدۇ
7-قەۋەت
aliper ۋاقتى: 2017-7-16 10:54:16
مەن 双开助手ئىشلەتكەن ئۇندىدارىم تاقلىپ قاپتۇ قانداق ئاچمە
8-قەۋەت
taxna0908 ۋاقتى: 2017-7-16 19:56:17
مەن زادى مۇشتاق نەرسىلەرگە ئۆچتىم يوقالغىنى ياخشى بوپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部